قايسى خىل ماجرالار ھەق-تەلەپ دەۋاسىغا كىرىدۇ؟
《ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى》 نىڭ 3-ماددىسىدا <خەلق سوت مەھكىمىلىرى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ۋە ھەرقايسىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا مال-مۈلۈك ۋە جىسماني مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن ماجرالارنى قوبۇل قىلىدۇ> دەپ بەلگىلەنگەن. كۆپ كۆرىلىدىغان ھەق تەلەپ دەۋالىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
1.پۇقرالار ئارىسىدىكى، پۇقرالار بىلەن قانۇنىي ئىگە ئارىسىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى سەۋەبلىك يۈزبەرگەن ماجرالار، بۇلار ئىچىدىكى كۆپىنچىسى مال-مۈلۈكنى ئىگەللىۋىلىش، ئىشلىتىش ،پايدىلىنىش، ۋە بىر تەرەپ قىلىشتىن پەيدا بولغان ماجرالارنى كۆرسىتىدۇ.
2.پۇقرالار ئارىسىدىكى ئىلىم-سېتىم، ئىجارە، قەرز ئىلىش، ھەدىيە، رەنە قاتارلىق توختام ھەرىكىتى سەۋەبلىك پەيدا بولغان ماجرالار ۋە مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشتىن پەيدا بولغان ماجرالار.
3.ئورۇنسىز پايدا، ئاساسسىز باشقۇرۇش قاتارلىقلاردىن پەيدا بولغان ھەقدارلىق قەرزدارلىق ماجرالىرى ۋە مال-مۈلۈكنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتىن پەيدا بولغان تۆلەم ماجرالىرى. مەسىلەن، تىپىۋالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىماسلىق دىگەندەك.
4.جىسمانىي ھوقوقتىن پەيدا بولغان ماجرالار. ئاساسلىقى پۇقرالارنىڭ سالامەتلىك ھوقوقى، ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى ۋە سۈرەت ھوقۇقى قاتارلىقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىن پەيدا بولغان ماجرالارنى كۆرسىتىدۇ.
5.پۇقرالارنىڭ كەشپىيات ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى قاتارلىقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىن كىلىپ چىققان ماجرالار.
6.نىكاھ-ئائىلە مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ماجرالار. ئاساسلىقى نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش سەۋەبلىك پەيدا بولغان مال-مۈلۈك تەقسىماتى، پەرزەنتلەرنى بىقىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ماجرالارنى، ھالىدىن خەۋەر ئىلىش، بىقىش، تەربىيلەش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ماجرالارنى كۆرسىتىدۇ.
7.ئىقتىسادىي توختام، كارخانىلارنىڭ ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىش، كارخانىلارنىڭ ھۆددىگە ئىلىش، يەر ھۆددىگەرلىك، قوشنىدارچىلىق ھوقۇقىدىن سەۋەبلىك پەيدا بولغان ماجرالار.
8.قانۇندا بەلگىلەنگەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلىشى بەلگىلەنگەن باشقا ھەق-تەلەپ دېلولىرى.
پۇقرالار يۇقارقى سەككىز تۈرلۈك ئەھۋالنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىرسىگە ئۇچرىسا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-11 01:10 AM