مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3139|ئىنكاس: 45

كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى مۇدىريىتى ۋە نيوتون [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 02:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


    كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى مۇدىريىتى ئىنسانىيەت ئىلىم -پەن تارىخىدىكى ئىككىنچى ۋاتىكان  
             ماقالىدىكى ئاساسى لوگىكىنى ئاغدۇرغۇچىلانى ئۇرۇمچى شەھىرى ئالتۇن بۇلاق سودا سارىيىنى3-قەۋەت3043،3044دۇكان {ئارتۇچ} پەردىچىلىگىنىڭ ماركىسى{ئارتۇچ}ماركىسىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ئابدۇۋەلى ھىدايەت ئەپەندىم بىلەن   www.tibbisir.com   باش  دىرىكتورى  ئابدۇل ئەزىز مەمەت ئەپەندىمنىڭ ‹تىببى سىر›ۋە ‹مىرزات ›ماركىلىرى  10000يۇئەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.                                                                                                                                                                             ئاپتورلار:‹1›ھاكىم غېنى،‹2› ئارزىگۇل قېيىم                                                                                 ئاساسى مەزمونى: {1} ئارىستوتىل،ئارخىمىت، كوپىرنىك،گالىلېي،دىكارت،نيوتون،ئېينىشتىيىن،سىتىفېن خوك قاتارلىق پىشىۋالارنىڭ ئورتاق خاتالىغى  پۇتكۇل ئالەمنى ماددىنىڭ مىخانىك شەكلىگە ياكى فىزىلكىلىق شەكلىگە  يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالەمنىڭ  قانۇنيەتلىرىنى چۇشەندۇرمەكچى بولىدۇ،ئېنگىلس بۇ مەسىلىنى بۇرۇنلا ھەل قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قارىشى ھازىرقى زامان پەن تېخنىكا دەرسلىكلىرىگە كىرگۇزۇلمىگەن .                                                                                                                                                                                                                                      {2}نيوتون 1685يىللاردا پۇتكۇل ئالەمنى غايەت زور مېخانىك سائەتكە ئوخشاتقان بولۇپ.ئەمىليەتتە بۇلار بىر بىرىگە ئوخشىمايتتى،چۇنكى  تەڭرىنىڭ سائىتى مىلادىدىن بۇرۇن 4004-يىلى دىن باشلاپ ھەرىكەت قىلغان،نيوتون بولسا بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن 1685يىلى تەڭرىنى چاقىرىدۇ، تەڭرىمۇ  ئامالسىز بۇ سائەتنى يەنە بىر قېتىم ھەرىكەتلەندۇرۇدۇ.بۇ يەردىكى مويىم مەسىلىنى بايقىغۇچى دەل  ماركىسىزىمنىڭ{ ماددا بىرلەمچى،ئاڭ ئىككىلەمچى}قارىشىنى فىزىكىغا ئېلىپ كىرگەنلىكنىڭ مەخسۇلى.                                                                                                                                                                  {3}ئەنگىلىيە مائارىپشۇناسى ۋە پەننى ئوموملاشتۇرۇش يازغۇچىسى يوھان .فاندوننىڭ باشچىلىغىدا يېزىلغان {ئىنسانىيەت تىرىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملار }دىگەن كىتاۋىدا،بىر قەدەم ئىلگىرلەپ نيوتوننىڭ تەڭرى ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلغان يەنى {ئالەم ئەگەر سائەتكە ئوخشايدىغان بولسا،نيوتون قانۇنلىرى بۇ سائەتنى ھەرىكەتكە كەلتۇرۇدىغان ، ھەم كونتۇرول قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۇرگۇچى كۇچ}،بۇ كۇچنىڭ مىخاتارى قۇياش سىستىمىسىنى ھەرىكەتلەندۇرەلەيدىغان نەچچە مىليارت توننا كۇچتىن ئىبارەت.                                                                                                         {4}بۇگۇنكى كۇنلۇكتە ،كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ دىپلۇم تۇزۇمى ئەڭ مۇكەممەل دەپ قارىلىدۇ،لېكىن  بۇ ساختا قاراش، چۇنكى كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى  تىرىنتى ئىنىستىتوتىنىڭ دوكتۇرلىغىنى تاماملىغان دوكتۇرلار 328يىلدىن بۇيان {تەڭرى ھەممىنى بىلىدۇ،ئالەم  پەيدا بولۇپ ،نيوتون دەۋرىگىچە  ئالەملىك تارتىشىش كۇچى ئالەمنىڭ ھەركىتىنى ئاساسى جەھەتتىن كونتۇرول قىلىپ كەلگەن،ھەتتا گالىلېي، كوپىرنىكلارمۇ بىلىدىغان بۇ قايدىنى تەڭرىنىڭ بىلمەسلىگى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۇچۇن تەڭرىنىڭ نيوتونغا ياردەم بىرىشى مۇمكىن ئەمەس}دىگەن سۇزنى دىيىشكە پېتىنالمىغان.  دىمەك ئۇلارنىڭ دوكتۇرلۇق دىپلومى تەڭرى ھىچ نەرسىنى بىلمەيدۇ دىگەن قاراش ئۇستۇگە قۇرۇلغان؟                                                                                                                                     ھالقىلىق سۇزلەر:ماركىسىزىمنىڭ ماددا كاتۇگىرىيەسى، ماركىسىزىمنى دۇنيا بويىچە ئورتاق دەرسلىك قىلىشنىڭ زۇرۇرلىگى.                                                                                                                                                                       {ئالەملىك  تارتىشىش كۇچى قانۇنى}نى خالىي،گوك ۋە داڭلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى لېيئېنلارمۇ تەتقىق قىلىپ مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ‹تارتىشىش كۇچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىگى ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتى بىلەن تەتۇر تاناسىپ بولىدىغانلىغىنى بايقىغان ›،لېكىن  بۇ ئۈچەيلەن ماتىماتىكا سەۋىيەسىنىڭ چەكلىمىلىگى سەۋەبىدىن  ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىدىن  كېپلېرنىڭ قانۇنلىرىنى  كەلتۇرۇپ چىقىرالمىغان،1684-يىلى لېيئېن ئوكىسفورت ئۇنىۋېرىستېتىدىكى گوك بىلەن خالىينىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ،‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىدىن كېپلېرنىڭ ئۇچ قانۇنىنى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بولامدۇ يوق؟،كىم بۇنى كەلتۇرۇپ چىقىرالىسا،40شىللىڭلىق كىتاپتىن بىرنى سوغا قىلىمەن› دەپ ،بىر كىتاپ دوغا تىككەن.  بۇ ماتىريال{ ‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ؟›-ئاپتورى فاڭجوزى ،خەنزۇچە 2-بەت،} بۇنىڭ بىلەن خالېي  كېمبىرىجغا كېلىپ نيوتوننى زىيارەت قىلغان ،نيوتون  ئۈزىنىڭ بۇ مەسىلىنى  بۇرۇنلا ھەل قىلىپ  بولغانلىغىنى ،لېكىن  تېخى ئۇچۇق -ئاشكارە ئېلان قىلمىغانلىغىنى ئېيتقان. خالېينىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن نيوتون 1686-يىلى ‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپى›نىڭ ئارگىنىالىنى  ئەنگىيىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىگە تەكشۇرۇپ بېكىتىشكە  تاپشۇرغان، ئارگىنالنى باھالاشتا،  گوك ‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نى ئۈزىنىڭ نيوتونغا ئېيتقانلىغىنى،نيوتون بۇ ئەسىرىدە گوكنىڭ  توھپىسىنى ئەسكەرتىشنىڭ زۇرۇرلىگىنى  ئېيتقان،گوكنىڭ ئېيتىشىچە،بۇندىن 12يىل بۇرۇن يەنى 1674-يىلى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ،  بۇنىڭدا تارتىشىش كۇچىگە ئائىت ئۇچ پەرەزنى ئوتۇرغا قويغان. بۇلار مۇنداق ‹بارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئوتتۇرسىدا تارتىشىش كۇچى مەۋجۇت بولىدۇ،تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرى بولمايدىكەن،ئاسمان جىسىملىرى ئىنىرىتسىيەنىڭ تەسىرىدە تۇز سىزىقلىق ھەركەت قىلىدۇ،جىسىملار ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق قانچە يېقىن بولسا،تارتىشىش كۇچى شۇنچە  كۇچلۇك  بولىدۇ.› ،1679-يىلى گوك{ شۇ چاغدىكى ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىنىڭ باشلىغى} ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىگە ۋاكالەتەن نيوتونغا  خەت يېزىپ،‹تارتىشىش كۇچىنىڭ ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتىغا نىسپەتەن تەتۇر تاناسىپ بولىدىغانلىغىنى ئېيتقان›،--قالغان ماتىرياللارنى  فاڭ جو زىنىڭ ‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ؟›دىگەن خەنزۇچە كىتاپنىڭ 23-24-25-26-بەتلىرىدىن كۇرۇڭ.  بۇ يەردىكى مەسىلە، گوك بايقىغان بۇ نەزىريە قانداق قىلىپ نيوتوننىڭ بولۇپ قالىدۇ؟، ئەلۋەتتە نيوتونمۇ ئالمىنىڭ يەرگە چۇشۇشىگە ئاساسەن ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى بايقىغان،ئالىملار بۇنىڭمۇ ئىسپاتلىرىنى تاپقان،ماتىرياللاردا كۇرسۇتۇلىشىچە،{ئالەملىك تارتىشىش كۇچى }،{ئوپتىكا نەزىريەسى }قاتارلىق چوڭ كەشپىياتلارنىڭ  كەشپىياتچىلىق ھوقوقى تالاش تارتىشىشىدا نيوتون بىلەن گوك ناھايىتى قاتقىق جىدەللەشكەن ،كېيىن {ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى}نەزىريەسىدە بولغان تالاش -تارتىش ئاخىرى ئەنگىلىيە پادىشاسىنىڭ ئوردىسىغىچە داۋا-دەستۇر بولغان،پادىشاھ بۇ ئىشتا گوكنى بېسىپ قويغان،گوكنىڭ قالغان ئۇمۇرى مۇشۇ ئىشتىن ئاغرىنىش ،ئاچچىقلىنىش ئىچىدە ئوتكەن،1703-يىلى گوك ئۇلۇپ كەتكەن،شۇ يىلىسى نيوتون ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىگە {ھازىرقى ئەنگىلىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى}گە باشلىق بولۇپ كەلگەن،1713يىلللار ئەتىراپىدا ،  بۇ جەمىيەت باشقا ئورۇنغا كۇچكەندە،گوكنىڭ بارلىق ماتىرياللىرى ،خاتىرلىرى،تەجىربە بۇيۇملىرى،ھەتتا رەسىملىرىمۇ سىرلىق ھالدا غايىپ بولۇپ كەتكەن،ئەلۋەتتە بۇنىڭدىكى ئەڭ مويىم گۇماندار،چۇنكى نيوتون، بۇنىڭ بىلەن {ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى}نىڭ كەشپىيات ھوقوقى نيوتونغا ئوڭچىلا قالغان،ھازىر نيوتون ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلار،تەرجىمەھالار نيوتوننى تەڭرىدىنمۇ يۇقۇرى مەرتىۋىگە ئىگە قىلدى،چۇنكى ھازىرقى  دۇنيادا ئىسلام دىنى،خىرىستىئان دىنى،كاتولىك دىنى،بوددا دىنى،يەھۇدى دىنى،ھىندى دىنى .....قاتارلىق دىنلار بولۇپ،نۇرغۇن دىنلارنىڭ مۇرىتلىرى ئۇز دىنىنىڭ مۇقەددەس  كىتاپلىرىنىلا ئوقۇيدۇ،لېكىن نيوتون قانۇنلىرىنى بولسا ،پۇتۇن دۇنيادىكى ئوقۇش ئىمكانىيىتى بارلىكى بولغان ياش-ئوسمۇرلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇيدۇ،دىمەك نيوتوننىڭ تەسىرى بۇ دىنلارغا ئېتىقات قىلىدىغانلارنىڭكىدىن نۇرغۇن ھەسسە كوپ،ئەپسۇسلىنارلىغى نيوتون بولسا بۇ قانۇنلىرىنى ئۈزىمۇ تۇلۇق چۇشەنمەيدۇ،چۇنكى ئۇنىڭ قانۇنلىرىنىڭ بىرى  يەنە بىر قانۇنى ئىنكار قىلىدۇ،دىمەك بۇ قانۇنلار بۇرۇنلا دەرسلىككە كىرگۇزۇلمەسلىگى كېرەك. بۇنداق ئىشلار دۇلىتىمىزدىكى ياش-ئوسمۇرلەرنىڭ دەرىسلىكلىرىدىمۇ ئۇچۇرايدۇ، مەسىلەن،{شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇش}ھىلىسى،{ ئوت چوپ قارانچۇقلار ئارقىلىق ئوقيا-ئوقى يىغىش}قاتارلىقلار پۇتۇن مەملىكەتنىڭ ياش ئوسمۇرلەر ئەدەبىيات دەرسلىگىگە كىرگۇزۇلگەن بولۇپ، بۇنى بىزمۇ ئوقۇغان،جۇگېلىئاڭغا ئاپىرىن ئوقۇغان،بۇلار ھەققىدە يەنە84قىسىملىق {ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە}فىلىمۇ ئىشلەندى،بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يازغۇچىلار توقۇپ چىققان ،جۇگېلىئاڭنى ئىلاھلاشتۇرۇش مەخسىتىدە قىلىنغان ھەرىكەتلەر بولۇپ،بۇنى شىيامېن ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ فېرافېسسورى يىجوڭتىئەن مۇنۇ ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ،بۇنى مۇنۇ تور بىكەتتىن كۇرەلەيسىز{jiaren.org/2010/06/11/yizhongtianpinsanguo} ، بىز بۇ تۇر ئادىرسىدىن  ‹ ئۇچ پادىشاھلىققا باھا›نى كۇرگەندىن كېيىن ،جۇگېلىئاڭدىن كېيىنكى چوقۇنغۇچىلاردىن بولغان جىن سۇلالىسىدىكى گوسوڭدىن باشلاپ،   لوگۇئەنجوڭغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە لوگۇئەنجوڭدىن  ھازىرغىچە بولغان ئارىلىققىچە ھەتتا  پۇتۇن مەملىكەتنىڭ ياش ئۇسمۇرلىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگىچە ،جۇگېلىئاڭنىڭ ئەدەبى ئوبىرازى،گۇئەنيۇ،لىۇ بېي،لۇسۇ،جياشۆ، ساۋساۋ ،جوۋيۇ  قاتارلىقلارنىڭ ئوبىرازى  بىلەن سېلىشتۇرۇش ئۇچۇن نۇرغۇن بىمەنە ،لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان ھىكايىلەرنىڭ توقۇپ چىقىرىلغانلىغىنى،بۇنىڭ  {3پادىشاھلىق قىسسىسى}دىكى تارىخى ماتىرياللار بىلەن مۇتلەق پەرق قىلىدىغانلىغىنى بىلدۇق،  كونا فېوداللىق جوڭگۇدىكى قەلەمكەشلەر  ئۈزلىرى ياشىغان ئاشۇ دەۋىرلەردىن باشلاپ جەمىيەتنى ۋە  ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەش ئۇچۇن،ھەم  ئەسەرنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۇچۇن‹ھازىر بۇنى بازار ئىگىلىگىگە ماسلىشىپ كوپ پۇل تېپىش ئۇچۇن دەيمىز›جۇگېلىئاڭنىڭ  خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى يۇقۇرى كۇتۇرپ ،ئۇنى ھەممە ياخشى كۇرۇدىغان قىلىش ئۇچۇن، نۇرغۇن ھىكايىلەرنى توقۇپ چىققانلىنى ئېيتىپ ئۇتكەن.مەسىلەن ،{قۇرۇق شەھەر ھىلىسى }نى ئەسلى ساۋساۋ لۇبۇغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلەتكەن،بۇ ھەربى تاكتىكىنىڭ جۇگېلىئاڭ بىلەن  ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، جۇگېلىئاڭنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى  ھەربى ئىشلاردىكى بۇ مويىم تاكتىكىنىڭ كەشپىيات ھوقوقىنى  ساۋساۋدىن جۇگېلىئاڭغا ئېلىپ بەرگەن.{كىمە ئۇستۇدىكى ئوت-چۇپ  قارانچۇقلار ئارقىلىق ئوقيا ئوقى يىغىش} ئەسلى سۇنچۇئەن ساۋساۋغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ئىشلەتكەن ھەربى تاكتىكا . بۇنىڭمۇ جۇگېلىئاڭ بىلەن  ھىچ بىر مۇناسىۋىتى يوق، بۇنىمۇ شۇ چوقۇنغۇچىلار  سۇنچۇئەندىن جوگېلىئاڭغا ئېلىپ بەرگەن.   چىبى ئۇرۇشىدا بولسا  ساۋساۋنىڭ كىمىلىرىگە ئوت قۇيۇش ئۇچۇن{شەرق شامىلىنى چاقىراش}تەك ۋەقە پەقەت يۇز بەرمىگەن. بىراق جۇگېلىئاڭنىڭ  ئەدەبى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئوبىرازىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇش  ئۇچۇن  بۇنىمۇ ئويدۇرۇپ چىقارغان.‹بوۋاڭغا ئوت قۇيۇش،شىايېغا ئوت قويۇش›نى بولسا، ئاپتور لوگۇئەنجوڭ  جۇگېلىئاڭنىڭ ئەدەبى ئوبىرازىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇش ئۇچۇن توقۇپ چىققان .يەنە {كەپىگە ئۇچ قېتىم بىرىش}نىمۇ يازغۇچىلار توقۇپ چىقارغان،نۇرغۇن ھىكايىلەر يالغان، چۇنكى  {ئۇچ پادىشاھلىق دەۋرى} ئۇرۇش دەۋرى بولۇپ،تارىختىن بۇيان ھەرقانداق ئۇرۇشتا پۇخرالار ئۇرۇشنىڭ پالاكىتىگە ئۇچۇرايدۇ،قىغىن قىلىنىدۇ،بۇلاڭ تالاڭ قىلىنىدۇ،بۇنى دۇلىتىمىزنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى تارىخى ماتىرياللاردىن كۇرەلەيمىز،مۇشۇنداق جىددى ۋاقىتتا،جۇگېلىئاڭدەك سىياسىيون پۇخرالارنى ئۇرۇشنىڭ بالايى ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۇچۇن كۇكرەك كېرىپ چىقىشى كېرەك،شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ لىيبېينىڭ 3قېتىم كەپىگە ئۇنى چاقىرىپ كېلىشىنى كۇتۇشنىڭ زۇرۇريىتى يوق،دىمەك جۇگېلىئاڭ ئۈزى كۇكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىققان ،قالغان ماتىرياللارنىڭ  تاپسىلاتىنى  يۇقارقى توردىن كۇرۇڭ. قىزىق يېرى شۇكى گۇئەنيۇگە زەھەرلىك ئوق تېگىپ كەتكەندە ئۇنى داۋالىغان خۇاتو بۇ چاغدا ئۇلۇپ كەتكىلى 13يىل بولغان بولۇپ،يازغۇچىلار گۇئەنيۇنىڭ ئوبىرازىنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۇچۇن خۇاتونى تىرىلدۇرگەن،  يىجوڭتىئەننىڭ قارىشىدا ئەدەبىياتنىڭ  ئەدىبىي ئوبىرازنىڭ يارىتىلىش نوختىدسىدىن{يەنى تىپ يارىتىش دەيمىز} بۇ شۇ قانۇنيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ،لېكىن تارىخى چىنلىق نوختىسىدىن  قارىغان ۋاختىڭئىزدا، بۇ تامامەن يالغان.جۇگېلىئاڭنى ماختاش ئۇچۇن  يازغۇچىلار ساۋساۋ،سۇنچۇئەنلەرنىڭ ھەربى تاكتىكا جەھەتتىكى  كەشپىيات ھوقوقىغا ئىلمى قارىمىغان.ئەلۋەتتە بۇگۇنكى كۇنلۇكتىكى كەسكىن بازار رىقابىتى دەۋرىدە،سەمەتنىڭ كەشپىياتىنى تۇرسۇن قارىغا ئېلىپ بەرسەك،قانۇن يول قويمايدۇ. نەزىريە جەھەتتىن تەبىى پەن ساھاسىدە بولسا  ئۇنداق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ،لېكىن ئەمىليەتتە بولسا  نيوتوننىڭ {ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى}مەسىلىسىدە،خالىي،گوك،لېيئېنلارنىڭ كەشپىياتلىرىنى ئەنگىلىيەلىك يازغۇچىلار ۋە دۇنيادىكى يازغۇچىلار ھەمكارلىشىپ نيوتونغا ئېلىپ بەرگەن،،ھاتتا بۇ  يازغۇچىلار تەڭرىنىڭ ئالەمنى ھەرىكەتلەندۇرگەنلىگىدەك بۇنداق چوڭ ئىشنىمۇ اللاھنىڭ قولىدىن نيوتونغا ئېلىپ بەرگەن،دىمەك بۇ يازغۇچىلار اللاھنىمۇ بۇزەك قىلىشقان،اللاھنىڭ قانۇنى بۇلارغا مەڭگۇ يول قۇيالارمۇ ؟ ئايرۇپىلان،سۇننى ھەمرا،ئاۋازدىن تېز ئۇچۇش،باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ۋېنگىرىيەلىك دېنامىكا  ئالىمى  ۋون كارمان ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ،بۇلارنىمۇ نيوتوننىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئۇنىڭ قولىدىن نيوتونغا ئېلىپ بەرگەن،بۇ  ۋون كارمان  ئۇچۇن ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟، بۇلارنى مۇنۇ ماتىريالدىن كۇرەلەيمىز،    {ئۇچار تەخسە تەتقىقاتى}ژورنىلىىڭ 2002يىلى 6-ئايدىكى سانىدا‹ ماددا ۋە ئاڭ-چۇشۇنۇش تەس بولغان ھالقا› دىگەن ماقالىدە  مۇنداق بىر ئابزاس بار  :{كىلاسسىك فىزىكىنىڭ  ئاساسىنى سالغۇچى نيۇتون بۇلۇپ ،ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى مىخانىك ئىدى.ئۇ ئەينى چاغدا پۇتۇن ئالەمنى غايەت زور مىخانىك سائەتكە ئوخشاتقان بولۇپ ،بۇ سائەتنىڭ ھەممە يەرلىرى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،بۇ سائەت تەڭرىنىڭ رولىنى  تامامەن يوققا چىقارغان بولۇپ ،نيۇتوننىڭ نەزىرىيەسى شۇ چاغدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىلاھشۇناسلىق ئىلىمىگە ناھايىتى زۆرۈر زەربە بولغان.لېكىن  نيوتون بۇ سائەتنىڭ تېخى ھەركەت قىلمىغانلىغىنى،بۇ سائەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن‹ بىرىنچى تەسىر كۈچ›نىڭ  زۇرۇر ئىكىنلىگىنى ھەم بۇ كۇچنىڭ كەم ئىكەنلىگىنى سەزگەن.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز،سىرتقى كۈچ‹تەڭرى-ياكى اللا›نى چاقىرىپ كەلگەن،بىراق  سىرتقى كۈچ بۇ سائەتنى ھەركەتلەندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نيۇتون بۇ سىرتقى كۈچنى  دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىغان.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بولسا نيۇتون ھەركەت قانۇنلىرى چۇشەندۇرگەن،.....،}."                                                      مانا بۇ 328يىل بۇرۇن نيۇتون دەۋرىدىكى نيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ھەقىقى ئارقا كۇرۇنۇشى . چۇنكى خىرىستىئان دىنىدىكى فرۇفېسسورلار{ياكى ئىسلام دىنىدىكى دوكتۇر ،فرافېسسورلار }‹ تەڭرى ھەممىنى بىلگۇچى،ھەممىگە قادىر، ھەممىدىن مېھرىبان›دەپ قارايدۇ،  يەنى بۇ ئۇقۇم خىرىستىئان دىنى ئۇچۇنلا ئەمەس باشقا دىنلار ئۇچۇنمۇ ئورتاق ھەقىقەت ،لېكىن  ھەقىقەت دەپ قارالغان بۇ سۇزنى  نيوتون تەڭرى{اللاھ}نى چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ چاغدىلا ئاغدۇرۇۋەتكەن،لېكىن بۇنى نيوتوندىن كېيىنكى نەچچە مىليارت ئادەم بىلمىگەن ،چۇنكى شۇ چاغدا ئىنسانلار بىلىپ يەتكەن قۇياش سىستىمىسى سائەتكە ئوخشايدىغان بولسا،قۇياش سىستىمىسى بىلەن غايەت زور مىخانىك  سائەت بىر ئۇقۇم،قۇياش سىستىمىسى ھەرىكەت قىپتۇ، نىمە ئۇچۇن قۇياش سىستىمىسىغا ئوخشايدىغان سائەت ھەرىكەت قىلمايدۇ، دىگەن سۇئالنى سوراشقا كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ماگىستېر ئاسپىرانىتلار،دوكتۇر ئاسپىرانىتلار،فېرااېسسورلار ،ئىسلام دۇلەتلىرىدىكى ئىسلام ئالىملىرىمۇ ھەتتا كاتولىك دىنىدىكى فېرافېسسورلار،ھازىرقى ۋاتىكاندىكىلەرمۇ  جۇرئەت قىلالمىغان، نىمە ئۇچۇن شۇنداق بولىدۇ؟بۇ ماقالىنى ئەسلى دولىتىمىزدىكى بىرقانچە دۇلەت دەرىجىلىك ژورنال ئېلان قىلماقچىمۇ بولغان، لېكىن بۇ مەسىلە خەلقئارالىق مەسىلە بولغانلىغى ئۇچۇن ئېنگىلس تىلىغا تەرجىمە قىلدۇردۇق،شۇنداقلا ئامىرىكىدىكى (www.saarj.com) ئېلان قىلماقچى بولغان.بۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخلىرى 170نەچچە دۇلەتكە تارقىتىلىدىغان مەركەز بىرىنچى دەرىجىلىك ژورنال {جوڭگۇ تاشقى ئىشلار سودىسى}دا 2012-09-04كۇنى ئېلان قىلىندى،بۇنىڭ بىلەن دۇنيا پەلسەپە بىرلەشمىسى،ئامىرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرىستېتى ،دۇنيا پەلسەپە گۇرۇپىسى ،ھىندىستان پەلسەپە جەمىيىتى،ئاساسى پەنلەر جەمىيىتى ،،،قاتارلىق ئورۇنلار  ،50نەچچە قېتىم ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا چاقىردى، ئۇرومچى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ {چىن يۇرەكتىن چىن سۇزلەر}پۇرۇگىراممىسىمۇ  بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەزمونلارنى،ماركىسىزىمدىكى يېڭى تەرەقىياتلارنى شىنجاڭ خەلقىگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان،لېكىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستې فىزىكا ئىنىستىتوتى ،شىنجاڭ فېداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتىدىكى فىزىكا ئىنىستىتوتىدىكى ھەرقايسى ئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن دوكتۇر ،فېرافېسسورلار،شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىكى دوكتۇر فېرااېسسورلارمۇ  نيوتون  قانۇنلىرىنى ياكى نىسپىلىك نەزىريەسىنى تۇلۇق چۇشەنمەيدىكەنمىز،شۇنىڭ ئۇچۇن مۇنازىرىگە چۇشەلمەيمىز دەپ ،گەپنى كېسىۋەتتى،شۇنىڭ بىلەن بۇ ماقالىنى يەنە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تۇنۇشتۇرماقچى بولدۇق،،يەنە كېلىپ بۇ ماقالىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلارمۇ  كۇرۇدۇ،شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلارنىڭ چۇشۇنىشىگە ئاسان بولسۇن ئۇچۇن،نيوتون چاقىرىپ كەلگەن تەڭرىنى اللاھ دەپ چۇشەنسەك تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ، نيوتون اللاھنى چاقىرىشتىن بۇرۇن ئالەم ھەرىكەت قىلغانمۇ يوق؟ئەلۋەتتە ھەرىكەت قىلغان،بۇنىڭ پاكىتى تولۇق،يەنى نيوتوندىن بۇرۇن  ياشىغان بارلىق ئالىملاردىن ئارىستوتىل،پتولومى،كوپىرنىك،كېپلېر ۋە گالىلېيلار  ۋە ئۇلار بىلەن دەۋىرداشلارنىڭ ھەممىسى بولۇپ،يەر شارىدىكى نەچچە مىليون ئادەم   قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىغى،بۇنىڭ ئىسپاتىنىڭ  ئەتىياز بىلەن يازنىڭ،كۇز ۋە قىشنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقانلىغى   شۇنداقلا كېچە بىلەن كۇندۇزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقانلىغى  بولۇپ،بۇنى سىزمۇ،مەنمۇ.مۇشۇ  يەر شارىدىكى  5-6مىليارت ئادەممۇ بىلىدۇ،نيوتوننىڭ اللاھنى  چاقىرغانلىغى بىرىنچىدىن اللاھمۇ  ياز بىلەن كۇزنىڭ،قىش بىلەن يازنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ،دەپ قارىغانلىغى بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن اللاھمۇ نيوتونغا ئوخشاش بۇلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ،دىمەك ،نيوتون كىلاسسىك فىزىكىدىكى زومىگەر،لېكىن دەرسلىكلەر بۇ كىشىنى ئىلمى نەزىريەچى ئالىم دەپ چۇشۇنۇدۇ،اللاھمۇ شۇنداق  چۇشۇنۇرمۇ؟ اللاھ بۇنىڭغا مەڭگۇ سۇكۇت قىلۇرمۇ؟  يەنە كېلىپ نيوتون قانۇنلىرىنىڭ مەزمونى بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ:                                                                                                            مەسىلەن،  نيوتون  مېخانىكا قانۇنلىرىنى تۇزگەندە،‹كۇچ دىگەن نىمە؟› دىگەن مەسىلىدە   نيوتوندىن بۇرۇنقى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ھەممىسىنى  تامامەن ئىنكار قىلغان،  نيوتوننىڭ بىرىنچى قانۇنى ‹بارلىق جىسىملار سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىمايدىكەن  ھامان ئۇزىنىڭ تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ياكى تىنىچ ھالىتىنى ساخلايدۇ›قانۇنى بىلەن كىلاسسىك فىزىكىنىڭ ‹جىسىمنىڭ جىسىمغا بولغان تەسىرى كۇچ دىيىلىدۇ›دىگەن ئۇقۇم بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ.                                                                  مەسىلەن: ئارىستوتىل  ساندۇقنىڭ ھەركىتىنى چۇشەندۇرۇش ئۇچۇن،{ئادەم ساندۇقنى ئىتتىرسە ساندۇق ماڭىدۇ،ئىتتىرمىسە ماڭمايدۇ} دىگەن،بۇ دەل ئادەم كۇچنىڭ ساندۇققا تەسىر كۇرسەتكەنلىگى بولۇپ، بۇ ئادەمدىن ئىبارەت بىر جىسىمنىڭ ساندۇقتىن ئىبارەت يەنە بىر جىسىمغا كۇچ ئارقىلىق تەسىر بەرگەنلىىنى كۇرسۇتۇدۇ.دىمەك  كۇچنىڭ ئاساسى ئۇقۇمىدا ئادەم بىلەن ساندۇق ئوخشاشلا جىسىم.  ئادەتتىكى لوگىكىدا ئادەمنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئۇچۇن  ساندۇققا تەسىر قىلغانغا ئوخشاش سىرتقى كۇچ زۇرۇر بولمايدۇ.يەنى ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ‹ئىچكى ئامىلنىڭ ئاساسلىق،سىرتقى ئامىلنىڭ قوشۇمچە رول ئوينىشى› نەتىجىسىدە بولىدۇ،سىرتقى ئامىل دىگەندە،بۇشۇ ئادەمگە بېرىلگەن بۇيرۇق.لېكىن ئادەم سىرتقى كۇچ بولمىسىمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ،لېكىن نيوتوننىڭ  ئىنىرىتسىيە قانۇنىدا بارلىق جىسىملار{ئاساسى زەرىچىلەر،ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ›،ھەركەت قىلىشى ئۇچۇن سىرتقى كۇچ زۇرۇز بولىدۇ  دىيىلىدۇ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالىملار ئاتوم ۋە ئاتومدىن كىچىك بولغان زەرىچىلەرنىڭ ھەركىتىنى  نيوتون قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ چۇشەندۇرگىلى بولمايدىغانلىغىنى بايقىغان،1905 -يىلى 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىيىن ‹تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›نى ئېلان قىلىپ،ئادەمنىڭ جىسىم ئىكەنلىگىنى مۇقىملاشتۇرغان . يەنى ئادەمنىڭ ھەركىتى ئۇچۇن سىرتكى كۇچ زۇرۇر بولمايدۇ.نيوتون  ماتىماتىكا ئالىمىلا ئەمەس،يەنە ئۇ پەيلاسوپ،يەنى ئىدىيالىزىمچى پەيلاسوپ،ئىدىيالىزىمنىڭ پىرىنسىپى‹روخ بىرلەمچى،ماددا ئىكىلەمچى›بولۇپ،اللاھ بۇ ئالەمنى ياراتقان ھەم ھەرىكەتلەندۇرگەن بولىدۇ،شۇنداقلا بۇنداق بولغاندا ، نيوتون بۇ يەردە االھنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئىنساندا ئاڭ بار ئىكەنلىگىنى  ئېتىراپ قىلمايدۇ.لېكىن بىز ماركىسىزىمدا ،ئادەتتىكى پەنلەردە ئادەمدە ئاڭ بار ئىكەنلىگىنى  ئېتىراپ قىلىمىز،ئادەم ۋە ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۇ  ئىككى جىسىم ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى  تامامەن ئىنكار قىلىدۇ.يەنى كىلاسسىك  فىزىكىدىكى كۇچ ئۇقۇمى بىلەن نيوتوننىڭ بىرىنچى قانۇنى بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. خوش،بۇ نيوتوننىڭ ئۈز قانۇنلىرىنى چۇشەنمەيدىغانلىغىنى كۇرسەتمەمدۇ.                                                                                            {2}ئىنىرىتسىيە قانۇنى بىلەن نيوتون 2-قانۇنى بىر -بىرىنى يەنە  ئىنكار قىلىدۇ.مەسلەن نيوتون 2-قانۇنىدا‹ جىسىمنىڭ تېزلىنىشى شۇ جىسىم ئۇچۇرىغان سىرتقى كۇچلەرنىڭ يىغىندىسىغا ئوڭ تاناسىپ ،شۇ جىسىمنىڭ ماسسىسىغا تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ›دىيىلىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق  يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىنى ئالايلى ،  ماھىرلارنىڭ  يۇگۇرەش سۇرئىتىنىڭ تېزلىنىشى‹ غەيرەت قىل  ›دىگەن سۇزنىڭ تۇرۇتكىسىدە ئەمەس،بەلكى ماھىرلارنىڭ ئەمىلى كۇچىدىن كەلگەن بولىدۇ،چونكى تاماشىبىنلار ماھىرلارنىڭ ھەممىسىگە مەدەت بىرىدۇ. بۇ  مەدەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ ھەركىتىنىڭ تېزلىنىشى نيوتوننىڭ قانۇنى بىلەن چۇشەندۇرۇلسە ،نەتىجە ئالغۇچى ماھىر  ئۈزىنىڭ ئەمىلى كۇچىگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ كۇچىدىن يەنى{ سىرتقى كۇچتىن} پايدىلىنىپ تېزلىنىش ئالغان بولىدۇ  ،بۇنىڭدا مۇكاپاتقا باشقىلارمۇ شېرىك بولۇشى كېرەك.نيوتون ۋە نيوتون قانۇنىنى قوللۇغۇچىلار بۇ نوختىلارنى چۇشەندۇرلمەيدۇ .يەنە بىر  مىسال ،  ئافرىقىنىڭ تەبىى يايلىغىدا ،بىر يايلاقتا شىر بىر بۇغىنى  قوغلاپ كېتىۋاتقان بولسۇن دەيلى،بۇلارنىڭ ئىككىسىلا  بۇغا شىرغا تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۇچۇن يۇگۇرەش سۇرئىتىنى تېزلىتىدۇ،شىرمۇ ئولجىنىڭ قېچىپ كەتمەسلىگى ئۇچۇن ھەركىتىنى تېزلىتىدۇ، يەنى شىرنىڭ ئۇزۇقلۇق تېپىش ئۇچۇن،بۇغىنىڭ بولسا ھايات قېلىش ئۇچۇن ھەر ئىككىسىلا ھەركەتتە تېزلىنىش ئالىدۇ.  بۇنى سىرتقى كۇچ تەسىرىدە تېزلىنىش ئالغان دىسەك تامامەن خاتا بولىدۇ.چۇنكى ئۇلارنىڭ تېزلىنىشى ئۇز بەدەن ساپاسىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ.بۇنىمۇ پۇتۇن دۇنيادىكى نيوتون قانۇنلىرىنى چۇشەندۇرۇدىغان دەسلىكلەر چۇشەندۇرەلمەيدۇ،                                                                                                                  نيوتون بىرىنچى قانۇندا{ بارلىق جىسىملار ‹ ئادەمنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ›} سىرتقى كۇچ بولمىسا ھەرىكەت قىلمايدۇ }دەيدۇ،2-قانۇندا‹  جىسىم ‹ئادەم›نىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ ، تېزلىگىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن يەنە سىرتقى كۇچ بولمىسا بولمايدۇ ›دەيدۇ.ئۇنداقتا تېزلىنىش ئېلىشتىن بۇرۇنقى ھەرىكەت نەدىن كەلگەن؟،قايسى كۇچنىڭ تەسىرىدىن بولغان،ھەممە تەنھەركەتچى ئوخشاش سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلسا نىمە ئۇچۇن ئۇلارنىڭ  يۇگۇرەشتىن ئالغان نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ؟    بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ جانلىق بىلەن جانسىز نيوتون قانۇنلىرىدا پەرقلەندۇرۇلمىگەن.ئومومەن نىيوتون ئۈز قانۇنلىرىدىكى ئاساسى لوگىكىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى بايقىيالماي قالغان.مانا  بۇ بىز 328يىلدىن كۇپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان  ۋارىسلىق قىلىۋاتقان نيوتون قانۇنلىرى.                                                                    ‹3›نيوتوننىڭ 3-قانۇنى‹تەسىر كۇچ بىلەن ئەكس تەسىر كۇچنىڭ مىختارى تەڭ،يۇنۇلۇشى قارمۇ-قارشى بولىدۇ› بىلەن‹جىسىمنىڭ  جىسىمغا بولغان تەسىرى كۇچ ›دىيىلىدۇ ئۇقۇمى بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدۇ،بۇنىڭدا تەسىر كۇچ بەرگۇچىمۇ جىسىم،تەسىر كۇچنى قۇبۇل قىلغۇچىمۇ جىسىم،زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنى كۇز ئالدىمىزغا كەلتۇرسەك،بۇنى چۇشەنگىلى بولىدۇ.چېلىشچىلارنىڭ دۇنيايىۋى مۇسابىقىسىنى كۇز ئالدىمىزغا كەلتۇرسەكمۇ بۇنى يەنە چۇشەنگىلى بولىدۇ.بۇلاردا بەزى پايدىسىز مەيداندا تۇرغان،ئۇتتۇرۇپ قويغان تەنھەركەتچىلەرمۇ روھى ھالەتنى تەڭشىگەندىن كېيىن يەنىلا قارشى تەرەپنى ئۇتالايدۇ. بۇ ئەمىليەتتە ئاڭنىڭ مەخسۇلى،نيوتون قانۇنلىرىدا ئاڭ مەۋجۇت ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن تەسىر كۇچ بىلەن ئەكس تەسىر كۇچنىڭ مىختارى ئوخشاش،يۇنۇلۇشى قارمۇ -قارشى بولىدۇ دىگەن ئىدىيە ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ.چۇنكى ئادەمدىكى كۇچ بىلەن ئاڭ زىچ باغلانغان.                                                                                                  ‹4› كىلاسسىك فىزىكىنىڭ ئاساسى دەپ قارالغان نيوتون قانۇنلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن تارتىپ قارايدىغان بولساق، نيوتوندىن كېيىنكى  فىزىكا ئاكادىمىكلىرى،فرافېسسورلىرى،دوكتۇرلىرى،يازغۇچىلار ،مائارىپچىلار،پەننى ئوموملاشتۇرغۇچىلار بولۇپ،بۇلار ئالدى بىلەن نيوتون قانۇنلىرىنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتمىگەن ياكى بۇ مەسىلىدىن  ئۈزىنى قاچۇرغان.نيوتوننىڭ ئۈزىنى اللاھتىن ئۇستۇن ئورۇنغا قويۇپ  اللاھنى چاقىرىپ،ئۈزىنىڭ ‹مېخانىك  سائەت ›قارىشىنى قوللاشقا ياردەم قىلدۇرغانلىغىنى  ئىسلام دىنىنىڭ  مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلۇشۇپ كۇرمىگەن.مۇشۇ ئىككى نوختىلا نيوتوننىڭ ئىنسان ئىكەنلىگىنى ،ئۇنىڭمۇ خاتالىشىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇدۇ.لېكىن نيوتوننىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بولغان بىزلەر  نيوتوننىڭ بۇ خاتالىقلىرىنى بىلمىگەندەك قىلىمىز.  بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز دۇلىتىمىزنىڭ فېوداللىق تۇزىمىدىكى ئاشۇ تالىپلار،قەلەمكەشلەر ۋە جۇگېلىئاڭنى پايدىلىنىش ئوبىكتى قىلغان ھۇكۇمران پادىشاھلارنىڭ تۇتقان يولى بىلەن ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ،بۇلار 1700يىلدىن بۇيان جۇگېلىئاڭنى قانداق چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلغان بولسا،  بىزمۇ تەبىىى پەن ساھاسىنىڭ مويىم بىر تارمىغى بولغان فىزىكىدا  نيوتوننى شۇنداق چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلدۇق. يەنى نيوتونغىمۇ  خۇددى جۇگېلىئاڭغا  ئوخشاش  مۇئامىلە قىلىپ ،باشقىلارنىڭ  كەشپىيات ھوقوقىنى  نيوتونغا ئېلىپ بېرىش  ئارقىلىق نيوتوننىڭ ئوبىرازىنى ئىلاھلاشتۇردۇق                                                .مەسىلەن،1969-يىلى ‹ئاپوللو  11›ئاي شارىغا چىققاندا ،بىر مۇخبىر ‹سىلەر ئاي شارىغا چىقىشتا ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزىريەسىدىن پايدىلاندىڭلارمۇ ›دەپ سورالغان سۇئالغا، ئاي شارىغا چىققۇچى‹ئامىستېردام بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن›:‹بىز بۇنىڭدا نيوتون قانۇنلىرىدىنلا پايدىلاندۇق،ئېينىشتىيىنغا ھاجىتىمىز چۇشمىدى› دەپ جاۋاپ بەرگەن، نيوتون راكىتانىڭ ئاي شارىغا چىقىشىنى تامامەن مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان، راكىتانىڭ  ئاي شارىغا چىقىش تەسەۋۇرىنى  ۋېنگىرىيە نەزىريەۋى فىزىكا ئالىمى فرافېسسور ۋون كارمان  ئوتتۇرغا قويغان. بۇ يەردە ۋون كارماننىڭ  توھپىسىنى نيوتون قانۇنلىرىنىڭ تۇھپىسى دەپ قارىغان.دىمەك ئاي شارىغا چىقىش بىلەن ۋون كارماننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاي شارىغا چىققۇچىلار  ئېتىراپ قىلىنمىغان ،بۇ سۇزنى پۇتۇن دۇنيا 43يىل بۇرۇن ئاڭلىغان.                                            ‹5›بىز  دۇنيا پەلسەپە بىرلەشمىسى Federation of Philosophical Societies دىن،بۇ ئاپاراتنىڭ دۇنيادىكى 119دىن ئارتۇق  دۆلەتكە   تارقالغان تارماق ئاپاراتلىرىنىڭ تەتقىقات  مەزمونلىرىنى بىرمۇ-بىر كۇرۇپ  شۇنى كۆردۈقكى ،ئۇلارنىڭ تەتقىقات تىمىلىرى ئىچىدە  ئېنگىلسنىڭ لوگىكىسى بولغان{ھەرىكەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان{ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى }يوق ، يەنى ماركسىزمنىڭ ماددا كاتۇگىرىيەسىگە ئائىت ھىچ بىر مەزمون يوق ،بۇ دەل دۇنيادا تاكى ھازىرغىچە بوش تۇرىۋاتقان بوشلۇق بولۇپ ،بۇ بوشلۇق دەل  پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى  نيۇتوننىڭ بىر تۇرۇپ ئۇزىنى اللاھ دەيدىغان ،يەنە بىر تۇرۇپ  اللاھ  بۇ ئالەمنى ياراتقان ھەم ھەرىكەتلەندۇرگەن دەيدىغان قاراشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېنىق كۇرسىمۇ كۇرمەسكە سېلىۋالغانلىغىنىڭ ئىسپاتى.                                                       ‹6›  بىز پتولومىنىڭ ‹يەر مەركەز تەلىماتى›نىڭ 1100يىلدىن كۇپەرەك دەۋىر سۇرگەنلىگىنى،بۇ تەلىماتنىڭ دىننى جەمىيەت تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەنلىگىنى ،  كوپىرنىكنىڭ بۇ نەزىريەنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان ، ‹قۇياش مەركەز تەلىماتى›نى ئوتتۇۇرغا قويۇپ، ناھايىتى چوڭ  بالاغا قالغانلىغىنى بۇ كىتاۋىنى نەشىر قىلغاندىمۇ ئۇمۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە مىنوتقا بېرىپ قالغانلىغىنى ،كېيىن گالىلېينىڭ ‹قۇياش مەزكەز تەلىماتى}قوللاپ قويۇپ، قەدىمقى رىمنىڭ سوتى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلغانلىغىنى ،‹يەر شارى قۇياشنى ئايلىنامدۇ ياكى قۇياش يەر شارىنى ئايلىنامدۇ›دىگەن مەسىلىگە ،گالىلېينى دۇمبالاش ئارقىلىق ‹قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىدۇ›دەپ جاۋاپ بەرگۇزگەنلىگىنى  ، گالىلېيغا بېرىلگەن جازانىڭمۇ  1980يىللارد كەلگەندە  ئاندىن ئەمەلدىن قالغانلىغىنى ئۇقۇتقۇچىمىزدىن ئاڭلىغان،دەرسلىكلەر ۋە باشقا پايدىلىنىش ماتىرياللىرىدىنمۇ كۇرگەن. لېكىن اللاھنى،تەڭرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيادىكى دىننى جەمىيەتلەرنىڭ نيوتوننىڭ ئۈزىنى اللاھ {ياكى تەڭرى}دەپ قارىغانلىغىغا نىمە ئۇچۇن سۇكۇت قىلغانلىغىنى چۇشۇنۇش مۇمكىن ئەمەس.يەنە كېلىپ كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى  نيوتون قانۇنلىرىنى ئېتىراپ قىلغۇچىلارنى دوكتۇرلۇق دىپلومى بىلەن تەمىنلەپ،قارشى چىققانلارنىڭ نەزىريەلىرىنى سىلىق -سىپايە سۇزلەر بىلەن رەت قىلىدۇ،بۇنى ئىلمى دىپلوم تۇزىمى دىسەك قاتتىق خاتالاشقان بولىمىز.ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىغى نيوتوندىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ،بۇنى كېيىنكى ماقالىدىن كۇرگەيسىزلەر.                                                                                                                                ئىزاھات:‹1›ھاكىم غېنى‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بانكىسى قۇرۇلۇش يولى تارمىغى}                                                       ‹2›ئارزىگۇل قېيىم‹شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر دورىگەرلىگى چەكلىك شىركىتى›
پايدىلانغان ماتىرياللار:يالقۇن روزى‹تەكلىماكاندىكى ئالتون كولدۇرماما›،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1999-يىل 12-ئاي 1-بېسىلىشى.
{2}‹ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملار› خەنزۇچە 89-بەت.                                                                  {3} .ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملار› 78-79-بەتلەر،مۇشۇ كىتاپ 74-بەت.{100مەشھۇر شەخس-ئۇيغۇرچە 336-بەت.                     ‹4›دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتاپلىرى.                                                                                             5‹›‹كەڭ دائىردىكى ›ۋە ‹تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›-‹ئېينىشتىيىن›  تور بېكىتى .                                         ‹6›‹يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر رىتسىپلىرى› شىنجاڭ نېفىت دوختۇرىانىسى ئەخمەت  مەمەت ‹شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى2000-يىلى نەشىرى。                                                                                                             7‹ېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى  دوكتۇرلار ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى›                                                                                         ‹ 8›بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى 6-قانال بىرلىشىپ ئشلىگەن  ئىلمى تەربىيىۋى فىلىم‹ئالەم ۋە ئىنسانلار›.                                                                                                           {8}‹ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى›،‹مىۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم › ئاپتورى  سىتىفون  خوك.                                                 ‹9›يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاخلىق ›قا بەرگەن باھاسى-جەمى 52 قىسىم .                                                                ‹10›.ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4توملار.                                                         ‹11›‹تەبىئەت دىيالىكتىكىسى›--ئېنگىلىس 1979-يىلى  مىللەتلەر نەشىرياتى يېڭى يېزىق نەشىرى                                               ‹12›  ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر - مەرھۇم يولۋاس راشىدىن -شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ئەدەبىيات فاكولتىتى 2002يىلى نەشىر قىلدۇرغان.                                                                                                                             ‹13›ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىس. ئاپتورى مېخائىل خارت -ئامىرىكا -تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس ،تەلئەت ئىمىن ،رىشىت ئابدۇراخمان ،تىلەك ›.2000 -يىل شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.                                  ‹14›‹ئەڭ بۇرۇنقى 3 مىنوت› - سىتىۋىن  بوگىن {ئامرىكا›.                                                                        ‹15›-‹ماتىماتىكا -فىزىكا -خىمىيەدىن ئاممىباپ لىكسىيە›-ئاپتورى لىياڭ خېڭ ،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.                                                                                                                              يىتەكچىلەر:شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى مۇدىريەت رەئىسى،دوتسىنىت غۇپۇر يۇنۇس،{شىنجاڭ  ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمى ژورنىلى}نىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى،دوتسىنىت ئابدۇروسول كىچىك ئاخۇن،تۇردى ئۇمەر‹شىنجاڭ پەنلەر ئاكادىمىيىسى فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئۇرنىدىن دوكتۇر،تەتقىقاتچى›


         

  



شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟
nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 03:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 04:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەن پەقەت چۈشەنمەيمەن جۇما ؟؟؟؟

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6611
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1504 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 04:42:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەخسەن مەن ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك قىلىمەن.ئۇنداق رەدىيە بەرمەڭ....بۇ خىل مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىپ قويغىنى ،كىينچە ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىك مەسلىسىگە تاقاشقاندا ئىسپاتلىق رۇلىنى ئۆتەپ قېلىشى مۆمكىن.

مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ھويلا-بىلوگىدىن ،مىنىڭ بىلوگىمغا ئىشتىراك قىلىپ،تېمىلارنى ئوقۇپ بېقىڭ،يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بۇلۇشىڭىز مۆمكىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85221
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 05:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئادەم ........................ ! قوللايمەن ..

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا ، رەڭگى روھىڭ سامان بولماس .

بۇ جاھان ئۆتنە جاھان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9019
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 4648 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 07:34:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇنى بىلىدىغانلار مۇنبەرگە كېرىپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمايدىغۇ دەيمەن...  

خۇشال ياشاش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 07:47:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا قىززىق .ئاشۇلارنى ئىسپاتلىغانلارمۇ ئادەم.نىيۇتۇن فىزىكىسىنىڭ ئاخىرى يەنە تەڭرى بىلەن چىتىشلىق.نىيۇتۇن ھەركەتنىڭ ساقلىنىش قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرغا قويغان .ھەرقانداق جىسىمغا ئاۋۋال بىركۈچ تەسىر قىلىدۇ، بۇكۈچ ساقلىنىپ قالىدۇ دەپ قارىغان. ئۇنداقتا يەرشارى ۋە كائىناتنىڭ ئايلىنىشى نىمىدىن؟ ئۇنۇڭغا ئاۋۋال قايسى كۈچ تەسىر قىلغان؟ دىگەن قاراش كىلىپ چىقىدۇ .نىيۇتۇن بۇنۇڭغا كائىناتنى ئاۋۋال بىر نامەلۇم كۈچ ھەركەتلەندۇرگەن بۇ يەنە تەڭرىنىڭ قولى دەپ قارايدۇ. خۇلاسە پەن تىخنىكىنىڭ ئاخىرى يەنىلا مەۋھۇملۇق بىلەن ئاخرلىشىدۇ.يەنى تەڭرى ھەرقانداق پەن تىخنىكا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشنىڭ موھىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 09:35:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيوتۇننىڭ  بېشىغا   ئالما  چۈشۈۋېدى  ،   ‹‹  ئالما  نېمىشقا ئاسمانغا چىقىپ كەتمەي
يەرگە چۈشىدۇ  ››  دەپ  ئۆزىدىن  سوراپ  ،  يەر شارىنىڭ  تارتىش قانۇنىيتىنى ئىسپاتلاپ
چىقتى  .  خۇدا  ،  مۇشۇنداق  ئاددىي  ھادىسىلەر   بىلەن تالاي ئىنسانلارغا  تەبىيئەتنىڭ
سىرىنى  ئېچىشقا  ئاگاھلاندۇرغان  بولغىيتتى  ؟  
ئەگەر   شۇ ۋاقىتتا  مىنىڭ  بېشىمغا  ئالما چۈشكەن بولسا ،  خۇداغا شۈكىرى، ھەر نېمە
بولسا   تاش  يا   تاۋۇز  چۈشمەپتۇ  دەپ پەرۋاسىز  ئۆتۈپ  كېتەتتىم .
ئۆزىمىزدىن  سۇئال  سوراپ  تۇرايلى  !   ھاياتىمىز  چۈشكۈنلىككە ئەمەس ، ئۈمىدكە
نامراتلىققا  ئەمەس ، باياشاتلىققا   تولغۇسى ...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22070
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10078 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 12:00:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-12 04:42 PM
شەخسەن مەن ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك قىلىمەن.ئۇنداق  ...

سۆزىڭىز ئورۇنلۇق.

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 09:32:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى چۇشۇنۇش بەكلا ئاددى،بىز مۇسۇلمانلاردا اللاھ،خۇدا قەلبىمىزدە دەيدىغان بىر سۇز بارغۇ،يەنە كېلىپ مۇشۇ توردا سۇز قالدۇرغان تورداشلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان،ھەممىسى ئىسلام دىنىنى  ئاساسەن چۇشۇنىدۇ،اللاھ ھەممىنى بىلگۇچى،بۇنى ئاساس قىلسىڭئىزلا نيوتوننىڭ ،كېمبىرىجنىڭ ئويۇنلىرىنى ناھايىتى ئاسان چۇشەنگىلى بولىدۇ،چۇنكى نيوتون بۇنىڭدىن 328يىل بۇرۇن{ اللاھقا بۇ ئالەم تېخى ھەرىكەت قىلماپتۇ} دىگەن،اللاھ بۇ سۇزگە ئىشىنەرمۇ؟ھەممىنى بىلگۇچى اللاھ ئىشەندى  دىگەن لوگىكىنى ئاساس قىلىپ نيوتون قانۇنلىرى تۇزۇلگەن،

شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش