مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4554|ئىنكاس: 25

سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە قۇيۇپ تارقىتلغان قەدىمكى پۇللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:44:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەئىدىيە  خانلىقى دەۋرىدە  قۇيۇپ تارقىتلغان  قەدىمكى پۇللار

(مۇھەممەد تۇراپ)


سەئىدىيە  خانلىقى-يەكەن خانلىقى دەپمۇ ئەتلىدۇ.،ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى تۆۋەندىكچە:
قەدىمىي شەھەر يەكەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىگە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىگە، يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. مىلادىيە 2-ئەسىردە يىپەك يولى يەكەننى كېسىپ ئۆتكەن. يەكەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى-ساكرائول دۆلتى بولۇپ، ئۇ دەۋردە يەكەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ئىشلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان ، ھەر قايسى بەگلىكەردىن بۇ يەرگە كېلىپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر ئالاھىدە كۆپ بولغان. تاڭ سۇلالىسى (مىلادىيە 618-907-يىللار) دەۋرىدە غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەكەن بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ سودا ئالاقىسى خېلى راۋاجلانغان. بۇ مەزگىلدە يەكەننىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى غەربىي يۇرتنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىللە ھەرقايسى ئەللەرگە چىقىرىلغان. بولۇپمۇ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە يەكەن ئىنتايىن روناق تېپىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم سودا ۋە مەدەنىيەت شەھىرىگە ئايلانغان.
ماتىرىيال رەسم،(تېما بلەن مۇناسۋەتىسز.)


    13-ئەسىردە ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركوپولو جۇڭگوغا كېلىشىدە يەكەندىن ئۆتكەن ھەم بۇ جاينىڭ ئاۋات جاي ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن. يەرلىك تەزكىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە، چاغاتاي دەۋرىدىكى ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن، مىلادىيە 1446-يىلى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان مۇھەممەد قىرالىدىن دېگەن كىشى تەرىپىدىن يەكەن شەھىرى قايتىدىن ياسىلىپ چىققان.


    سۇلتان سەئىدخان ـــ مەشھۇر يەكەن خانلىقىنىڭ تۇنجى قۇرغۇچىسى ھەم تۇنجى سۇلتانى. سۇلتان سەئىدخاننىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ماتېرىياللاردا ھەر خىل مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ‹‹1484-يىلى تۇغۇلدى›› دېگەن مەلۇمات بىر قەدەر ئىشەنچلىك. چۈنكى كۆپلىگەن مەنبەلەردە يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان يىلى مىلادى 1514-يىلى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان 30 يېشىدا خانلىق تەختكە چىققانلىقى، 20 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، 1533-يىلى ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. سۇلتان سەئىدخان 1514-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى يەكەن خانلىقىنى قۇرغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەننى ئاستانە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خانلىق نامىنى ‹‹يەكەن خانلىقى›› دەپ ئاتىغان. سۇلتان سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئامانلىقنى قوغداپ، ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ، خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ-سېلىق ئالمىغان ھەم جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلغان.

    سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (مىلادىيە 1510-1560-يىللار) ـــ يەكەن خانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلتانى سەئىدخاننىڭ تۇنجى ئوغلى ھەم يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى. ئۇ ئادالەتپەرۋەر، خەلقچىل كىشى بولۇپ ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم ساھەسىنىڭ ئىستىداتلىق ماھىرى، مۇزىكانتى ھەم شائىرى. ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىرىنى ناھايىتى پۇختا ئۆگىنىپ، 20 ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق ئالىمى بولۇپ تونۇلغان. ئۇ مىلادىيە 1533-يىلى دادىسى سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، دادىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئادىل سىياسەت يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر 12 مۇقامىمۇ شۇ دەۋردە ئاماننىساخان، قېدىرخان يەركەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن.

   



يەكەن سەئىدىيە خانلىقى مىلادىيە 1514-يىلدىن 1678-يىلغىچە ئىنتايىن گۈللەنگەن. يەكەن خانلىقى دەۋرى 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن، ئىقتىسادى گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە قول سانائەت ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. كانچىلىق (ئالتۇن قازمىچىلىقى) مېتال تاۋلاش، قۇيمىچىلىق ئالاھىدە راۋاجلانغان. ئالتۇن، قاشتېشى، مىس، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇن رودىلىرىنى تاۋلاش ئىشلىرى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان. ئەينى زاماندا خانلىق تەۋەسىدە ئالتۇن-كۈمۈشتىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش سەنئىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ قېزىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر كۆپ بولغاچقا، ئالتۇندىن نازۇك ۋە نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئېھتىياجى يېتەرلىك قاندۇرۇلغان. ئالتۇندىن ئاساسلىق ئالتۇن تاج (خان تاجىسى)، ئالتۇن زىرە، ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن بىلەيزۈك، ئالتۇن قاداق، ئالتۇن جىيەك، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن كەمەر (زەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاسما)، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان قامچا ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىگەر-جابدۇق ياسالغان. مەدەنىيەت ئىشلىرى كۈنسايىن گۈللەنگەنلىكتىن، كىتابلارنىڭ مۇقاۋا ۋە بەتلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىش ئالاھىدە ئەۋج ئالغان. نوپۇس كۆپىيىپ، جەمئىيەت مۇقىملىشىپ قاتناش راۋان بولغانلىقتىن، ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار سودىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يەكەن خانلىقى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىس پۇل قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان ھەم خانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئوبوروت قىلغان. يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ئۆز نامىدا ئالتۇن پۇل قۇيۇپ كەڭ دائىرىدە ئوبوروت قىلغان. بۇ ئالتۇن پۇللار كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن كەڭ-كۆلەمدە تېپىلغان。


ماتىرىيال رەسم،(تېما بلەن مۇناسۋەتىسز.)

.

    مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگاننىڭ ‹‹تارىخىي رەشىدىيە›› ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈم 356-بېتىدە يەكەن خانلىقىدىكى ھەربىر خانلىرىنىڭ ئالتۇن پۇل قۇيغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى يەكەن خانلىقىنىڭ پۇل ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان. ‹‹شىنجاڭ پۇللىرى›› ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە: ‹‹شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى، يۈەن دەۋرىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، مىڭ دەۋرىدىكى يەكەن خانلىقى پىرىسلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پۇل قۇيغان، پۇلغا ئەرەب يېزىقى چۈشۈرۈلگەن›› دېيىلگەن.




‹‹بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇراسىم خاتىرىلىرى›› ناملىق خەنزۇچە كىتابتا: يەكەن خانلىقىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش پۇلدىن باشقا يەنە شەكلى شاپتۇل مېغىزىغا ئوخشايدىغان، پىرىسلاش ئۇسۇلى بويىچە قۇيۇلغان قىزىل مىس پۇل ئوبوروت قىلغانلىقى، بىر دانە قىزىل مىس پۇلنىڭ ‹‹پۇل›› دېيىلىدىغانلىقى، 50 پۇلنىڭ ‹‹بىر كۈمۈش پۇل›› (بىر سەر كۈمۈشكە باراۋەر) بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماتىرىيال رەسم،(تېما بلەن مۇناسۋەتىسز.)


    يەكەن خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنچى تۈرى، پۇلنىڭ بىر يۈزىگە گۈللۈك نەقىش، يەنە بىر يۈزىگە ئەرەبچە ‹‹قەشقەر›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئىككىنچى تۈرى، پۇل يۈزىگە گۈللۈك نەقىش ۋە ئەرەبچە خەت چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.2 گىرام، ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ ئالتە گىرام، قېلىنلىقى ئۈچ مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئۈچىنچى تۈرى، پۇلنىڭ بىر يۈزىگە مۇكەممەل بولمىغان ئەرەب يېزىقى، يەنە بىر يۈزىگە مۇكەممەل بولمىغان گۈللۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.3 گىرام كېلىدۇ. بۇ تۈردىكى پۇل يەكەن خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە قۇيۇپ تارقىتىلغان دەپ قارالماقتا. تۆتىنچى تۈرى، بۇ خىل پۇلنىڭ ئېغىرلىقى 1.2 گىرامدىن 2.4 گىرامغىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1.5 گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ خىل پۇل پارچە پۇل بولۇپ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە قۇيۇلغان قۇشۇمچە پۇل دەپ قارالماقتا.

    چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى يەكەن خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1678-يىل قوشنا ئەل جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن يەكەن خانلىقى يوقىتىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا يەكەن چىڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. دېمەك، يەكەن خانلىقى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردە گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلارنى كونترول قىلىپ، غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئالتۇن قازمىچىلىقى ۋە ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئىشلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، ئالتۇن ۋە مىستىن پۇل قۇيۇپ ئوبوروت قىلىپ، سودا-سېتىق ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىلغانلىقى، بازارنىڭ ئاۋات، سودا-سېتىقنىڭ راۋان ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ باياشاد ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-سەنئەتكە ماھىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    1. تۇرسۇن پىداقۇل: ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››، 1995-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان ‹‹يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى ئالتۇن قازمىچىلىقى ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار›› ناملىق ماقالىسى.

    2. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشر قىلغان ‹‹شىنجاڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋردىكى پۇل-مۇئامىلە تارىخى›› ناملىق خەنزۇچە كىتاب، 17-، 18-بەت.

    3. ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: ‹‹يىپەك يولى ۋە ئويغۇرلار›› ناملىق كىتاب، 171-بەت.

مۇھەممەد تۇراپ


مەزكۇر تېمنىڭ  ئەسلىي مەنبەسى:
شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى
ئاپتۇر:مۇھەممەد تۇراپ
http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2012-09/24/content_245749.htm


***********************************************************************

تورداشلارغا بىلدۇرگۈ:

   2-نۆۋەتلىك  شىنجاڭ.يەكەن 2-نۆۋەتلىك مۇقام مەدەنىيتى بايرىمى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈندىن 20-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقىتا يەكەن مۇقام مەدەنىيەت ئارامگاھى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.ھازىر مۇختەر بۇغرا، مەۋلاننىياز ،ئېلمىزدىكى داڭلىق چىراق، ياڭراتقۇ ،سەھنە جابدۇقى  مۇتەخەسىلىرى قاتارلىق ھەرساھەدىكى داڭلىق كىشلىرىمز  مەيدان لاھىيلەش،10مىڭ كىشلك مۇقام ئۇسۇلى  تەييارلىقىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىنچىكە   ھالقىلارغايىتەكچىلىك قىلماقتا .

1-قېتىملىق مۇقام مەدەنىيەت بايرىمى 2007-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ مەملكەت ئىچى- سىرتىدا زور زىلزىلە قوزغىغان ئىدى.بۇقېتىملىق بايراممۇ زور سېلنما بىلەن ئۆتكۈزىلدىغان چېغى، قەدەم تەشىرىپ قىلغايىسلەر.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   teskin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-9 05:59 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئېمپىراتور + 99 نادىر تېما!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 04:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شانۇ - شەۋكەتلىك يىللارنىڭ يادنامىسى............

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 04:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگو شىنجاڭ -يەكەن 2012-يىللىق مۇقام مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزىلدۇ.

    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پاشاگۈل ئابدۇراخمان، مەتتۇردى ساۋۇر خەۋىرى: سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، يەكەن ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ -يەكەن 2012-يىللىق مۇقام مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىغا پۇختا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى.

    ئىگلىنىشچە، بۇ قېتىملىق 2012–يىللىق مۇقام مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى 18-ئۆكتەبىردىن 20-ئۆكتەبىرگىچە ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق بايرامغا مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت رەھبەرلىرى، ھەرساھە ۋەكىللەر، ئارتىسلار ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن. بايرام باشلىنىش مۇراسىمى كۆرىكى ۋە مەخسۇس كېچىلىك قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى، قاشتېشى كۆرگەزمىسى ۋە مەشرەپ قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.بۇ قېتىمىلق بايرامدا 10مىڭ كىشلىك كوللىكتىپ ئۇسۇل ۋە دېھقانلار مەشرىپى قاتارلىقلار مەيدانغا چىقىرىلدىغان بولۇپ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمزدا ئەڭ كۆپ ئادەم سەھىنگە چىقىپ ماھارەت كۆرستىدىغان ،ئەڭ كۆپ تاماششبىن نەقمەيداندىن كۆرىدىغان بر قېتىمىلىق ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام بولۇپ قالدىكەن.

بۇ بايرام يەكەن ناھىيەسنىڭ 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلشىنى تەبرىكلەش، يەكەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئىشلىرنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇقام ۋەبادام نى ئاساس قىلغان يەكەن ساياھەتچىلكنىڭ تونۇشتۇرۇلمىسى ھېسابلنىدىكەن.

(تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورى)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   teskin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-9 10:26 PM  


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 05:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز نېمە دېگەن ئەقىللىق ھە، باشقا مىللەتتىكىلەر پۇلنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەستە پۇل دېگەننى نەچچە قېتىم، يېزىق دېگەننى نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىپ بولغان ئەمەسمۇ، مەن قەدىمى ئاستانىلەردىن بېرى بولغان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى ( يەكەن ناھىيسى ) دە تۇغۇلغانلىقىمدىن بەكمۇ پەخىرلىمەن، ئاھ مېنىڭ ئانا يۇرتۇم، مەن سېنى بەك بەك بەك بەك سۆيىمەن جۇما.   
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت دوستۇم.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

باھار ھامان ئىللىق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4334
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 05:21:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى چاغدا سۇلتان ئىسمائىلخان ھىدايەتۇللا ئىشاننى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغۇچە ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىپ دۆلەت ئىچىدە سوپى-ئىشانلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە چەك قويۇپ ئۇلارنىڭ تەسىرىنى يوقاتقان بولسا سەئىدىيە خانلىقى ئۇنچە تېز ھالاك بولمىغان بولاتتى؟

سىزئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا قۇتقۇزالايسىزئۆزكۈچىگەتايىنىشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقدىرى مەڭگۈئۆزقولىدابولمايدۇ.

بىر سېنى .....

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26807
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7462
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 913 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 05:26:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن خانلىقى تارىختا بىر دە ، ھەي يەكەن ، بىزنىڭ ئەقىل - پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز !
ھە راس 2- قېتىملىق مۇقام بايرىمىغا راسلا شۇنچە كۆپ كىشىلەر قاتنىشامدۇ ؟  مەنمۇ بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسىەم

قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەلنى قىلماي يەنە نېمە ئىشلانى قىلماقچى ؟!...
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 05:27:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51014
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9839 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 05:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 09:21 PM
ئەينى چاغدا سۇلتان ئىسمائىلخان ھىدايەتۇللا ئىشاننى چې ...


كېيىنكى سەئىدىيە خانلىرىدىكى خاقانلاردا سەئىدىخان بىلەن ئابدۇرشىتخاننىڭ ئەقلىنىڭ 10%تى بولغان بولسىچۇ دەپ سوئال شەكلىنى ئۆزگەرتىپ باقساق،سىزچە قانداق بولار؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-10 09:42 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 05:33:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 07:35:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 05:21 PM
ئەينى چاغدا سۇلتان ئىسمائىلخان ھىدايەتۇللا ئىشاننى چې ...

توغرا دەيسىز ،
بۇ مۇناپىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ناھايىتى ئېغىر كۈلپەتلەرنى سالغان .
نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى كۆيدۇرۇپ كۈل قىلغان .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش