مۈكۈۋالدىم ،
ئېزىققان يۈرەككە ،
يۈرۈگۈمنىڭ قېتىغا .
ئازاپ بىلەن ھەسرەتنى ئېلىپ ،
مۈكۈۋالدىم ،
ئېزىققان يۈرەككە ھەممىنى سېلىپ ،
ھەسرەت خالتامنىڭ ئاغزىنى مەھكەم چىگىپ .
مۈكۈۋالدىم ،
سەن تاپالمايدىغان ياققا ،
يۈرۈگۈمنىڭ قېتىغا ،
مۇھەببەتنى كۆمۈۋەتكەن جايغا .
مۈكۈۋالدىم ،
مۈكۈۋالغان يۈرۈگۈمنى يۈتتۈرۋەتتىم ،
رىئاللىققا يەنە ھەم ئۇتتۇرۋەتتىم .
مۈكۈۋالدىم ،
مۈكۈۋالغان يۈرۈگۈمنى تاپالمىدىم ،
يۈرۈگۈمگە مۈككەن ئىدىم ،
ئوغۇرلىۋالدى ياكى تاشلىۋەتتى ،
سورىۋەتتى ياكى چېكىۋەتتى ،
ئىچىۋەتتى ، تاپالمىدىم ،
شۇنچە كۆپ ئىزلىدىم .
مۈكۈۋالدىم ،
سەن يۈرۈگۈڭگە مۈكتۈرۈپ قويغان
يۈرۈگۈمگە مۈكۈۋالدىم !