دۆلەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەبلەغ ياردىمى سىياسىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى
مۇخبىرنىڭ يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى ياردەم پۇلى، دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى، ئوقۇش ھەققى تولۇقلىما قەرزىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمى، مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى ياردەم پۇلى، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل، تاماق ياردەم پۇلى، ئوقۇش خىراجىتىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن ماددىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىش بىلەن بىللە، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىلگەن.
مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ گۇاڭمىڭ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.
مەركىزىي ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ ئالىي مەكتەپلەردە تەسىس قىلغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرى (ئالىي كەسپىي تېخنىكوم، 2-باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ 2-يىللىقلىرىدىن يۇقىرى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان (2-يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدۇ. ھەر يىلى 50 مىڭ ئوقۇغۇچى 8000 يۈەن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئوخشاش بىر ئوقۇش يىلىدا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىغا ئېرىشكەن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىراق بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى ئالسا بولمايدۇ.
مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورتاق مەبلەغ ئاجرىتىپ تەسىس قىلغان دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى پۇلى. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرى (ئالىي كەسپىي تېخنىكوم، 2-باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ 2-يىللىقلىرىدىن يۇقىرى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان (2-يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەخلاقلىق، ئەلاچى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يىلىغا 5000 يۈەندىن بېرىلىدۇ. ئوخشاش بىر ئوقۇش يىلىدا، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىراق بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى ئالسا بولمايدۇ.
مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورتاق مەبلەغ ئاجرىتىپ تەسىس قىلغان ئالىي مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى. ئاساسلىقى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرى (ئالىي كەسپىي تېخنىكوم، 2-باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا ئوقۇۋاتقان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش خىراجىتى ئورنىدا بېرىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 يۈەندىن بېرىلىدۇ. ئوخشاش بىر ئوقۇش يىلىدا، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان ھەم ئۇنى ئالغان ئوقۇغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى ياكى دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرزى مەكتەپ تۇرۇشلۇق جاينىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرزى بىلەن ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرزىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچى يىلىغا ئىلتىماس قىلغان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جاينىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرزى پىرىنسىپ جەھەتتە 6000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىم ئەھۋالىغا قاراپ بىر-ئىككى يىل ئىچىدە دىرىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى تاللىشى، ئالتە يىل ئىچىدە دىرى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بولۇشى كېرەك. ھەر ئوقۇش يىلىدا ئوقۇغۇچىلار تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش سوممىسى پىرىنسىپ جەھەتتىن 6000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز مۇددىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس مۇددىتىگە ئون يىل قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 14 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمى، ئىش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەپتىدە سەككىز سائەتتىن، ئايدا 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە مۇقىم ئىش ئورنىدا تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ياردەم پۇلى ئالغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى مەكتەپ ئاي بويىچە ھېسابلايدۇ، ئايدا 40 سائەتلىك ئىش ھەققى پىرىنسىپ جەھەتتىن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار تارماقلار بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى ياكى ئاھالىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىش ئورنىدا ئىشلىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى مەكتەپ سائەت بويىچە ھېسابلايدۇ، سائەتلىك ئىش ھەققى پىرىنسىپ جەھەتتىن سەككىز يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ.
2007-يىلى كۈزدە مەكتەپكە كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ، دۆلەت بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە غەربىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالتە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەشنى يولغا قويۇلدى. ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ھەم تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار، ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمايدىغان ئوقۇغۇچىلار، جۈملىدىن يېتىم، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، نەپىقە بېرىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوقۇش پۇلىنى يېنىكلىتىش ۋە كەچۈرۈپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. كونكرېت يېنىكلىتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش چارىسىنى مەكتەپلەر ئۆزى بېكىتىدۇ.
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھەر قايسى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر بىردەك «يېشىل يول» تۈزۈمى بەرپا قىلىدۇ، يەنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان، ئەمما ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بولغاچقا ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلىدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ياردەم بېرىلىدۇ.
مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
http://www.uycnr.com/jy/zxxw/201210/t20121010_392885.html