مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3813|ئىنكاس: 17

«ئىز» رومانىدا ئىشلىتىلگەن........ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85608
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2012-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 12:27:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئىز» رومانىدا ئىشلىتىلگەن كونا سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىلىستىكىلىق رۇلى توغرىسىدا

سەمەت مۇھەممەدئىمىن تىلچىن

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى تەسىۋىرلىگەن «ئىز» ناملىق رومانى دەسلەپ 1984-يىلى نەشر قىلىنغان، بۇ رومان ئاساسلىقى تۆمۈر خەلپە قۇزغىلىڭىنىڭ باشلىنىش، راۋاجلىنىش، مەغلۇب بۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي جەرياننى ئاساسىي لىنىيە قىلغان. بۇ روماندا گەرچە يازغۇچى كېيىنكى دەۋردىكى ئىزدىنىشى ئارقىلىق بۇرۇنقى تارىخىي ۋەقەلىكنى ئەدەبىي شەكىلدە يۇرۇتقان بولسىمۇ، روماندىكى بايان ۋە تەسۋىرلەر شىنجاڭ جەمىئىيىتىنىڭ ئەينى دەۋردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئىتقادى شۇنداقلا قۇمۇلنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى، تىلى قاتارلىق تەرەپلەردىن خېلىلا ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

روماندا يازغۇچى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى تۇلۇق ئىشقا سېلىپ ئەسەرنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى، ئوبرازلىقلىقىنى ئاشۇرغان. بولۇپمۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغان، رومان سۆز ئىشلىتىش سەنئىتى جەھتتىمۇ ئالاھىدە ئۇتۇقلارغا ئىرىشكەن. تارىخىي چىنلىقنى يۇرۇتۇش، ئوبرازلىقىنى كۈچەيتىش ۋە باشقا ئىھتىياج تۈپەيلى يازغۇچى روماندا يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي كونا سۆزلەر، يەرلىك سۆزلەرىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغان. بۇ «ئىز» رومانىنىڭ گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانىدىكى سۆز ئىشلىتىش سەنئىتىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا روماندا ئىشلىتىلگەن كونا سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەردە ئوينىغان ئىستىلىستىكىلىق رۇلى مىسال كەلتۈرۈش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلىدا ئوتتۇرغا قۇيىلىدۇ.

سۆز ــــ تىلنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ماتېرىيالسىز ئۆي سالغىلى بولمىغىنىدەك سۆزسىز ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىگىلى، نۇرمال ئالاقە قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر سۆز ئىشلىتىش جايىدا بولمىسا مەقسەتنى توغرا، قىزىقارلىق، تەسىرلىك، ئوبرازلىق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر يازغۇچىغا ئالدى بىلەن قۇيۇلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق تەلەپ سۆز ئىشلىتىشى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.

پىكىر-ھىسىياتنى دەلمۇدەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ۋە كونكرېت تىل شارائىتىغا ماس كېلىدىغان سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن سۆز بايىلىقىنى ئاشۇرۇشقا، سۆزلەرنىڭ ھەرخىل مەنىلىرى ۋە سۆزلەرنىڭ ئىستىلىستىكىلىق رۇلىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئادەتتە سۆز ئىشلىتىشتە ھەربىر سۆز ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا، كونتېكستقا، ئوبىكتىپقا ۋە تىل ئادىتىگە ماس كېلىشى كېرەك. بو سۆز ئىشلىتىشتىكى ئاساسىي پرىنسىپلار بولۇپ، يازغۇچىلار  ئەسەر يازغاندا مۇشۇ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق يولدا ھەر خىل سۆزلەرنى جانلىق، مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىپ ئەسەرنىڭ ئىپادىلەش ئۆنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.

يازغۇچى «ئىز» رومانىدا سۆز ئىشلىتىش پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەردىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغان، سۆزلەرنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىپ ئەسەرنىڭ جانلىقلىقىنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى، دىننىي ئاتالغۇلار، ئادەت سۆزلىرى ۋە باشقا ھازىرقى ئىستىمالدا ئىشلىتىلمەيدىغان كونا سۆز-ئاتالغۇلار شۇنداقلا يەرلىك مىللىي پۇراقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كونا ئادەت سۆزلىرى مۇۋاپىق قوللىنىلغان. تۆۋەندە بۇ سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىلىستىكىلىق رۇلى ئۈستىدە توختالماقچى:

كونا سۆزلەر تىل تەرەققىياتى داۋامىدا ئىلگىرى مەلۇم دەۋر ئىشلىتىلىپ ھازىرقى تىل ئىستىمالىدا ئىشلىتىلمەس بولۇپ قالغان سوزلەرنى كۆرسىتىدۇ. كونا سۆزلەرنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ يەنە تارىخىي سۆزلەر ۋە قەدىمكى سۆزلەر دەپ ئايرىش مۇمكىن.

تارىخىي سۆزلەر پەقەت بەلگىلىك تارىخ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئادەتتە تارىخىي ۋەقەلەر، شەخسلەر توغرىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىشتا ياكى تەرجىمە قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەردۇر. قەدىمكى سۆزلەر بولسا تىلنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدە قوللىنىلغان، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا سۆزلەر ئالغان ھازىرقى ئىستىمالدا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ.

كونا سۆزلەر ھازىرمۇ تىلنىڭ ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۈرلۈك ئەدەبىي ئەسەرلەردە مۇۋاپىق قوللىنىلىدۇ. بۇ ئەسەر ۋەقەلىكى، پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئىبارەت.

«ئىز» رومانىدىمۇ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە، شەخسلەرنى يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن «ياساۋۇل، تەيجى، غازى، ئەۋلىيا، ئامبال، جاڭجۇڭ، مۇشاۋىر….» قاتارلىق كونا سۆزلەرنى تەكرار ئىشلەتكەن. بۇ سۆزلەر ئەسەرنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئۆنۈمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇلارنىڭ ئىستىلىستىكىلىق رۇلى تۆۋەندىكىدەك:

1)  روماندا تارىخىي پۇراق يارىتىش، دەۋر خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن كونا سۆزلەر قوللىنىلغان.

يازغۇچى تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىگەندە، شۇ زامانلاردىكى نەرسە-كېرەك، كىيىم-كېچەك، قۇرال-ياراق، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئائىت سۆزلەرنى ئەينەن تاپشۇرسا، ئۇقۇرمەننى شۇ دەۋر قوينىغا باشلاپ كېرىپ ۋەقەلىك يۈز بەرگەن مۇھت ئىچىدە تۇرغاندەك ھىس قىلدۇرالايدۇ، ئەسەرنىڭ چىنلىقى كۈچىيىدۇ. مەسىلەن، ئەسەرنىڭ 92-بېتىدە شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئادەملىرى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، بىرئاز ئارىلىق قويۇپ ئولتۇرغان سەللىلىك كىشى يېشىل پەرەنجە تونىنىڭ يەڭلىرىنى تۈرۈپ، چا ساقىلىنى پات – پات سىلاپ قوياتتى. بۇ، ئۈۋەيس مۇپتى ئىدى. قېزىبەگ غوجىنىڭ سول تەرىپىدىمۇ بىرئاز ئارىلىق تاشلاپ، تىك ياقىلىق كۆك چاپىنى ئۈستىدىن كەڭ كەمەر باغلىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى ئولتۇراتتى. ئۇ، قامچىسىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان ئوردا جاللاتلىرىنىڭ بىرى گايىت پاششاپ ئىدى. قالغانلىرى ساناقچى، كاتىپ ۋە ھېساب – دەپتەرچى بەگلەر ئىدى.

بۇ تەسۋىردە «پەرەنجە تون، مۇپتى، غۇجا، كەمەر، جاللات، پاششاپ، بەگ» قاتارلىق كونا سۆزلەر ئىشلىتىلگەن. بۇ قۇرلارنى ئۇقۇغىنىمىزدا خۇددى كونا دەۋرگە قايتىپ شۇ دەۋر كىشىلىرى بىلەن تۇرغاندەك تۇيغۇغا كېلىمىز.

يەنە مەسىلەن:

- بىزنىڭ قېنىمىزنى تۆكمەكچىمۇ؟ ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يەتكەن كىشىگە غازىلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش راۋامۇ؟

  – قويسىنا تۆمۈر ئاكا، بۇ چىركىنگە مۇنداق گەپلەرنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ بۇنىڭ جاجىسى بىر تال ئوق، – دېدى قارا بوسۇق ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ.(307-بەت)

بۇ جۈملىلەردىكى «ئەۋلىيا، غازى» قاتارلىق كونا سۆزلەرمۇ ئەسەرگە مۇئەييەن دەۋر تۈسىنى قۇشىدۇ.

«جانابىي جاڭجۇڭ – كەرەملىرىنىڭ كەمىنە خادىمى بەي ۋىنچاۋ ھۇزۇر ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلادۇرمەنكى» دەپ باشلانغان تېلېگراممىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى….(346-بەت) مۇبارەك خاتىرە شېرىپلىرىگە مەلۇم بولغايكى، بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى جاڭجۇڭ يامۇلدىن مۇھىم مەكتۇپ كەلدى. ئىجازەت بولسا. ھەزرەتلىرىگە مەلۇم قىلساق. – قېنى ئوقۇلسۇن. نوشىرۋان تەيجى تۇرشا تۇغبېگىگە قارىدى. تۇغبېگىنىڭ ئىشارىتى بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر چىقىپ كەتتى. ئەخمەتشا تۇڭچى لېپاپنىڭ ئاغزىنى كىچىك قايچا بىلەن ئېچىپ، يۇڭ قەلەمدە يېزىلىپ، تۆت بۇرجەكلىك قىزىل تامغا بېسىلغان خەنزۇچە خەتنى ئاستا ئوقۇشقا باشلىدى.(119-بەت)

بۇ جۈملىلەردىكى «جانابىي، جاڭجۇڭ، كەمىنە، ئالىيلىرى، قىلادۇرمەنكى، كەرەملىرى، خاتىرە شېرىپلىرى، مەلۇم بولغايكى، يامۇل، جاڭجۇڭ،  مەكتۇپ،  ئىجازەت، ھەزرەتلىرى،  تەيجى، تۇغبېگى،  تۇڭچى» قاتارلىق كونا سۆزلەر بىر تەرەپتىن ئەسەرنى تارىخىي پۇراققا ئىگە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى دەۋردىكى ئەمەلدارلار ئوتتۇرسىدىكى خەت ئالاقە ئۇسلۇبى توغرىسىدا بىزنى مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئەسەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ.

بارىكۆلدىكى چېرىكلەر شامەخسۇت بىلەن شيەتەي يامۇلنىڭ چېرىكلىرىگە ئوخشىمايدۇ.(217-بەت)

لەشكەر بېشى چۈشيەتەي ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە بويىچە مۇنداق قارارغا كېلىشتى: ۋاڭ ئوردىسىغا قاراشلىق يەرلىك چېرىكلەر بىلەن شيەتەي يامۇل چېرىكلىرىنى قوشۇپ، تۆت يۈز كىشىلىك قوشۇن تەشكىل قىلىنىدۇ؛ بۇ قوشۇنغا خىل قوراللار تارقىتىپ بېرىلىدۇ؛ شيەتەي بىلەن قېزىبەگ غوجا سەرلەشكەر بولىدۇ؛(190-بەت) تاغدىن قېچىپ كەلگەن دورغىلار بىلەن ئوردىدىن ئەۋەتىلگەن  ئايغاقچىلارنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېلىپ كېلىدىغان خەۋەرلىرى ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى؛ نومغا سۈرگۈن قىلىنغان گۇناھكارلار زەنجىر – كىشەنلەرنى چېقىپ،  زىندانلارنى بۇزۇپ، ۋاڭنىڭ يىلقىلىرىدىكى ئەڭ ياخشى ئاتلارغا مىنىپ، تۆمۈرنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋېتىپتۇدەك ؛ ئون ئىككى تاغنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قۇزغىلىپ كېتىپتۇدەك ؛ بەزى دورغىلارمۇ تۆمۈر تەرەپكە ئۆتۇپ كېتىپتۇ ؛ ھەتتا خوتۇن – قىزلارمۇ قوللىرىغا تاياق – توقماق ئېلىپ ئىسيانچىلارغا قوشۇلۇۋاتقۇدەك ؛(167-بەت)

بۇ قۇرلاردا يازغۇچى«چېرىك، يامۇل، لەشكەر بېشى، ئوردا، شيەتەي، سەرلەشكەر، دورغا، ئايغاقچى، سۈرگۈن قىلىنغان، زىندان، ئىسيانچى….» قاتارلىق سۆزلەر ئىشلىتىلگەن.

2)   روماندا پىرسۇناژلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى يارىتىش ئۈچۈن كونا سۆزلەردىن پايدىلانغان.

يازغۇچى تارىخىي تىمىدىن ئەسەر يازغاندا، پېرسۇناژلىرىنى ھازىرقى زامان تىلىدا سۆزلەتسە چىنلىق بۇزۇلىدۇ، شۇڭا پېرسۇناژلارنى بەزى ۋەكىل خاراكتىرىدىكى كونا سۆزلەرنى قۇشۇپ سۆزلىتىپ ئۇلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگىلى، ئەسەرنىڭ قىزىقارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. «ئىز» رومانىدا يازغۇچى« باتىل، ئىنشائاللا، يوقسۇ، ئىشان، جەندە» قاتارلىق  كونا سۆزلەردىن ئىنتايىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغان. مەسىلەن:

- يوقسۇ، يوقسۇ. مۇنداقلارغا ئايەت ئوقۇش ھارام، -دېدى ئاخۇن قارىي قىزىرىپ كېتىپ.(255-بەت)

  – يوقسۇ، مەن كېچە نىيەت قىلىۋالدىم. ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېغىز ئاچىمەن.(304-بەت)

ياش ئىمام “ ئىنشائاللا شۇنداق بۇلۇر“ دەپ دۇئا ياندۇرۇپ ئورنىدىن قوپتى.(259-بەت)

قېزىبەگ غوجا ئورنىدىن چاچراپ قوپتى – دە. قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ مۇنداق دېدى :

- ئەمدى ئۆزلە چىڭگاڭ غوجامغا نەسىھەت قىلغۇدەك بولدىلامۇ؟ چىڭگاڭ غوجام ھەزرەتلىرى، ئىنشائاللا. ھېچكىمنىڭ نەسىھىتىگە موھتاج ئەمەس.(126-بەت)

بۇ ئىككى مىسالدىكى «يۇقسۇ، ئىنشائاللا، ھەزرەتلىرى، غۇجام» سۆزى ناھايتى جايىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ قارىي،ئىمام، ئىشان ۋە باشقا ئەمەلدارنىڭ تىلىغا تۇلىمۇ ماس كەلگەن، ئەگەر ئۇلار «يۇقسۇ» نىڭ ئورنىغا باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش «ياق» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا ئۇلارنىڭ خاراكتىرى تۇلۇق يۇرىتىلمىغان بۇلاتتى.

يەنە مەسىلەن:

- خويمۇ كاتتا ئىش بوپتۇغۇ بۇ ئەمدى، بۇ تېجىمەللەرنىڭ پىلسىرات كۆۋرۈكتىن قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۆزلەنىڭ نېسىۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالامدىغان. بۇ يىل ئۆتكەن يىلدىكىدىنمۇ ئوبدانراق بولىدۇ. ئىنشائاللا ھا – ھا – ھا… – دېدى دورغا خۇشال بولۇپ(70-بەت)

- ھەي تېجىمەل، شۇنچە قىچغارسام ئاڭلىمايسەنغۇ! ئېشەك قۇلىقىڭ پاڭ بولۇپ قالدىمۇ؟ – دەپ بىرنى تەپتى پۇجۇڭ(200)

بۇ جۈملىلەردە «تېجمەللەر، ئىنشائاللا» قاتارلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ زالىم كۈچلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ياۋۇز خاراكتىرىنى ئېچىپ بەرگەن.

- جامائەت! مەن بۇ مەسچىتى مۇبارەكنىڭ ئىمامى بولۇش لاياقىتىم بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، بىزنىڭ يۇرتىمىزدا نېرىدكىردا جانابىي روسۇلىللانىڭ مۇبارەك شەرىئەتلىرىگە مۇخالىپ ناشايان ئىشلار سادىر بولۇۋاتىدۇ. يەنى ھەممىلىرىگە مەلۇمدۇركى، سەپەرقۇل دېگەن مالچى نەدىن كېلىپ قالغانلىقى نامەلۇم بىر قازاق  قىزىنى نەچچە ئايدىن بۇيان ئۆز ئۆيىدە ساقلاۋاتىدۇ، سەپەرقۇلنىڭ ئاللىقاچان يىگىت بولۇپ قالغان ئوغلى تۇرسا، مۇنداق ناشايان ئىشقا شەرىئەت يول قويامدۇ؟ ھەرگىز يول قويمايدۇ. بىز بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، قۇلىقىمىزنى يوپۇرۇپ يۈرسەك. گۇناھكار بولمايمىزمۇ؟ قىيامەت كۈنى نېمىدەپ جاۋاب ئېيتىمىز؟ نامەھرەم بولىدىغان ئىشلارنى توسۇپ، شەرىئىتى مۇھەممىدىنى ئىجرا قىلماق ھەممە مۇسۇلماننىڭ پەرزى، بۇ قىزنى دەرھال يۇرتنىڭ ئاتىسى نىياز دورغامغا تاپشۇرۇپ، دورغامنىڭ ھۇزۇرىدا بىر ئەھلى مۇسۇلمانغا نىكاھ قىلىپ قويۇشىمىز جايىز. قېنى، ھەممىلىرى مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىشسىلا، سەپەرقۇلنىڭكىگە بېرىپ، شەرىئەت ھۆكۈمىنى بەجا كەلتۈرگەيمىز.(66-بەت)

بۇ دىئالوگلاردا ئىشلىتىلگەن «ئەھلى مۇسۇلمان، جاكارلايمەنكى، ناشايان، نامەھرەم، شەرىئىتى مۇھەممەد، بەجا كەلتۈرگەيمىز» قاتارلىق سۆزلەردە كونىلىق پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ ھۇشۇر ئىمامنى بۇ خىل تىلدا سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن.

3)  يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كونا ئادەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ ئەسەرنىڭ چىنلىقلىقىنى ئاشۇرغان

«ئىز» رومانىدا يازغۇچى قۇمۇل خەلقىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى، تىل ئادىتىنى توغرا، ئەينەن ئىپادىلەشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان يەرلىك قەدىمىي سۆز-ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن، 326-بەتتىن  330-بەتكىچە ئالاھىدە سەھىپە ئاجرىتىپ توي قائىدە-يۇسۇنلىرىنى بايان قىلغان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئاللىقاچان يۇقالغان بولسىمۇ ئەسەردە ئەينى دەۋرنى ئەينەن ئىپادىلەش زۆرۈرىيىتىدىن ئۇلارنى تەپسىلىي ئوتتۇرغا قويغان، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزنى مۇھىم مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەسەرگە ئاساسلانغاندا قۇمۇللۇقلارنىڭ توي ئادىتى مۇنداق:

ئىككى تەرەپ ماقۇللاشقاندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ تويلۇق ئۇچۇن توققۇز كىيىملىك رەخت، توققۇز تۇياق قوي، توققۇز كۈرە بۇغداي، توققۇز شىڭ گۈرۈچ، توققۇز جىڭ ياغ، توققۇز شىرە مېۋە-چېۋە ۋە يېتەرلىك ئوتۇن-كۆمۈر، چاي-تۇز قاتارلىق نەرسىلەرنى ھارۋىلارغا سېلىپ، قىز تەرەپكە داغدۇغا بىلەن ئاپىرىپ بېرەتتى. توينىڭ بىرىنچى كۈنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە چاقىرىلىدۇ. بۇ، «باش توي» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ كۈنى سۇلتان يىگىت ئۆزىنىڭ قولداشلىرى بىلەن نىكاھقا كېلىدۇ، قىزنىڭ مەھەللىسىدىكى يىگىتلەر «قىز كۆركى» قىلىمىز دەپ، دەرۋازىنى تۆمۈر ھارۋىنىڭ چاقى بىلەن توسۇۋالىدۇ، يىگىت تەرەپتىن كەلگەنلەر شۇ چاقنى كۈچەپ ئېلىشى لازىم. نىكاھ ئوقۇلىدىغان چاغدا، سۇلتان يىگىت تۆت-بەش ھەمراھى بىلەن شۇ ئۆيگە كىرىدۇ، نىكاھدىن كېيىن، قىز تەرەپ يىگىتكە بىر قۇر كىيىم ياكى كىيىملىك رەخت قويىدۇ، بۇ «كۈيۆلۈك» دەپ ئاتىلىدۇ. يىگىتلەر نىكاھدىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇلارنى سۇلتان تۇغقانلىرى ياكى ئاغىنىلىرىدىن بىرى ئۆز ئۆيىدە ئايرىم ئولتۇرغۇزۇپ بېرىدۇ، بۇ «چاچ چۈشۈرگە» دەپ ئاتىلىدۇ. مەشرەپ باشلاشتىن بۇرۇن پاششاپ بەگكە بىر كىيىملىك رەخت، بىر قوي ۋە بىرمۇنچە مېۋە-چېۋە تەقدىم قىلىدۇ، بۇ «پاششاپلىق» دېيىلىدۇ…. توينىڭ ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپ قىزنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئەللە-مەھەللىسىنى تويغا چاقىرىدۇ، بۇ «يۈز ئاچقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ….توينىڭ ئۈچىنچى كۈنى قىز تەرەپ يىگىت تەرەپنى ۋە ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنى چايغا ئېيتىدۇ، بۇ «چىللاشقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ.

قىسقىسى، «ئىز» رومانى سۆز ئىشلىتىش سەنئىتى جەھەتتە ئالاھىدە ئۇتۇققا ئىرىشكەن، ئەسەردىكى سۆزلەر جايىدا، مۇۋاپىق قوللىنىلغاچقا ئىستىلىستىكىلىق ئىپادىلەش ئۆنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان. كونا سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش، بايانلارغا ئۇرۇن قالدۇرمايلا، ئەسەر ۋەقەلىكىنى، پىرسۇناژلار ئوبرازىنى دەۋر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۋەتكەن.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

  • «ئىز»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى 8-ئاي 2-نەشرى
  • «قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى»، ئارسلان ئابدۇللا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001-يىل 6-ئاي نەشرى

3.«ستىلىستىكا ساۋادى»، يولۋاس راشىدىن، 2002-يىلى 5-ئاي، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى

مەنبە:بۇ دوستۇم سەمەدنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىسى ئىدى، تېخى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان. دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم. شۇڭا، خالىغانچە باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرمەڭ.


كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

مۇسۇلماننىڭ بەختى ئىسلام بىلەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70853
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5983
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:05:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئىز››رومانى ھەققىقەتەن بىر ئوقۇشقا ۋە ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىڭ رومان. مىنىڭمۇ رومان ئوقۇش قىزغىنلىغىم ،تۇنجى بۇلۇپ مۇشۇ روماندىن باشلانغان.

بىلىمسىزلىكنىڭ ‹‹بالياتقۇسىدا›› قۇللۇقتىن ئبارەت ‹‹تۆرەلمە›› يىتىلىدۇ.

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 04:27:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىز رومانى بوپ قويدۇ جۇمۇ

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 10:30:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە ۋە مۇئەللىمدە بۇ روماننىڭ داراممىسى بار ، يۇكۇ توردىمۇ بار ....

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

پەلۋاندەك ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83888
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 11:34:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روماننىمۇ شىئىرنىمۇ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردىن بىلەك ئادەم يازالمايدىغاندەك ھىس قىلىمەن.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بۇلۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ شائىر.      
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 11:51:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ رۇمان بەك ياخشى جۇمۇ !!مەن نەچچە قىتىم ئۇقۇپ بولغان بۇ رۇماننى!!

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 12:23:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىنى مۇنبەرگە ئەكىلىپ تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ ھوزۇرۇىغا سۇنغانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم. ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:http://www.lopnuri.com/?p=2164

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 02:25:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زامان ئويغۇر رومانچىلىقىدىكى نامايەندە خارەكتىرلىك  داڭلىق ئەسەر ،  مەن بەك  ياقتۇرىمەن،بۇلۇپمۇ  كىتاپنىڭ  باش  قىسمىدىكى     شىئىرىنى   يادلاپ  قويغانمەن .   

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85542
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 02:28:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 04:22:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 10:30 AM
مەندە ۋە مۇئەللىمدە بۇ روماننىڭ داراممىسى بار ، يۇكۇ ت ...

شۇيۇكۇ تورىدىكى ئادرىسى بوسا ئەۋەتىپ بەسلە !!؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش