ANSWER يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 02:58 AM 
85394 نۇمۇرلۇق Umidim دىگەن يولداش يەنى بۇ ئاتالمىش تىمىنىڭ ...
بىرىنچىدىن ، مەن «يولداش» ئەمەس ، تىزىم نومۇرۇمدىن تارتىپ تەپسىلىي يېزىپ كەتمىسىڭىزمۇ تىلىم چىققاندىن تارتىپ ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلى ، خىلى گەپ چۈشەنگۈچىلىكىم بار . ئۇيغۇرچە مۇنبەرگە ئىنگىلىزچە ئىسىم قويۇپ كىرىپ يەنە مىنىڭ باش سۈرىتىم توغرۇلۇق قۇسۇر چىقىرىدىغانغا ھەددىڭىز ئەمەس . ئىسمىڭىزنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى «جاۋاپ» دەيدۇ . شۇڭا مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە مۇنبەرگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ كىرىڭ ، قالغىنى ئىختىيارىڭىز . (بىلىشىمچە بۇ مۇنبەردە سىزدىنمۇ يامان ، «ئىنگىلىزتىلىنى سويىۋىتىدىغانلار» بەك جىق .)
ئىككىنچىدىن ، ئۆزىڭىزنى «بەك ۋىجدانلىق» دەپ سانايسىزغۇ ھەقىچان ؟ شۇنداق بولغانىكەن ، ھەر قانچە گىپىڭىز بولسا ئۆزۈمنى قانداق چىشلەپ تارتسىڭىز كۆتۈرىمەنكى ، ئۆي-ۋاقىمنى قەتئىي چىشلەپ تارتماڭ ، سىز بىلەن ھىچقانداق ئاداۋىتىم ياكى تونۇشلۇقۇم بولمىغاندىكىن . خىلى گىپىم بارتى بۇ توغرۇلۇق ، بوپتۇ ، ئوشۇق گەپ ئىشەككە يۈك ، سىز قىلغاننى مەن قىلماي .
ئۈچىنچىدىن ، باش سۈرىتىمگە سىزگە ئوخشاش ، ئۆزەم ياقتۇرغان رەسىمنى تاللىغان . بىئارام قىلغان بولسا ، چىرايلىقچە « ھايت »دەۋەتسىڭىز ئۆزگەرتىپ قويسام بولىدىغۇ ؟ بىلىمەن ، تۆنۈگۈن تىخى بىر تېمىدا بىر قىز سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز توغرۇلۇق شىكايەت ئىنكاسى يىزىپتىكەن كۆرگەنىدىم ، شۇڭا بۇنچە سېسىق سۆزلەپ دەردىڭىزنى مەندىن ئالماڭ . بۇ قانداقتۇر بىرەسىنىڭ كاللىسى ئەمەس ، ھەيكەل خالاس، ھەيكەل . «مودىل» دەيدۇ سىزنىڭ ئىنگىلىز تىلىدا ، مەكتەپلەردىكى گۈزەل سەنئەت ئۆيلىرىدە تىزىپ قويىدىغان ، گەجدىن (بوردىن) ياساپ قويىدىغان ھەيكەل . بۇنىغۇ بىلىدىغانسىز ؟