مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2059|ئىنكاس: 20

ئۆزىنى ئۆزى سۆكۈش چوڭ ساراڭلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كاللاڭنى سىلكىۋەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56276
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4047
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 715 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 11:44:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزىنى ئۆزى سۆكۈش چوڭ ساراڭلىق


يېىقىندىن بۇيان مەيلى تور ئەسەرلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى ھەقىقى كىتابى نەشىرى ئىجادىي ئەسەرلەردە بولسۇن مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ ئادىتى ياكى ياشلىرى توغرىسدا گەپ چىقىپلا قالسا ھەممىسىدە دىگۈدەك ئۆز ئۆزىنى سۆكىدىغان،كىچىككىنە بىر ناچارلىقلارنى كۈرۈپ قالسىلا چوڭ تىمىغا ئايلاندۇرۇپ قاقشاپ جۆيلىپ كىتىپ ئۆز ھاياجىنىنى باسالمايدىغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ <<ئېىسىل ئەسەرلىرى>>كۆپلەپ قالدى.ئۇلارنىڭ ھەممسى دىگۈدەك <<كىشىلىرىمىز ئىلگىرى ئۇنداقتى ،مەدەنىيىتى بۇنداقتى،ھازىر ئۇنداق بولمىدى،ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كەتتى،مىللىي ئۆرىپ ئادىتى يەرنىڭ تېگىغا كۈمۈلۈپ چاڭ تۇزاندا قېلىپ تۈگۈشۈپ كېتىپ بارىدۇ،ياشلىرىمىز بۇزۇلۇپ ناتوغرا يوللارغا مېڭىپ پاتقاققا پېتىپ كېتىپ يۈزىمىزنى تۆكتى،ئىناۋىتىمىزىنى قويمىدى،مىللەت نامىغا داغ تەككۈزدى،ئەخلاق –پەزىلىتى ناچارلىشىپ ئەرلىك روھى سۇسلىشىپ كەتتى،يولىنى توغرا تېپىپ ماڭالمىدى،يۈزىمىزنى پوق قىلدى،بىزنى يامان نامغا قويدى.....>>دېگەندەك نۇرغۇن سۆكۈش،قاقشاش،يىرگىنىش،ئەپسۇسلىنىش سۆزلىرىنى قىلىپ،ئۆزنىڭ ئۇيغۇر بۇلۇپ قالغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىشىدىغاندەك تەپتارتماستىن ھەممىنى شۇلارغا ئىتتىرىپ قۇيۇپ جاۋۇلداشقا يول ئالدى،ئۇلارنىڭ شۇنداق جاۋۇلداشلىرى بىلەن ئىچكىرىگە ئىشلەپ جان بېقىش ئۈچۈن چىققان ياشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىر تاياقتا ھەيدىلىپ <<ئوغرى،يانىجۇقچى،بۇلاڭچى...>>دېگەندەك ناملارغا ھېچگەپتىن- ھېچگەپ يوق ئىگە بۇلۇپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرىنى ئۆزىمىز تىللاۋەرگەچكە باشقىلارمۇ راس شۇنداقكەن دەپ بىز ئاتلىق ھەممەيلەندىن ئىتتىن قاچقاندەك قاچىدىغان،ھۈركىيدىغان بۇلۇپ ناچار ئادەملەر قاتارىدا ھېسابلىنىپ سۇغۇق مۇئامىلىگە مۇناسىپ دەپ قارىلىپ چەتكە قېقىلىدىغان بۇلۇپ قېلىشتۇق،بۇ ھەممەيلەنگە ئايان...بۇنىڭ بۇنداق بۇلۇپ قېلىشىدا يەنىلا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار،بىر ئادەمنى ئوڭشاش،ئۇنى توغرا يولغا باشلاش،ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش ھەرگىزمۇ ئۇرۇپ تىللاش،كەلسە-كەلمەس قاقشاپ خاپا بۇلۇش بىلەن ئىشقا ئاشماستىن بەلكى يەنە ئۇنى ھەقىقى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيلەش،توغرا بولغان تەلىم-تەربىيەلەرنى بىرىش،چىرايلىق نەسىھەت قىلىش،توغرا يوللارنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا مىھىربانلىق يەتكۈزۈش،قاراپ تۇرماي ياردەم قىلىش،قەلبىنى ئىللىتىش.....قاتارلىق ئىجابى ئۇسۇللار بىلەنمۇ توغرا يولغا باشلاپ يېتەكلەپ ماڭغىلى بۇلىدۇ،چۈنكى ئەمەلىيەتتىمۇ قارايدىغان بولساق نۇرغۇن ئىشلارداسىلىق-سىپايىلىق بىلەن ئىلمىي ئۇسۇلدا تەدبىر قوللىنىلغان چاغلاردا كۆپىنچە ھاللاردا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ،ئەكىسچە بولسا قوپاللىق بىلەن سۇغۇق مۇئامىلە قىلىنىپ يۈزەكى قاراپ قىلىنغان ئىشلار كۆپىنچە مەغلۇبىيەتكە ۋە تېخىمۇ چېكىنىشكە باشلايدۇ، <<ئېشەكنىمۇ ئۇرسا ماڭغىنى بىلەن،داۋاملىق ئۇرىۋەرسە تېخىمۇ قېلىنىشىپ ماڭغىلى ئۇنىمايدىغان بۇلۇپ ئەسكىرىشىپ كېتىدۇ>>. ئۈزىمىزنىڭ ئادەملىرى بولغان تۇرۇپ يەنە قەستەن ئەشۇنداق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ناچارقىلىقلىرىنى كۈرۈپلا شۇنى نىشان قىلىۋېلىپ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا شۇنى يېزىش ئوبىيكتى،قەلەم قۇربانى قىلىپ ئۇمۇملاشتۇرۇپلا باھالاپ تۈگىمەس ھېكايە قىلىپ جان بېقىۋاتقانلار يەنە شۇ بىز ماختايدىغان،ئىلغار زىيالى كۆرىدىغان،بىزلەرگە ۋەئۆزنىڭ قەۋم قېرىنداشلىرىغا بىلىم بىرىدىغان،ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قەلەم ئۇستىلىرىدۇر.خۇددى ئۇلارنىڭ قەلىمى ياخشى ئىشلارنى يازسا توختاپ قالىدىغاندەك،ياخشى تەرەپتىن ھېكايىلىسە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولمايدىغاندەك،شۇنداق ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ چوڭايتىپ رومان قىلىپ يازسا ناھايىتىمۇ ئاسان پۈتكىزىۋىتىدىغاندەك<<شەرەپلىكئادەتلەرنى>> شەكىللەندۈرىۋالدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزنى ئۆزى ساراڭلارچە سۆككەندەك ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان كىشىلەردۇر،بۇنداق ئادەتنى شۇلارنىڭ تىلى بويىچە ئېيىتقاندا تۈپتىن <<شەخسىيەتچىلىكنىڭ>>ئىنىق ئىپادىسىدۇر.مۇشۇنداق مەنپەتنى كۆزلەپ ئىش قىلىۋىرىش ئاخىرىدا ئادەمنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ئاشۇنداق شەخسىيەتچىلىككە ئېىلىپ بارىدىغان گەپ،ئۇمۇ تىللىسا،مەنمۇ تىللىسام،يەنە بىرسى كېلىپ ئۇمۇ تىللىسا ئاخىرىدا يەنە نىمە بولماقچى،ياخشىغا ياماننى باغلاپ تېخىمۇ كۆپەيتىپ ياخشىلارنىڭمۇ قەلبىنى قاراڭغۇلاشتۇرماقتىن ئۆزگە ئۈنۈم يوق،ياشلارنىڭ يىتەكچىسى شۇ كۆپنى بىلىدىغان،ھەممە ئىشنىڭ ئېلىم-تېرىمىنى ياخشى بىلىدىغان شۇ چوڭلار بولغاچقا ئۇلارنىڭ دىلىنى يۇرۇتۇش،ئۇلارغا چىن يۈرەكتىن مىھىرىنى يەتكۈزۈش،ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش ھەقىقى بۇرچىدۇر،ئەكىسچە ئۇلاردىكى ناچار ئىللەتلەرنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ ھېكايە قىلىپ يېزىپ بەرسە بۇ ئېنىقتىن ئېنىق يۈزسىزلىك بۇلۇپ كىچىك ئىشنى چوڭايىتماقتىن،ئازنى كۆپەيتىپ تېخىمۇ زاۋاللىققا يول تۇتقۇزماقتىن ئۆزگە ئۈنۈم يوق.توغرا ياماننى ماختىغىلى بولمايدۇ،لىكىن ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى دېيىش،يۇرۇقيولنى كۆرسىتىش،دىلىنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ياخشىلىۋالغىلىمۇ بۇلىدىغۇ.ھەرقانداق ئىنساننىڭ ماھىيىتى ياخشىلىققا،ياخشى سۆزلەرگە مايىل كىلىدۇ،ھېچ بولمىسا تىللاپ قاقشاپ يىرگىنىۋەرمەي ئۇلارغا توغرىلىقنى بىلدۈرىدىغان،قەلبىنى ئويغىتىدىغان،توغرىلىق ئىشلارنىڭ ياخشى ئۈنىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىنسانىيلىق نوقتىسىدىن ۋە شۇنداقلا كوللىكىتىپ نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەربىيىلىسەك بۇنىڭغا بولماسما؟<<ئىلغارپىكىرلىك،يۇقىرى سەۋىيىلىك>> قەلەمكەشلىرىمىز ئۆز ياشلىرىمىزدىن ئاغىرىنىپ ‹‹باشقىلارنىڭكى بىلەن بۇلغىنىپ بۇزلۇپ كەتتى،ئېچكىرىگە كىرىپ <<ئوغرى>> بولدى››دەپ،ئازراق پۇل تېپىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلسە <<ئوغىرلىق قىلىپ بۇلاپ كەلدى>>دەۋەرسە ئاخىرى يەنە نىمە بولماقچى، باشقىلار بىلەن تەڭ تىللاپ بەرسە <<يامان>>دىگەن نامغا ئېرىشىدۇ شۇ.باشقا جېنىنى باقالمىغان كەلگۈندىلەر بۇيەرلەرگە كېلىپ پۇل تېپىپ داڭلىق ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ كەتسە بۇنىڭ بىلەن ھېچكىشىنىڭ كارى يوق،ئەمدى بىزنىڭ ياشلىرىمىز راستىنلا شۇنداق داتلاپ سۈكەۋەرگىدەك ناچارلىشىپ كېتىپ بارامدۇ ياكى قەلەمكەشلىرىمىز شەخسىيەتچىلىشىپ كېتىپ ئۆزنىڭ ھەقىقى بۇرچىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتامدۇ؟؟<<ياشلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ،كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى>>دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ئەسەرلىرىدە خۇشاللىنارلىق بىلەن يېزىشىدۇ يۇ ئۇلارغا ھەققى تۈردە كۆڭۈل بۈلۈشنى بىلمەيدۇ،ياشلار ھەقىقى تۈردىكى تەربىيگە،يېتەكلەشكە ۋە رىغبەتكە مۇھتاج،<<بىرنىڭ بالاسى مىڭغا>> بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن توغرا ئۇسۇللار ئارقىلىق توغرا يولغا باشلايلى،ھەقىقى ناچار كىشىلەرمۇ ئۆزگىرىپ قالار،خۇدايىم ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بىرەر، شۇنىسى ئېنىقكى يازغۇچى ئۇستازلار ئىنسان قەلبىنى يۇرۇتقۇچى ۋە ئىللىتقۇچىدۇر،ھەرگىزمۇ ئادەم تىللىغۇچى ياكى خەقنىڭ <<قايغۇسىنى>>كۈرۈپ قەلىمىنى ئۇسۇلغا سالىدىغان ھەزىلكەش ئەمەس.......

مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tegin12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-13 11:55 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85791
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-10-7
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 12:31:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلىم-تەربىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئاتا-ئانا.

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3008 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 06:53:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۆزئىچىمىزدىكى ناچار ئىللەت يامان خاھىشلارنى كۆرگەندە ئۇنى چۇقۇم قامچىلاپ تۈزتىشكە تىرشىشىمىز كېرەك ، يۇمشاق كۆڭۈللۈك قىلىپ ئۆز ئەيىپىمىزنى يۇشۇرۇپ قېلىشقا بولمايدۇ ، چۈنكى كونىلاردا '' كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا '' دەيدىغان گەپ بار .

توغرا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قامچىلاش ، شۇئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت بىرىشنىڭ خاتاسى يوق

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 09:03:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى  بىلىشىمىز  كىرەككى ، ئىللەت  مىللەتتە  ئەمەس  بەلكى شەخىستە بولىدۇ. ئىللەتنى قامچىلىغاندا  ئۇسۇلغا  دىققەت  قىلىش  كىرەك..

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچان ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 10:32:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر مىللەتنىڭ ئىچكى تاشقى ئامىللىرى تۇتقا قىلىنغان ۋە مىللەت نامى سۈيئىستىمال قىلىنغان تىمىلار چوقۇم پىشقان قەلەم ساھىبلىرى تەرىپىدىن چىققىنى تۈزۈك.
مۇنبەر نىسپى ئەركىنلىككە ئەگە بولغان سورۇن ھىساپلانسىمۇ پىشمىغان ئىلھام -ئويلىمىغان خاتا قاراشلارنى
بىلىپ-بىلمەي مۇنبەر ئارقىلىق كۆپچىلىككە ھەتتا دۇنياغا تارقىتالايدۇ.
دىگىنىڭىز تامامەن توغرا.
قسمەن تورداشلارنىڭ تىمىغا قارشى ئىنكاس بېرىشى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ دەل ئىكران ئالدىدىلا چەكلىنىپ قالغانلىقىدا بولسا كېرەك،
مۇنبەر-سىز بەلكى بىزنىڭلا ئەمەس دۇنيادىكى ئۇيغۇر...ئۇيغۇرلارغا قىززىقىدىغان باشقا قېرىنداش مىللىتلەرگىمۇ ئوخشاش تەسىر بېرىدۇ.
بىلىندۈرمەي ئېرەنسىزلىك بىلەن كىچىككىنە ئوسۇرۇپ قويۇشنىڭ مۇنبەر ئارقىلىق پۇتۇن دۇنياغا تارقايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىمىز كېرەك
مانا بۇ مىللەت ئالدىدىكى ئەقەللى مەسئۇلىيىتىمىز
ھازىر مۇنبەرلەردە مۇنبەر پۇلى ۋە باشقىلارنىڭ قۇرۇق ماختىشىغا ھاماقەتلەرچە زورۇقۇپ تىما يوللاش ۋە ئەھمىيەتسىز ئىنكاسلارنى بېرىش-مۇنبەرنىڭ روھى يېتەكچىلىك ئورنىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر
بۇ خىل يارامسىزلىق ئاخىرى بېرىپ مۇنبەر ئازلىرىنىڭ ئىدىيسىنى پۇچەكلەشرۈرشكە يۈزلەندۇرسە، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مۇنبەرنىمۇ خاراپ قىلىدۇ.
شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار مۇنبەرنى خالىغانچە <<كېچدە كۆرگەن چۈشىنى سەھەردە يايما قىلىدىغان بازار>>غا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئىھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-14 10:41 AM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79481
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3487
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 10:45:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىسە باشقىلارنى سۆكۈشچۈ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 11:02:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
VvV يوللىغان ۋاقتى  2012-10-14 10:45 AM
ئەمىسە باشقىلارنى سۆكۈشچۈ؟


باشقىلارنى سۆكۈشتە ئىلمى پاكىت ئاساسىڭىزنى ئوتورىغا قويۇپ تۇرۇپ سۆكسىڭىز بولىدۇ،
ئۇ چاغدا بۇ ‹‹سۆكۈش›› بولماستىن ئەقەللى تەنقىت ھىساپلىنىدۇ. قارشى ئېلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-14 11:03 AM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85989
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 11:11:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېسەلنى يوشۇرسا /ۆلۈم /اشكارە .  تەنقىدىي پىكىر كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 11:46:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىم ئوبدان كەلمىسە سۆكۈپ قايتىدىن تىكىدىغان گەپ ... ئوبدان كەلمىگەن كىيىمنى شۇ پېتى كىيىۋېرىش ئاندىن ساراڭلىق بولىدۇ  . كىشىلەر كۆرسىمۇ مەتۇكەن دېيىشىدۇ ...

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 12:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xekar123 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-14 11:11 AM
كېسەلنى يوشۇرسا /ۆلۈم /اشكارە .  تەنقىدىي پىكىر كىشىلەر ...


تەنقىدىي پىكىر كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ دىگىنىڭىز توغرا.لىكىن تەنقىدىي پىكىرئىللەتنى تۈزىتىش مەقسەت قىلىنغان،توغرا يۈنۈلۈشلىك ئىلمى ئۇسۇلدا ئىپادىلەنمەي،قىسمەنلىكنى ئۇمۇمىيلىققا كۆتۈرىۋېلىش خاھىشى ئاستىدىكى نەتىجىسىز ۋايساش ھەتتا ئۆز مىللىتىدىن سەسكىنىش قاتارلىق  ھىچقانداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغان،باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر مىللىتىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ناتوغرا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىپادىلەنسە بۇ خىل تەنقىد تەنقىدلەنگۈچى ئوبىكتىپنى ئىجابىيلىققا باشلىماستىن بەلكى،ئۇنىڭدىكى ناچار خاھىشىلارنىڭ تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆزىدە باربولغان ئارتۇقچىلقلارنى كۆرمەي پەقەت سەۋەنلىكلەرنىلا كۈرۈپ ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ياشايدىغان كىشىنىڭ كەلگۈسى ئېنىقكى ئىنتايىن غۇۋا بۇلىدۇ. بۇ خىل تىپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىجابىي ئاكتىپ تەرەپلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا جارى قىلدۇرالىشى بەسىي مۈشكۈلدۇر .    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   islamogli1566 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-14 12:04 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش