ئىككى ئۆلچەملىك كود يەنە ئىككى ئۆلچەملىك تاياقسىمان كود دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىككى ئۆلچەملىك كود ئەڭ ئاۋۋال ياپونىيەدە ئىجاد قىلىنغان بولۇپ ئۇ مەلۇم بەلگىلەنگەن گېئومېتىرىيەلىك شەكىلنىڭ مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە تەكشىلىكتە(ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتا) تارقىلىشى بولۇپ، ئاق قارا ئارىسىدىكى شەكىلدىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ساقلايدۇ. كود ئاساسىي بولسا كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى لوگىكىلىق ئاساسىي بولغان "0" ۋە "1"نىڭ بىت ئۇقۇمىدىن پايدىلانغان بولۇپ، ئىككى خانىلىق سىستېمىغا ماس بولغان گېئومېتىرىيەلىك شەكىلدىن پايدىلىنىپ، يېزىق ئۇچۇرلىرىنى ساقلايدۇ، رەسىم كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ياكى ئوپتىك سېكانىرلاش ئۈسكۈنىسى ئاپتوماتىك ئوقۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇننى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ھازىر كۆپ ئىشلىتىدىغان كود ئۆلچەملىرىدىن QR Code، Data Matrix قاتارلىقلار بار .
ئىككى ئۆلچەملىك كود تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە :
1. يۇقىرى زىچلىقتا كودلانغان، ئۇچۇر سىغىمى چوڭ:
ئۇنىڭدا 1850 چوڭ ھەرپ ياكى 2710 سان ۋە ياكى 1108 بايت ئۇچۇر سىغىدۇ.
2. كودلاش دائىرىسى كەڭ:
بۇ خىل كود رەسىم، ئاۋاز، يېزىق، خەتكۈش، بارماق ئىزى قاتارلىق سىفىرلاشتۇرغىلى بولىدىغان ئۇچۇرلارنى كودلاپ تاياقسىمان كود ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا كۆپ خىل يېزىقنىمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .
3. توغرىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە:
ئىككى ئۆلچەملىك كودنىڭ بىر قىسمى بۇزۇلۇپ كەتسە ياكى مەينەت بولۇپ كەتسە ئۇنى توغرىلاپ ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.
4. كودلاش ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى
ئادەتتىكى بىر ئۆلچەملىك كودنىڭ كودلاش خاتالىقى مىليوندىن ئىككى بولۇپ، ئىككى ئۆلچەملىك كودنىڭ كودلاش خاتالىقى 10 مىليوندىن بىردىنمۇ تۆۋەن.
5. مەخپىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
6. چىقىمى تۆۋەن، ئاسان ياسىغىلى بولىدۇ، ئۇزۇنغا چىدايدۇ.
ئىككى ئۆلچەملىك كود ھازىر ئېلېكترونلۇق ئىسپات، ساختىدىن ساقلىنىش، ژۇرنال ۋە سىفىرلىق نەشر بويۇملىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە، دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پويىز بېلىتىدىمۇ ئىككى ئۆلچەملىك كود ئىشلىتىلگەن.
ئەمدى تۆۋەندىكى كودلارنى سېكانىرلاپ بېقىڭ، ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى كۆرىسىزكى؟
1. بۇنى ھازىر مودا بولۇۋاتقان مىكرو ئۇچۇرنىڭ [سېكانىرلاپ بېقىڭ (扫一扫)] دېگەن ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سېكانىرلاڭ.