قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتكەنلەرگە 6 نومۇر خاتىرىلەش
يېقىندا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «موتۇرلۇق قاتناش ماشىنىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى. يېڭى بەلگىلىمىدە، قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتكەندە 3 نومۇر خاتىرىلەش 6 نومۇر خاتىرىلەشكە ئۆرلىتىلدى (شىنخۇا تورى 9-ئۆكتەبىر).
تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، يېڭى بەلگىلىمىدە قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ خىل قىلمىشنى قاتتىق جازالاش، يالغۇز قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتكەنلەرگە مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا يول ئېغىزلىرىدىن ئۆتىدىغان باشقا ماشىنىلار، پىيادە مېڭىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغانلىق بولۇپلا قالماستىن، ماشىنا ئاپىتى ۋە يارىلىنىشلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ مەدەنىي يول يۈرۈشى، قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ تەدبىر نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
ئەمما، شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىككى ياقلىمىلىق بولىدۇ. قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈش گەرچە ھەممىسى ئوخشاش قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىك بولسىمۇ، بىراق «ماشىنا خوجايىنلىرى»غا قارىتا ئوخشاش بولمايدۇ، قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈش نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش بولىشىمۇ ناتايىن. مەسىلەن: ئاشۇ ئىمتىيازلىق ماشىنىلار، مۇناسىۋەت ماشىنىلىرىنى ئالساق، ئۇلار ھازىر قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ ھېچكىم جازالىمايدۇ. جازالاش سالمىقىنى ھەرقانچە زورايىتقان بىلەنمۇ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالىدىغۇ؟ يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم رايونلاردا 6 نومۇر خاتىرىلەش پەقەت ئاددىي پۇقرالارغا قارىتىلىپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق، ئاددى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى 3 نومۇر خاتىرىلەش، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇش يېتىپ ئاشىدۇ. دەرۋەقە ئاددىي پۇقرالار ئارىسىدا كىم پۇل بىلەن ئېتىشالايدۇ، كىم پىراۋا بىلەن چاقچاقلىشالايدۇ؟
ئاشۇ ئىمتىيازى بولمىغان، مۇناسىۋەت يولى بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈشنى قەستەن سادىر قىلمايدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم رايۇنلاردا قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ياكى تاشيولدا ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى ماشىنىلارنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن، قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈشتىن ساقلىنىش ناھايىتى تەس. يەنە بەزى قىزىل چىراقلارنىڭ ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش ئىقتىدارى يوق، بەزى يول ئېغىزلىرىدا قىزىل سىزىق ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ، بەزى يول ئېغىزلىرىدا قىزىل چىراق نورمال چاقناپ تۇرمايدۇ، بەزى قاتناش بەلگىلىرى ئۆلچەملىك بولمىغاچقا، شوپۇرلار ئاسانلا خاتا ھۆكۈم قىلىپ قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتىدۇ؛ يەنە بەزى چاغلاردا ئالدى تەرەپتە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، ئاپتوبۇس، يۈك ماشىنىلىرى بولسا، ئارقىسىدىكى كىچىك ماشىنىلارنىڭ كۆرۈش سىزىقىنى توسىۋالغانلىقى ئۈچۈن، دىققەتسىزلىكتىن قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردىكى قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئېغىر جازالاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
مېنىڭ قارىشىمچە، نۆۋەتتە قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتكەنلەرگە 3 نومۇر خاتىرىلەش يېتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئويناۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە جازالاش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئېلىپ كېلىدىغان ئۈنۈم، ئانچە روشەن بولماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ بىر قىسىم رايونلاردىكى ماشىنا خوجايىنلىرىنىڭ ئىمتىيازلىق ماشىنا، مۇناسىۋەت ماشىنىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىسمەن رايۇنلاردا قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق جەھەتتىكى خەۋپىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتىكى قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈش مەسىلىسىگە قارىتا، ئىشنى ئىمتىياز ماشىنىلىرى، مۇناسىۋەت ماشىنىلىرىنى يۇقىتىشتىن باشلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتىدىغان «كاتتىلار» بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتتە پەيدا قىلىدىغان تەسىرى، خەۋپى، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشۈدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەڭ ئاخىرىقى ئىككى يېرىم ئايلىق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى جايلار قىزىل–يېشىل چىراق ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگە سىزىقلىرىنى ئېنىق سىزىش، قاتناش بەلگىلىرىنى تولۇقلاش قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئوڭشاپ، ياخشى بولغان قاتتىق دېتال مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك. پەقەت جازالاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىقلا قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈش مەسىلىسىنى تىزگىنلەشكە تايىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. چوقۇم قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتۈرۈش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قاتناش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى قۇرۇپ چىققاندىلا، ئاندىن قاتناش تەرتىۋىنى ياخشىلاشنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
(يىن شېن)
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-13 12:31 PM