بېيجىڭدىكى شاكىلات
پايتەخىت بېيجىڭغا بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەكتىۋىمىزدىكى بىر قىسىم ئۇيۇنچىلارنىڭ ئاغزىدىن چوكۇلى دىبا ( شاكىلات دېسكوخانىسى) دېگەن ئاتالغۇنى پات - پات ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ جايغا بېرىش مەكتەپداشلار ئارىسىدا مودا بولۇپ قالدى. ھاتتا كېچىلىرى بېرىپ ئويناپ كۈندۈزى دەرسكە چىقماي ئۇخلايدىغانلارمۇ كۆپىيىپ قالدى.كېيىنچە بالىلارنىڭ تەرىپلىشىنى ئاڭلاپ دۆلىتىمىزدىن ئىبارەت بۇ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ پايتەختىدىمۇ بۇنداق ئورۇننىڭ بارلىغىغا سەل گۇمانىممۇ،شۇنداقلا بېرىپ كۆرۈپ بېقىش خىيالىممۇ قوزغالدى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىرىنچى مەۋسۈممۇ،ئىككىنچى مەۋسۈممۇ ئاخىرلىشىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ساناقلىقلا ۋاقىت قالدى. شۇ كۈنلەردە ياخشى ئۆتىدىغان بىر نەچچە بالىلار بۇ ئاتالمىش دېسكوخانىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىش پىلانىنى قىلىشتى. ئەلۋەتتە بۇ ساۋاقداشلار مەكتەپتە بىر يىلدىن بىرى ياخشى ئوقۇپ، ئۇيۇن -تاماشا، كەيىپ - ساپا دېگەنلەرگە يېقىن كەلمىگەنلەر ئىدۇق.پەقەت بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشتىن باشقا ئىستەك يوق ئىدى.
ئۇنى - بۇنى دېيىشىپ ئاخىرى بېرىش قارارىغا كەلدۇق. ۋە ھەر بىرىمىز 100يۈەندىن چىقىرىپ جۇغلىغاندىن كېيىن يولغا چىقتۇق.
بۇ كۇلۇب شۇجاي ۋاقتى(بېيجىڭ ۋاقتى)سائەت 11:30دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 6:30 غىچە تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ بىزمۇ شۇ ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ ئاران يىتىپ باردۇق.
تاكسىدىن چۈشۈپ شاكىلات دېسكوخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۈرلۈك دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەرخىل ئىرىقتىكى ئايال پاسىقلار خېرىدار چاقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ جاينىڭ ھەقىقەتەن ئالاھىدە رايۇن ئىكەنلىكىنى پەملىدۇق.ۋە سەل قورۇنۇش، ھەم نۇمۇس ئىچىدە رەڭلىك چىراقلىق ئىشىكتىن كۇلۇب ئىچىگە كىردۇق.
كۇلۇب يەر ئاستى سارايغا جايلاشقان بولۇپ،بىر روسسىيەلىك سودىگەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن. تۆت تام تەرەپ ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى ئورۇندۇق ۋە ئالى دەرىجىلىك ئۈستەللەر بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان. ئوتتۇررىسىدا ناخشا ئۇسسۇل سەھنىسى ۋە بىر نەچچە سورۇنلۇق ئۈستەللەر بار ئىدى.تاملار، پوللار،ۋە تۇرۇسلار ھەرخىل رەڭدىكى لاپ - لۇپ چىراقلار بىلەن بىزەلگەن بولۇپ، بىر يەرلەردىن پۇرقۇپ چىقىۋاتقان سۈنئىي تۇمانلار زال ئىچىنى خىيالى تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى.
بىز كىرگەندىن كېيىن بۇ ناتۇنۇش دۇنيادا سەل تەمتىرىگەندەك ئەتراپقا قارىدۇق، چۈنكى بۇنىڭ ئىچىدىن كۈتكۈچىدىن باشقا جوڭگولۇق تېپىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
بىز ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ بولغۇچە ئىككى نەپەر خەنزۇ كۈتكۈچى كېلىپ بىزنى ئوتتۇرا سەينادىكى بىر ئۈستەلدە ئېپ ئولتۇرغان بىر نەچچە خەنزۇ نى قوپۇرىۋېتىپ شۇ ئورۇنغا باشلىدى دە بۇيرۇتما تىزىملىكىنى ئالدىمىزغا قويدى. بىز تىزىملىكنى ئېلىپ كۈتكۈچىنى سەل تۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇدۇق، تىزىملىككە قارىساق ھاراق بىلەن چىلىمدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. بولغاندىمۇ بازار باھاسىدا تۆت بەش يۈەنلىك پىۋا بۇ يەردە ئوتتۇز قىرىق يۈەندىن سېتىلىدىكەن. ئارىمىزدا بىر ئىككىيلەندىن باشقىلار پىۋا ئىچمەيتتى. شۇنداقتىمۇ كۇلۇب ئېھتىياجى بويىچە ئىچمىسەكمۇ زورلاپ 10 بويۇلكا پىۋا بۇيرۇتتۇق. بۇيرۇتۇپ بولۇپ ئالدىرماي ئولتۇرۇپ ئەتراپقا قارىدۇق. لېكىن مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇدۇلىمىزدىكى ئۈستەلدە بېيجىڭدىن ئىزدىسىمۇ تاپماق تەس بولغان مىللىتىمىزدىن يەتتە سەككىز نەپەر قىز ئوغۇل ياشلار ئالدىغا ئىككى چەينەك چىلىمنى ئېلىپ قويۇپ كەيىپ سۈرۈپ ئولتۇراتتى. بىز ئۇلارغا قارىدۇق، ئۇلارمۇ بىزنى كۆرۈپ مىللەت تۇنۇشلىغى بىلەن باشلىرىنى بىلىنەر - بىلىنمەس ئېگىپ سالام بېرىشكەنمۇ بولدى.
بىز بىر - بىرىمىزگە قاراپ ئۆزىمىزمۇ بىلمەيدىغان خىياللار بىلەن ئەتراپقا نەزەر سېلىشتۇق، ئارقىمىزدىكى ئۈستەلدە چىراي شەكلى بىزگە ئوخشاپراق كېتىدىغان،ئەرەپچە سۆزلەيدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ھاراق ئىچىپ،چىلىم تارتىشىۋاتاتتى، باشقا ئۈستەللەردە ئاندا مۇندا خەنلەر ۋە ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلەر ئولتۇرۇپ، ھاراق ئىچىشىۋاتاتتى.شۇئەسنادا مۇزىكا باشلاندى،مۇزىكا باشلىنىشى بىلەن تەڭ ھېلىقى ئەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇسۇلغا چۈشتى، ئوينىغىنى پۈتۈنلەي تولغىما ئۇسۇللار.سەھنىدە كىينىشى تولىمۇ غەلىتە ئىككى روس مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ بىرنىمىلەرنى دەۋاتاتتى، بەلكى نۇمۇرلارنى ئېلان قىغان بولسا كېرەك ئۇلارنىڭ گېپىگە ئەگىشىپ يېرىم يالىڭاچ روس پاسكىنىلىرى بىر - بىرلەپ مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسۇل ئوينىغانلارغا جۈر بولۇشتى.
شۇ ئارىدا ئادەم ياكى چوشقىغا ئوخشىمايدىغان بىر سېمىز مەخلۇق بىر مىكروفۇننى تۇتقىنىچە بىر سەت ئاۋازدا ناخشا توۋلاپ مەيدانغا چۈشتى، ۋە ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىنتايىن سەت قىلىقلارنى قىلغىلى تۇردى. كېيىن كۆزۈمنى ئۇۋلىۋېتىپ قارىسام بۇ بىر ئايال بولۇپ، بەئەينى ئۆرە تۇرىۋالغان چوشقىغىلا ئوخشايتتى، ئۇ ھەر بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر ئىككىيلەن ئۇلۇغ داھى ماۋجۇشىنىڭ باش سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن قىزىل قەغەزدىن بىر - ئىككىنى ئۇ - بۇ يەرلىرىگە قىستۇرۇپ قوياتتى. بولۇپمۇ ھېلىقى ئەرەپلەر بىلەن روس مەينەتلەرنىڭ قىلغان قىلىقلىرى ھايا ۋە ئەخلاقتىن بەكلا چەتنەپ كەتكەن ئىدى.
كېيىن ئارقا ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئەرەبلەرنىڭ لارنىڭ پاكىستان سودىگەرلىرى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇدۇل ئۈستەلدىكىلەرنىڭ دىيارىمىزنىڭ مەلۇم ۋىلايىتىدىن كەلگەن تاشچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. سورۇن داۋاملاشقانسىرى سورۇن ئەھلىنىڭ قىلىقلىرى شۇنچە تېتىقسىز ، رەسۋالاشقىلى تۇردى. بىزمۇ توۋا دەپ ياقىمىزنى تۇتۇشتۇق يۇ لېكىن بىر - بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇردۇق،شۇ تاپتا رىئاللىقتقكى دوزاخ كۆز ئالدىمدا نامايان بولاتتى.
قانچىلىك ئولتۇرغىنىمىزنىمۇ بىلمەيمەن. بىر چاغلاردا ھەممىمىزنىڭ كۆزلىرى پۈرلۈشۈپ، ئۇيقۇ باستى،ۋە كېتىشنى قارار قىلىپ سىرتقا چىقتۇق، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلەي دېگەن ئىكەن.
مەن ياتاققا قايتقىچە ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، ۋە مىللىتىمىزنىڭ ،ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم. سوتسىيالىستىك ئەخلاق تەكىتلىنىپ، شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىش كۆرىشى ،بۇيرىقى ئېلان قىلىنىدىغان پايتەخىتتە مۇشۇنداق ئىشلارغا چىراق يېقىلىۋاتسا، دىنى ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاققا تۈرلۈك چەك قويۇلۇپ، بۇزۇقچىلىق يامراۋاتقان دىيارىمىزنىڭ كېلەچىگى قانداق بۇلار؟
ئۇلۇغ ئاللاھ دىن گۇناھلىرىمىزغا كەچۈرۈم، ئەۋلاتلارغا يۈكسەك ئىتقاد تىلەيمەن.
كۈندىلىك خاتىرەمدىن پارچە.
مەنبە: ھېكمەت ئۇيغۇرنىڭ كۈندىلىك خاتىېرىسى.
كەڭ تورداشلىرىمنىڭ ئاشۇ سورۇنغا بېرىپ سالغان گۇناھىمنى كەچۈرۈش ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشىنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-13 04:06 PM