Windows8 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ Windows8 گە مۇناسىۋەتلىك تىمىلار يەنە قايناشقا باشلاپتۇ ، شۇ قارتاردا مەنمۇ كۆزۈمنى پۇشۇرغاچ تۇراي دەپ ئاخشام ئولتۇرۇپ Windows8(32位) RP
نەشىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈپ باققان ئېدىم ، شۇ جەرياندا قاچىلاش جەريانلىرىنى تورداشلار بىلەن تەڭ ئورتاقلىشاي دەپ ئۇدۇللۇق رەسىمگە تارتىپ قالدۇرۇپ قويغان ، ئەگەر Windows8 نى قاچىلاپ باقمىغان ۋە ياكى كۆرۈپ باقمىغان
بولسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى كەسمە رەسىملەردە بولسۇن .
Windows8نى قاچىلاش تەييارلىقلىرى :
1. بىر دانە كومپىيۇتېر ياكى مەۋھۇم كومپىيۇتېر قۇرۇش دىتالى (VirtualBox)
2. Windows8 نىڭ ISO ھۆججىتى
مەن بۇلارنىڭ ھەممىنى تەييارلاپ بولغان ، يەنى مەن Windows8نى مەۋھۇم كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ سىنىدىم ، مەۋھۇم كومپىيۇتېر قۇرۇش دىتالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى :
بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
Windows8 نىڭ ISO ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش Windows8(32位) RP版:
بۇ يەرنى بىسىپ
چۈشۈرۈڭ
بۇلارنىڭ چۈشۈردىغاننى چۈشۈرۈپ ، قاچىلايدىغاننى قاچىلاپ، تەڭشەكلىرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن (VirtualBoxنى دىمەكچى ) رەسمى قاچىلاش باسقۇچىغا ئۆتۈپ كېتىمىز . ( بۇيەردىكى مەقسەت Windows8 بولغانلىقى ئۈچۈن
VirtualBox ئارقىلىق مەۋھۇم كومپىيۇتېر قۇرۇش جەريانلىرى قالدۇرۇلدى، ئەگەر بىلمەيدىغانلار بولسا ئاۋال ئۇيغۇرچە ئاندىن خەنزۇچە ئىزدەش تورلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەپ باقسىڭىز قۇمدەك كۆپ چىقىدۇ دەرىسلىكلەر . )
مەۋھۇم كومپىيۇتېرنى قوزغاتقاندىكى تۇنجى ئېكران.
بىز بۇ يەردىن قاچىلىماقچى بولغان تىل تۈرى ، ۋاقىت ۋە پۇل تۈرى ، يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تاللاپ بېرىمىز .
تاللايدىغاننى تاللاپ بولدۇق، ئەمدى قىلىدىغان ئىشىڭىز 现在安装 نى بىسىپ رەسمى قاچىلاشقا ئۆتۈپ كېتىمىز .
سىزدىن ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى سوراۋاتىدۇ، ئەگەر ماڭا ئوخشاش Windows8(32位) RP نەشىرنى قاچىلىغان بولسىڭىز ئىككىلەنمەيلا رەسىمدىكى نۇمۇرنى ياكى TK8TP-9JN6P-7X7WW-RFFTV-B7QPF نى
كىرگۈزسىڭىز بولىۋىرىدۇ .
كېلىشىمنامە ، بۇنىڭغا قوشۇلماي ئامالىڭىز يوق . قوشۇلمايمەن دەيدىغان كۇنۇپكىمۇ يوق، شۇڭا قوشۇلمايدىغان بولسىڭىز ئاستا قايتىپ قىلىڭ .
مۇھىم يېرىگە كېلىپ قالدۇق ، يەنى سىز زادى قانداق قاچىلاش شەكلىنى ئىجرا قىلماقچى دەيدۇ .
ئۈستىدىكى بۇرۇنقى (يەنى ھازىر كومپىيۇتېرىڭىزدا Windows7 سېستىمىسى بولسا) سېستىمىنىڭ نەشىرىنى كۆتۈرۈپ قاچىلاش .
ئاستىدىكىسى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتتە يېپيېڭىدىن قاچىلاش دىگەنلىك .
مەن بۇنىڭدىن ئاستىدىكىنى تاللىدىم، چۈنكى بىز يېڭىدىن قاچىلاپ كۆرۈپ باقماقچى .
بۇ مەن مەۋھۇم كومپىيۇتېرغا بۆلۈپ بەرگەن قاتتىق دىسكام 25G، سىز بۇ يەردىن بىۋاستە 下一步 نى بىسىپ قاچىلاشقا ئۆتۈپ كەتسىڭىزمۇ ياكى 驱动器选项(高级) نى بىسىپ ئۆزىڭىز بۆلۈپ بەرگەن مەۋھۇم قاتتىق دىسكىنى يەنە
بىر قانچە رايونغا ئايرىپ ئاندىن تاللاپ بەرسىڭىزمۇ بولىۋرىدۇ . مەن بۇ يەردە ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بارماي بىۋاستە 下一步 غا ئۆتۈپ كەتتىم .
ئەمدى قېلىدىغان ئىشىڭىز چاي دەملەپ ئىچكەچ ئولتۇرۇش ، چۈنكى كېيىنكى مەشخۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى سېستىما ئۆزى سىزگە تاماملاپ بېرىدۇ . بۇ يەرجايلارغا بەلكىم 10 مىنۇت ۋە بەلكىم ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، يەنى سىزنىڭ
كومپىيۇتېرىڭىز ياكى مەۋھۇم كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسىگە باغلىق .
كۆچۈردىغاننى كۆچۈرۈپ ، قاچىلايدىغاننى قاچىلاپ بولدى، ئەمدى قايتا بىر قوزغالغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ ، سىز يەنىلا چىيىڭىزنى ئىچىپ ئولتۇرىۋىرىڭ .
چاينىمۇ ئىچىپ بولغانسىز ، ئەمدى ئېلخەت ئادىرسىڭىزنى كىرگۈزۈپ تەڭشەش باسقۇچىغا كېلىپ قالدۇق، بۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى يازمىدىم، چۈنكى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن .
مۇبارەك بولسۇن، مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ بولدىڭىز ، ئەمدى بىر قسىم كەسمە رەسىملەرنى ھوزۇرلىنىڭ .
كۆردىغاننىمۇ كۆرۈپ بولدىڭىز ، قانداقراق ھېسىياتقا كېلىۋاتىسىز . قاچىلاپ كۆرۈپ باققۇڭىز كېلىۋاتامدۇ . ھا ھا ھا . ئەمىسە سىزمۇ ئۆز قولىڭىز بىلەن قاچىلاپ Windows8 نىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ بېقىڭ .
ئەگەر زېرىكىپ قالغان بولسىڭىز
yumur.cn غا كېرىپ كۆڭلىڭىزنى ئىچىپ كەلسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ .