|
|
|
|
خەلق تورى 11-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نوبىل مۇكاپاتى ھۆكۈمەت تورى خەۋىرىگە ئاساسەن، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19 دا 2012-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغان، جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مويەن 1955-يىلى 17-فېۋىرال شەندۇڭ ئۆلكىسى گاۋمى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى گۇەن مويە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھازىر زامان داڭلىق يازغۇچىسى، شياڭگاڭ گۇڭكەي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پەخىرى ئەدەبىيات دوكتورى، چىڭداۋ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفىسسورى. 1981-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرغىچە 《قىزىل ئورمانلىق》، 《ھايات-ماماتلىق چارچاش》 قاتارلىق رومانى ،《پارتىلاش》 قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمى بار. يەنە 5 توم "'مويەن ئەسەرلىرى توپلىمى"بار، ھەمدە نۇرغۇن سىنارىيە، نەسىر ئەسەرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئېنگىلىز تىلى، فىرانسوس تىلى، نېمىس تىلى، پاپون تىلى قاتارلىق كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.
2006-يىللىق ياپونىيە 17-نۆۋەتلىك "فۇكۇئوكا ئاسىيا مەدەنىيەت مۇكاپاتى"دا مويەننىڭ ئەدەبىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ، ئۇنى "غەربى ياۋروپا ئەدەبىياتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋېلىشتە تەسىرى ئاستىدا ۋە تارىخى ئەنئەنەنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا، ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتەك روھىنى نامايان قىلدى" دەپ قارىغان، ھەمدە ئۇنى "ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ"دەپ تەرىپلىگەن.
مەنبە: خەلق تورىhttp://culture.people.com.cn/n/2012/1011/c87423-19234608.html
|
|
|
|
|
|