مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5194|ئىنكاس: 58

ئۇيغۇرزادە: مۆشۈكياپىلاق قاراۋاتىدۇ(شېئرلار ۋە ھېسپۈتۈكلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 01:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاپتوردىن: ئىلگىرى نەزمىي ئەسەر ئېلان قىلغان بولساممۇ،  باشقا ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن ئون نەچچە يىللاردىن بېرى شېئىر يازمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىىگە مەن ئوقۇۋاتقان كەسپ ھېسسياتنى كېسشىنى، لوگىكىلىق تەپەككۇرغا كۆنۈشنى تەلەپ قىلغاچقا، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن شېئىر يازمىغانىدىم. يېقىندا بەزى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ماقالە شەكلىدە  يېزىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.  ماۋۇسى ئاشۇ ئوينىڭ تۈرتكىسىدە پۈتكەن بىر تۈركۈم شېئىرلار ۋە ھسېپۈتۈكلەردۇر.   ئورتاقلىشىش ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللىدىم.
                شېئىرغا تەپىسر يېزىشنى، چۈشەنچە بېرىشنى تازا توغرا تاپمايمەن.ئەمما، ماۋۇ "سۆيۈملۈكۈم، بىز ھەممىمىز روزا موللا" دېگەن نەسرىي شېئرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇرمىسام، بەزىلەر ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ "مېنى روزا موللا دەپتۇ" دەپ قالمىسۇن. يېقىندا "ئانا يۇرت"نىڭ ئېلكترونلۇق نۇسخسىنى، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ "ئۆمۈر داستانى" ناملىق ئەسملىىسىنى، ئابدۇكرىم ئابابسوف ھەققىدە يازغان "تەڭرىتاغ بۈركۈتى" سىنى ئوقۇدۇم.تەسىراتىم بەكمۇ چوڭقۇر.ئاشۇ كۈنلەردە جەنۇپتىكى بىر ۋىلايەتتىن  چىققان بىر ئۇيغۇر مەمۇرنىڭ ئىچكىرىگە نورمال يول بىلەن ئەرز قىلىپ چىققان ئۇيغۇر ئانىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى ۋە سۆرەپ دېگۈدەك ئۈرۈمچىگە بارغانلىقى؛ "قانۇن دېگەن مەن" دېگەنلىكى ھەققىدىكى ئېچىنشلىق خەۋەرنى ئاڭلىدىم. ئارىدا ئابدۇكرىم ئابلىزنىڭ "ياتاقتا" دېگەن ئېتوتىدىكى "ئاغىنەمنىڭ بۇنىڭدىنىمۇ جىق پاش قىلغۇدەك ئشىلىرى بار" ، "بىزگە دىل سىزدەك گۇۋاھچى لازىم" دېگەن تىپىك  دىئالوگلار ئىلھام ئاتا قىلدى. ئۇنى نەسرىي شېئىر شەكلىدە يازدىم، قالغانلىرى ئەركىن شېئىر شەكلىدە يېزىلدى. قاپيەلىك شېئىر ئوقۇشقا كۈنگەن ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سورايمەن.

مۆشۈكياپىلاق قاراۋاتىدۇ (شېئىر)

گالدىن ئىلىنغاندا  ھەممە ئشىلار يۈز بېرىدۇ، چۈشەندۇق.
بىر يۈز بىلەن ياشاپ بولغىلى بولمايدۇ، بىلدۇق.
ئۇيغۇر قاراۋۇل ياغلىققا قول ئۇزاتتى، كۆردۇق.

كۆردۈڭمۇ،
ئېتىزلىقتىكى قارانچۇقلار كوچىغا كۆچتى،
يول-يولدا مۆشۈكياپىلاقنىڭ كۆزلىرى.
سېنى تىنتىۋاتقىنى قايسى كۆز؟

بىنالار قاراۋۇل، مۆشۈكياپىلاق قاراۋاتىدۇ،
يول-يولدا ئۆز ئادەم،
دوقمۇشلاردا ئىسسىق تىنىپ،
دىققەت بىلەن تىكىلىپ تۇرغىنى بىر ئۇيغۇر.

بىر قىزغا مىڭ كۆز ؟
ياق،
يۇمىلاقبېشى بىلەن ئۆستەڭبويى ئارىلىقىدا مىڭ كۆز؛
بەيتۇللا بىلەن ئاق مەسچىت ئارىلىقىدا مىڭ كۆز.

سۆيۈملۈكۈم، بىز ھەممىز روزا موللا

-كۆردۈڭمۇ نۇررى، ئۇلار  يەنە يېڭىۋالدى. (ئېلىخان تۆرە، «ئانا يۇرت» رومانىدىن)
-ئۇنىڭ گۇناھىدا سېنىڭ گۇناھىڭ ئەكىس ئېتىدۇ.(جالالىدىن رۇمى)


   بۇ بىر يۈز يېتىدىغان جاھان ئەمەس. سۆيۈملۈكۈم، بىز ھەممىمىز روزى موللا. ئوخشمايدىغان يېرى بىز باشقا بىر يۈز كىىيۋالغان، پىنھاندا؛ پۇرسەت ئاپتوبوسى كەلمىگۈچە  ئۆزىمىزنى ئاشكارىلىمايمىز.
      ئەخلاق خۇمارىڭىز تۇتماي تۇرسۇن. كېلىڭ، مىدىرىماي تۇرۇپ شوئار توۋلايلى. ھازىر ساۋابخۇمار بولغاندىن خىتاپخۇمار بولغان تۈزۈك . زىنھار ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە بولمايدۇ. پەيتى ئەمەس، ھەم بۇ 1933-يىل ئەمەس. سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاش كېرەك.
      تۇلۇم چاشقانغا سۈكۈت ئىچىىدە قاراپ تۇرۇشنى ئويلىغان ۋە سۈكۈتىڭىزنى ئاقلاشنى ئويلىغان ۋاقتىڭىز قاچان ئىدى؟
     پۇرسەت ئاپتوبوسى نەگە كەلدى؟رول تۇتقۇچىدىن سوراپ باقايلى، قاچان بېكەتكە كېلىدۇ؟ ئاپتوبوسنى ساقلىغۇچە كىيىۋالغان يۈزىمىز بىزنى تەرلىتىۋەتتى. بۇ يۈزىمىزنى قاچان سالىمىز؟
       گالدىن ئىلىنىش ھارپسىدا ئەخلاقى تۇتۇپ كەتكەنلەرگە يالغان قورۇقلىرىمىزنىڭ شەكلى كۆرۈنۈپ قالسا  نېمە دېيىشمىز كېرەك ؟


شەرق بىلەن غەرب ئارىلىقىدا ئىككى زۇلۇم

شەرقتىمۇ، غەربتىمۇ،
كشىلەر كىتاب ئوقۇمىغنىدىن پەخىرلىنىدۇ،
بىر ئادەم چۈش كۆرۈۋېتىپ ئويلاندىم دەپ ئويلايدۇ.

ئۇ بىر چۈش ئىدى،
سەن ئۇنى ھەقىقەت دەۋالدىڭ.
قاباھەت ئىدى،
سەن ئۇنى بىھىشباغقا ئوخشاتتىڭ.

شەرقتە دىكتاتور ئېزىدۇ،
غەربتە ،
ئسىتىمال،
ۋە يەنە رىيا زۇلۇمى.

شۆلگەي ئىنقىلابى

خام خىياللىرى ئەسەبيىلەشكەن كشىلەر ئارسىدا،
كاپىتال كۈرىشى ئەسەبيىلەشكەن زېمىندا،
ئادەم تۈگمەس ئارزۇ قاپىقىنىغا دەسسەيدۇ
ۋە ھارىدۇ
ئەمما تەن ئالمايدۇ.

ئەرك ئىزدەپ غەربكە كەلگەن بىر شەرقلىق،
بۇرۇن بايقمىغان يەنە بىر تاشنى ھېس قىلىدۇ،
ياكى
ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا تۇتۇلىدۇ.


راك بېسىلغان ئارمانمۇ؟

راك كېسلى
سەن ئەسلى سەن بېسىلغان ئارمانمىدىڭ؟
شۇ بولساڭ،
بېسىلغان ئارماننىڭ ساڭا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن قانچە يىللار كېتىدۇ؟

تۇنجۇققان تۇيغۇلار ئۆتكۈرنىڭ ئاشقازىنىدا ساڭا ئايلاندىمۇ؟
بېسىلغان ئارمىنى تۇغلۇقنىڭ جېگىرىدىمىدى؟

-----------2012-يىل، ئۆكتەبىر، ۋايكىكى ساھىلى

داۋامى بار.ئەمدىكسى ھېسپۈتۈكلەردۇر.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3022
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2833 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:29:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز باش ئاكاشنىڭ بۇ ئەسىرىنى ناھايىتى ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7621
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 766 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:30:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزپلا قەلەم تۇلپارلىرى ھارمىغاي

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1098
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7912
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10194 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:35:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37527
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37527
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:45:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37527
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:45:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37527
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:45:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37527
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:45:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:51:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«سۈيۈملۈكۇم،بىز ھەممىمىز روزا موللا»دېگەن نەسىرىي شېئىرىنى ياقتۇردۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش