مەن ساۋاتسىز ئەمەس، ئۇيغۇرچىنى بىلىمەن مۇشۇ كوت-كوت، ئۈندىدارنى ئۇنى-بۇنى دېگەنبىلەن بەزەن چاغدا دوسىت -يارانلار بىلەن ئالاقىلىششتا يەنىلا قولايلىق. لېكىن ناتونۇش ئادەملەردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ. ئەدەب بىلەن سالام قىلغاندىكىن جاۋاب قايتۇرماي دېسە تېخى ياخشى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر قايتۇردىغان گەپ. لېكىن شۇ سالامغا سوڭدىشىپلا:« ئىسمىڭىز نېمە؟ سىز نەدىن...» دېگەن سوئاللار يېغىپ كېتىدۇ. تور دېگەن مەۋھۇم، ئادەم بولسا راسىت. شۇڭا شەخسىي ئۇچۇرۇمنى ئاشكارلىمىغان رەۋىشتە لايىقىدا پاراڭلىشىپ قويىمەن. مەن شۇنداق «مەتۇ»لۇق قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۆزىمۇ توختاپ قالىدۇ. لېكىن ئادەمنىڭ ئەڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغىنى يەنىلا يېزىق مەسلىسى.
كومپىيوتېر، تېلىفون دېگەندەك ئېلىكتىر قوراللىرى يېزىقىمىزنى تونۇمىغاچقا، لاتىن يېزىقىدا ئالاقىلىشىمىز. لېكىن ھەركىمنىڭ يېزىقى ئوخشاش ئەمەس. مەسلەن، «س» نى ئىپادىلەشتە بەزىلەر«s»نى ئىشلەتسە، بەزىلەر «c» نى قوللىنىدۇ. مەنمۇ بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆگەنگەن خەنزۇتىلى پېنيىنى(ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىغا ئوخشىشىدۇ)نى ئىشلتەتتىم. كېيىن ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەسىرىدە ئەسلىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان لاتىن يېزىقى بارلىقىنى بىلدىم. گەرچە تۈزىتىش سەل تەس بولسىمۇ بارا-بارا ئۆگىنىپ بۇ يېزىققىمۇ شۇنداق كۆنۈپ كەتتىم. ھەرىپنى بۇنداق قوللىنىش ھەقىقەتەن قولايلىقكەن. مەكتەپتە دوسىت، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممسى دېگۈدەك بۇ يېزىقنى قوللانغاچقا ئالاقە قىلىشتا بىر-بىرىمىزنىڭ خېتىنى ئوقۇيالمايدىغان ياكى خاتا ئوقۇپ سالىدىغان ئىش ئاساسەن يۈز بەرمەيتتى.
كېيىن ئالاقە دائىرەمنىڭ كېڭىشى بىلەن بۇنداق ئىشلار كۆپ يۈز بېرىشكە باشلىدى. مېنىڭ يازغىنىمنى قارشى تەرەپ ئوقۇيالماي مېنى قايتا-قايتا يازغىلى سالاتتى، ھەتتا جىلە بولاتتى، خاپا بولاتتى. مەن چۈشەندۈرەتتىم. بىر قېتىم بىرىنىڭ دېگەن گېپى ھېچ يادىمدىن چىقمايدۇ: - ساراڭمۇ يا سىز يا خەت تونۇمامسىز؟ مانداق ئادەم بىلىدىغان خەت يېزىڭە... راستىمنى دېسەم شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى. مەن چىللاپ كەلمىىدىم، ئۆزى ئاۋۋال خەت يازدى. مەنمۇ سالامغا كالىدەك دۈشىيىپ تۇرماي دەپ جاۋاب قايتۇردۇم. ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى خەتنى ئوڭلاپ يازالماي، ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپلىكىگە دېگەن گېپىنى قارا! شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ چۈشەندۈردۈم. قارشى تەرەپ بولسا كۆزنەكنى تولدۇرۋەتتى. قادىلىپ ئولتۇرۇپ بەك تەستە ئوقۇدۇم: - قارىسام خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان، ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدىغان قىز بالا ئوخشايسىز. سىزگە دېسەم، بىز دېگەن ئۇيغۇر. ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى.... - مەن ساۋاتسىز ئەمەس، ئۇيغۇرچىنى بىلىمەن،- دېگەن بىر جۈملە گەپنى يازدىمدە توردىن چۈشۈپ كەتتىم. لېكىن ئويلىنىپ قالدىم. ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى؟ قانداق قوغدايمىز، قانداق ئاسرايمىز؟ ئاغزىمىزدىلىما؟ ئەلۋەتتە، يېزىقنى مۇنداق قوللىنىشنى كۆپ ئادەم بىلمەيدۇ. مەنمۇ بۇرۇن خەتنى شۇنداق يازاتتىمغۇ؟ شۇڭا پاراڭلاشقانلارغا كۈچۈمنىڭ يېتىشچە بۇ يېزىقنى تونۇشتۇردۇم، ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدىم. لېكىن يەنىلا:« خەت بىلەمسىز يا؟» دېگەننى تولا ئاڭلاپ كەتتىم. شۇ ئاچچىقىمدا ئۆزۈممۇ خەتنى پېنيىنچە يازماقچى بولدۇميۇ، بىراق كاللامدا:« بىزنى ئىشلەتسۇن، بىزگە قولايلىق بولسۇن دەپ، بۇ يېزىقنى بېكتىپ بېرىپتۇ. گەرچە لاتىن يېزىقىدا ئىپادىلىنىشى بولسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇر يېزىقى. ‹ئانا تىلىمىزنى، يېزىقىمىزنى قوغداشتا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشىمەن، دېگىنىڭ مۇشۇمىدى؟›» دېگەن ئوي ھۆكۈمران بولغاچقا يەنە ئۇنداق قىلمىدىم. خېتىمنى ئوقۇيالىسا جاۋاب يازدى. ئوقۇيالمىسا تەبەسسۇم بىلەن:«ئالدىرىماي ئوقۇسىڭىز، بۇ ھەرىپلەرنىمۇ تونۇيالايسىز» دېدىم. بەزىدە پەرق زور بولغاچقا «خ» ھەرپىنى «x» قىلىپ يازماي «h» (ھ) قىلىپ يازدىم. بەزىدە پەقەت ئوقۇيالماي خەنچە يازدى، مەنمۇ ئامال يوق شۇنداق قىلدىم.
شۇنداق، مۇنبەر ئەھلى! مەدەنىيتىمىزنى، تىلىمىزنى قوغدايلى دەپ شۇئار توۋلاپ قويساقلا بولمايدىكەن. كىچىككىنە بولسىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت بىر ۋاراق گەپتىن كۆپ ئەۋزەلكەن. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئەڭ ئالدىغا قويۇش شەرتى بىلەن، ئېلىكتىر ئالاقىدە بۇ يېزىقنى قوللانساق، بىرلىككە كەلتۈرسەك ئانا تىلىمىزنى، يېزىقىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئاز-تولا پايدىسى بولىدۇ دەپ، قارىغاچقا سىلەرگە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىن ھەرىپلىرىدە مۇنداق ئىپادىلىنىشىنى يەنى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى توغرا قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەنبە: ئۆزۈم
|