ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلىشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
دۆلىتىمىز <ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى>نىڭ 108-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا دەۋا چوقۇم تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك
1. دەۋاگەر مۇشۇ دېلو بىلەن بىۋاستە پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار بولىشى كىرەك.
2.جاۋاپكار ئېنىق بولۇش كىرەك
3. دەۋا تەلىپى، پاكىت ئاساسى ئىنىق بولىشى كىرەك.
4. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دېلوسىنى قوبۇل قىلىش دائىرسىدە ۋە دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىشى كىرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى ھەرقانداق ھەق-تەلەپ دېلولىرىنى قوبۇل قىلامدۇ؟
دەۋاگەر دەۋا قىلغاندا <ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى >نىڭ 108-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ماس كەلگەنلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى چوقۇم قوبۇل قىلشى كىرەك. <ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى >نىڭ 111-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك دەۋالارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
1.<مەمۇرىي دەۋا قانۇنى> نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مەمۇرىي دەۋا دائىرسىگە كىرىدىغانلىرىنى سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرگە مەمۇرىي دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
2.قانۇن نىزاملارغا ئاساسەن ئىككى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلار توختام ماجراسىغا نىسبەتەن ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە يازمىچە كېسىم كىلىشىمى ئىمزالاپ كېسىم ئورگانلىرىغا كېسىم ئىلتىماس قىلىشنى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا پۈتۈشكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرگە كېسىم ئورگانلىرىغا كېسىم ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
3.قانۇن نىزاملارغا ئاساسەن باشقا ئورگانلار بىر تەرەپ قىلشقا تىگىشلىك تالاش تارتىشلار بولسا، خەلق سوت مەھكىمسىى دەۋاگەرگە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىلتىماس قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئوقتۇرۇپ قويىدۇ.
4. شۇ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان دېلوغا قارىتا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرگە باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئىگە سوت مەھكىمىسىگە بىرىپ ئەرز قىلشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
5. ھۆكۈم، كېسىم ئاللىقاچان كۈچكە ئىگە بولۇپ بولغان دېلوغا نىسبەتەن، دەۋاگەر يەنە ئەرز قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرگە ئىلتىماس ئەرز بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
6.قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە قايتا ئەرز قىلىشقا بولمايدىغان دېلوغا نىسبەتەن دەۋاگەر ئەرز قىلىشقا بولمايدىغان مۇددەت ئىچىدە قايتا ئەرز قىلغان بولسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.
7.ھۆكۈم ئارقىلىق ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلمىغان ۋە مۇرەسسە ئارقىلىق كىلىشتۇرۇپ قويۇلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسى، ھۆكۈم، مۇرەسسە ئارقىلىق بىقىۋىلىش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىنغان دېلولاردا، يىڭى ئەھۋال، يىڭى سەۋەب بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا دەۋاگەر ئالتە ئاي ئىچىدە يەنە ئەرز قىلغان بولسا ، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.