جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر .
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ، بىزنىڭ سەييىدىمىز ۋە پەيغەمبىرىمىز ، ھەبىبىمىز، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت ۋە سالاملار بولسۇن
!
ئى مۇسۇلمان قىرىندىشىم ۋە ھەمشىرەم (ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن ) بىلىشىڭلار كىرەككى ، مۇنداق تۆت ئىشنى ئۆگىنىشىمىز بىزگە ۋاجىپ بولىدۇ :
1.
بىلىش بولۇپ: ئۇ ئاللاھ تائالانى ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئىسلام دىنىنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇشتۇر . چۈنكى بىلەمەي تۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش جائىز ئەمەس . كىمىكى شۇنداق قىلسا ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئازغۇنلۇق بولىدۇ . ھەمدە شۇ قىلمىشى بىلەن خىرىستىئانلارغا ئوخشاپ قالىدۇ .
2.
ئەمەل بولۇپ : كىمكى بىلگىنىگە ئەمەل قىلمىسا ، يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالىدۇ . چۈنكى ئۇلا ھەقنى بىلەتتىلىكىن ئەمەل قىلمايتتى . شەيتاننىڭ ھىيلىلىرىدىن بىرى شۇكى ، ئۇ ئىنسانغا ئاللا تائالانىڭ دەرگاھىدا بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتالايدىغانلىقىنى، ئۆگىنىش ئىمكانى بولغاندىن كىيىن بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلمىسا ، ، ئۆزىگە قارشى پاكىت بولۇپ قالىدىغانلىنى ۋەسۋەسە قىلىپ ، ئۇنى ئىلىم ئۆگىنىشتىن قاچۇرىدۇ . بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھىيلىسىگە ئوخشايدۇ . ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى پاكىت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى.
3.
ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتۇر: چۈنكى ، ئۆلىما ۋە دەۋەتچىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىسرائىل ئەۋلادىغا لەنەت قىلغان ئىدى . چۈنكى ئۇلار [ بىر بىرلىرىنى يامان ئىشتىن توسمايتتى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نىمىدىگەن يامان ] دەۋەت قىلىش ۋە ئىلىم ئۆگىنىش پەرز كۇپايىدۇر . ئەگەر ئۇنى جەمئىيەتتە يىتەرلىك كىشىلەر ئادا قىلسا ، ھىچكىم گۇناھكار بولمايدۇ . ئەگەر ھەممە كىشى ئۇنى تەرك ئەتسە ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ .
4.
ئىلىم ئۆگىنىش : ئۇنىڭغا قىلىش ۋە دەۋەت يولىدا يەتكەن ئەرزىيەتكە سەۋىر قىلىشتۇر.
مەنبە:
قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-14 01:04 PM