|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان دوستىمىز ئوسمانجان ۋە كەسىپداشلىرى بىر يىل جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە تور لۇغىتىنىڭ تور بېتى رەسمى ئېچىلىپتۇ. ئوسمانجاننى ۋە باشقا بۇ ئىشقا قاتناشقان جاپاكەشلەرنى تەبرىكلەيمەن. تور لۇغىتىنىڭ ئادرېسى: www.tildil.com
مەنبە: گۈدۈك http://guduk.com/home
لۇغەت ھەققىدە
تىل-دىل تۈركچە ئۇيغۇرچە لۇغىتىدە ئوتتۇز بەش مىڭدىن ئارتۇق سۆز بار. بۇ <<لۇغەت>> مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989-يىلى نەشر قىلىنغان مۆمىن ئابدۇللا ئەپەندىم تۈزگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتكە ئاساسلىنىپ رەتلىنىپ چىقتى(مۆمىن ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز).
مۆمىن ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغىتىنى مەن ئىككى يىل بۇرۇن تۈركچە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ناھايىتى ئوبدان پايدىلانغان، ئەمما بۇ لۇغەتنىڭ كىتاب شەكلى بەك قېلىن ھەم ئېلىپ يۈرۈش قۇلايسىز بولغاچقا بۇنىڭ ئېلېكترونلۇق نەشرىنى ئىشلەپ چىقىشقا بەل باغلىغانتىم. لۇغەتنىڭ ساندان شەكلى بولمىغاچقا پۈتۈن لۇغەتنى ئۆزۈم باشتىن ئاخىرى كىرگۈزۈشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. مىڭلىغان سۆزلەرنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش ئويلىغاندا ئاساندەك كۆرۈنگەن بىلەن قول قويۇپ قىلغاندا ناھايىتى جاپا مۇشەققەتلىك ئىشكەن، ھەمدە لۇغەتتىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى، رەتلىنىشى، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىنى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىڭلىغان تۈمەنلىگەن سۆزلەرنى قايتا قايتىلاپ تەكشۈرۈش لازىم ئىدى. نۇرغۇن قېتىم يېرىم يولدا بەل قويۇۋېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەجرى ۋە ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بۇ ھاياتىمدا كىچىككىنە بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن جاپا تارتساممۇ بۇ لۇغەتنىڭ ساندىنىنى پۈتتۈرۈشتىن ۋاز كەچمىدىم، بىر يىللىق جاپا- مۇشەققەت بىلەن لۇغەتنىڭ ساندىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈردۈم.
لۇغەتنىڭ ساندىنىنى رەتلەش جەريانىدا كۆپلىگەن دوست-بۇرادەر ۋە ئۇستازلار ياردەمچى بولدى. تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى لۇغەتنىڭ ساندىنىنى رەتلەش ۋە بۇنى تورغا يوللاشتا كۆپلىگەن ياردەم قىلدى. تاتلىق ئاكام ياسىنجان تۇرسۇن لۇغەتنىڭ ساندىنىنى تۈزۈش جەريانىدا ماددىي ياردەمدە بولدى. بۇ يەردە تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى، لۇغەتنى كىرگۈزۈشۈپ بەرگەن قىزچاق، ئاكام ياسىنجان قاتارلىق ياردەم سۆيەر قېرىنداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
تىل-دىل تور لۇغىتى يېڭىدىن ئېلان قېلىنغاچقا بىر قىسىم نۇقسانلاردىن خالىس بولالمايدۇ. بەلكىم سىز سۆزلەرنى تاپالماسلىق، مەنىسى خاتا بولۇپ قېلىش، ئىملاسى خاتا بولۇپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. ھەرگىز بۇ نۇقسانلار تۈپەيلىدىن تىل-دىلدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ. بىر يىل جەريانىدا تىل-دىلگە سۆزلەرگە باھا بېرىش، تاپالمىغان سۆزنىڭ مەنىسىنى تەلەپ قېلىش، سۆز قوشۇش دېگەندەك ئالىي ئىقتىدارلا قوشۇلىدۇ. مېنىڭ قىلغانلىرىم پەقەت باشلىنىش، بۇندىن كېيىن بىزنى ساقلاپ تۇرغان نۇرغۇن خىزمەتلەر بار. بۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ ياردەمدە بولۇشى ۋە تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلمەن.
|
|
|
|
|
|