سىنارىست-مەمەت ساۋۇت سەئىدى. رىژىسۇر-ماخمۇت ھامۇت. ئاساسلىق روللاردا: قادىر ئاخۇن-تۇرغۇن ئىمىر. ئايزىمخان-تىللاقىز مامۇت. پاتەنخان-پاتىگۈل ئابدۇللا.زورىخان-ھەنىپە ئىسمايىل. ئاينۇر-جەمىلە.ماينۇر-ماھىنۇر بارات. تۇتىگۈل-ئامىنە ئۆمەر قاتارلىقلار دراممىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: قادىر ئاخۇننىڭ قەدىناس ئايالى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش-ئۇنىڭ ئىككى قىزى-ئاينۇر بىلەن ماينۇرنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. ياماقچىلىق ھۈنىرى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان قادىرئاخۇن- ئايىغىنى يامىتىش ئۈچۈن كەلگەن خېرىدار تۇل ئايال- ئايزىمخان بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق بۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدۇ. ئەمما قادىر ئاخۇننىڭ قىزلىرى دادىسىنىڭ قايتا توي قىلىشىغا قوشۇلماي، بىر تالاي ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھەللىسىدىكى تام خوشنىسى-زورىخان ۋات-ۋات قۇرۇق گەپ تارقىتىپ، توي ئىشىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋىتىدۇ. ئاخىرىدا كەنت ئاياللار مۇدىرى-پاتەمخاننىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا قادىر ئاخۇن بىلەن ئايزىمخاننىڭ توي ئىشى بىرلىككە كېلىپ، بۇ بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ تويىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە تۇرمۇشىنى خوشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ دراممىدا ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ جۆرىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن غېرىپچىلىقتا قالغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خوشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قايتا توي ئىشىغا بالا-چاقىللىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى بەلكى ئۇلارنىڭ توي ئىشىنى قوللاپ، ئۇلارنى مىرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ درامما كومىدىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ،تاماشىبىنلارنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ دراممىنىڭ ناخشا-مۇزىكىللىرى يېقىملىق بولۇپ، كىشىلەرگە خوشاللىق زوق ئاتا قىلىدۇ. 2012-يىلى 12-ئۆكتەبىر يېزىلدى. باشقۇرغۇچىنىڭ ئەسكەرتىشى: مۇشۇنداق تىملارغا قارىتا ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تىما ئىگسىنڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى، بۇلۇپمۇ تەنتەك ياشلىرمىزنىڭ بۇ نوقتىغا دىققەت قىلشنى ئەسكەرتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-12 04:25 PM
|