ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار ياخشىمۇسىلەر!! ھەممىزنىڭ يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھىيىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،قۇربان ھىيىتقا ئاز قالدى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىسرانىمدىكى تورداشلارمۇ قۇربان ھىيىتلىق سەنئەت كىچىلىكى تەييارلىغان ئىدۇق. شۇ كىچىلىكىتىن بىر قىسىم كۈرىنىشلەرنى مەن سۈرەتكە ئىلىۋالغان ئىدىم قىنى ھەممىڭلار بەھىر ئىلىڭلار. مانا ئىسسىىقىنى-ئىسسىق دىمەي كاستىيۇم-بۇرۇلكا كېيىپ گالۇستۇكنى موزاي باغلىغاندەك چىڭ باغلىغان رىياسەتچى ھۆكۈمران بىلەن زەر ئۈنچە باسقان دوپپىسىغاماسلاشتۇرۇپ،يارىشىملىق كۆينەك كەيگەن رىياسەتچى ئايچىن سەھنە ئالدىدا پەيدا بولدى. ھۆكۈمران: ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدكى بارلىق دوسلار.سىلەرگە قۇربان ھېيتلىقئالى ئېھتىرام! مۇشۇ كېچىلىك ئارقىلىق بىزنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ھەرساھەدىكى دوسلارغا قىزغىن سالام يوللايمىز!سىلەرنىڭ بۈگۈنكى ھەربىر مىنۇت، سېكونتۋاقتىڭلارنىڭ خوشھال ئۆتۈشىگە تېلەكداشمەن!سىلەرگە بەخىت-ئامەت ياربولسۇن! مەنتەرلەپ پىششىپ خىزمىتىڭلارنى قىلىشقا تەييارمەن. ئايچىن: ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇھتەررەم قېرىنداشلار،باشقۇرغۇچىلار، ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئىسىل تېمىلىرىبىلەن مۇنبەرنى جەلىپكارلىققا ئىگە قىلىۋاتقان دوسلار، سىلەرنىڭ قۇربان ھېيتڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!سىلەر ئۈچۈنخىزمەت قىلىش مەن ئۈچۈن شەرەپ! ئايچىىن: ناخشىچىمىز ئاپتاپ بىزگە«مۇنبەرمىنىڭ ئۆيۈمدۇر»دىگەن ناخشىلارنى ئورۇنلاپ بىرىدۇ،قىنى قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بىلەن دوستىمىز ئاپتاپ نى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى . ھۆكۈمران:قىنى ئەمدى ياش ناخشىچىمىز ئاخسا يىگىت نىڭ «دەردىم تۇلا ئىيتايمۇ» دىگەن ناخشىسىدىن ھۇزۇرلىنايلى ئايچىن : ئەمدى سەھنىنى ناخشىلىرىمىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلاپ كىلىۋاتقان دوستىمىز ئۈزۈمتال غا بىرەيلى . نۆۋەتتە توردىشىمىز ئىمپىراتۇر مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىسى مسرانىم ئەپەندىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ مىسرانىم ئەپەندىگە سوۋغا قىلىۋىتىپتۇ،بۇ كىچىلىكىنىڭ ئايىغى چاققان خىزمەتچلىرىدىنبولغان سەبىرى بىلەن سەبىنۇر قىنى بىر مارىلاپ باقايچۇ ئوخشىتالىدىمۇ يوق دەۋاتىدۇ!! ھى ھى ھى ھى ھى ئايچىن:ئۇماق ھەم ياش ناخشىچىمىز رىزىۋانگۇل 0995بىزگە «تاشلىۋەتمە جان ئىرىم »دىگەن ناخشىنى ئىيتىپ بىرىدۇ قاراڭلاربايخىنىم،نازىلە 998،مەرزىيەلەر سەھنىگە كىم بالدۇر چىقىدۇ دىيىشىپ تالىشىپ قىلىپ ئاخىرى بايخىنىم باي بولغاندىكىن قالغانلىرى ئۇنىڭغا يول قويغان بولسا كىرەك . نۆۋەتتەتوردىشىمىز كەلگۈندى ئۇقىغان«مىسرانىمنىڭ قىزلىرى ھەممىدن چىرايلىق » دىگەن ناخشىغا شاتئاي بىلەن ئۆل ئۇسۇل ئويناپ بىرىۋاتىدۇ.
ھۆكۈمران :نۆۋەتتە زاغرانىڭ ئىجراسىسدىكى دۇتتار بىلەن ئېيتىلغان ناخشا « مۇنبەر كوت-كوتخانا ئەمەس»
مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىىلىرىدىن : مەلىكە،مارىشال،دەقيانۇس قاتارلىق رەھبەرلەر نۇمۇرلاردىن ھۇزۇرلانماقتا : مارشال بىلەنمەلىكە تىلۋۇزۇرغا چىقىدىغان بولدۇم دەپ بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى. ئارقىدىنلا كىچىك شوخ ئۇماق ناخشىچىلىرىمىزدىن:سۈمەييە ،نۇرجۇلا،ئىپار قاتارلىقلار «مىسرانىم مۇنبىرى باغچامدۇر،زۈلەيخا،كەترەنئاچامدۇر »دىگەن ئۇسۇللۇق ناخشىنى ئۇرۇنلاۋاتىدۇ.
ئارقىدىنىلا بىزنىڭ زاپەر ئوباما نەپرەت:« بالىلىققا قايتىقۇم بار »دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ بىرىۋاتىدۇ،ئۇماق سۈمەييە ناخشىغا ئۇسۇل ئويناپ بىرىۋاتىدۇ. زەنجىر 34 ئەتراپىغا مۇنبەردىكلەرنىڭ بالىلىرنى يىغىۋىلىپ« چوڭ بولغۇم يوق »دىگەن ناخشىنى ئىتيىپ بىرىۋاتىدۇ. باشقۇرغۇچىمىز ئىلىجان، ھۆكۈمران نىڭ رىياسەتچىلىكنى ياخشى قىلىغىنى ئۈچۈن « مىسرانىم مۇنبىرى بەك بەلەن.تەۋرەت سەنمۇ قەلەم» دىگەن لەۋھەنى تەقدىم قىلدى. شوخسەنەم 886،تۇمۈر كالا،فىردەۋىس،ئۇيغۇر 05قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇنلىشىدا ئىتوت «مەلىكىنىڭ يىگىت تاللىشى » بۇغالتىر ئەپەندىىنىڭ «تىما ئۇقۇپ ئىنكاس ياز،ئىنكاسلىرىڭ بولسۇن ساز،ئىنكاس يازماي قاچساڭ گەر،دەيدۇ سىنى ساراڭ، ماز» دىگەن ناخشىسى مۇكاپاتقا ئىرشىتى، نۆۋەتتە ئەلتىكىنئەپەندى بۇغالتىرغا مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بارلىق نادىر تىمىلىرى خاتىرلەنگەن كىتابلىرىنى سوۋغا قىلماقتا، ئەڭ ئاخىرىدا مەن ئۇقىغان« ھەممە مۇنبەردىن مىسرانىم ياخشى،ھەممىز كۆيلەپ ئۇقۇيمىز ناخشى» دىگەن ناخشا بىلەن ئەدەبىيات سەنئەت كىچىلىكىمىزغەلبىلىك ئاياغلاشتى
ئايچىن بىلەن ھۆكۈمران كىچىلىكىنڭ غەلبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. كىلەر يىلى قۇربان ھىيتتا كۆرىشەيلى خەيىر-خوش!!!!
ئەڭ ئاخىردا تىما يازغۇچىدىن : يۇقىردىكلىرى پەقەت مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن يوللاندى،خاپا بۇلۇشقا رۇخسەت يوق،كۆپچىلىكىنىڭ قىممەت ۋاقتىنى چىقىرىپ كۆرىگىنىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن بۇنى يىزىش ئۈچۈن يىرىم كۈنۈمنى قۇربان قىلىدىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ خاپا بولماي مۇشۇ ئەجىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ تىمامنى تەستىقلەپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. رەھمەت ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaripa2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-13 07:56 PM
|