يىقىندىن بۇيان ئالتۇن باھاسىدا زور ئىشىىش كۆرۈلۈپ دوللار قىممىتى چۈشۈپ پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى ئاشۇردى . يىقىنقى يىرىم يىلدىن بۇيان ئالتۇن باھاسى بىردەم ئاشسا بىردەم چۈشۈپ تۇردى .
خەلقئارادا نىفىت بىلەن ئالتۇن ئەڭ كوزۇر تاۋار ھىساپلىنىدۇ . ھەر قانداق بىر خەلىقئارا تەرتىپ ۋە رايۇنلار ئارا زىددىيەت بۇ ئىككى كوزۇرغا تىزلا تەسىر قىلىدۇ .
ئۇنداقتا ئالتۇن باھاسى بىلەن نىفىت باھاسىنىڭ ئوخشاشلىق تەرىپى بارمۇ ؟؟؟
ئەلۋەتتە . بار پۇل قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ۋە پۇل پاخاللىقى رۇشەنلەشسە ياكى رايۇنلار ئارا زىددىيەت كەسكىنلەشسە بۇ ئىككى كوزۇر تاۋار ئوخشاشلا بىر يۆنىلۈشتە ئۆسۈپ كىتىدۇ .
دوللار قىممىتى قانچە ئاشسا ئالتۇن ، نىفىت ۋە باشقا تاۋارلار قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ . ئالتۇن باھاسى بىلەن نىفىت ئوڭ تاناسىپ بولۇپ نىفىت ئاشسا ئالتۇنمۇ مۇقەررەر ئىشىپ كىتىدۇ .
بۇ ئاساسلىقى پۇل قىممىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ پۇل قىممىتى تۆۋەنلەپ پۇل پاخاللاشسا ئالتۇن ۋە نىفىت ئىشىپ كىتىدۇ . پۇل قىممىتى بولۇپمۇ دوللار قىممىتى ئاشقانسىرى ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كىتىدۇ .مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئالتۇن بىلەن نېفىت ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن. ئالتۇن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پۇل. بىراق نېفىت سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيان، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ قېنىغا ئايلانغان.
ئالتۇن بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. ئۇزۇندىن بۇيان، گەرچە ئالتۇننىڭ باھاسى بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلىسى يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە. خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۆرلىسە ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ، بىراق، خەلقئارادا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەندە ئالتۇن باھاسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.
ئالتۇننىڭ باھاسى بىلەن نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك:دوللارنىڭ پېرېۋوت باھاسىنىڭ داۋالغۇشى بولۇپمۇ دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن ۋە نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالتۇن بىلەن نېفىت دۇنيا سودا بازارلىرىدا دوللارنى باھا ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىدۇ. دوللار خەلقئارا سودىدىكى ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ، ھەر قېتىم دوللارنىڭ كۇرسى ئۆرلىسە ياكى چۈشسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشاش يۆلىنىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوللارنىڭ قىممىتى ئۆرلىسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەكسىچە دوللارنىڭ كۇرسى چۈشسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دوللارنى زور مىقداردا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، دوللار كۇرسىنىڭ ئايدا چۈشۈشى كېلىپ چىققانلىقتىن، كىشىلەر خېيىم-خەتىرى كىچىك بولغان، قىممىتى ساقلىنىدىغان ئالتۇن قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا يۈزلەندى. نېفىت باھاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەرنىڭ ئالتۇن تىجارىتى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇزۇندىن بۇيان، نېفىت باھاسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلىشىدىكى سىگىنال كۆرسەتكۈچى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. چۈنكى، بازار ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ- تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ داۋالغۇغانلىقىنى كۆرسەتكەندە، بۇ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بولۇپمۇ، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ دۆلەتنىڭ قولىدىكى غايەت زور سوممىلىق نېفىت دوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، كۇۋەيت ۋە ئىران قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بولۇپ، ئۇلار نېفىت دوللارغا بولغان مەشغۇلاتى ئوخشارش بولغاچقا، بۇ غايەت زور مەبلەغلەر مەركەزلەشتۈرۈپ كونتىرول قىلىنسا خەلقئارا بازارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ. نېفىت- نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بىر قانچە دۆلەتنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، نېفىت گەرچە ئۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن غايەت زور سوممىلىق پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ، بىراق كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يەككە بولۇشى ئۇلارغا مەلۇم خېيىم-خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق ئالتۇن خېيىم-خەتەردىن ساقلاش ۋە مەبلەغ سالغاندا قىممىتىنى ساقلاشتىكى ئېسىل قورال بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ تاللاش دائىرسىدە بولىدۇ. نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن نىفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت دوللار تېز سۈرئەتتە پاخاللىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئالتۇننىڭ خەلقئارا زاپاستىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ. نېفىت دوللارنىڭ سوممىسى زور بولغاچقا، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى كۈچىيىپ، ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋال ئەكسىچە بولىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، ئەگەر نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەندە نېفىت كىرىمىنىڭ يېتىشمىگەن قىسمى چىقىمنى قاپلىيالماي، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىر قىسىم ئالتۇن زاپىسىنى كېمەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ نورمال راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىل كېمەيتىش شەك شۈبھىسىزكى، ئالتۇن بازىرىدىكى تەمىنلەش مىقدارىنى كېڭەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئالتۇننىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزىدە، ئۇلار ھەتتا ئالتۇنلارنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېتىپ، ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ. نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى يەنە بىر كۈچ خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كېلىدۇ.
كۈندىلىك ئالتۇن باھاسى ، خام ئالتۇن ، تەييار %99 لىك ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ بازاردىكى باھاسى ، ۋە ئىقتىساتقا دائىر ئۇچۇر ۋە بىلىملەردىن خەۋەردار بولاي دىسىڭىز << بىر مىسقال بىلۇگى >> غا كىرىپ تۇرۇڭ !!
www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-14 02:02 AM