مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1927|ئىنكاس: 21

ئەسلىدە مەن يانچۇقچى بولاتتىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 7526
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 06:12:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسلىدە مەن يانچۇقچى بولاتتىم

ئەپچىلەم


ئەسكەرتىش:بۇ پەقەت يازغۇچىنىڭ سەبىي ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى ئەسلەش ئاساسىدا يېزىپ چىققان بىر كومىدىيە تۈسىنى ئالغان بىر تەرجىمىھال خارەكتىرلىك ھېكايە، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغۇچىغا قارىتا قالايمىقان پوزىتسىيەدە بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئۆزەمنىڭ قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنداق خىيالغا كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن، ئائىلە ئەھۋالىمدىن سۈرۈشتۈرەيمۇ؟ياق ،بۇنداق ئىشلار ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ جەمەتىمىزدىن چىقىپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،ئۇنداقتا؟يەنىلا شۇ كونا ئۆتمۈشۈمنى (بالىلىق چاغنى)ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ھەممە ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرى شۇنچە شادىمان، غەم غۇسەندىن خالىي ئۆتكەن بولىدۇ ،ئەلۋەتتە بالىلىقا مىنىڭمۇ ئاشۇنداق بىر چاغلىرىم بولغان، قاچاندىن بېرى ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق خىيالغا كەپقالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن، ئويلاپ باقسام توۋا دېگۈم كېلىدۇ،نېمىشقىمۇ يانچۇقچى بولۇشنى ئويلاپ قالغاندىمەن ھە؟
ئاشۇنداق بىر چاغلىرىم ئۆتكەن ، باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئۇقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى، نىمىشقىكىن كىچىك بالىلارنىڭ ھەمىسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى كىنوغا ئامراق بۇلۇشمىكى دەيمەن، شۇڭا شۇ چاغلاردا مەنمۇ كىچىك كىنو مەستانىلىرى ئىدىم .ھېلىمۇ ئىسىمدە ئۇچاغلاردا ھېندىستاننىڭمۇ ئەيتاۋۇر بىر فىلىمى قۇيۇلغان سەرگەردان دەپ، ئۇ چاغلاردا مەن ئۇ كىنونى ئاباراخۇننىڭ كىنوسى دەپ قۇياتتىم، بەلكىم شۇ كىنو مەندە يانچۇقچىلىققا بولغان قىزىقىشنى قوزغىغان بولىشى مۇمكىن،ئۇ چاغلاردا ئۆيۈم شەھەر مەركىزىدە بولغاچقىمىكىن ، كوچىغا چىقساملا دەرقەمدە بىر ئوغرى-يانچۇقچىلار ئۇچىراپ قالاتتى، ئەمما نىمىشقىكىن ئۇلاردىن ئانچە ئەيمىنىپ كەتمەيتىم، شۇ چاغلاردا بىزنىڭ مەھەللىدە خېلى نامى بار يانچۇقچى بولىدىغان، كىچىك چاغلىرىمدا ئۇنىڭ كىيىۋالغان كىيىمىگە، يۈرۈش-تۈرۈشىگە قاراپ ھەيران قالاتتىم،ئويلىسام تولىمۇ كۈلكىلىك شۇ چاغلاردا مەن مەكتەپ مۇدىرىمىزنى ئەڭ سالاپەتلىك ئادەم دەپ قارايتىم،چۈنكى ئۇ چاغلاردا مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ كىيىۋالغان كاستىيۇملىرى،يۈرۈش تۈرۈشلىرى كۆزۈمگە بۆلىكچە ئىسسىق كۆرىنەتتى،شۇڭا مەندە مۇدىرغا نىسبەتەن قورىۇش يوق پەقەت ھېيىقىشلا بار ئىدى، شۇنىڭدەك مەھەلىمىزدىكى ئاشۇ يانچۇقچىنى كۆسەم گويا مۇدىرنى كۆگەندەك بولاتتىم، كۈندە كەچ بولغاندا مەھەللىمىزدىكى لۈكچەك بالىلار شۇ يانچۇقچىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى تىڭشايتى، شۇ چاغلاردا مېنىڭمۇ ئاشۇلارنىڭ پارىڭىغا ئارلاشقۇم، ئاشۇ(مەكتەپ مۇدىرى)نىڭ قولىنى تۇتۇپ باققۇم كېلەتتى ، ئەمما ئاتا-ئانام ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئېنىق بىلگەچكە مېنى توساتتى، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، بەزى چاغلاردا ئاتا-ئانام دېققەت قىلمىغان چاغلاردا شۇ مۇدىرنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ گەپلىرىنى تىشاپ كېتەتتىم، ئاغزىدىن چىققان ھەربىر گەپ خۇددى ئانام ئېيىتقان چۆچەكلەردەك جىسمىمنى ئىگەللەيتى .<<كۈلى>>شۇ چاغلاردا مەن قىزىققان ئەڭ مۇھىم نوقتا ئىدى، بەلىكم بۇ مۇدىرىم نۇتۇققا بەك ئۇستا بولسا كېرەك ، قىلغان ھەربىر سۆزى ئادەمنى ئۆزىگە مەسخۇش قىلىۋالاتتى،ھازىرقى چاغ بولغان بولسا راستىنلا پەشۋالار ئارىسىغا كۆمىۋەتكەن بولاتتىم ئۇ مۇدىرنى ، كىچىك بالا دېگەن نىمانداق گول بولىدۇ دەيمەن، سۆزلەپ كەتسە ھە دەپ ئاڭلاپ كېتەتتىم ،ئۇ ھەربىر قېتىم سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن قوللىرىنى پەخىرلەنگەن ھىسياتتا قاراسلىتىپ قۇياتتى، كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل ئۆتتى،بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۆيدىكىلەرنىڭ تىللىشىدىن قوقۇپ يۇشۇرۇن مۇدىرنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا چىقاتتىم، شۇنچە ئەجىر قىلىپ چىققان بولساممۇ ئەمما مۇدىر مېنىڭ كىچىكلىكىمنى كۆرۈپ مېنى ئارىغا ئالغىلى ئۇنىمايتى ، شۇڭا ئۇلارنىڭ پارىڭىنى يىراقتىن ئاڭلايتىم،ئۇلارنىڭ پارىڭى مەن ئۈچۈن ئۇقۇشۇمدىنمۇ مۇھىمدەك تۇيۇلاتتى ،كۈندە يېڭى بىر ھېكايە سۆزلىنىپ تۇراتتى، بۈگۈن قانداق ئولجا غەنىيمەت ئالغانلىقى، ساقچىنىڭ كۆزىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقى ئىشقىلىپ شۇنداق تەسلىكتە ئۇلارنىڭ پارىىڭنى ئاڭلايتىم ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارمۇ ماڭا ئارتۇقچە گەپ قىلماس بولدى، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خېلى ئىزا ئاھانەتلەرنى ئىشىتتىم، كىچىك بالا دېگەن ئاجايىپ چېقىمچى كېلىدىكەن، نەچچە قېتىم مېنىڭ شۇلارنىڭ ئارىسىدا بارلىقىمنى بىر ئادىشىم ئاپامغا دەپ قۇيۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئاپام نەچچە قېتىم ماڭا ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ئەمما مېنىڭ ئىشلىرىمنى داداممۇ سېزىپ قالغان چېغى، بىر كۈنى مېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ شۇپۇڭ بىلەن راسا ساۋىدى، دادامنىڭ تايىغىنى يەنە يىيىشتىن قورققانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ، نەچچە كۈنگىچە مۇدىرىمنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلاشقا چىقالمىدىم .شۇ چاغلاردا توساتتىن ھېلىقى كىنو <<سەرگەردان >>قۇيۇلۇشقا باشلىدى، باشقىلارغا ئۇ كىنونىڭ قايسى يېرى بەك تەسىر قىلدىكى ئۇنى ئۇقمايمەن ، ئەمما ماڭا لازىنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى قانداق ئېلىۋالىدىغان كۆرۈنۈشلىرى شۇنداق تەسىر قىلغان ئىدى ،شۇ چاغدا ئۇ كىنونى پەقەت بىرلا قېتىم كۆردۇم ئەمما شۇ كىنونىڭ تەسىرى مەندىن ئۇزاققىچە كەتمىدى، بىر كۈنى تۇيۇقسىز لازى بىلەن مۇدىرىمنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم،ئىككىلىسنىڭ كەسپى بىر ئەمما مۇدىرىم شۇنچە سالاپەتلىك، تېخى ھازىرغىچە بىرە قېتىم تۈرمىگە كىرىپ باقماپتۇ، ئەمما ئۇ؟
شۇنىڭ بىلەن توساتتىن مەندە مۇدىردەك بىر ئادەم بولۇش ئىستىكى قوزغالدى، ئەمما بۇنداق كەسىپنى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچى يوقتە؟شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلىپ مۇدىرنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بىر كىچىدە تالاغا ئوينىغىلى چىقىمەن دەپ شۇ ئادەم توپلاشقا سورۇنغا كەلدىم ، قارىسام ئادەم ئانچە جىق ئەمەس ، مۇدىر مېنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلماي بېشىمنى سىلاپ جىم ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، نىمىشقىكىن بۇگۈن مۇدىرنىڭ كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەستەك قىلاتتى ،توساتتىن مۇدىرىمىز ،ئۆزىنىڭ نىمىشقا بۇ يولغا كىرىپ قالغانلىقى ، قانداق بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى، ...ئىشقىلپ بېشىدىن ئۆتكەن ئازاپلىق قىسمەتلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆزلىگىلى تۇردى،نىمىشقىكەن كىشىلەر مۇدىرنىڭ ھەربىر قىلغان گەپلىرىگە ئېغىر خۇرسىناتتى ، ئەمما مەن كىچىك بولغاچقىمىكىن بۇ خۇرسىنىشلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى ئىنىق ئاڭقىراپ يىتەلمەيتىم،مۇدىرنىڭ نۇتىقىغا دېققەت قىلغان تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بارمىقىغا  قاراپ قالدىم ، قارىسام ئۇنىڭ ئىككى بارمىقى تەپمۇتەڭ تۇرمامدۇ، شۇڭا يۇشۇرۇنچە بارماقلىرىمىنى ئېچىپ تەڭلەشتۈرۈپ باقتىم ھىچبىر تەڭ بولىدىغاندەك ئەمەس، توساتتىن ئاپامنىڭ مېنى چاقارغان ئاۋازى ئاڭلانىدى، يۈگىرەپ ئۆيگە كىردىم ، ئەس-يادىم مۇدىرنىڭ ئاشۇ قولىدا قالغانىدى، چۈنكى مۇدىر ھەر قىتىملىق نۇتۇقىدا قولىنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتەتتى ، شۇڭا يانچۇقچىلىق قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتى چۇقۇم قولىدا دەپ ئويلايتىم ، مانا شۇ كۈن ئاخشىمى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىۋالدىم ، ئەسلىدە مۇدىرنىڭ ئىككى بارمىقى  تەپمۇتەڭ ئىكەن ئەمەسمۇ ؟شۇڭا بىمالال يانچۇقچىلىق قىلالايدىكەن ، ئەسلەپ باقسام ئۇ چاغلاردا يانچۇقچىلار ھازىرقىدەك ئىككى مىتىر كېلىدىغان قىسقۇچنى ئىشلەتمەيدىكەنتۇق، شۇ بىرجۇپ بارمىقىنىڭ رولىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ماھارىتىنى ئىشقا سالاتتى، شۇ چاغلاردا ئەتراپىمدا بەزى كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ۋەياكى باشقا نەرسىلىرىنى ئوغرىغا بېرىپ قۇيۇپ قاخشىغىنىنى كۆرسەممۇ ئەمما ، ئۇللارغا پەقەت ھىستاشلىق قىلمايتىم، بەلكى ئۇلارنىڭ ساراڭلىقىغا كۈلگۈم كېلەتتى،يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ ئېلىۋالسىمۇ تۇيمىغانكىن ئۆزىنىڭ شورى دەپ ئويلايتىم .
ئەتىسىدىن باشلاپ مەن مۇدىردىن ئاڭلىۋالغىنىم بويىچە .مەشىق قىلىشنى باشلىۋەتتىم ، ئىككى بارمىقمنى تامغا ئۇرۇش،قۇلۇمنى تېشىغا ئىگىش ، ئىككى بارمىىقمنى سوزۈش .....دېگەندەك ئىشقىلىپ مۇدىردىن  ئاڭلىغان ئۆزەم قىپباققان ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىپ بارمىقىمنى تەڭلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندۇم، دەرس ۋاقتىدا توختىماي بارماقلىرىمنىڭ پېيىنى سوزاتتىم ، نەچچە قېتىم دوستلىرىم مېنىڭ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىمنىمۇ سوراپ ئۈلگۈردى، بىراق مەن  ئۇلارغا ئارتۇق گەپ قىلمايتىم، ۋاقىت ئۆتكەنچە مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم   ماڭا بىر ئادەت بولۇپ قالدى، ئۆزەممۇ سەزمەيلا قۇلۇمنى تېشىغا ئىگىدىغان، پەيلىرىنى سوزىدىغان بولۇپ قالدىم . دەسلىپىدە ئۆيدىكىلەرمۇ مېنىڭ بۇ قىلىقمىدىن سەل خۇدۇكسىرەپ مېنى بۇنداق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى،ئەمما ئۇلار مېنى بۇ ئىشتىىن توسالمىغانكىن مېنىمۇ مەيلىمگە قۇيىۋەتتى، ئولتۇسام قوپسام قىلىدىغىنىم شۇ ھەرىكەتلا ، بىرە يىلغا يېقىن شۇ قىلىقىمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم ، مۇدىرىمنىڭ قاچاندىن تارتىپ مەندىن  يىراقلاشقىنىنىمۇ بىلمەيمەن،كىيىنچە ھېلىقىدەك ئادەم توپلىشىپ نۇتۇق ئاڭلايدىغان ئىشلارمۇ پەسىيىپ قالدى، ئەمما مېنىڭ يانچۇقچى بولۇش ئىستىكىم بارغانچە كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى،ئوقۇتۇچى يوق بۇ ئىشنى باشلىغانكەنمەن، يەنە ئوقۇتقۇچى يوقمۇ چۈقۈم ئارزۇيۇمغا يېتىمەن دەپ ئويلايتىم ،شۇ چاغلاردا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىمىز بىزدىن چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولىسىلەر سەپ سورىغاندا،ھەممە بالىلار شۇ چاغدىكى دىلىمىزغا يادا بولۇپ كەتكەن يەنى <<ياخشى ئوقۇپ كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەپ ۋەتەنگە،خەلىققە ياراملىق پەرزەنت بولىمەن>>دەپ جاۋاپ بېرىشتىن باشقىنى بىلمەيتۇق ، گەرچە مەنمۇ شۇلارنىڭ گېپىگە ئەگىشىپ قالغان بولساممۇ ئەمما ،يانچۇقچى بۇلۇش نىشانىمدىن پەقەتلا توختاپ قالمىغان ئىدىم .
تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسىىنى ئاخىرى كۆردۇم ، بارمىىقم ئاخىرى بىمالال تەڭلىشىدىغان بولدى،ئوڭ سول قولۇمنىڭ ئىككىلا بارماقلىرى بىمالال تەڭلىشەتتى، شۇ چاغدىكى خوشاللىقىمغا بىر نەرسە توغرا كەلمەيتى ، ساۋاقداشلىرىمغا،مەھەللىدىكى ئاداشلىرىمغا قولۇمنى توختىماي ماختايتىم ، بالىلارمۇ مېنىڭ قۇلۇمنىڭ بۇنچە ئىگىلىدىغانلىقىغا ،ئىككى ئەمەس ھەتتا ئۈچ بارمىقىمنىڭمۇ ئۆز ئارا تەڭ ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغاندەك قوللىرىمنى تۇتۇپ باقاتتى، شۇ چاغلاردا توساتتىن سىنىپىمىزدا بىرىنىڭ ئوغىرىنىڭ قولى ئاشۇنداق تەڭ بولىدۇ دېگەن گەپ تارقالدى، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ساۋاقداشلىرىمىنڭ كۆزى ماڭا قادالدى، كىچىك بالا نىمىنى ئۇقسۇن دەيسىلە، مەنمۇ ئۆزەمدىن تەشۋىشلىنىپ شۈك بولۇپ قالدىم، گەرچە مەن شۇ چاغلاردا يانچۇقچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ لېكىن ئوررى-يانچۇقچى دېگەننىڭ ياخشى ئادەم ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم ، ئاتا-ئانىمىز، مۇئەللىملەر بۇ توغرىلىق ئوبداق سۆزلەيدۇدە ئەلۋەتتەشۇڭا ئۆزەمنىڭ ساۋاقداشلار ئارىسىدا بۇنداق يامان ئاتاققا قېلىشىمدىن قوقۇپ قۇلۇمنى ئۇنداق پەش قىلمايدىغان بولدۇم، شۇ چاغلاردا بەزى ساۋاقداشلىرىم بىرە ئۇ يانچۇقچى، بۇ ئوغرى دەپ چىشىمغا تەگسە جىدىلىم شۇنىڭ بىلەنلا قالاتتى، ئەمما نىمىشقىكىن يانچۇقچى بولۇش قىزغىنلىقىمغا بۇنداق ئىشلار پەقەت سۇ سېپەلمەيتى .ئىشلىرىم يەنىلا يۇشۇرۇن ھالەتتە داۋاملاشماقتا ئىدى ، كىيىنچە مەن ئىككى بارمىىقمدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگەنمەكچى بولدۇم ،ئەمما ئۆگىتىدىغان مۇدىر يوقتە ، شۇڭا بازار كۈنلىرى ئادەم قايناق جايلارغا بېرىپ يانچۇقچىلارنىڭ  كەينىدىن تىمسىقلاپ يۈردۇم ،نەچچە قېتىم يانچۇقچىلاردىن تىل ئىشتىغىنىمنى ، تاياق يىگىنىمنى ئۇقمايمەن ، ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ماڭسام مېنى چېقىپ قۇيىدۇ دەپ قورققان چېغى، نەچچە رەت ئىڭەكلىرىمىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى، ئۇنداق چاغلاردا مەنمۇ بوش كەلمەي كۆزۈمگە سىغمىغان يانچۇقچىنى چېقىپ قۇياتتىم، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ خېلى تەجىربىلەرگىمۇ ئىگە بولۇپ قالدىم،مەنمۇ قۇلۇمدىن ئىككى بارمىقىمدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالدىم، بازارغا چىقىپ خەقنىڭ يانچۇقىنى كولاش ئەمەس بەلكى قەلەم قۇتامغا ئالامبايلارنى(مەرمەر)سېلىۋېلىپ ئۇنى ئىككى بارمىقىم ئارقىلىق قىسىپ  بىردەم ئۇتەرەپكە ،بىردەم بۇ تەرەپكە ئېلىپ قۇلۇمنىڭ چاقانلىقىنى سىناپ مەشىق قىلاتتىم، ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشىم مەخپى بولاتتى، كىيىنچە بۇنىڭغىمۇ خېلى پىشىپ قالدىم ، بەزى چاغلاردا ئۆزەممۇ سىزىپ سەزمەي يانچۇقۇمغا قۇلۇمنى تىقىپ باقاتتىم ، خۇددى ماڭا بازاغا چىقىشلا كەم بوپ قالغاندەك بۇنداق قىلىۋىرىشتىنمۇ زىرىكتىم،ئەمما مەندە يالغۇز بازارغا چىققۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى مۇدىر توساتتىن يەنە پەيدا بولۇپ قالدى، يەنە شۇنداق ئېسىل سالاپەت، بىلەن مەھەللىمىزدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى، مەھەللىمىزدىمۇ ئۇىنڭغا قارىتا ئۆسەك گەپلەر تارقىلىپ يۈرۈشكە باشلىدى، ئەمما مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك،مەن پەقەت ئۇنىڭ شۇ ماھارىتىنى ئۆگەنسەم بولدى .نەچچە يىلنىڭ ياقى جىمىپ قالغان مۇنازىرە سورۇنى يەنە قايتىدىن قانلىنىشقا باشلىدى ، مۇدىرىمىز بۇ قېتىممۇ كۈلىدىن قۇرۇق چىقماپتۇ ، ئۇ كۇلىدە بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلىرىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى،ئۇ بۇ قېتىم 18ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىنى بىرگە ئەكەپتۇ، مېنىڭ پەيجارىم دەيدۇ، ئۇ چاغلاردا پەيجانىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە ، ئۇنىڭ مۇدىر بىلەن بىرگە بولغانلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ شۇ مۇدىرنىڭ پەيجاسى بولسام دەپ ئويلايتىم ، يېڭى كەلگەن بۇ بالا شۇنداق مەنمەنچى ئىدى ، ئۆزىنىڭ كۇلىدىكى ئىشلىرىنى شۇنداق كۆپتۇرۇپ دەيدىىك ئاڭلاۋاتقان  ھەممە ئادەم ھەتتاكى مەنمۇ ئېغىزىمىزنى ئېچىپ قاراپ قالاتتۇق ، ئۇ تاماكىنى تولىمۇ جىق چىكەتتى، ھەر بىر گېپى تۈگىگەندە  غاچچىدە تاماكىنى قىڭغىر چىشلەيتىدە گېپىنى باشلايتى،بەلىكم شۇ چاغلاردا مەنمۇ تاماكا دېگەن نىجىس بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچىراشقان بولىشىم مۇمكىن .بىر كۈنى بىز دەنزەنگە(يۇرتۇمدائاشۇنداق بىر يەر بولىدىغان) سۇغا چۈشكىلى بارماقچى بولدۇق ، مۇدىرىم بارمىدى ، ئۇنىڭ پەيجارى، مەھەلىمىزدىكى شۇ پەيجا بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر نەچچە بالىلار، مەن ۋە بىر نەچچە ئاداشلىرىم بىللە باردۇق ھەمىمىز سۇدا شۇنداق خوشال ئويناۋاتاتتۇق ، ھېلىقى پۇزۇر كىيىنگەن پەيجا بۇنداق سۇنى ياراتمىغان چېغى بىزگە قاراپ بىر مەھەل تۇرۇپ قالدى، ئاخىرى ئۇمۇ بىز بىلەن چۆمۈلۈپ ئويناش ئۈچۈن يالىڭاچلاندى ھەممىمىز خوشال خورام ئويناۋاتاتتۇق ، ئۇ سۇغا چۈشىۋىدى ، ئۇنىڭ بەدىنىگە قاراپ ھەممىمىز ھەيران قالدۇق، تاماكىنىڭ ئىزلىرى،نەچچە يەرلىرىدە مەڭگۈلۈك جاراھەت قالغان ، تاياق-توقماقنىڭ ئىزلىرى مانا مەن دەپلا كۆرىنىپ تۇراتتى، ھەممىمىزنىڭ ئۇنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ پەيجامۇ بۇنى سەزگەن چېغى ئارتۇق گەپ قىلماي سۇغا چۆمۈلىۋەردى، خېلى ھازا چۆمۈلگەندىن كېيىن ئۇ يەردىن ئايرىلدۇق ، ئۆيگە كېلىپلا يەنە ئاشۇ پەيجانى ئەسلەپ قالدىم، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى بىچارە قىياپىتى ھازىرمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ ،كۈلىنى ئۇنداق ياخشى ، بۇنداق بېلەن دەۋاتاتتى، ئۇنىڭ بەدنىدىكى يارا....
تەئەججۈپ ئىچىدە تۇيۇقسىز قۇلۇمغا قاراپ قالدىم ، ھە راست باياتىن ئۇنىڭ قۇلىغا قارىسام ئىككى بارمىقى تەڭ بولغان بىلەن مېنىڭكىگە يەتمەيدىكەن ، بەلكىم مۇدىر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۋنى جازالىغاندۇ؟ھا!ھا!ھا! نېمىدىگەن گۆدەكلىك ھە!شۇنداق خىياللار بىلەن كۆڭلۈمگە تەسەللىي تاپاتتىم.
ھەممە ئىش يەنە شۇ كونا سەنىمىگە چۈشتى، مەن شۇ كۈندە تەڭگە، ئالامباي قاتارلىق نەرسىلەرنى قىسىپ ئويناش بىلەن ، كىچىلەرى بىرە-بىرە مۇدىرنىڭ يىغىنىنى ئاڭلاش بىلەن ئاۋارە ئىدىم،مانا بۈگۈنمۇ دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن ئادەملەر توپىغا قېتىلدىم، ئوندەك ئادەم ھېلىقى  پەيجانىڭ ئېغىزىغا تەلمۈرۈپ تۇرۇپلا قاپتۇ، ئۇ ھەدەپ ئىككى بارمىقىنى پەش قىلىپ بۈگۈن مشۈ بارمىقى ئارقىلىق نەچچە ئادەمنى ئوڭدا قويغانلىقىنى ھەۋەس بىلەن سۆزلەۋاتاتتى .
مەن ئىختىيارسىز بارمىقمنى چىقىرىپ تەڭلەشتۈرۈپ باقتىم ، توساتتى بىرىنىڭ ۋوي، ما ئۇكامنىڭ بارمىقىغا قاراڭلار ئەجەپ تەڭلىشىدىكىنا دېگەن گېپى ئاڭلاندى، ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرى ماڭا ئاغدۇرۇلدى،ئۇنىڭغىچە دادام ئانام مېنى توۋلاپ كەتتى، مەن پارتاقشىپ يۈگۈرگىنىمچە ئۆيگە كىرىپ كەتتىم، ئەتىسى چۈشلۈك ئارامدا مەكتەپكە بالدۇراق چىكەتتىم ،ئۆي بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى يېقىن بولغاچقا تامىغىمنى يەپ بولۇپلا مەكتەپكە چىكەتكەن ئىدىم ،يۈگرەپ كېتىۋاتاتتىم توساتتىن بىرىنىڭ ئىسمنى چاقىرىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى،شاپپىدە توختاپ قارىسام ھېلىقى پەيجا ئىكەن ، ھېيىقمايلا ئۆيگە كىردىم ، قارىسام ئۆيدە مۇدىر تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپتۇ، تاماكىنىڭ ئىسى ئۆينى بىر ئالغان، قىقىلىپ يۆتەلگىنىمچە مۇدىرنىڭ دەۋىتى بىلەن تۆرىدىن ئورۇن ئالدىم،ئۇ مېنى يېنىدا ئولتۇغۇزۇپ قۇلۇمنى قولىغا ئېلىپ تويماي قاراپ كەتتى، توۋا دەيتى ئۇ قولۇمغا قاراپ ، بەلكىم ئۇ مېنىڭ قۇلۇمنىڭ بارماقلىرىنىڭ تەڭلىكىگە ھەيران بولىۋاتقان بولسا كېرەك ، ئۇ پات-پات ھېلىقى پەيجارىغا قاراپ قۇياتتى، مۇدىر توساتتىن مەندىن قۇلۇڭنى قانداق قىلىپ مۇشۇنداق قىلدىڭ دەپ سوراپ قالدى، مەن  پۈتۈن مەشىق قىلىش جەريانىمنى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇدىرغا بايان قىلىپ بەردىم ، شۇ مىنۇتلاردا شۇنداق خوشال بولغانىدىم،تېخى ئاخشاملا مەن  مۇدىرنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلىسام مانا بۈگۈن مۇدىر مېنىڭ ھېكايەمنى ئاڭلاۋاتاتتى، قىزىقىپ سۆزلەپ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەپتىمەن ، بىردەمدىن كېيىن تامغا ئېسىلغان سائەتكە قارىسام ۋاقىت توشاي دەپ قاپتۇ ،شۇڭا ئالدىراش ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم ، ئۇلار پىچىرلاپ سۆزلەشكىنىگىچە ھويلىدا قېپ قالدى
_بىز بالىلارغا ئۆگىتەلمەي ئاۋارە،ھەممە بالا مۇشۇندەك بولسا ھە،پۇل دېگەننى .....
بۈگۈن بۇگۈن شەنبە بولغاچقا قىلىدىغان ئارتۇق ئىشىممۇ يوق ، تاپشۇرۇقۇمنى ئاللىبۇرۇن ئىشلەپ بولغان ، ئاپامغا ئوينىغىلى چىقىمەن دەپ ئويدىن چىقتىم ، ئاپام يىراققا كەتمەسلىكنى تاپىلاپ ئۆيدە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالدى ،مەن تالاغا چىقسام ئاداشلىرىم ئويناپ كېتىپتۇ، مەنمۇ شۇلارغا قېتىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، توساتتىن مۇدىر پەيدا بولۇپ قالدى ، ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماڭە ئۇكام بازار ئويناپ كېلىمىز دېگەنچە قۇلۇمدىن يۆتلەپ ماڭدى، بىز خېلى ئۇزاق ماڭدۇق ، بىردەمدىن كېيىن ئادەملەر توپىغا كەلدۇق، مۇدىرنىڭ كارامىتى بۈگۈن راستىنلا كۆردۈم، ھەش-پەش دېگۈچە نەچچە يانچۇقنى قۇرۇغداپ بولدى،ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىگەچ ئولتۇراتتۇق ، توساتتىن مۇدىر دېرىزىدىن سىرتىغا قاراپ
-ئاۋۇ ئايالنىڭ قولىدىكى سومكىنى ئەكىلە دېدى
بۇ گەپنى ئاڭلاپ جايىمدا تۇرۇپلا قاپتىمەن ، مۇدىر ئۇ گەپنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى،
-ماڭە، ئاشۇ سومكىنى ئەكىلەلىسەڭ سېنى پەيجا قىلىمەن ،
ئۆزەمىنڭ قانداق كۈچ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىققانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ، ئۇ ئايالنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ قولىدىكى سومكىنى كاپپىدە قىلىپ تارتىپ ئارقىمغىمۇ قارىماي بەدەر قاچتىم، قانچىلىق يۈگۈركەنلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن،بىر كەم بولغاندا توختاپ ئارقامغا قارىسام، تاشلاندۇق بىر خارابىلىككە كەپقاپتىمەن ،ئالاۋەزەل بىرە سائەتتىن كىيىن ئۇ ئاشخانىغا يېتىپ كەلدىم ، قارىسام مۇدىر يوق ، قۇلۇمدا سومكا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تېڭىرقاپ تۇرسام ،توساتتىن مۇدىر پەيدا بولدى، ئۇ قۇلۇمدىكى سومكىنى ئېلىپ ئىچىدىن 200كوي پۇلنى ماڭا سۇنىدى، ۋە مېنىڭ ئىشىمدىن  رازى بولغان قىياپەتتە مەمنۇمىيەتلىك كۈلۈپ قويدى، مەنمۇ ئىشىمنىڭ مۇدىرغا يارىغىنىنى كۆرۈپ خوشال ھالدا پۇلنى يانچۇقۇمغا قاتلاپ سالدىم .ئۇ بىر كۈنمۇ ئاسانلا ئۆتۈپ كەتتى ،ئەتىسى ئاپام بىلەن بازار ئايلانماقچى بولۇپ سودا سارايغا بېرىش ئۈچۈن كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقتۇق ، بۈگۈن  بازا بولغاچقىمىكىن تاڭ ئاپتۇبۇستا ئادەملەر سەل جىق ئىدى .ئاپام بىلەن ئىككىمىز ئامالسىز ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق ، بىردەمدىكىن قارىسام بىر يانچۇقچى ھەدەپ ئاپامنىڭ سومكىسىنى ماتلاپ كېتىپتۇ ، شاپپىدە ئاپامغا دېمەكچى بولۇپ تۇيۇقسىز ئىككىلىنىپ تۇرۇپلا قالدىم، قارىسام ئۇ يانچۇقچىنىڭ ھەرىكەتلىرى تولىمۇ ئەپچىل ، قىزىقىپ ئۇنىڭ ھۈنىرىگە قاراپلا قاپتىمەن ،نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا ئۇ ئاپامنىڭ سومكىسىدىكى پۇلىنى بىتەرەپ قىلىپ  كىيىنكى بىكەتتە چۈشىۋالدى، ئاپتۇبۇس ماڭا-ماڭا ئاخىرى كۈتكەن مەنزىلگە يېتىپ كەلدى ، ئاپام ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا پۇلىنڭ يوقلىقىنى بايقاپ،تېخى ھازىرلا قوزغالغان ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن توۋلاشقا باشلىدى، ئەمما ئاپتۇبۇس خىيالىدا يوق كىتىپ بارماقتا ئىدى . ئاپا دېدىم مەن بوش ئاۋازدا
-پۇلنى ھېلىقى كەينىڭىزدە تۇرغان ئىگىز ئاكاش ئېلىۋېلىپ، ئالدىنقى بىكەتتە چۈشۈپ قالدى .
چاڭ!!!!!!
قاتتتىق تەككەن شاپلاقتىن يۈزلىرىم ئوت بولۇپ يېنىپ كەتتى،
نېمىشقا ماڭا دېمىدىڭ ، يانچۇقچى بىلەن ئاكا -ئىنى بوپ كىتىپسەن، سەنزە ، ئاپام ئۆيدە بولسا ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانما ، ماڭە ئۆيگە داداڭ قانداق بىرىدىكىن ئەدىبىڭنى ....
ئاپام شۇنداق دېگىنىچە مېنى سىلىكپ ئۆيگە ئەكەلدى، مەن ئۈن -تىنسىز يىغلاپ ئاپامدىن دادامغا دېمەسلىكنى ئۆتۈنىۋاتاتتىم، ھەممە ئىشلاردا ماڭا يول قۇيىدىغان ئاپام بۇ قېتىم مېنىڭ رايىمغا باقمىدى ،كەچتە  دادامغا ھەممە ئەھۋالىن ئېيتتى ، ئەسلى داداممۇ بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا سېزىپتىكەن ، ئۆلگىدەك تاياق يەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئەمما دادام شۇنداق بىر سۆزلەپ كەتتىكى بەلكىم تاياق يېسەممۇ كۆزۈمدىن  ئۇنچىلىق ياش چىقماس بولغىيتى، ئېسەدەپ يىغلاپلا كەتتىم ، شۇ مىنۇتلارنىڭ ئۆزىدە يانچۇقچىغا قارىتا غەزەپ ئوتى قايتا ئۇلغايماقتا ئىدى، قۇلۇمنى قايرىپ سۇندۇرىۋەتكىم كېلەتتى، يانچۇقچىلىق ئۈچۈن قىلغان ئەخمىقانە ئىشلىرىمىنمۇ تاشلىۋەتتتىم، مۇدىرنىڭمۇ  نۇتىقىنى ئاڭلىغىلى چىقماس بولدۇم، مۇدىرمۇ نەچچە قېتىم مېنى چاقاغان بولسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتىم، شۇ تەرىقىلەردە مانا چوڭمۇ بولدۇق ، جەمىيەتكە چىقىپ كۆمىگەننى كۆردۇق، قېنى ئۇ كۇلى دېگەن جەننە ت جاي، ئاڭلايدىغىنىمىز  بىچارە بالىلارنىڭ ئاھۇ زارى، ئاتا ،ئانىلارنىڭ قايغۇلۇق ئىلتىجاسى، شۇ  بىچارە يوقسۇللارنىڭ ئوغرىلارغا قىلغان غەزەپ نەپرىتى خالاس، كونىلار ناھايىتى توغرا ئېيىتقان ، ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن دات قالىدۇ دەپ ، بەزى چاغلاردا مۇشۇ ئەتراپىمدىكى ئوغرى يانچۇقچىلارنى كۆرسەم ، ھەي سەنمۇ ئۇيغۇرمۇ دېگۈم كېلىدۇ، قۇلۇقۇمغا سىڭگەن ئاشۇ كۇلىدىكى بىچارە بالىلارنىڭ ئازاپلىق چىرقىراشلىرى ، يۈرىكىمنى لەختە-لەختە قىلىدۇ، ھەر قېتىم شۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭ خەقنىڭ يەنچۇقىغا قول سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چېغىمدا ئاۋال شۇ ئوغرىنىڭ بەدىنىدە ھېلىقى پەيجادەك يارا ئىزلىرى بارمىدۇ دېگەننى ئويلاپ كېتىمەن .................


مەنبەسى: ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-12 06:23 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-10-13 03:10 AM):
بۇلار ئاساسەن مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىم ئاساسىدا يېزىلغان

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .

نامازغا ئالدىراڭلار !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8775
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 07:33:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىزنى زوق بىلەن ئوقۇدۇم ، ياخشى يىزىپسىز ، بالىلىقتقكى گۆدەكلەرچە ئارزۇلار...
بۇ بالا ھەرنىم بولسا توغرا يولنى تىپىۋاپتۇ ، بولمىسا كىيىنچە جەمىيەتنىڭ بىر داشقىلى بولۇپ قالاتتىكەن !

ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلايلى دوستۇم ، قىيامەت يىقىندۇركى ئۇ شۇنچە تۇيۇقسىز قىلىدۇ ~ ئاللاھىم بىزلەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقىقى ئۈممىتى قاتارىدا قىلغىن ، بىزنى ئاسىيلار قاتارىدا قىلمىغىن ! پانى دۇنيا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇڭ قىرىندىشىم ، بىزلەرنى شەكسىز ھەقىقەت كۈتمەكتە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85781
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 356
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2012-10-6
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 08:53:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ظاتا سأزى ئوق دىگەن شۇدە،بەك ياخشى يېزىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72989
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 10:48:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 11:44:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزپسىز قەلەم تۇلپارلىرى ھارمىسۇن

ئالتۇن

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1720 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 12:03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم،شۇنداق ياخشى يېزىپسىز،ئادەمنى ئويلاندۇرغۇدەكلا....
باشتىكى ئەسكەرتىشىڭىز بولغاچقا باشقا سوئاللارنى سوراپ يۈرمەي.....
لېكىن تېمىدىكى ئاۋۇ بالىغا بەخت تىلەيمەن.................

دىققەت...دىققەت ! ئاسماندا  تور  يەردە  قاپقان  قۇرۇپ  قويدى،سەۋرچان بولايلى،ئالدىراپ  قاپقانغا  چۈشمەيلى...

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2458
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2675 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 12:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كىچىك چىغىمدا بىلىكىگە بەدىنىگە بىر نەرسەچىكىۋالغانلارغا بەك ھەۋەس قىلاتتىم ،تىخى پاختىنى يىڭنىگە ئوراپ سىياھقا چىلاپ قولۇمغا بىلىكىمگە قىلىچ چىكىپ، دادامدىن بولۇشىغا تاياق يىگەنىدىم ، لىكىن ئۇ چەككىنىم بىر ھەپتىگە قالماي چىقىپ كەتكەنىدى ، بالىلىقتىكى بەزەن ئىشلار راسلا بەكلە كۈلكىلىك ھەم ئەخمىقانىلىق بولىدىكەن ، باشلانغۇچتا مىنىڭ كىتابىمنىڭ دەپتەرلىرىمنىڭ ئاق يەرلىرى قىلىچنىڭ رەسىمى بىلەن توشۇپ كىتەتتى ..

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 12:57:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلاياخشى يىزىپسىز،قوللۇرۇڭۇزغا دەرت كەلمىسۇن،مڭنڭ كىچىك ۋاختىمدىكى بەزىبىرئىشلارنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز، رەخمەت سىزگە

ئەتە يىڭى بىركۈن باشلىندۇ ،ئەت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1984
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8753
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 5533 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 03:20:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى  يىزىلىپتۇ  !!

دۇنيادا ئۈچ نەرسىنى تىرىسا ئۆنمەيدۇ، بىرى ئاتا بىرى ئانا بىرى قىرىنداش !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85696
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 03:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز ،گۆدەكلكتىكى خىياللارزە........مىنىڭمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش