مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2658|ئىنكاس: 38

ئۇيغۇرلاردىكى« 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 12:34:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئىلاۋە:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىمدىكى تور ئەھلى!نەچچە يىللاردىن بۇيان يۈكسەل بىلوگى باش بولۇپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەر يىللىق نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىپتۇ.ئېسىمدە قېلىشىچە، مىسرانىم مۇنبىرى ئالدىنقى يىلى بۇ پائالىيەتنى ناھايىتى ياخشى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئىدى. بۇ يىل بۇ پائالىيەتنى كومپىيوتىر ھەۋاسكارلىرى شىركىتى ئۆتكۈزىۋالغان بولۇپ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا، تېخىمۇ داغدۇغلۇق قىلىنماقچى ئىكەن. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ بىر تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تورداشلارنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىماقتا ھەم ئوينىغۇسى. شۇڭىلاشقا، كەڭ دوستلارنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر نادىر بلوگلارنى نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» باشلاندى

112613zc2jhff382f3xj2b.jpg

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بىلوگگىر دوستلار، تورداشلار!
     كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بىلوگى 2008–يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نى تەشكىللەپ، بىلوگنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر بىلوگلىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر بىلوگ مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
     بىز بۇ يەردە يۈكسەل بىلوگىنىڭ نەچچە يىللىق پائالىيەتنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز ۋە يۈكسەل ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.
     بۇ پائالىيەتنى بۇ يىلدىن باشلاپ، شىركىتىمىز تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىرى بىر نەچچە تېما ئېلان قىلىنغان ئىدى، تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://bbs.xjcfan.com/forum-100-1.html
     بۈگۈن «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىمىز!

     بىرىنچى. پائالىيەت سورۇنى:
     بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تاللاش، بېلەت تاشلاش، بېكىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى (
http://bbs.xjcfan.com) دە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

     ئىككىنچى. پائالىيەت ۋاقتى:
     2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

     ئۈچىنچى. پائالىيەت قەدەم-باسقۇچلىرى:
     پائالىيەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ بېرىلىدۇ، نەتىجىسى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
     بىرىنچى باسقۇچ: بىلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بىلوگگىرلار ياكى تورداشلار ئۆز بىلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ.
     بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
     ئىككىنچى باسقۇچ: دەسلەپكى 20 بىلوگنى تاللاش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئىتى نامزات بىلوگلار ئىچىدىن 20 بىلوگنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ باسقۇچ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
     ئۈچىنچى باسقۇچ: 10 نادىر بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا دەسلەپكى تاللاپ چىقىلغان 20 بىلوگقا تورداشلار بېلەت تاشلاپ، 10 نادىر بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ. بۇ باسقۇچ  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
     پائالىيەت نەتىجىسى سۈپىتىدە 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئۇيغۇرلاردىكى 2012–يىللىق 10 نادىر بىلوگ» بىرلا ۋاقىتتا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى ۋە
ئۇز بىلوگ ئۇلىنىش تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

     تۆتىنچى. پائالىيەتنى ماددىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىغۇچىلار:
     قوللىغان شىركەت ۋە ئورۇنلار تىزىملىكى (ئورۇنلارنىڭ پائالىيىتىمىزنى قوللاش ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى):
     1. بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
     2. مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
     3. ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
     4. مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
     5. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
     6. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
     7. ئۇلىنىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى (
ulinix.cn) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
     8. ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (
izda.com ئارقىلىق) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
     9. بىرزات بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
     بۇ ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

     بەشىنچى. مۇكاپات سوممىسى:
     1. بۇ پائالىيەتتە 1-بولغان بىلوگقا 2698 يۈەن قىممىتىدىكى
3G بىلكان پەد، 2-بولغان بىلوگقا 1295 يۈەن قىممىتىدىكى iBilig M2000 ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتى، 3-بولغان بىلوگقا 1180 يۈەن قىممىتىدىكى بىلكان U8 يانفونى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
     2. 4-بولغان بىلوگقا 680 يۈەن قىممىتىدىكى
بىلكان U1 يانفونى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
     3. ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن قالغان 6 بىلوگنىڭ ھەر بىرىگە بىر دانىدىن 795 يۈەن قىممىتىدىكى
iBilig M8 ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
     4. 10 نادىر بىلوگنىڭ ھەر بىرىگە بىر نۇسخىدىن 1800 يۈەن قىممىتىدىكى
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0 (ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى) مۇكاپات بېرىلىدۇ.
     5. 10 نادىر بىلوگ قاتارىغا كىرگەن ئالدىنقى ئۈچ بىلوگنىڭ ھەر بىرىگە بىر يۈرۈشتىن
ساغلاملىق مەھسۇلاتى (بىر زات ئالاھىدە ھەسىلى، بىر زات خۇشپۇراق گۈلچېيى، بىر زات ئاپتاۋى گۈلقەنتى) مۇكاپات بېرىلىدۇ.
     6. 10 نادىر بىلوگ قاتارىغا كىرگەن ئالدىنقى ئۈچ بىلوگنىڭ ھەر بىرىگە پائالىيەت نامى چۈشۈرۈلگەن
خاتىرە بۇيۇمى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
     7. 10 نادىر بىلوگ قاتارىغا كىرگەن ئالدىنقى ئۈچ بىلوگ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا زىيارەت قىلىنىدۇ. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلىدۇ.
     8. ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن، لېكىن 10 نادىر بىلوگ قاتارىغا كىرەلمىگەن 10 بىلوگنىڭ ھەر بىرىگە بىر نۇسخىدىن 220 يۈەن قىممىتىدىكى
تۆت تىللىق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (شەخسلەر نۇسخىسى) مۇكاپات بېرىلىدۇ.
     9.
ئۇلىنىش تورى دىكى بىلوگلار قاتارىدا 10 نادىر بىلوگ ئەڭ ئالدىغا تىزىلىدۇ.

     ئالتىنچى. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن بىلوگلار:
     1. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى مەسئۇلىنىڭ بىلوگى-
قىسمەت بىلوگى
     ۋاز كېچىش سەۋەبى: پائالىيەتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن.

     يەتتىنچى. زۆرۈر ئەسكەرتىشلەر:
     1. پائالىيەتنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ سالاھىيىتى تاكى پائالىيەت ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاشكارىلانمايدۇ.
     2. پائالىيەت پەقەت بىرلا ئورۇن (
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى)دا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
     3. بىلوگلارنىڭ نامزاتلىققا تەكرار كۆرسىتىلىشى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. (مەسىلەن، بىر بىلوگنى مەيلى بىر كىشى نامزاتلىققا كۆرسەتسۇن، مەيلى 10 كىشى نامزاتلىققا كۆرسەتسۇن، پەقەت بىر قېتىمى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. كۆپ قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش بىلوگلارنىڭ باھالىنىشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.)
     4. نامزات كۆرسىتىش ئاخىرلىشىپ، باھالاش ھەيئەتلىرى نومۇر قويۇش باسقۇچى(ئىككىنچى باسقۇچ)غا كىرگەندە نامزات بىلوگلار ئىچىدىن 20 بىلوگنى تاللاش، نومۇر قويۇش ھەققىدىكى تەپسىلىي شەرت، پىرىنسىپ-ئۆلچەملەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ. باھالاش ھەيئەتلىرى شۇ پىرىنسىپ-ئۆلچەملەر بويىچە ئالدىنقى 20 بىلوگنى تاللاپ چىقىدۇ.
     5. پائالىيەت بېلەت تاشلاش باسقۇچى(ئۈچىنچى باسقۇچ)غا كىرگەندە بىر
IP دىن پەقەت بىر بېلەت تاشلاش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ. بىر IP دىن تەكرار تاشلانغان بېلەت ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ئەگەر بۇ قىلمىش ئېغىر بولسا، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلۈپ، بىلوگگىرلارنىڭ ھوقۇقى، پائالىيەتنىڭ نوپۇزى قوغدىلىدۇ.

     سەككىزىنچى. بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش شەرتلىرى:
     1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن–نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە–تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بىلوگ بولۇشى كېرەك.
     2. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاق-يوسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىلوگ بولۇشى كېرەك.
     3. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىلوگ بولۇشى كېرەك.
     4. 2012-يىلى 6-ئايدىن ئىلگىرى باشلانغان بىلوگ بولۇشى كېرەك.
     5. ھەر ئايلىق يازما سانى چوقۇم 1 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

     توققۇزىنچى. ئاخىرقى سۆز:
     شۇنداق، بۇ پائالىيەت باشلاندى، ھازىردىن باشلاپ بېكىتىمىز (
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى)دە بىلوگىڭىزنى ياكى سىز ياقتۇرغان بىلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە نامزاتلىققا كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك داۋاملىشىشى ئۈچۈن نامزات بىلوگنىڭ تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە يوللىنىشىنى سورايمىز.
     بىلوگ ئىسمى: پالانى بىلوگى
     تور ئادرېسى:
http://www.abcd.com
     بىلوگ تۈرى: ئەدەبىيات ياكى پەن-تېخنىكا ياكى پەلسەپە... بىلوگى

     بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.
     زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
     تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991
     تور بېكەت:
http://www.xjcfan.com
     ئېلخەت:  
xjcfan@sina.com
     ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

مەنبە:

2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

مەنبە: http://bbs.xjcfan.com/thread-3031-1-1.html





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9647
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1832 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرزات بىلوگ !!

nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:17:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تورخۇمار ۋە  ھەزرەت بىلوگلىرىغا بىلەت تاشلايمەن...يىڭىلىنىشى تىز ھەم يىڭىلىق تىپىدا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80886
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3294
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:47:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 11:33 AM
نىمۇ  ئۇ  بىلوگ  دېگەن،  توربەت  دېگەن  گەپما؟

بىلۇگ دىگەن چايغا سىلىپ ئىچدىغان نەرسە

نىمشقىمۇ سىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ، بۇ ھاياتىمىدا چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن تۇنجى قىز ئىدىڭغۇ ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ بېلەتنى نامزاتنى بۇ يەردە ئەمەس،بەلگىلەنگەن جايدا كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10550
تۆھپە نۇمۇرى: 710
توردا: 2162 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەزرەت تورىنىڭ قۇرغۇچىسى  ھەقىقەتەن  تالانتلىق يىگىتكەن  !

nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 02:17:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 02:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش