قىرغىزستان ھوكۇمىتى يۇسۇپ خاس ھاجىپقا ھەيكەل ئورناتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە قىرغىزستان دولەتلىك كابارئاگىنتلىقى 7-ئاپرىل كۇنى خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، مەزكۇر خەۋەردە << Bishkek sheherlik bash qurlush idarisining xadimi Zamire Kangeldiyevaning bildurishiche; meshhur Qirghiz maaripchisi Jusup Balasaghinigha heykel ornutulmaqchi . Bu heykel Jusup Balasaghini nami bilen atalghan Qirghizstan dolet uniwersitetining aldigha tiklenmekchi>> دەپ يېزىلغان.
مەزكۇر مەلۇماتقا قارىغاندا ؛ جۇسۈپ بالاساغىنىنىڭ ھەيكىلىنى ئېچىش مۇراسىمىنى بىشكەك شەھرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 125 يىللىقى خاتىرسىگە ئۇلگۇرتىلىلىش قارار قىلىنغان بولۇپ ،يۇسۇپ بالاساغىننىڭ ھەيكىلىنى ئاتاقلىق قىرغىز ھەيكەلتارىچى تۇرغۇنباي سادىقوۋ ياساشنى زىممىسىگە ئالغان. ھازىر ئۇ ھەيكەلنىڭ ئاساسى ھۇلىنى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە <> دەپ ئىزاھات بەرىلگەن.
قىرغىزلار ئوز تىل تەلەپپۇزى بويىچە ئاتاۋاتقان جۇسۇپ بالاساغىن ئۇيغۇر -تۇركى تىلدا يۇسۇف خاس ھاجىپ ياكى يۇسۇف بالاساغۇنى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ قۇتاتقۇ بىلىگئ ناملىق ئەسىرىدىمۇ ئۆزىنى جۇسۇپ دىمەستىن يۇسۇف دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇم.
19-20-ئەسىرلەردىكى رۇس ۋە ياۋروپا تۇركشۇناسلىرى ئاساسەن دىگۇدەك قۇتاتقۇ بىلگنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەر ، يۇسۇف خاس ھاجىپ قوللانغان تىلىنىڭ خاقانىيە شىۋىسى ئاساسىدىكى تۇركىي-ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان . كوپلىگەن ئالىملار يۇسۇفنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىنى تەسىس قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن كەلىپ چىققانلىقىنى ھەم مۇئەييەنلەشتۇرگەن ئىدى .
قىرغىزستان مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئالدىدا ، بىر قىسىم قىرغىز ئالىملىرى يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مىللەت تەركىۋىنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى نوقتى نەزەرنى كوتىرىپ چىققان بولسىمۇ ،لېكىن بۇ سوۋەت ئىتىپاقى ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ئەتىراپ قىلىنمىغان. ئەمما قىرغىزستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بىر قىسىم ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق قىرغىز تارىخچىلىرى مەزكۇر نوقتى نەزەرنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماخمۇد كاشغەرى، يۇسۇف خاس ھاجىپ قاتارلىق ئىككى ئالىمنىڭ قىرغىزستاننىڭ ئىسسىق كول ئەتراپىدا تۇغۇلغانلىقى، مەزكۇر رايوننىڭ ئەزەلدىنلا قىرغىزلارنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ، دىمەك ،ئۇلارنىڭ قىرغىزستانلىق ۋە قىرغىز ئىكەنلىكىنى كورسىتىشىپ، كىتاپلار ۋە ماقالىلار يازغان . ھەتتا بۇ ئىككى ئالىمنىڭ قىرغىزلارغا ئوخشۇتۇلغان سۇرەتلىرى سىزىلغان ھەم ھەيكەللىرى ياسالغان .ئۇلار ،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە ۋە مەخسۇس تۇزۇلگەن قىرغىزستان تارىخى دەرسلىك كىتاپلىرىغا قىرغىز خەلقىنىڭ بۇيۇك مەدەنىيەت نامايەندىلىرى تەرىقىسىدە كىرگۇزىلگەن ئىدى.
2002-يىلى 5-ئايدا قىرغىزستان ھوكۇمىتى قىرغىزستان ۋە مەركىزى ئاسىئادىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋەرسىتەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلانغان قىرغىز دولەتلىك مىللى ئۇنىۋەرسىتەتىنى جۇسۇپ بالاساغىنى نامىدىكى قىرغىز دولەتلىك ئۇنىۋەرسىتەتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلىپ، شۇ ئايدىن ئەتىۋارەن بۇ نامنى رەسمى رەۋىشتە قوللۇنۇشنى بەكىتكەن.
مانا ئەمدى جۇسۇپ بالاساغىننىڭ ئىگىز ھەيكىلى مەزكۇر ئۇنىۋەرسىتەتنىڭ ئالدىدا قەد كوتىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
قىرغىزستان ئىلىم ساھەسىدە يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مىللەت تەركىۋى مەسىلىسىدە يەنىلا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت . قىرغىزستانلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن پەلسەپە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادەمىك ئەزىز نارەنبايەۋ ئىزچىل ھالدا يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇرلۇقى ،ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر جۇملىدىن مەركىزى ئاسىئا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى بايلىقى ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۇرگەن بولسىمۇ ،بىراق بىر قىسىم قىرغىز تارىخچىلىرى بۇ پىكىرنى كەسكىن رەت قىلىپلا قالماستىن،بەلكى ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ غورورىغا تەگىدىغان ئىلمىيئ ھۇجۇملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئەزىز نارەنبايەۋ ئەپەندى مەزكۇر قۇرلارنىڭ ئاپتورى بىلەن بولغان سوھبەتتە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.
1980-يىللاردا ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭىز ئايىتماتوۋ پۇتۇن سوۋەت ئىتىپاقى بويىچە ئوتكۇزىلگەن تۇركولوگويە ئىلمىي مۇئاھاكىمە يىغىنىدا يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مىللى تەركىۋى مەسىلىسىدە توختۇلۇپ، يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، قۇتاتقۇ بىلىگنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولۇپ، يەنە ئوز نوۋىتىدە پۇتۇن تۇركىي خەلقلەرگە ئورتاق مەنىۋى بايلىق ئىكەنلىكىدەك نوقتى نەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، قۇتاتقۇ بىلىگنىڭ 1998-يىلىدىكى ئېڭىلىزچە نەشرىگە يازغان بەغىشلىمىسىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ مەزكۇر نوقتىنەزىرىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇ، كاللىسى يېڭى قىرغىز مىللى دولەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا يۇسۇف خاس ھاجىپ نامىنى قىرغىز دولەت ئۇنىۋىرسىتەتىغا بېرىش مەسىلىسى تۇنجى قېتىم1994-1995-يىللاردا مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن چىڭىز ئايىتماتوۋ كەبى بىر قىسىم قىرغىز زىيالىلىرىنىڭ قوشۇلماسلىقى بىلەن توختۇتۇپ قويۇلغان ئىكەن.لېكىن، بۇنداق خاھىش كۇنسايىن ئاجىزلاشماستىن ،بەلكى كۇچەيگەن.
يۇسۇف خاس ھاجىپ ياكى بۇگۇنكى قىرغىزلارنىڭ ئاتىشىدىكى جۇسۇپ بالاساغىن ۋە ماخمۇد كاشغەرى، ئابۇ ناسى فارابى، ئەخمەد يۇكنەكى، ئەخمەد يەسەۋى، ئۇلاردىن كېيىنكى ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىق تۇركى خەلقلەرنىڭ ئۇلۇق مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى تالىشىش مەركىزى ئاسىئادىكى مودا ئىشلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك.ئوز كىملىكىنى ۋە مىللى روھىنى جۇملىدىن مىللى مۇستەقىل دۆلەتچىلىك.
مەنبە:http://www.uyghurmail.com/Shahisler/?p=2268