مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3964|ئىنكاس: 38

يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان شۇ مىنۇتلار(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9964
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 10:45:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. ئانام ماڭا: " سېنى سېغىنغان چېغىمدا بازار ئايلىنىمەن، چىرايلىق كىيملەرنى كۆرگەندە< مۇشۇ كىيىملەر قىزىمنىڭ ئۇچىسىدا بولسا تېخىمۇ چىرايلىق بولاتتى> دەپ ئويلاپ ئۆزۈمچە خۇش بوپ كېتىمەن.
2.ئۆيگە يېڭى تېلىۋىزور ئالدۇق، مەن ئۇنى مېھمانخانىغا قويايلى دېدىم، ئانام ئۆزلىرىنىڭ ياتاق ئۆيىگە قويايلى دەپ تۇرىۋالدى، بىز بىرئاز تالاشقاندىن كېيىن، ئانام يەنىلا مېھمانخانىغا قويدى.
نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئانام ماڭا ئۇچۇر قىلىپ:" ئەينى چاغدا تېلىۋىزورنى ياتاق ئۆيگە قويايلى دېيىشىمدىكى سەۋەب ، سېنى دائىم بىزنىڭ ياتاق ئۆيگە كىرىپ تۇرارمىكىن ، بىزگە كۆپرەك ھەمراھ بولامدىكىن دېگەن...."    بۇ ئۇچۇرنى كۆرگىنىمدە ئىچ ئىچىمدىن يىغلاپ كەتكەن ئىدىم.
3.بوۋام قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: " مەن شۇنداق ياخشى ، مەندىن ئەنسىرىمە، سەن ئۆزۈڭنى بەكرەك ئاسرا، ياخشى ياخشى يېگىن..."
شۇ چاغدا ئۈستەل ئۈستىدە پەقەت بىر تەخسىلا چىلانغان سەي بار ئىدى، ئۇكۈنى دەل بوۋامنىڭ 80 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئەمەسمۇ؟!    بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى...
4. سىرتتا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىم ئىدى، تۇنجى قېتىملىق ھېيتتا ئۆيگە قايتقىنىمدا پويىزدا ئىچىپ بولالمىغان بىر قۇتا يېشىل چاينى ئانامغا بەردىم، ئۇ :" نېمىدېگەن تەملىك، مەن ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىنى ئىچىپ باقمىغان ! " دېگەن ئىدى....
5.مېنىڭ دادام يوق، كىچىكىمدىن ئانام بىلەن بىللە تۇراتتىم. ئانام ئادەتتە بەك ئالدىراش ئىدى، پەقەت كېچىسىلا مېنى كۆرەلەيتتى. بىر كۈنى يېرىم كېچە بولغاندا دوستلىرىم مېنى ئولتۇرۇشقا چاقىردى، مەن ئىشىك تۈۋىدە ئايىقىمنى ئالماشتۇرۋاتسام، ئانام ماڭا قاراپ:" مېنىمۇ بىللە ئېلىۋالساڭ بولامدۇ؟ .... "  دېدى... شۇ دەقىقىدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئانامغا قارىيالمىدىم....
6.دادام راكقا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئوپراتسىيىخانىغا كىرىپ كېتىپ تۆت بەش سائەتتە ئاران چىقتى، ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ ، مېنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بەك ئىزدەپ كېتىپتۇ، گەپ قىلالمىغاچقا، دوختۇرنىڭ ئالىقىنىغا بارمىقى بىلەن مېنىڭ ئىسمىمنى يېزىپتىكەن، ئاندىن كۆپچىلىك دادامنىڭ مېنى ئىزدىگەنلىكىنى بىلىپتۇ... مۇشۇ چاغنى ئويلىساملا دادامنى بەك سېغىنىمەن....
7.دادام بىر قېتىم قاتتىق ئاغرىپ يېرىم ئايغىچە ھوشسىز يېتىپ قالدى، ھوشىغا كەلگەن كۈنى تۇنجى دېگەن سۆزى ، ئانامغا قاراپ ئاجىزغىنە ئاۋازدا:" بالىنىڭ مەكتەپتىن كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، سەن بېرىپ تاماق قىلغىن ... "
8.تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا تور ئويۇنلىرىغا بەكمۇ ئامراق ئىدىم، كۆپ قېتىم دەرس تاشلىغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇتقۇچۇم ئانامنى مەكتەپكە چاقىرىتىپ ، ئانامنىڭ ئالدىدا ماڭا تور ئويۇنلىرىنىڭ زىيىنى توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى... ئويۇننىڭ قوراللىرى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، ئانام ماڭا: " ئۇ قوراللارنى ياتاققا قوپقويغانمىتىڭ؟ ئەپچىقساڭ مەن ئۆيگە ئالغاچ كېتەي، سەن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇ ... " دېدى... شۇ چاغدا ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپلا يىغلاپ كەتكەنىدىم.
9.بوۋام ئالەمدىن ئۆتتى، بىز ئاخىرەت ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ، ئۆيگە قايتتۇق. كېچىدە، ئانام ماڭا :" قىزىم ، بىلەمسەن؟ مەن دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم، ئاناڭنىڭ دادىسى يوق بولدى ..." دېدى...  مەنمۇ ئانامغا ئەگىشىپ راسا يىغلىدىم.
10." ئۆيدە داداڭ يوق، ئۆزۈم يالغۇر تاماق ئەتكۈم كەلمىدى، پېچىنە يەپ ئولتۇردۇم، مۈشۈكۈڭ ماڭا ھەمراھ بولۇۋاتىدۇ..." ئانامنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى مەن تا ھازىرغىچە تېلفۇنۇمدا ساقلاپ قويدۇم.
11.كىچىك چېغىمدا دادام ماڭا دورا ئىچكۈزمەكچى بولغاندا مەن تۇيۇقسىز يۆتىلىپ قېقىلىپ كەتتىم، ئانام دەرھال يۈگرۈپ كېلىپ دادامنى تىللاپ چىقىرىۋەتتى.  بىر ھازادىن كېيىن ھەدەمدىن دادامنى سورىغانىدى ، ھەدەم سىرتقا چىقىپ :" دادام سىرتتا يىغلاۋېتىپتۇ ..." دەپ كىردى....
12.كىچىك چېغىمدا دادام دائىم مېنى كۆكتات سېتىۋالغىلى ئەپ چىقاتتى، ئۇ چاغدا يولدا ماڭغاچ مەن ئۇنىڭ سىنچىلاق بارمىقى تۇتۇپ ماڭاتتىم. تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە، ھاممامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇدۇم. بىر دەم ئېلىشتا دادام بىلەن ئۆيگە قايتتىم، يولدا ماڭغاچ ئۇنىڭ قولىغا ئىختىيارسىز قاراپ سالدىم، ئۇنىڭ سىنچىلاق بارمىقى يەنىلا ئايرىم تەڭلىنىپ تۇراتتى...
13.يازلىق تەتىلدە ئۆيدە بولغاچقا، كۈندە چۈشكە يېقىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، بىر ۋاق تاماق يەپلا شۇ كومپيۇتېر ئويناپ كېچە 12دىن ئاشمىغۇچە ئۇخلىمايتتىم. ئانام مېنىڭ بۇ تۇرمۇش ئادىتىمدىن بەكمۇ نارازى ئىدى، شۇڭا داۋاملىق ماڭا قاقشايتتى. تەتىل توشۇپ مەكتەپكە قايتىدىغانغا ئاز قالغان بىر كۈنى، ئانام جۇۋاۋا ئېتىۋېتىپ، مېنى ئاشخانىغا كىرىپ جىلتىسىنى ئېچىپ بەرگىن دېدى. ئۇ پەقەت مېنىڭ يېنىدا كۆپرەك تۇرۇشىمنى، مېنىڭ بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. تاماق يەۋېتىپ، مېنىڭ ئىلغاپ چىقارغان سەيلىرىمنى ئۆز تەخسىسىگە سالغاچ: " مۇشۇنداقلا كېتەمسەن؟ مەن تېخى تىللاپ بولالمىغان تۇرسام..." دېگەن ئىدى. بۇرنۇم شۇنداق  ئاچچىق ئېچىشىپ كەتتى...
14.ھېيت ئايەم كۈنى مەن سىرتتا خىزمەتتە بولغاچقا ئۆيگە قايتالمىدىم، دادام ئايەم كېچىسى مېنىڭ قايتمايدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ، كېچىدە ئادەم شالاڭ شۇ بېكەتتە قەھرىتان سوغۇققا قارىماي مېنى ساقلاپتۇ، ئانام :" بالىمىز كەلمەيدۇ، ئۇ كېلەلمەيمەن دېدىغۇ ؟!" دېسە .... دادام :" ئەگەردە بىزگە چاقچاق قىلغان بولسىچۇ؟ تۇيۇقسىز كېلىپ بىزنى خۇشال قىلىمەن دەپ ئويلىغان بولسىچۇ؟! " دەپ جاھىللىق بىلەن يېرىم كېچىگىچە بېكەت تاقالغىچە مېنىڭ يولۇمغا قاراپتۇ....
15.مومام ئاشقازان راكى بولۇپ قېلىپ، ئۈچىنچى قېتىم دوختۇرغانىدا يېتىپ قالغىنىدا، مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ:" ماڭا بىردەم ھەمراھ بولغىن، ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتەلمەسلىكىم مۇمكىن..."

    داۋامى بار!

    مەنبە : توردىن تەرجىمە قىلدىم.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
loveuighur + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
kamran + 50 بەكلا تەسىرلىككەن .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 350   باھا خاتىرىسى

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12393
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32443
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4456 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 11:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر دادامنىڭ تېلىفونىنى ئېلىپ،كۆڭلۈنى يېرىم  بولۇپ بىرمۇنچە يىغىلغان ئىدىم،بۇ تەسىرلىك قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىم يەنە ياش بىلەن نەمدەلدى....

ئاتا -ئانىلار بىر ئۆمۈر پەرزەنت ئوتىدا كۆيگۈچىلەردۇر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 11:24:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى مەكتەپتكى چاغدا تەتلدە ئۆيگە كەلدىم ..بىر كۈنى ئاپاملار تاماق ئېتىپ تاماق يەيلى دەپ تۇرشمزغا ئاپام بىلەن گەپ تەگشىپ قېلىپ تاماقنى يىيمەي ياتاق ئۆيۈمگە كىرۋالدىم ،دادام كەيىنمدىن كىرىپ تاماق يىيشىمىنى دەپ كەچۈرۈپ سوردى مەن ئۇنمدىم .ئىشكىنى ئىلۋالدىم ئەتسى يەڭگەمدىن ئاڭلشمچە داداممۇ تاماق يىمەپتۇ ...بىرىنچى يەڭگەم بۇ توغۇرلۇق ماڭا خېلى تەربىيە قىلغان
يەنە بىرى ئالى مەكتەپكە ماڭدىغان ۋاقتتا تۇنجى يىلى دادام ئاپرىپ قويغان .مىنىڭ يولدا تاماق يىيەلمەيدىغان ئادىتىپ بولغاچقا يول ئۈستىدە تاماق يىمدىم ،داداممۇ كۆڭلۈم كۆتۈرمدى دەپ يىمگەن ..ئەمما كېيىن ھېس قىلدىم دادام يولدا نەرسە يەپ مېڭشقا ئامراقكەن ....بۇنداق تەسرلىك  كۆرۈنۈشلەر بەك كۆپ .....

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

توۋا دەيمەن.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1468
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 11:59:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  سىز ئۇماق پەرزەنتىڭىزنى ئەركلەتكەن ۋاقتتا ،ئاتا ئانىڭىزنىمۇ سىزنى شۇنداق ئەركلتىپ ئۇتىڭىزدا كۈيۈپ چوڭ  قىلغانلقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .


ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 12:02:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم ، دادام - ئاپامنى سېغىنىپ بىرھازا يىغلىۋەتكەنىدىم ، بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ كەتتى .

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9964
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 12:13:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۈگۈن تەرجىمە قىلىۋېتىپمۇ يىغلىدىم، يىغلىدۇقمۇ يىغلىدۇق، ئەمدىكى مەسىلە ئاتا ئانىمىزغا ( توي قىلىپ بولغانلار بولسا قېينئاتا قېيىنئانىسىغا ) تېخىمۇ كۆيۈنەيلى... قاچانغىچە ئەركىلەپ ئۇلارنى جاپاغا سېلىپ ياشايمىز؟ يىراقتا بولساق كۈندە تېلفۇن قىلىپ ئاتا ئانىمىزنىڭ كۈندىلىك ھالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرايلى...
   ئويلاپ باقايلى، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي نەتىجىمىز تۆۋەن چىقىپ قالسا ياكى جېدەل چىقىرىپ قويغاندا ئوقۇتقۇچى ئاتا ئانىمىزنى چاقىرتىدۇ، ئۇ چاغدا خۇددى بىز ئۆتكۈزگەن خاتالىق ئاتا ئانىمىزدىدەك ئۇلار بىز ئۈچۈن ئەركەكلىك غورۇرىغا ئانىلىق غورۇرىغا يات ھالدا باشلىرىنى تۆۋەن سالىدۇ.... ئۆيدە پۇل يوق، بايراملىق يېڭى كىيىم كىيگۈمىز بار دەپ تەتۈر جېدەل قىلغاندا، بىچارە دادىمىز ساقاللىرىنى تىترىتىپ، كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەي، يات بىر خەق ئالدىدا پۇل ئۆتنە سورايدۇ. بىز ھازىر مۇشۇ يېشىمىزدا ئۆز قېرىندىشىمىز ياكى ئاتا ئانىمىزدىن پۇل سوراشقا قانچىلىك ئۇيلىمىز؟ ئەجىبا شۇ چاغدا يوغان بىر ئەركەك بولغان سۆيۈملۈك بىچارە دادىمىز نومۇس  ھېس قىلمامدۇ؟ كىم ئۈچۈن؟ پەقەت ۋە پەقەت بىزدەك ئەقىلسىز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن!

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى
hayrat520 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 12:28:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىت سەمىميمۇ ئادەممۇ؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84777
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 12:41:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرىكىم ئىزىلىپلا كەتتى ،  ئاتا- ئانا نەقەدەر ئۇلۇغ ئىنسانلار ھە، ئۇنداق مىنۇتلار،،،، ھەر بىر ئويلىسام نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالىمەن.  ھەر ئازنىغا كەلگىنىمدە ئاتا- ئانامنىڭ ھەرقانداق مۇھىم ئىشنىمۇ تاشلاپ شۇ كۈنلىكى مىنى دەپ ھىچقايسىسى ھىچيەرگە بارماي ھەتتا دادامنىڭ نامازنىمۇ ئۆيدە ئوقۇيدىغىنىنى،،، ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمنى ئەسلىسەمغۇ ....
ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئاتا-ئانامنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەيمەن.

كۈلۈپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغۇچىنى،ئاللاھ يىغلاتقان پىتى دوزاققا تاشلايدۇ.
يىغلاپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىنى بولسا،ئاللاھ كۈلدۈرگەن پىتى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 03:14:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق شۇنداق يۈرەكنى ئېچشتۇردۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 03:20:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۈيەرمەن بالامغا ، بالام كۈيەر بالىسىغا !  پەرزەنىت شۇنداق  مىھرى ئىسسىق  بولدىكەن .

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش