|
|
|
|
5-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئالتۇن باھاسى يەنە ئۆرلەپ 1798 دوللارغا ئۆسۈپ 1800 دوللارنىڭ دەرۋازىسىنى چەكتى .
ئەمما كىشىلەر ئەمدى ئالتۇن باھاسى 1800دوللاردىن ئىشىپ كىتىدىغان بولدى دەپ پەرەز قىلىۋاتقان ۋاقىتتا شۇ كۈنى كەچ ئامىرىكا غەيرى يىزا-ئىگىلىك نەتىجىسى ئىلان قىلىنىپ .9-ئايلىق ئىشىسزلىق نىسبىتى 7.8% تۆۋەنلەپ، 4يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان . ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ زور دەرجىدە تۆۋەنلىشى نەتىجىسىدە دوللار قىممىتىدە ئىشىش كۆرۈلۈپ ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1776 دوللارغا چۈشۈپ قالدى .ھەم ئازراق ئۆرلەپ 1782 دوللاردا ھەپتىلىك بازار يىپىلدى .
بۇ ھەپتە باشلانغاندىن بىرى ئالتۇن باھاسى يۇقۇرىسى 1780 دوللاردىن 1765 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ھالىتىنى داۋام ئەتمەكتە .
بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنۈلىشى قانداق بولار ؟؟؟ يەنە ئىشىپ 1800 دوللارنى بۇزىۋىتەمۇ ؟؟؟
دوللار قىممىتىنىڭ جانلىنىشىدىن قارىغاندا بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسىنىڭ 1800 دوللارنى بۇزىۋىتىشى تەس .ئازراق چۈشۈش ئىھتىماللىقى بار .
بۇ يازما 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن يوللاندى
مەنبە ؛ بىر مىسقال بىلۇگى www.1miskal.com
|
|
|
|
|
|