سىز تەنقىتكە قانداق قارايسىز-؟؟؟
بىز مەيلى رىئال تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى ھەر خىل تاراتقۇ تور مۇنبەرلىرىدە بولسۇن مۇئەييەن سۆھبەت-مۇلاھىزىلەرگە داخىل بولۇپ تۇرىمىز.
ئەمىلىيەتتە بۇنداق سورۇنلاردا بىۋاستە قاتناشقۇچى بولايلى ۋەياكى سىرىتتىن ئاڭلىغۇچى بولايلى ئىختىيارسىز ۋاقىت بىز ئۈچۈن ئۇنتۇلغان ئۇقۇمغا ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.
بۇ جەرياندا ئادەم-بىر ھىسسى مەۋجۇتلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە ئۆز كۆز قارىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرلىشى شۇنداقلا قۇبۇل قىلىنىشىدىن تولىمۇ سۆيۈنۈشكە ھەم چەكسىز ھوزۇرلىنىشقىمۇ ئېرىشىپ ئۈلگۈرىدۇ.
بىراق دۇنيا قانچە كەڭرى يارىتىلغان بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئادەملەرمۇ ماس ھالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئۈلگۈرگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم.
بۇنداق ئىكەن بىز بەزىدە قارمۇ-قارشىلىقنىڭ ئىچىدە پوروقلاپ قايناپلا كەتسەك يەنە بەزىدە كۈلىشىپ بىر -بىرىمىزدىن رازى بولۇشۇپ نوقۇشۇپ كەلگۈسىمىزگە ئۈمۈت بىلەن بېقىشىپلا كېتىمىزدە- تۇزى بولمىسا ئاشنىڭ تەمى بولمايدۇ-دەپ تۈرۈپ ياش يۇقى كۆزلىرىمىزنى كۆلكە بىلەن سۈرتىۋېتىپ مانا بۇگۈنگە قەدەر ياشاپ كەلمەكتىمىز..........
ئەمما يۇقارقى قاراشلار ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق قارىشى بولىشى ناتايىن.
شۇڭلاشقا دۇنيادا ئۇرۇش بىلەن تىنىچلىق، قايغۇ بىلەن خۇشاللىق ،تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا.
مانا مۇنبىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ بۇ خىل رەپتارى بىلەن ئورتاق ھالدا قىقاس چۇقانلارغا تولۇپ يېتىپتۇ..............
تىمىلار يوللانماقتا.....
ئنكاسلار چۈشمەكتە.........ئنكاسلىرىمىزدىن ئىقتىدارىمىز نامايەن بولماقتا...........ياخشى يېزىپسىز...............قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن.....
ئاھ- خۇدا-!!! بىز ئەمىلىيەتتە قۇرۇق ماختاشلارغا تولغان بىر دەۋىرلەردە ياشاۋاتماقتىدۇققۇ؟
شۇنداق قىلىپ قىسمەنلىرىمىزنىڭ كەلمىگەن ئىلھامىنى زورىغا قوزغۇتۇپ ئالا-جوقا سۆزلىتىپ<<ئۆستۈرۈپ>> يوقۇتۇشقا ئېرىشتۈرسەك،سىرىتتىن كۈزىتىپ بەھىر ئېلىۋاتقانلانى ئۆستۇرۇپ يوقاتقانلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن چەمبىرەك ئىچىدە ئايلىنىپ تۇرۇشىغا پۇرسەتمۇ يارىتىپ بەردۇق.
ئەپسۇس ھەمىمىمىزنىڭ مەخسىدى-مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ كوللىكتىپ ئەقىل ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ ھايات نىشانىمىز ئۈچۈن تۇغلىنىش ئىدى.
ئەپسۇس تەنقىتتىن ئىبارەت بۇ روھى قوزغاتقۇچى پىشاڭنىڭ قولىمىزدىكى خاسىيىتى <<ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش،ھەممە بەس-بەستە سايراش دولقۇنى>> سەۋەپلىك خۇنۇكلىشىپ مۇنبىرىمىزنىڭ يېڭى رەڭدارلىقىغا يېڭى داغ خىرىسى يۈزلەندۇرمەكتە....
خوش-ئۇنداقتاسىز مۇنبەرنى قەدىرلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن دوستلىرىڭىزغا قانداق سەمىمى ئىزاھاتىڭىز بار؟
تىمىڭىزغا تەنقىدى ئىنكاس چۈشىشىگە قانداق قارايسىز؟
ئىنكاسىڭىزدا مۇناسىپ تىمىلارنى تەنقىت قىلىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟
مەنبە:لاۋا0998
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-14 10:18 PM