مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 688|ئىنكاس: 3

ھۈكۈمەتنىڭ ئۈچ تۈرلۈك خىراجىتى بىزنىڭ دىمكۇراتىك مالىيەدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85878
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 03:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھۈكۈمەتنىڭ ئۈچ تۈرلۈك  خىراجىتى بىزنىڭ دىمكۇراتىك مالىيەدىن   قانچىلىك يىراقلىقتا تۇرغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ

ئىقتىسادشۇناس لاڭشىيەنپىڭ

ئالدىنىقى ھەپتە مەركەز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار كەينى- كەينىدىن «ھۈكۈمەت خىراجىتىدىكى ئۈچنى ئاشكارلاش»ئېلىپ باردى .(ئۈچ تۈرلۈك ھەق دىگىنىمىز ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىش ، ھۈكۈمەت ماشىنىسى سىتىۋىلىش ، ۋە ئونىڭ چىقىمى ، ھۈكۈمەت ئىشىلىرى ئۈچۈن مېھمان كۈتۈش قاتارلىقلاردىكى خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ) تاراتقۇلار «يەر تەۋرەشنى ئالدىن مەلوم قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەردىكى خىراجىتى ھۈكۈمەت ماشىنىسىنىڭ 13\1غىمۇ يەتمەيدۇ»،«دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ ماشىنا خىراجىتى بىرمىليارد ئۈچ يۈز مىليون يۆەندىن ئىشىپ كەتتى »،«سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ70پىرسەنت خىراجىتى ماشىنا چىقىمىغا ئىشلىتىلگەن»قاتارلىق كىشىنى قىزىقتۇردىغان تىمىلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۈچنى ئاشكارلاشتىكى نامۇۋاپىق ، قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خىراجەتلەردىن ھەيران قالغانلقىنى ئىپادىلىدى . بىراق مەن بۇلاردىن قىلچە غەلىتىلىك ھېس قىلمايمەن ، مەن «جۇڭگو ئىقتىسادى ئەڭ خەتەرلىك چەككە بېرىپ يەتتى »دىگەن كىتابىمدا بۇرۇنلا مالىيەدىكى مۇۋاپىق چىقىم قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى مۇۋاپىق پىلانلاش دەپ ئۇتتۇرغا قويغان ، مەركەز مالىيە خامچۇتىنى ئاشكارلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،پۇقرالارغا ھۈكۈمەتنىڭ زادى قانچىلىك پۇل خەجلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشنى ، ئىش بىجىرگەندە ھۈكۈمەتنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى . بىراق ھۈكۈمەت جاكارلىغان مالىيە خامچوتىنى كۆرۈپ شۇنى بىلدىمكى بۇ نەرسىنى پۇقرالارنىڭ چۈشىنىشى  قەتئى مۇمكىن ئەمەسكەن ، ئادەمنىڭ ئوغىسىنى تىخىمۇ قاينىتىدىغىنى  شۇكى بەزى مۇتەخەسىسسلەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي پۇقرالارنىڭ بۇنى چۈشەنمەسلىكى نورمال ئەھۋال دىدى ، مانا مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ مالىيە باراۋەرلىكىدىن قانچىلىك يىراقلىقتا تۇرغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ .
دۆلىتىمىز مالىيە دىمكۇراتىيىسىنىڭ قاراڭغۇلۇقتا شۇنچە ئۇزۇن تىمسىقلاپ يۈرگەنلىكىگە ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ  . 1951-يىلى ئېلان قىلىنغان «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»دە «دۆلەت مالىيە پىلانى ، دۆلەت خامچوت ، نەقچوت ۋە باشقا مالىيە ئەھۋالى »مەخپىيەتلىكنى ساقلاش دائىرىسى ئىچىگە كىرىدۇ ، دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدۇ . دەپ بەلگىلەنگەن . 1997 –يىلى دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى ۋە مالىيە مىنىسىتىرلىكى بىكىتكەن «جۇڭگو ئىقتىسادى خىزمەت مەخپىيىتى ۋە مەخپىلىك دائىرىسى، دەرىجىسى بەلگىلىمىسى»دە مالىيە يىللىق خامچوت ، نەقچوت لاھىيىسى ھەم كىرىم –چىقىم تۈرلىرىنىڭ يىللىق ئەمىللىشىش ئەھۋالى ئۆتكەن يىللاردىكى مالىيە تەپسىلى ھېساۋاتى ماتىرياللىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە تەۋە جەمئيەتكە ئاشكارلاشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەندى  . 2000-يىلى 9-نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك خەلىق ۋەكىللەر يىغىنى 3- ئومومى يىغىنىدا ۋەكىللەر كۆرگەن مالىيە خامچوت ماتىريالىنىڭ سىرتىغا «مەخپى، يىغىندىن كىيىن يىغىۋىلىنىدۇ »دىگەن خەتلەر بىسىلغان ئىدى .
تاكى 2007-يىلى ھۈكۈمەت ئۇچۇرنى ئاشكارلاش پىرىنسىپىدا « مالىيە خامچوت،  نەقچوت دۇكلاتى »ۋە «مالىيە كىرىم-چىقىم ، ھەرقايسى مەخسوس تۈرلەرنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالى »ھۆكۈمەت ئاشكارلايدىغان ئۇچۇر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . بۇ خامچوتنى ئاشكارلاشقا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى تۈزۈم ، بىراق ھەر دەرىجىلىك ھۈكۈمەتلەر بۇنى ئىجرا قىلمىدى .
پەرەز قىلىپ باقايلى، پۇقرالار بۇ ھېساۋاتلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چۈشىنەلىسە قانداق بۇلۇپ كېتەر ؟
2009-يىلى گواڭجۇ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى  گواڭجۇ شەھىرىگە قاراشلىق 114 ئورۇننىڭ شۇ يىللىق مالىيە خامچوت ئەھۋالىنى ئاشكارلىدى ھەم « گواڭجۇ ھۈكۈمەت » تورىدا ئېلان قىلدى .گەرچە «ئۈچ خىل چىقىم »ئايرىم-ئايرىم ئاشكارلانمىغان بولسىمۇ ، بەزى يەرلىرىنى پۇقرالار يەنىلا چۈشىنەلمىسىمۇ بىراق ھېچ بولمىغاندا ئەڭ زور دەرىجىدە كونكىرىتلاشتۇرۇلدى ، كۆپىنچىسىنى چۈشىنەلەيدۇ . مەسلەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خامچوت ئەھۋالى ھەربىر مەكتەپنىڭ  تۈرلۈك چىقىملىرىغىچە ئىنچىكە ھېسابلانغان .ئەمگەك كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ھېساۋاتىدا بىر مەمورى ئورۇن ، 15 كەسپى ئورۇننىڭ كىرىم –چىقىم ئەھۋالى بىرمۇبىر ھېسابلانغان . بۇ پۈتۈن مەمىلىكەت بۇيىچە مالىيە خامچوتىنى ئاشكارلىغان تۇنجى يەرلىك ھۈكۈمەت . گەرچە پۇقرالار بىر قىسىم خىراجەتلەرگە بولغان گۇمانىنى ئۇتتۇرغا قويغان بولسىمۇ بىراق زور كۆپچىلىك ئامما بۇ خىل ئۇسولنى مۇئەييەنلەشتۈردى.  
كىيىن گواڭجۇ مالىيە ھېساۋاتىنى ئاشكارلاپ ئۈچ  ئاي بولماي تۇرۇپ  مالىيە مىنىستىرلىكى «خامچوت ئۇچۇرۇنى ئاشكارلاشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش تۇغۇرسىدىكى يىتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى . بۇ يىتەكچى پىكىردە ،ھۈكۈمەتنىڭ بارلىق چىقىملىرى 23 تۈرگە ئايرىلغان بۇلۇپ ، بۇرۇنقى 114 ئورۇننىڭ ھېساۋاتى مۇشۇ 23 تۈرگە يىغىنچاقلانغان، يەرلىك ھۈكۈمۈتلەر پەقەت مۇشۇ بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالىنى ئىشلەپ قويسىلا بۇلىدۇ ،  بۇ نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ مەن بىر مىسال ئالاي ، 2009-يىلى گواڭجۇ شەھرى ئاشكارلىغان 114 ئورۇننىڭ ھېساۋاتىدا بىز ھەربىر مەكتەپنىڭ بىر يىلدا قانچە پۇل ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلەيتتۇق ، ھازىرچۇ، بۇ مائارىپ ئومومى چىقىمىغا ئۆزگەرتىۋىتىلگەن  بۇلۇپ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىز ئەمدى بۇ پۇللارنىڭ زادى قەيەرگە خەجلەنگەنلىكىنى بىلىشكە ئامالسىز دېگەن گەپ .
تىخىمۇ چۈشۈنىكسىز يېرى شۇكى ، بۇ23 تۈرنىڭ ئىچىدە «باشقا چىقىم »دىگەن بىر تۈر بۇلۇپ ، قالغان 22 تۈرنىڭ 12تارماق تۈرىدىمۇ  « باشقا چىقىم » تۈرى بار . بەزى يەرلىك ھۈكۈمەتلەرنىڭ « باشقا چىقىم »لىرى ئومومى چىقىمنىڭ 40 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتكەن ، بۇنداق خامچوت ھېساۋاتىنى پۇقرالار قانداق چۈشىنەلىسۇن ؟كۆپچىلىك چۇقۇم « باشقا چىقىم »نىڭ نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىغا قىزىقۋاتقانسىلەر ؟بىز شىنخوا تورىنىڭ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قاراپ باقايلى: ئەنخۈي ئۆلكىسى سوجۇ شەھەر لىڭبى ناھىيىسى مۇپەتتىش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلوم بۇلىشىچە « باشقا چىقىم »ھېساۋاتىدا نامراتلاردىن ھال سوراش ، ياردەم ئىئانە قاتارلىقلار بار بۇلۇپ كۆپ قىسمى مۇكاپات ، يىيىش-ئىچىش ، ئۆگىنىش ئىكىسكورسىيە قاتارلىقلار ئىكەن . 2009-يىلى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىنىشىچە خۇنەن ئۆلكىسى لۇياڭ شەھەرلىك رادىئو تىلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقىنىڭ پۇت ئوۋلىتىش ، رىستۇران ئايرىم خانىسى، غەرىپچە تاماق ، سۇ بىلەن داۋالىنىش قاتارلىق ئەيش-ئىشرەتلەرگە سەرىپ قىلغان چىقىمى دەل شۇ « باشقا چىقىم » ھېساۋاتىغا كىرگۈزۈلگەن .
راستىنى ئېيتقاندا شۇنداق ئېيتىشقا  بۇلىدىكى ، بۇنداق مالىيە خامچوتىنى بىزنىڭ نۇرغۇن خەلق ۋەكىللىرىمىزمۇ چۈشەنمەيدۇ ، بىراق نىمىشقا بىردەك ئاۋاز بېرىپ ماقۇللايدۇ؟بىزدە نىمىشقا ئامىرىكىغا ئوخشاش مالىيە خامچوتى تەستىقلانمىغانلىقى تۈپەيلى فېدېراتسىيە ھۈكۈمىتى تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ ؟جاۋاپ پەقەت بىرلا ،ئۇ بولسىمۇ بىز ماھىيەتتە خامچوت قىلىپ باقمىغان .
ئەمىليەتتە بىزنىڭ ھازىرقى خامچوت مېخانىزمىمىز 1910-يىللاردىكى ئامىركا بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ . ئەينى ۋاقىتتا ، ئامىرىكا مالىيە خامچوتىدىمۇ  « باشقا چىقىم »لار ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ ناملىرىمۇ ھەرخىل  ئىدى ، مەسلەن 1908-يىلدىكى مالىيە خامچوتىدا «ئۈچ خىل چىقىم»دىن باشقا يەنە 8 مىليون دوللارلىق «ئالاھىدە باج زايومى»بۇلۇپ ئومومى خامچوتنىڭ 6پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ ، «ئالاھىدە باج زايومى»دىگەن نىمە ؟ ئىنىقىنى ئېيتقاندا ئالدىنقى يىلى قالايماقان پۇل خەجلەشتىن كىلىپ چىققان كامار دىگەنلىك ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇشتۇمتۇت قىلىنغان خىراجەت يەنى بۇ يىللىق خامچوت مەزگىلى ئۈتۈپ كىتەي دىگەن بولسىمۇ بىراق نۇرغۇن پۇل تېخى خەجلەنمىگەن ،شۇڭا ھۈكۈمەت يىڭى خامچوت مەزگىلى يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇن بۇ پۇللارنى تىزلىكتە خەجلىۋىتىش دىگەنلىكتۇر . نىيويورك شەھىرىنىڭ ئەينى يىلىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى 417 ئامىركا دوللىرى بۇلۇپ ، 12-ئايغا كەلگەندە خامچوت ھىساۋىدىكى پۇل تېخى خەجلىنىپ بولمىغاچقا ، ئىش ھەققى بىردىنلا 1583 ئامىركا  دوللىرىغا چىققان ، بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئەينى يىللاردىكى نىيويورك شەھىرىگە ناھايتى ئوخشىشىپ كىتىدۇ . يىل ئاخىرسىدا تۇيۇقسىز چىقىم قىلىش ئەھۋالى ناھايتى ئېغىر .تۈۋەندىكى مەلوماتقا قاراپ باقايلى : مەلوماتتا ئىنىق قىلىپ 2006 –يىلىدىن باشلاپ  ، ھەر يىلى 12-ئايدىكى مالىيە چىقىمى يىللىق چىقىمىنىڭ %25 نى ئىگەللىگەن دەپ كۆرسىتىلگەن  .
ئۇنداقتا ئامىركا بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلدى ؟1921 –يىلى  ئامىركا دۆلەت كىڭىشى « بۇغالتىرلىق ۋە خامچوت »قانونى ئارقىلىق خامچوت قىلىش ھوقوقىنى مەمورى باش ئورگانغا ئۈتكۈزۈپ بەردى . زۇڭتۇڭ مەخسوس خامچوت ئىشخانىسى قۇرۇپ ، ھەر يىلى دۆلەت كىڭىشىگە خامچوت ئەھۋالىنى تاپشۇردى . ئامىركىدىكى شىتات ۋە يەرلىك ھۈكۈمەتلەرمۇ ئوخشاش شىتات باشلىقى ۋە شەھەر باشلىقى خامچوتنى تاپشۇرىدۇ ، ھەم شۇنىڭغا مەسئول بۇلىدۇ ، ئوخشاش دەرىجىدىكى پارلامىت بىر خىراجەت كومتىتى قۇرۇپ ، خامچوت خىراجىتىنى ئىجرا قىلىشقا ۋە تەپتىش قىلىشقا مەسئول بۇلىدۇ ، ئۇندىن باشقا مۇستەققىل تەپتىش نازارەت قىلىش مىخانىزىمى بۇلۇپ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەزىپىسى ناھايتى ئىنىق ئايرىلغان . 1974-يىلى دۆلەت كىڭىشى يەنە <دۆلەت كىڭىشى ۋە تۇتۇپ قىلىشنى كونتىرول قىلىش قانون لاھىيىسى > نى ماقۇللىدى. دۆلەت كىڭىشىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا خامچوت قىلىش ھوقوقى بار بۇلۇپ ئەگەر پارتىيە دۆلەت كىڭىشىنى كونتىرول قىلىۋالدى دەپ قارىسا ئۆز ئالدىغا خامچوت لاھىيىسى تاپشۇرسا بۇلىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا ئامىركا يەنە ھۈكۈمەتنى نازارەت قىلىشتا چۇقۇم پۇقرالارنى قاتناشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتى . قانداق قىلىپ پۇقرالارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشتۇرۇش كېرەك ؟ ئەڭ ئۈنۈملۈك يول پوقرالارغا ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك باج تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۇرۈش ، پۇقرالار ئۆزىنىڭ پۇلىغا ئىچى ئاغرىغاچقا تەبىيلا بۇ پۇللارنىڭ قەيەرگە خەجلەنگەنلىكىگە كۈڭۈل بۈلىدۇ. ھەريىلى 4-ئاي ئامىرىكىلىقلارنىڭ « تاپشۇرۇق تاپشۇرۇش » كۈنى . بۇ مەزگىلدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كىچىچە ئۇخلىماي دىگۈدەك يۈز نەچچە بەت باج جەدىۋىلىنى كۆرۈش ۋە تولدۇردىغان جەدىۋەللەر بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدۇ ، ئۆيدىكى تۈرلۈك ھېساۋات تالونلىرىنى ئىزدەپ تىپىپ ئۆتكەن بىر يىلدىكى كىرىم-چىقىم ھىسابلايدۇ ، مەقسەت پەقەت بىرلا :4-ئاينىڭ 15- كۈنى يېرىم كىچىدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۈتكەن بىر يىللىق شەخسى باج ئىلتىماسىنى پۈتتۈردۇ ، بەزىلەر بەلكىم ئامىركىلىقلار شەخسى تاپاۋەت بىجى تاپشۇرمايتتىغۇ؟ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن ، ئەلۋەتتە تاپشۇردۇ ، ئامىرىكا فېدېراتسىيە ھۈكۈمىتى ئادەم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خادىملارنىڭ ئىش ھەققىنى تارقاتقاندا ۋاكالىتەن يىغىۋىلىشىنى بىكىتىكەن .
بىراق ئامىرىكا ھۈكۈمىتى تاپاۋەت بىجىنى ئاشۇرما باج نىسبىتى بۇيىچە ھېسابلايدۇ ، باج تاپشۇرۇش مۇددىتى بىر يىل . شۇنداق بولغاندا سىز ئۆتكەن بىر يىلدىكى بارلىق كىرىمىڭىزنى ھېسابلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ، مەسلەن : مۇئاش ، نەشر بېجى، مىراس بېجى ، تاپان ھەققى، ئۆي ئىجارىسى ۋە پايچەك قاتارلىقلار...يۇقارقىلارنى قوشقاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ يىللىق باج نىسبىتى دەرىجىسىنى بىلەلەيدۇ . ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق باج تاپشۇرغۇچىلار دۆلەت باج ئىدارىسى تارقاتقان جەدىۋەلگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك باج تاپشۇرۇش لازىملىقىنى ، ۋە ئالدىنىقى يىلى تاپشۇرغان باج بىلەن بولغان پەرقىنى ھېسابلاپ بىلەلەيدۇ ، ئاندىن ياكى قالغان باجنى تۇلۇقلاپ تاپشۇرىدۇ ، ياكى دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇشىنى كۈتىدۇ .
مەزكور ماقالە ئىقتىسادشۇناس لاڭشىيەنپىڭ مىكروبىلوگنىڭ  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى ماقالىسىدىن تەرجىمە قىلىندى .  
site:http://blog.sina.com.cn/jsmedia


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-9 03:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33849
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5313
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 4283 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:27:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانغۇچە قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ئوتەمىز

جۇمەنىڭ نامىزىغا كەلگەن جامائەت بامدات نامىزىغا كەلگەن چاغدا ئۇيغۇرۇم ھەقىقىي تۇزىلىدۇ!!!!

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 11:46:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭگۇ جەمىيىتىدە دەل مۇشۇنداق كېلىش مەنبەسى ئېنىق خىراجەتلەر كۆپ، ئەمما ئىشلىتىلىش يوللىرى مەخپى بولۇش ئاساسى ئېقىم بولغاچقا ئەمەلدار بولۇشقا، كىچىككىنە بولسىمۇ ھوقۇق تۇتۇشقا ئامراقلار كۆپ... بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتسە، ھېچ پەرۋايىغا كەلمەسلىكى مۈمكىن، ئەمما، ئەمىلدىن چۈشۈپ كېتىش ئۇلارغا ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر كېلىشى مۈمكىن!

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13873
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8227
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 658 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 11:28:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدە يوشۇرمايدىغان بولسا مۇقۇقلۇققا ئېغىر تەسىر يىتىدۇ . بىزدە پۇل كۆپ شۇڭا ھېچقىسى يوق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش