شامالغا ئىلتىجا
غېرىپ ئاخشام سۇغۇق شامالدا،
سۇس تىترەيدۇ يالغۇز بىر گەۋدە.
پەس ئاۋازدا ئىڭرايدۇ ئازاپ،
زەئىپ سوققان غەمكىن يۈرەكتە.
يىنىك چۈشۈپ سولغان ياپراقلار،
تەۋرىتىدۇ ئازاپ يۈزىنى.
ئىختىيارسىز تاشتى ھەريانغا،
ھەم كۆيدۈردى كۆڭۈل كۆزىنى...
چىقماقتا بۇ سوغۇق شاماللار،
ئۇچۇرۇشۇپ قارا خازاننى.
يۈرەكتىمۇ چىققىن ئەي شامال،
ئېلىپ كەتكىن ھەممە ئازاپنى.
ئاجايىپ ئوت
قەيەرگە بارسام ئاشىق ناخشىسى،
ئاشىقلار قەلبى تولۇپتۇ دەرتكە.
ئۆزگە يۇرتنىڭ غېرىپ ئاخشىمى،
ئاجايىپ بىر ئوت كۈيەر يۈرەكتە.
بىلمىدىم قاچان تۇتاشتى بۇ ئوت،
يالقۇنجاپ تۇرار بولماس ھېچ تامام.
گەر ئۇرسىمۇ شىۋىرغانۇ جۇت،
شۇ ئوت كۆيگەچكە ياشايمەن ھامان.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
2012.10.11ۋۇخەن