مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 608|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر بېزەكلىرى (غەزەل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://bizakqi.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10578
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9410
تۆھپە نۇمۇرى: 471
توردا: 713 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 11:19:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر بېزەكلىرى (غەزەل)

ئەيا ئەھلى جاھان، تاپقىن خەۋەر بىزنىڭ بېزەكلەردىن،
ھاياتىم كۆركى، ئەجداد روھى، سۇلماس گۈل-چېچەكلەردىن.

نېمە بۇندا بېزەكسىزدۇر، ئاشۇ ئەلگە كېرەكسىزدۇر،
تەۋەللۇتكى بېزەك ئۆزلۈك، تېرەن، ئالىي تىلەكلەردىن.

بېزەكلەردە ئاقار دەريا، چاراقلار ئاي، قۇياش، يۇلتۇز،
ساداسى مەۋجۇداد ھالقىپ چۈشەر ئاسمان-پەلەكلەردىن.

قەدىم ئۆرنەكلىرى مىڭئۆي، بېزەكلىك، تاشكېمىر رەڭدار،
جاۋاھىر تارىخى شاھىد چېۋەر، ئىشچان بىلەكلەردىن.

نەقىشتۇر ئۆي-ئىمارەت تام، تورۇس، پەگاھلىرى ھەتتا،
ئېچىلغان خىلمۇخىل گۈل تاش، سېغىز، گەچ، سىر، كېسەكلەردىن.

بېساتى-بارلىقى ھەركىم ھۈنەر-سەنئەتتە مەڭگۈلۈك،
جۇلا ئەيلەر سەرەمجانلار ئىشىك، تۈڭلۈك، روجەكلەردىن.

تۆمۈرچى سوقسا سايماننى، قىلىپ لال پەرى-شەيتاننى،
ياغاچچى راسلىغاي سىپتا-نەپىس جابدۇق كۆتەكلەردىن.

گىلەم، كىگىز، يىپەك، ئەتلەس يۈزىگە باغ-ئېرەم يەتمەس،
زىيا ئۆچمەيدۇ زەي، زۇننار ئېسىل كىيىم-كېچەكلەردىن...

ئويۇلغان قاشتېشىدىن ئۇز زىبۇزىننەت كۆزۈڭگە ئوت،
كۈلەر تۇرمۇش ئۈزۈك، ھالقا، بىلەزۈك، كېپىنەكلەردىن.

مۇھەببەتتىن كۈلەر ئالتۇن بەلەن زەرگەر قولى ئۈزرە،
يانار يالقۇن بېزەنگەن خۇش، ئوماق قىز-سېكىلەكلەردىن.

گېزىت-ژۇرنال، كىتابلار ھەم بېزەكلەر ئىلكىدە جەلىپكار،
يەنە ھەيكەلتاراش، رەسسامۇ-خەتتات قوشكېزەكلەردىن.

بېزەشلەردە شەھەر، سەھرا، بىنا، يول... ھەممىسى كۆركەم،
كۆرەرسەن يېڭىلىق پەرداز ئېتىز، قىر، تاپ-چۆنەكلەردىن...

«ھۈنەر-قىلساڭ ئۈنەر»، بۇ ئەنئەنەمنى چاغلىما ئاددىي،
گۈزەللىك جەۋھىرى تامغاي پىچاق، قايچا، ئېكەكلەردىن.

جىمى ساھە، كەسىپ سىدام چىقارماس مەھسۇلات زىنھار،
بۇيۇملارغا كۆچەر ئەينەن ئۇدۇم، ئوتلۇق يۈرەكلەردىن.

بېزەكلەر قۇرۇماس يىلتىز، ھاياتىي كۈچى زور-چەكسىز،
تاماشا ئەيلە ئۇيغۇر قوينىدىن-كاتتا كۆرەكلەردىن... !

2002-يىل دېكابىر، بېيجىڭ

ژۇرنىلىمىز 2003-يىل -3سانىدىن ئېلىندى

(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-13 12:37 AM  


ئۆي بېزەشتىكى ئاقىلانە تاللاش بېزەكچىلەر ۋادىسى   http://www.bizakqi.com/

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10484
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 06:21:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھۈنەر-قىلساڭ ئۈنەر»، بۇ ئەنئەنەمنى چاغلىما ئاددىي،
گۈزەللىك جەۋھىرى تامغاي پىچاق، قايچا، ئېكەكلەردىن


شاھزاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش