ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرداشلار، مىنى بەلكىم بەزىلىرىڭلار تىمامدىن تۇنۇيسىلەر بەزىلىرىڭلار تۇنۇماسلىقىڭلار مۇمكىن بىراق ھىچقىسى يۇق ئاستا ئاستا تۇنۇشىۋالساقمۇ بۇلىدۇ .
ئالدى بىلەن مەن ئۈزۈمىن بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي.
مەن خۇتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىن (بۇ پىلانىمىنى مەن ئىلگىرى ناھايىتى ھەۋەس بىلەن ئىنچىكە پىلان بىلەن تۈزگەن ئۈزۈمچە خىلى ئەجىر قىلىپ ئىشلىتىشنى كۈپ ئۇيلاشقان بۇلغاچ ئەڭ مۇھىمى كىيىن ئىشلىتىپ قىلىشىم چۇقۇم بۇلغاچ تۇرۇشلۇق ناھىيەمنى دىمەي تۇراي .)
خىزمەتكە چىققىىلى 3يىل بولغان بۇلۇپ 2006-يىلى خۇتەن پىداگۇگىكا ئالى تېخنىكۇمنىڭ ماتىماتىكا كەسپىنى پۇتتۇرگەن مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىدە (ئاجىزلىقىم خەنزۇتىلى سەۋىيەم پەۋقۇلئاددە ئاجىز بۇلۇپ ماتىرىياللارنى لۇغەت ياردىمى بىلەن 80%چۈشىنىمەن بىراق ئاڭلاش قايتۇرما ئىنكاس قايتۇرۇشچانلىقىم بەكلا تۈۋەن پەقەت سۇدا سېتىق ئاتالغۇلىرىنى نۇرمال ئىشلىتەلەيمەن ئەمما تۇرمۇشتا نۇرمال ئالاقە قىلشتا قىينىلىمەن )
مىنىڭ ئائىلەم 2001يىلى دادام قازا قىلىپ كىتىشتىن ئىلگىرى ئىنتايىن كۈڭۈللۈك ئائىلە بۇلۇپ كىيىن تۈرلۈك تەتۈر قىسمەتلەر بىلەن ئۇقۇشتىن تۇختاپ قالمىغان بۇلساممۇ بىراق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تارتتىم -بۇ جەرياندا ماڭا ئەڭ ياخشى ھەمرا بۇلغىنى كىتاپ بۇلدى خالاس .ئانام 1992-يىلىدىن باشلاپ تىجارەت قىلىدىغان بۇلۇپ دادام 1990-يىلى دۇرا پارچە سېتىش يايمىچىلىقى بىلەن قۇشۇمچە شۇغۇللىناتتى .ئىشقىلىپ مىنىڭ تىجارەتكە ھەۋىسىم كىچىك چىغىمدىن باشلاپ شەكىللەنگەن دىيىشكە تامامان بۇلىدۇ .
مەن ھازىرغا قەدەر پۇل تېپىشنى بەكلا ئۇيلاپ كەلدىم شۇ جەرياندا ،مۇستەقىل تاپقان ئۈزۈمنىڭ
ئۈزۈمنىڭ مۇستەقىل باشقۇرالايدىغان پۇلۇم بۇلىشىنىبەكلا ئۈمىت قىلىمەن ئەلبەتتە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا ئىشلىتىدىغان بىراق ئانام بۇنىڭغا قەتئىي قارشى
ھازىر 2001يىلىدىن باشلاپ ئانام تىجارەتنى بالىلار كىيىمىنى مەخسۇس سېتىشقا ئۈزگەرتمەكتە. مەنمۇ بۇ ئىشقا ياردەم قىلغۇچى ياردەملەشكۈچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بەكلا ھەۋەس قىلىمەن .ھەم ئالدىي كەينىنى تۇلۇقچۈشىنىمەن دەپ قارايمەن .بىراق ئانام مىنىڭ ئۇقۇتقۇچىىقتىن باشقا ئىشقا قىزىقىشىمنى خالىمايدۇ .
ھازىر دۇكىنىمىزدا 40مىڭ ئەتراپىدا مەبلەغ بار سۇدا يامان ئەمەس
بىزنىڭ سۇدا تاكتىكىمىز قالدۇق مالنىڭ نىسپىتىنى ئەڭ تۈۋەن چەكتە كۇنتىرۇل قىلىپ پايدىغا چەك قۇيۇش ئارقىلىق خىرىدارنى جەلىپ قىلىش مىنىڭ ئۈزۈمنىڭ قارشىدىمۇ بىز بۇ كەسىپنى قىلغانلار ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى بازار غا يۈزلەنگۈچى دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ .
يەنى مالنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى مۇدا قۇغلىشىش بازارغا ماسلىشىش سۈپەت ئىناۋەت قاتارلىق نۇقتىلارداھەقىقەتەن ياخشى تەجرىبىگە ئىگە شۇ ھالەتنى كۈزدە تۇتۇپ مەن ئۈزۈمنىڭ 2004-يىلىدىن باشلاپ تەدىرىجى كۈچىيىشكە باشلىغان بالىلار سۇدا سارىيى ئېچىش پىلانىمنى ئۇتتۇرىغا قۇيماقچى بەلىكم مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئانامنى قايىل قىلىپ قالسام ،قەرىز ھەل قىلالىسام بۇندىن كىيىنكى ھەپتىدىن بەش يىلغىچە چۇقۇم بىر دانە كۈلىمى چۇڭ سۇدا سارىيىدىن بىرنى ئاچقۇم بار .چۇقۇم ئاچىمەن .
بىراق ھازىر 1.پۇل يۇق (مەن قانداق قىلىپ 200000مىڭنى ھەل قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بۇلالمىدىم .2.ئۇرۇن تىپىشتا بىرقەدەم كىيىن قالغاچقا باشقىلارغا ياخشى ئۇرۇننى تارتقۇزۇپ قۇيدۇم مۇۋاپىق ئۇرۇن يۇق چۈنكى بۇ ئىشقا ئۇرۇن ياخشى بۇلمىسا بەرى بىكار .
ئىگەر يۇقارقى ئىككىي ئىشنى ياخشى بىرتەرەپ قىلالىسام ياخشى ھەمكارلاشقۇچىنى تېپىپ (بۇ چۇقۇم چىقىدۇ ئىشەنچىم كامىل )باشلايمەن
بالىلار كىيىم كىچەك سارىيى سودا پىلانى
پايدىلانسۇن ئۈچۈن يوللىدىم.
كىتىدىغان مەبلەغ 200000-500000مىڭغىچە ئۈزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىڭىزغا ئاساسەن ھەل قىلسىىز بۇلىدۇ .پايدىلىق يىرى بۇنىڭ يېرىمىنى سىز قەرىز مال كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلالايسىز .
دۇكان كۆلىمى 100-150كىۋادرات مىتىر
مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدار يۈلىنىشى
ئۇرۇننىڭ يىللىقى يەرئاستىنىڭ ناھىيە نىڭ بازار ئىچى كۈزدە تۇتۇلدى 50000-90000غىچە
زىننەتلەش چىقىمى 80000
ئەسۋاپ ئۈسكىنە مەسىلەن ئاسقۇ .مۇدىل ھەرخىل جازا ...قاتارلىقلار ئۈچۈن 25000مىڭ
مالنىڭ تۈرى
1.بالىلار كىيىم كىچىكى %75ئايالچە -ئەرچە مۇناسىۋەتلىك كىيىملەر مەسىلەن تۇشەي ئىچ كىيىم ...قاتارلىقلار %10ئەتراپىدا يىمەك ئىچمەك %5سومكاۋە ئۇقۇش قۇراللىرى %10مۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا سىزنىڭ پەسىلنىڭ ھەرقانداق مەزگىلىدە سۇدىڭىزنىڭ ئاقسىپ قالماسلىقى ئۈچۈن
2.بالىلار كىيىم كىچەكلىرى ئىچىدە (مىنىڭ پىلانىمدا بالىلار 0-15ياشقىچە بۇلىدۇ قانۇندىكى سى بۇيىچە ئەمەس بەلكى بالىلار سۇدىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۈز قارشىدىكى بالىلارنىڭ ياش دائىرىسى شۇنداق بۇ ياشتىن ھالقىغانلار ئادەتتە تۇلا ھاللاردا چۇڭلارنىڭ كىيىمىنى كىيىشىدۇ .ئاز ساندىكى 16ياشتىن يۇقىرىلار كىيگەننى ھىسابقا ئالمىغاندا.)0-1ياشقىچە بۇلغانلارنىڭ كىيىمى بۇ %75پىرسەننى پۇتۈن قىممەت دەپ قايتا پىرسەنگە %100پىرسەندىن بۈلۈپ چىقساق 15-20پىرسەنگىچە بۇلغىنى دەل شۇ ياشتىكى لەرنىڭ كىيىملىرى چۈنكى بۇ ياشتىكىلەرگە ھەممە ئامراق ھەم مۇبارەك ئات تۇي يەنە باشقا يۇقلاش ئىشقلىپ ھەممىسى كۈپرەك بۇ ياشتىكىلەرگە قۇغ قۇش بار تۇرۇپ يەنە ئېلىپ بىرۋىرىدۇ .سىزنىڭ سۇدىڭىزنىمۇ ئەڭ جانلاندۇرىدىغىنى بۇ ياشتىكىلەرنىڭ كىيىمى
40-%25پىرسەنكىچە بولغىنى 1-7ياشقىچە بولغانلارنىڭ كىيىمى بۇ ياشتىكىلەر ئاساسەن ئاتا -ئانىلارنىڭ يېنىدا مەكتەپ پۇرمىسىدىن خالىي بۇلۇپ كىيىم كىيىدىغانلار بۇلۇپ كىيىم سەل كۈپرەك كىتىدىغان تۈردىكى بالىلار ھىسابلىنىدۇ .ھەم سىزنىڭ ئەڭ ئاسان ئەڭ كۈپ پايدا نىسپىتى بىلەن پۇل تاپالايدىغان تۈرىڭىز بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ
11ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كىيىملىرى بۇ بالىلارنىڭ ئىنكاسىدا يېڭىلىققا ئىنتىلىش كۈچلۈك سىزسەللا دىققەت قىلمىسىڭىز بۇ كىچىك يېڭىلىقچىلارنى ماقۇل كەلتۈېەلمەي كىيىمىڭىزنى ساتالماسلىقىڭىز مۇمكىن شۇڭا بۇ تۈرلەردىكى بالىلار كىيىدىغان كىيىملەرنى چۇقۇم بەك تاللىشىڭىززۈرۈر (بۇنداق دىگەنلىك ھەرگىزمۇ باشقا ياشتىكىلەرنى مۇدا يېڭىلىق بۇلسۇن بۇلمىسۇن قۇلدىن چىقىرالايسىز دىمەكچى ئەمەس پەقەت مەن ھازىر دىگەن ياشتىكى بالىلار ئالاھىدە
ئەگەر سىز بازارغا ماسلىشىپ ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىدىكى يىڭىلىق بىلەن تەڭ ماڭالىسىڭىز بۇ تۈر بەك كۈپ بايلىققا تۇلغان كىچىك تۈر بۇلۇپ قالىدۇ .
12-15ياشتىكى بالىنىڭ ئۈسۈپ يىتلىشى بەك تىز بالىلار ئارىسىدىكى بۇي پەرقى نىسپەتەن قالدى ياشلاردىكىگە قارىغاندا چۇڭ بۇلغاچ سىز مال تاللىغاندا بۇ ياشتىكىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ تاللاڭ بىراق شۇنىڭغا ئىنتايىن ئىشىنىڭكى بۇ تۈرمۇ بەك كۈپ يۇشۇرۇن ئېچىش خاراكتىرگە ئىگە چۈنكى بۇ ياشتىكى بالىلارغا ماس كىلىدىغان كىيىملەرنى ئاتا -ئانا بەك تەس تاپىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار پىسخىكا جەھەتتىن ئۈز بىشىمچى ياشتا بولغاچقائۇلارغا ئەززىگەن كىيىم تاپماق تەس ئەمما بۇ كەسىپنى ئۇزۇن مۇددەەت قىلغان كىشى مۇۋاپىق مال بىلەن تەمىنلىيەلىگەن دۇكاندارنىڭ بۇ تۈردىكى كىيىملەرنى ئۈزىنىڭ دىگىنى مۈلچىرىدىكى باھادا بازاردا ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرۇپ سېتىپ كەلگىنىنى بىلىدۇ .دىمەك بۇ بەك كۈپ دىققەت قىلىدىغان تۈر
ئەگەر سىز بۇ ياشتىكىلەرگە قانداق كىيىم ماس كىلىش مەسىلىسىدە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز بۇلدى بۇياشتىكىلەرنىڭ كىيىمىنى ئازراق ئەكىلىڭ چۈنكى بۇ ياشتىىلەرگە ماس قىلىدىغانلارنىڭ كىيىم كىچىكى نىڭ قالدۇق بۇلۇش نىسپىتى قالغان ياشتىكىلەرگە ماس كىلىدىغان كىيىملەرنىڭكىدىن بەك كۈپ سەۋەپ ماس كەلمەسلىك مۇدىغا ماسلىشالماسلىق
دىققەت قىلىڭكى 7-11ۋە 11-15 بۇ ئىككىي تۈردىكى كىيىملەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسپىتىنى ئۇتتۇرىغا قۇيمىدىم سەۋەپ سىز ئۈزىڭىزنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن بۇ نىسپەتنى تاللاڭ ماسلىشالىسىڭىز كىيىنكى ياشتىكىلەرنى ئەكىلىڭ بۇلمىسا زۇرلاپ ئەكەلمەڭ چۈنكى ئۇ ھالقىلىق نازۇك كىچىك تۈر
ئەمدى سۇمكا ،ئۇقۇش قۇراللىرى مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ تەتىلنىڭ ئاخىرى باسقۇچىغا كەلگەندە بۇلۇپمۇ يازلىق تەتىلنىڭ قىزىپ كىتىدىغان تۈر بۇلۇپ نالىلار كىيىم كىچىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارسىڭىز بەك ئۈنۈملۈك چۈنكى سۇمكىمۇ بالىغا لازىم ئۇقۇش قۇراللىرىمۇ ھەم شۇنداق .
يىمەك ئىچمەك ھازىرقى جەمئىيەتتە ئەڭ ئىقىۋاتقان كەسىپ.
ھەرقانداق كەسىپنىڭ بازىرى بۇشاپ قالىدىغان مەلۇم مۇددىتى بۇلىدۇ، دەل مۇشۇنداق چاغدىمۇ سىز بازىرىڭىزنىڭ ياخشى بۇلىشىنى قۇلغا كەلتۈرسىڭىز ئۈچۈن ئاياللار ۋە بالىلار كۈپرەك كىرىدىغان بۇ سارايغا ئۇنىمۇ تەقلەڭ .
ئىچ كىيىم قۇشۇمچە بۇيۇملارنى سېلىشتىن مەقسەتمۇ بۇ دۇكاننىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ كىرىشى كۈپرەك بۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەخمىنەن ئىككىسى قۇشۇلۇپ (ئايالار ۋە بالىلار ئىككىسى )%75ئەتراپىدا بۇلغاچقا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىستىمالى بۇلغان بۇ تۈرنى بىرلىكتە قىلىشىىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئىزاھات باشقا مۇۋاپىق تۈرلەرنى قۇشۇپ قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
ئىشقىلىپ بۇ ئىشتا پەقەت بۇنداقلا قىلسىڭىز بۇلىدۇ باشقىچە بۇلمايدۇ دەيدىغان قىلىپ يوق .
بازار ئىچىش تەھلىلى
بىر 200000نۇپۇسى بار بىر ناھىيىدە بالىلارنىڭ نىسپىتى (تەخمىنەن ھەممە كىشىنى 0-60ياشقىچە ئەتراپتا دەپ تەھلىلى قىلىمىز )%25بولسا ئۇنداقتا بالىلارنىڭ سانى 50000بۇلىدۇ بۇ بالىلاردىن سىز پەقەت 20دىن بىرىنى ئاتا ئانىسىنى مال سېتىۋېلىشقا جەلىپ قىلالىسىڭىز ئۇنداقتا 2500بالا دىگەن سۈز يەنى ھەر بىر بالىغا يىلدا سىزنىڭ دۇكىنىڭىزدىن 250يۈۋەنلىك كىيىم ئالسا بۇ تامامەن مۇمكىن سىز تىرىشسىڭىزلا ئۇنداقتا سىزنىڭ يىللىق سۇدىڭىز 625000بۇلىدۇ مۇنداقچە قىلىپ ھىسابلىساق 156250يۈەن پايدا ئالالايسىز %25پايدا ھىساباتى بۇيىچە بۇ ھازىر مۇتلەق كۈپ ساندىكى كىشىلەر قۇللىنىپ كەلگەن پايدا پىرسەنت بىسپىتى بولغان %25بۇلۇپ ئەقىلگە خىرىدارنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ماس بۇلغان سان .
ئەمەلىيەتتە پايدا پىرسەنت ئايرىغاندا %30دەپ ئايرىيسىز يەنى 100كۇيدا كەلگەن مالنى 130دەپ باھا چىقىرىسىز
ئەمما %25ئايرىغان بۇلىسىزچۈنكى %5بولسا دۇكان ئىجارىسى رەسمىيەت تۈرلۈك چىقملارنى كۈتىرىشكە قالدۇرۇلسۇن بىراق بۇ %5يەتمەيدۇ دەپ قاراپ قالماڭ كىيىنكى پىلاننى ئۇقىسىڭىز ئۈزىڭىزگە چۇقۇم ئىشىنىسىز .
%25نىڭ ئىچىدە %5قىسمى سىزنىڭ جەمئىيەتتىن قۇبۇل قىلغان ۋاكالىتەن ساتقۇچى ،تەشۋىقاتچى تۇنۇشتۇرغۇچى ،لارغا بىرىلسۇن ئالدى بىلەن سىز جەمئىيىەتتىن 100نەپەر سارىيىڭىزنى ۋاكالىتەن تۇنۇشتۇرغۇچى مىلىڭىزنى ساتقۇچى قۇبۇل قىلىڭ ئۇلارغا مائاش بەرمەيسىزپەقەت ئىككىي خىل پىرسەنت بىرىسىز بىرى %5پىرسەنت بىرى سىز%25دىن چىقىرىپ بەرگەن 10%بۇلۇپ سىزگە 15%قالىدۇ ئۇلار بۇ %10بىلەن ئۈزى قۇشۇپ ساتقان باھا %5بىلەن ئەمەلىيەتتە %15 پىرسەنت بۇلىدۇ ئالدىنقى قىسمى سىزدىن ياناىنغا مال ئالىدۇ .سىزدىن پۇل تۈلەش شەكلىدە مال ئالمايدۇ .ئۈزلۈكسىز ئەتراپىغا تەشۋىق قىلىدۇ سىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىزنى تۇنۇتۇپ باشقىلاردا سىزدىن مال ئېلىش قىزغىنلىقى قۇزغىتىلىدۇ .ئۇلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن 1000يۈەنلىك مالنى سېتىشتا ياردەم قىلغان قىممىتىنى بىر بىرلىك قىلىپ پۇل قايتۇرىسىز ئۇلار سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ئۈز خىزمىتىنى قىلغاچ قىلىدۇ .بۇمۇ ئۇلارغا نىسپەتەن پايدا.
ئىككىنجى خىل ئۇلار سىزدىن %100ياكى %50ئالدىن پۇل تۈلىگەن مەلۇم مەزگىل ئىچىدە مالنى سېتىپ چىقىرىپ بۇلۇش كىلىشىمى ئىچىدە سىزدىن مال ئالىدۇ مالنى ئېلىپ ئىستىگە ئەڭ يۇقىرى بۇلغاندا %5تىن %10كىچە ئامال بار %5باھا قېتىپ ئۈزى ئىشلىگەن ياكى تۇرمۇش كەچۈرگەن رايۇندا تەشۋىق قىلغاچ ساتىدۇ ساتالمىسا مۇدەتنى ئۈتكۈزمەي مالنى ئالماشتۇرسا بۇلىدۇ .سۈپەتكە دىققەت قىلىدۇ .1000مالنى سېتىشى بىر بىرلىك قىلىنىپ پايدا ئايرىپ بەرسىڭىز سىزنىڭ ئايرىپ بەرگەن پايدىڭىز ئۈزى ئالغان پايدا بۇلۇپ چۇقۇمكى بۇ ئىشنى قىلىدۇ .ئەگەر باھا بىرخىل بۇلسۇن دىسىڭىز سىز پايدىنى ئازراق ئېلىپ پايدىنى ئۇلارغا ئۈتۈنۈپ بىرىپ ئۇلارنى دۇكان باھاسىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە دىققەت قىلغۇزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ بىراق بۇ تەس
%25نىڭ ئەمدى %5نى چىقرىۋەتسەك قالغان پۇل %20بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەتچىڭىز ئەلبەتتە خىزمەتچى سالمىسىڭىز يىتىشەلمەيسىز چىقىمىنى %2تى مۇقىم مائاش چىقىمى قالدىي چىقىم 2.5-3ئەتراپىدا مۇكاپات چىقىمى بۇلۇپ كۈنلۈك سۇدا مەلۇم مقداردىن ئاشۇرالىغاندا ئاشقان سۇمممىنىڭ 1000يۈەنىنىڭ پايدىسىنىڭ 2.5-3پىرسەنكە قەدىرىنى مۇكاپات قىلىپ ئايرىپ بىرىسىز .2.5-3ئەتراپىدىكى يەنە بىر قىسىم پۇلنى سىزدىن مال سېتىۋالغان كىشىلەرگە سۇمما مەلۇم مۇدەتكە يەتكەندە مۇكاپات شەكلىدە قايتۇرۇپ بىرسىز ياكى دۇكىنىڭىزدىن بۇيۇم سۇۋغا قىلىشقا سەېىپ قىلىسىز
شۇنداق قىلىپ سىزگە قالغان پايدا 15%-20%قالدى .بىراق بۇنى ئاز كۈرمەڭ .يۇقارقىي تەدبىرلەر چۇقۇمكى كۈچىنى كۈرسىتىدۇ .سىزتىزلا بۇ سۇدىغا سالغان 400000-500000يۈەننى 2.5-3يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ بۇلىسىز .
ھازىر بالا ھەر بىر ئائىلىدە پەقەت 2-3ئۇنداق ئىكەن كىشىلەر تاپقان پۇلىنى پەقەت بالا ئۈچۈن تاپقاندەكلا بالىغا خەجلەپ برىشىدۇ.شۇڭا سىز بۇ سۇدىنى قىلىپ باققان بولسىڭىز تەجرىبىڭىز بولسا چۇقۇمكى ئىشنى ياخشى قىلىپ كىتەلەيسىز .
بىراق ئالاھىدە ئەسكەرتىش بۇ خىل دۇكان ئىچىش باشقا يىمەكلىك دۇكىنى ئىچىشقا قارىغاندا كۈپ جاپالىق ھەم بىرقەدەر خەتەرلىك مالارنىڭ يىڭىلىنىش سۈرئىتى باھا مۇلازىمىتى ،سۈپەت مۇلازىمەت دۇكان ئۇرنى نۇتۇق قاتارلىقلار ياخشى بۇلمىسا سىزبۇ ئۈتكەلدە قىينىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن .
ھەم بۇ تۈردە مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ يەتكۈزۈپ بىرىش ئىشىكىڭىز ئالدىغىچە شىركەتلىرى يۇقنىڭ ئۇرنىدا بۇلۇپ سىز بارلىق ماللارنى تۇپ تارقىتىز ئۇرنىغا بېرىپ تەپسىلىي كۈرۈپ ئاندىن سالدۇرمىسىڭىز بۇلمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر مالنى سېتىشتىن بۇتۇن ئاز دىگەندە 10دانە مالنى كىيدۈرۈپ ماس كەلگىنىنى ياقتۇرغىنىنى ئالىدىغان بۇلغاچ سىز ئەتىگەندىن كەچكىچە كىيىم ئۇڭشاش بىلەن ئۈتىشىڭىز مۇمكىن بەك ھارىسىز بىراق جاپانىڭ تىگى ئالتۇن بەل قۇيماڭ تىرىشىڭ .
پايدا نىسپىتى ئاز بىراق ئانچە خەتەرلىك ئەمەس.
بەك كۈپ سۈزلەپ قۇيدۇم .كۇمپىيۇتىرىم ئۈچۈۋېلىپ مۇشۇنداق تاققا - تۇققا بۇلۇپ قالدى تۈزىتىپ ئوقۇغايسىلەر. پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس .
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-12 06:37 AM