تۈنۈگۈن ئىشخانىدا تورغا چىقىپ ئولتۇراتتىم، بىر كەمدە بىز تونۇشۇم ياردەم قىلىڭ دەپ خەت يېزىپتۇ. بىلسەم مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاش ئارقىلىق ھەل بولغىدەك. شۇڭا ئۇنىڭغا WIN8 نى قاچىلاپ بېرەلەيمەن، win xp, 7 لەرنى قاچىلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. چۈنكى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كاللامغا ئوغرى نەشىردىكى يۇمشاق دېتال، ئەپ ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىش دىن، ئەخلاق ۋە قانۇن جەھەتتىن قاتتىق چەكلىنىلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە تونۇپ يەتكەنلىكىم سەۋەپ بولغان ئىدى. شۇل ۋەج ئۇنىڭغا ئوغرى نەشىردىكى قىسىلىپ مىجىقى چىقىپ كەتكەن سىستېمىنى قاچىلاپ بېرىش، ھەمدە ئۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىنىڭ نەپرىتىگە قالماي دېدىم-دە. ئەمما توقۇنۇش مانا مۇشۇ نوقتىدىن باشلاندى .
- مەن win8 نى ئىشلىتىشنى بىلمەيمەن، كۆنەلمەيمەن ھەم ئىشلەتكۈم يوق. دېدى ئۇ.
- جاۋابەن، بىز ھېلىمىۇ MICROSOFT شىركىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دېتال، مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىۋاتىمىز! بۇ مەھسۇلاتلار ئۇ شىركەتتىكىلەرنىڭ قان – تەرى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن .ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىش دىن، ئەخلاق ھەتتاكىي قانۇنغىمۇ زىت! مەن سىزگە ئۇلارنىڭ ئۆزى ھەقسىز تارقاتقان win8 قاچىلاپ بېرەي دېگىنىمنى بىلىمەن … ئاللا ، خۇدا …
- مېنى ئوغرى دەۋاتامسىز، مەن نېمىنى ئوغۇرلاپتىمەن، توردا خەقلەر ئىشلىتىۋاتقان win xp, 7 ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىۋاتىمەنغۇ؟ سىزەە يالۋۇرغىچە خۇڭچى(قىزىل بايراق كومپيۇتېر شەھەرچىسى) غا ئاپىرىپ پۇلغا قاچىلاتقۇزاي يا بولمىسا قۇربان ھېيتتا ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ كومپيۇتېرىمنىڭ ئالغان ئورۇنغا قاچىلاتقۇزاي
! سىزگە يالۋۇرغاندىكىن، قاچىلاشنى بىلمىگەندىكىن ئۆزۈم دۆت. – دەپلا كەتسە بولىدۇ
نېمە دېيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم. راست گەپنى دېسەم مەن جېنىمدا Win XP نىڭ ئوغرى نەشىرىنى ئىشلىتىمەن. چۈنكى كومپيۇتېرىمىنڭ سەپلىمىسى 2008-يىللاردىكى ئوتتۇرا سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلاردىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان زاپچاسلىق ئەھۋالدا Win8نى سۆرىيەلىشى بەسىي مۈشكۈلدۇر(كومپيۇتېر ئۆزى نېمكەش، 400سومغا ئاساسىي ماشىنا، كونۇپكا تاختىسى، مائۇس،ئېكران). ئۇنىڭ ئۈستىگە خاتىرە كۆمپيۇتېرغا پەقەتلا كۆنەلمەيدىكەنمەن. ئازراقلا ئىشلەتسە قىزىپ سۈرەت ئاستىلاپ كەتكەن(ئىچىمنى سىقىپ). ھەرقېتىم 4000 سوم پۇل تەييار قىلىپ كومپيۇتېر ئالاي دېگىنىمدە ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولىمەن. ئۆيىمىزدە بىرىمىز تولۇق ئوتتۇرىدا، ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىز(ئاپام، ئاچام، ئاكاملار ماڭا كومپيۇېتر ئەپ بېرەيمۇ دەپ باقتى، 4000سوملۇق كومپيۇتېردىن نەچچىنى ئالغۇچىلىكىمىزمۇ بار ئەمەلىيەتتە. لېكىن ھېلىمۇ ئۇلارغا سېلىۋاتقان ئېغىرچىلىقلىرىم ئازمۇ؟ ھەم يۈزۈم قىزىرىدۇ ئەپ بېرىڭلار دېيىشكە).
مەشغۇلات سىستېمىسى، يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەرنى شۇنى ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەت، كارخانا، تەشكىلات گۇرۇپپىلارنىڭ ھەقسىز تەمىنلەش بۇرچى باردىكىدەك گەپ قىلىدىكەنمىز. پۇلغا ساتىمەن دېسە ئاچكۆز، نائىنسابكەن دەيدىغانلىرىمىزمۇ ھەم يوق ئەمەسكەن. بۇ بىزنىڭ مائارىپ، تەلىم – تەربىيە، ئاڭ ۋە ساپانىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان، ھەمدە جەمئىيىتىمىزدە يېقىنقى تارىخىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەييار تاپلىقنىڭ نەتىجىسى.
ئويلاپ باقايلى، قېنى ئۇيغۇردىن يۈرەكلىك ھالدا تولۇقراقى مەن ھەقىقىي نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىسى، ھەقىقىي نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ۋە ئەپلەرنى ئىشلىتىۋاتىمەن دەپ مەيدىسىگە مۇشلىيالايدۇ؟!!! بەك ئاز سالماقتىكىلىرى شۇنداق دېيەلەيدۇ… كۆپۈنچىلىرىمىز توردا ئېقىپ يۈرگەن ئوغرى نەشىردىكىلەرنى تاللاۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ دېگەن ھەقسىز ئەمەسمۇ، كىممۇ بىرمۇنچە پۇل تۆلەپ توردا ھەقسىز ئېقىپ يۈرگەن ھەقىقىي نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىسى، ھەقىقىي نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ۋە ئەپلەرنى سېتىۋالسۇن… مانا بۇنىڭ ئۆزى كىرزىس…
بىز كىملەرنى ئۆغرى دەۋاتىمىز؟ مېنىڭ كاللامغا كاللامغا دەماللىقى مۇنۇلار كەلدى: يانچۇق كولىغانلار، بۇلاڭچى، باشقىلارنىڭ مۈلىكىنى زورلۇق بىلەن ھەرخىل ئالداش ۋاستىسى بىلەن تارتىۋالغان، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇقچە كىرىپ نەرسە ئۆغۇرلىغانلار … ۋە ئىچكىردىكى ‹‹بازارچى›› قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ھەقىقىي ئوغرى. بىز ئۇلارنى دىن، ئەخلاق، قانۇن جەھەتتىن قاتتىق ئەيىپلەپ جازالاپ كەلدۇق. ئەمسە بىزدە ئومۇملاشقان كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ‹‹ئوغرى››لىقلىرمىزنى نېمىشقا يوشۇرىمىز ۋە ئېتىراپ قىلمايمىز؟ يەنە نېمىشقا بىلسەك بىلمەسكە، ئېھتىياجلىق بولغانلىق سەۋەبىدىن ‹‹چىرايلىق›› چە ئوغرىلىق ئەمەس دەپ گۇناھىمىزنى قەستەن ياپىمىز؟
ب د ت نىڭ يېقىنقى خەۋەرلەردىن قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىمىز يوقۇلۇش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان تىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم. ئانا تىلىمىز ھازىر ئېچىنىشلىق جان تالاشماقتا…
ئالىم ئەھەت ۋە مەن تونۇمايدىغان بىر قاتار پىداكارلىرىمىزنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولغان Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىزنىڭ قۇربان ھېيت كۈنى پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردە بىز قاچانغىچە ئوغرى نەشىرلىكلەرنى ئىشلىتىۋېرىمىز؟ مىكروسوفت بىزنى ئېتىراپ قىلغاچقا بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان مەھسۇلاتىنى بىزگە سۇنماقچى. ئۇلار بىزنى جۇڭگودىكى ئەڭ چەت چېگىرا، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇقتا ياشايدىغان نوپۇسى 10 مىلىيون كېلىدىغان بىر مىللەت ئۈچۈن خۇش خەۋىرىنى بېرىش ئالدىدا. ئەگەر بىز ئوغرى نەشىرنى ئىشلىتىۋەرسەك، ھەقىقىي نەشىرنى سېتىۋالدىغانلار ئاز بولۇپ ئۇلارنىڭ مۆلچەرىدىن ئاز سېتىۋالساق، كېيىنكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرچە تارقىلىتىلىشىدىن سۆز ئاچمىساقمۇ بولىدۇ. بۇ تەرەپنى سەگەكلىك بىلەن ئويلىشايلى…
گەپنىڭ قىسقىسى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئېسىل ئەخلاقىنى قايتا تېپىۋالايلى!
مۇشۇ پۇرسەتتە Windows8 ۋە باشقا مەسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇچە يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق خادىملارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.
Windows8 گە مۇناسىۋەتلىك يېڭى خەۋەرلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئالىم ئەھەت بلوگىڭغا مەرھەمەت.
www.alimahat.com
كەمىنە پېقىرنىڭ ئاددىيغىنە بلوگىممۇ بار، ئادرېسىم:
www.alpbeg.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-14 01:12 PM