ھەممىڭلارنى يۇمۇرۇمغا قىتىۋەتتىم خاپا بۇلۇشقارۇخسەت يوق.
ئىسىمى چىقمىغان تورداشلاردىنمۇ كەچۈرۈم سورايمەن.مىنىڭ ۋاقتىمنىڭ قىس بۇلۇش سەۋەبىدىن ھەممىڭلارنى يازالماي قالدىم يەنە كىلىپ مۇنبەردىكى 110 مىڭ ئەزانىڭ ھەممىسىنى يىزىپ بۇلۇشۇم مۇمكىن ئەمەستە ،بىرنجى قىسىمىدا مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي ،ئىسمى چىقمىغان تورداشلارنىڭ ئىنكاس ئارقىلىق ماڭا ئۇقتۇرۇپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلمەن
ئەجەپلەنگۈچىلىكى يوق
كەلگۈندى،ئۆل بىلەن تانسا ئويناپتۇ .
كەلگۈندى:بۈگۈنكى مۇزىكىلار ئادەتتىكى چاغدىكىدىن ئىككى ھەسسە قىسقىراپ كەتكەندەك تۇرىدۇ.
ئۆل: بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈچىلىكى يوق،دىرىژور مىنىڭ بولغۇسى ئېرىم.
ئىككىيلەن پاراڭلىشىپ تۇرايلى
رىزىۋانگۇل 0995: سائەت بەشتىن تارتىپ ساقلاۋاتىمەن،يىگىتىم تىخىچە كەلمەيۋاتىدۇ.
ئىمپىراتۇر: مەن قىز دوستۇمنى قىرىق مىنۇت بولدى!!
رىزىۋانگۇل 0995: ئادەمنى ئەجەپمۇ تەققەززا قىلىدى!!
ئىمپىراتۇر: بولدىلا بىز ئۇلارنى كۈتمەيلى .
رىزىۋانگۇل 0995: ئەمسە قانداق قىلىمىز؟
ئىمپىراتۇر: كەلمىگەنلەر كەلمەيلا قويسۇن،ئىككىمىز پاراڭلىشىۋەرمەيلىمۇ !!
ئايال دىگەن زەھەرلىك دورا
بۇغالتىر مۇھەببەتتە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ،دوستىلىرقغا قاقشاپ بىرىپتۇ:
ـ ئايال كىشى دىگەن ئاپەت،ئايال كىشى دىگەن زەھەرلىك دورا، مەندىن ئىبرەت بولغاي،ھەرگىز ئايال زاتىغا يىقىن يولىماڭلار.
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۈتۈپ بۇغالتىرنىڭ دوستى ئاپتاپ قاۋاقخانىدا ئۇنىڭ بىر قىزغا چاپلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ:
ـ ۋۇي،سەن قانداقلارچە يەنە زەھەر بىلەن بىللە بۇلۇپ قالدىڭ؟
ــ سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن ،ــ دەپتۇ بۇغالتىر ئۇھ تارتىپ، ــ بەكلا چۈشكىنلىشىپ كىتىۋاتىمەن،بۇنداق كۈنگە قالغىچە زەھەر ئىىچىپ ئۈلىۋالايمىكىن دەيمەن.
پۇشايماننى ئالدىغان قاچا يوق
دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىلىمىي ماقالە يازغان زاغرا ئايالى كەترەنگە دەپتۇ:
ماقالىنى تىزرەك يىزىپ بەرگىن ھەي... ئەگەر قايتا توي قىلىدىغان بولسام،چۇقۇم خەتنى تىز،ھەم توغرا يازالايدىغان ئايالىنى ئالغان بۇلاتتم.
كەترەن مۇ بوش كەلمەپتۇ :
ھەي..... مەن قايتا ئەرگە تىگىدىغان بولسام ،چۇقۇم دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئىلىپ بولغان ئەرگە تەككەن بۇلاتتىم.
مەن چىداملىق ئىكەنمەن
زەنجىر 34 نىڭ ئايالى بىر كۈنى ئەينەككە شۇنداق قاراپلا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن زەنجىر 34 نىمە ئىش بولغىنىنى سوراپتۇ
ئايالى :ئەينەكتىكى ئۆزىنىڭ چىراينىڭ سەتلىكىنى دەپ يىغىلاشقا باشلاپتۇ.
زەنجىر 34 : سەن ئۆزەڭنى بىر قىتىم كۆرۈپ بۇنچىلىك يىغلىساڭ ،10 يىلىدىن بۇيان كۈندە كۈرۈپ تۇرىۋاتقان مەن قانداق چىدىغاندىمەن ؟؟؟
ئىچ ئاغرىتىش
نەپرەت ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يولدىشى كىلىپ قاپتۇ ئايال دەرھال نەپرەت نى بۇلۇڭغا ئەكىلىپ تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە ئاق سىر سۈركەپ :
مەن گەپ قىلمىغىچە مىدىرلىماڭ ھە!! -دەپ تاپىلاپتۇ .
يولدىشى ئۆيگە كىرىپلا :
بۇ ھەيكەلىنى ئالدىڭىمۇ ؟
ئۆتكەندە قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرسەم باركەن ،بەك چىرايلىق كۈرۈندى، شۇڭا مەنمۇ بىرنى سىتىۋالدىم.ــ دەپتۇ ئايالى.
يولدىشى گەپمۇ قىلماپتۇ .
ئەتىسى يولدىشى بىر بولكىنى ئىلىپ نەپرەت نىڭ ئالدىغا كەپتۇـ دە پەس ئاۋازدا :
چاققان يە !! مەن قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە بىر كىچە تۇرغاندا بىر ئىستاكان سۇمۇ ئىچەلمەي بەك قىينالغان ئىدىم. – دەپتۇ.
ئاخشام چۈشۈمدە
مەرزىيە يولدىشى ئاخسا يىگىت كە :
- راسىتىڭىزنى ئېيتىڭ،سىز ئاخشام ئىسمىنى چاقىرغان قىز كىمۇ ؟
- سىنى ماشىنا سوقۇۋەتكەندە داۋالىغان قىز !!
- يالغان مىنى قاچان ماشنا سوقۇۋەتكەن ؟
- ئاخشام چۈشۈمدە!!
كوچا ئاپتۇبوستا
قىز دەپتۇ : بىشىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ.
ئوغۇل دەپتۇ : مەن ئۇستا دوختۇر داۋالاپ قۇياي دەپ قىزنىڭ پىشانىسىگە بىرنى سۈيۈپتۇ.ئاپتۇبۇستىكىلەر ئۇلارغا ئاچچىقى كەلگەندەك قاراپ قۇيۇپتۇ،
ھايال ئۆتمەيلا قىز يەنە يىگىتىگە : قۇلۇم شۇنداق ئاغرىپ كىتىپ بارىدۇ.دەپتۇ.
ئوغۇل قىزغا قاراپ مەن ئۇنىمۇ داۋالىيالايمەن دەپ قىزنىڭ قۇلىغا سۈيۈپتىكەن
ماشىنىدا ئولتۇرغانلار ئىچىدە تۈمۈركالىمۇ بار ئىكەن ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ ۋە يىگىتكە قاراپ :
ئۇكام مەندە گىمىرۇي بار ئىدى داۋالاپ قۇياملا دىگۈدەك .
تۇتۇش بۇيرىقى
سۈمەييە بالىلار باغچىسىدا تۇرىۋاتقان مەزگىلدە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ساقچى ئىدارىسىغا زىيارەتكە بىرىپتۇ.سۈمەييە ئىلان تاختىسىغا چىقىرىلغان بىر قانچە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ ساقچىدىن سوراپتۇ:
-بۇلارنىڭ ھەممىسى جىنايەتچىمۇ ؟ساقچى :
_شۇنداق ،بىز ئۇلارنى تۇتماقچى !!
سۈمەييە ئەجەپلەنگەن ھالدا :
-سىلەر نىمىشقا سۈرەتكە تارتقان ۋاقىتتا ئۇلارنى تۇتىۋالمغان ئىدىڭىلار؟؟؟؟
ماۋزىدۇڭنىڭ تىلفۇن نۇمىرى
ھۆكۈمران باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان چاغلىرىدا ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلايدىكەن.ئۇ ھەمىشە "مەن ھەممىنى بىلىمەن" دەپ ماختىنىدىكەن .بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان دوستى مارشال ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :
- قىنى سەن ،"مەن ھەمىمىنى بىلىمەن" دەپ پو ئىتىۋاتاتتىڭ دەپ باقە؟ پۇلنىڭ يۈزىدىكى ماۋزىدۇڭنىڭ سۈرىتى ئاستىدىكى 1893-1976 دىگەنلەر نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟؟؟ ھۆكۈمران :
- شۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ھۇ دۆت!!! ئۇ دىگەن ماۋزىدۇڭنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى .
پالچى بىلەن سۆھبەت
بايخىنىم نىڭ خەجلەيدىغان پۇللىرى تۈگەپ،نىمە ئىش قىلارنى بىلەلمەي مومىسىدىن چالا ئۆگىنىۋالغان پالچىلىق ھۆنىرىنى قىلىشقا باشلاپتۇ .كۈرەشچان يولدا كىتىۋىتىپ بايخىنىم نى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئىچ پۇشىقىنى چىقارغۇسى كىلىپ بايخىنىم نىڭ ئالدىغا بىرىپتۇ. بايخىنىم ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ پال ئىچىپ:
-سىز ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئىكەنسىز –دەپتۇ .كۈرەشچان :
- خاتالاشتىڭىز مەن دىگەن ئۈچ بالىنىڭ دادىسى دەپتۇ . شۇئارىدا بايخىنىم نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىپ :
بىرسى سىزنىڭ ئەمەسكەن،-دەپتۇ .
بەش يۈەن كەم ئۇخلاش
بىر كۈنى جودا سەپەرگە چىقىپ كەچ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مىھمانخانىغا كىرىپ قونماقچى بۇلۇپ ئۇ يەرگە كىرىپتۇ ۋە ياتاقنىڭ خىزمەتچىسى قار0923 دىن سوراپتۇ :
- ياتىقىڭلارنىڭ بىر كىچىلىكى قانچە پۇل ؟؟
- 80 يۈەن،- دەپتۇ قار 0923.
- ئاپلا دەپتۇ جودا مەندە پەقەت 75 يۈەن بار ئىدى. مەن بۇ پۇلىنى تۆلەپ 5 يۈەنلىك كەم ئۇخلىسام بولماسمۇ ؟؟
..................
توردىكى قىزچاق
چوغ توردا بىر يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ھەم كۆرۈشۈشكە كىلىشىپتۇ ،چوغ تاكسىغا چىقىپ ۋەدىلەشكەن جايغا كىلىپ قارىسا ناھايتى سىمىز بىر قىز تۇرغۇدەك.شۇنىڭ بىلەن ئۇ شوپۇرغا:
-ئاۋۇ تۇرغان قىزنى كۆرىدىڭىزمۇ؟-دەپتۇ .شوپۇر:
-كۆردۈم، يىنىغا بىرىپ توختايمۇ ؟؟ -دىسە چوغ:
-ياق سۇقۇپلا قاچايلى دەپتۇ ،
تىلەمچى
شامال 818 بىلەن يۈرىكىم زىدە ئىككىس تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىكەن . ئۇلار كۇچىدا پاراڭلىشىپ قاپتۇ،شامال 818:
-ھازىر ئۇن –ماي،گۆش ۋە كۆكتاتلارنىڭ باھاسى تازا ئۆسۈپتۇ، ھەممىسى قاقشاۋاتىدۇ،بىزنىڭلا غېمىمىز يوقكەن جۇمۇ !!!
-ئاستىراق گەپ قىلە،-دەپتۇ يۈرىكىم زىدە، بولمىسا ھەممىسى تىلەمچى بۇلىۋالىدۇ.
باشلىق ئىزدەش
بىر ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان مەلۇم بىر باشلىقىنى بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كۈندە كىلىپ تاپالماي يۈرگەن شاتئاي شۇنداق جىلە بۇلۇپ قايتىقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ دوسىتى ئايچىن سوراپتۇ :
- شاتئاي كۈرۈنمەيدىغان بۇلۇپ كەتتىڭىزغۇ ،ھازىر قەيەردە ئىشلەۋاتىسىز؟
- ئون كۈن بولدى خىزمىتىم ئۆسىتى ھازىر خەلق ھۆكۈمەت بىناسىدكى باشلىق ئىزدەش ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىمەن. دەپتۇ شاتئاي.
ئوغرى
بىر كۈنى يۇلغۇن 45،باھادىر،ئۇيغۇر05 قاتارلىق ئۈچى بىر دۇكانغا ئوغۇرلۇققا كىرىپتۇ ،دۇكان خۇجاينى فىردەۋس ئۇلارنى تۇتىۋىلىپ :
-مەن سىلەرنى ئون كالتەك ئۇرىمەن،ئۇرۇشتىن ئاۋۋال دۈمبەڭلەرگە بىر نەرسە يىپنىۋىلىڭلار، ئۇرۇشۇمغا چىدىيالىساڭلار قۇيىۋىتىمەن،چىدىيالمىساڭلار ساقچىغا تۇتۇپ بىرىمەن!!! دەپتۇ.
يۇلغۇن 45 دۈمبىسىگە ماي سۈرتىۋاپتۇ،فىردەۋۇس ئۇنى بىرنى قۇيۇپتىكەن ،تاياققا چىدىيالماي زارلاپ كىتىپتۇ. ئاندىن باھادىر چاپان كىيىۋاپتۇ، ئۇنىمۇ كالتەك بىلەن تۆتىنى ئۇرۇپتىكەن ،ئۇمۇ ئۆلەرمىجان بۇلۇپ كىتىپتۇ،ئاخىرىدا ئۇيغۇر 05 جىم تۇرۇپتۇ .،فىردەۋۇس ئۇنىڭغا:
-سەن نىمىنى يىپىنىۋالسەن ؟تىز بول- دەپتۇ .
ئۇيغۇر 05 باھادىرنى كۆرىسىتىپ :
-مەن ئۇنى يىپىنىۋالاي دەپتۇ .
قاچا قۇچا دۇكىنى
مۇسلىنە ئەر-ئايال دائىم ئۇرۇشىدىكەن ۋە ئۇرۇشۇپ قالسىلا قاچا قۇچىلارنى يەرگە ئاتقىلى تۇرىدىكەن. بىر كۈنى قوشنىسى زۇمرەت ئۇلارنىڭكىگە كىرىپ :
- سىلەر دائىم مۇشۇنداق قىلىدىكەنسىلەر،زادى قاچان ئاجراشماقچى بۇلۇشىۋاتىسىلەر؟ -دەپ سوراپتۇ .
مۇسلىنە غەزەپلىنىپ :
نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسىز؟بۇنداق دىيىشىڭىزدە نىمە مەقسىتىڭىز بار؟-دەپ سوراپتۇ. زۇمرەت :
ئەگەر يەنە ئىككى –ئۈچ يىلدىن كىيىن ئاجراشماقچى بولساڭلار مەن بۇ يەرگە قاچا قۇچا دۇكىنى ئاچايمىكىن دەيمەن دەپتۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaripa2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-14 12:56 PM