مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 272|ئىنكاس: 5

«مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى»دىن ئالغان ئىلھاملار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى»دىن ئالغان ئىلھاملار


مەن يېقىندا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يېڭىلا نەشردىن چىققان بىر يۈرۈش كىتابلىرىدىن بىرى بولغان «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى»-ئەنگلىيەدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ناملىق كىتابتىن بىرنى سېتىۋالدىم. بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى نەچچە يىللار بۇرۇنقى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى بەزى ئۇنتۇلماس ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمگە سالغان ئىدى.
مەن ئالىي مەكتەپتە تۇنجى قېتىم ئىنىستىتۇت ئورۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق لىكسىيەدە بۇ ئۇستازنىڭ ئەتراپلىق مۇلاھىزە، تىرەن پىكىر ۋە جانلىق مىساللار ئارقىلىق سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئۈلگۈرەلىگىنىمچە خاتىرەمگە يېزىۋالغان ئىدىم. ئۇستازنىڭ غايە، نىشان، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق ھەققىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرى ۋە كۆرسەتكەن يوللىرى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلاتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر ئوقۇغۇچى ئۇستازدىن «سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق ئارزۇلىرىڭىز بار؟» دېگەن سۇئالىغا: «داۋاملىق ئىزدىنىش، ئۆز كەسپىمدە نەتىجە قازىنىش، بولسا ئامېرىكىدىكى خارۋارد، ئەنگىليەدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرەرسىنىڭ مۇنبىرىدە بىرەر سائەت دەرس ئۆتسەم دەپ ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن «بۇ بەكلا چوڭ گەپ بولۇپ كەتتى، مۇمكىنمۇ دەپ» ئويلاپ كەتكەن ئىدىم. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ئۇستازنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ۋە تور بەتلەردە كۆرۈپ تۇردۇم. ئۇستازنىڭ يېڭى پىكىر، يېڭى ئىدىيە، مول ئۇچۇر مەنبەسىگە ئىگە بولغان، ئۆزلۈك، مەۋجۇدىيەت ۋە تەرەققىياتنى چۆردىگەن ھالدا چوڭقۇر ئويلىنىش، سېلىشتۇرۇش ۋە ئىزدىنش ئىچىدە يازغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقىنى كۆپچىلىك ئوقۇرمەنلەرگە ئايان.
مەن تىلغا ئالغان «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى»-ئەنگلىيەدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ناملىق كىتابمۇ دەل ئۇستازنىڭ يېڭى ئەمگەك مېۋىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەن كىتابنى ئېلىپلا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇدۇم. ئۇستازنىڭ بۇ كىتابىنى «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغۇسىدا» ناملىق ئەسەردىن كېيىن يېزىلغان خېلى يۇقىرى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئەسەر دېيىشكە بولىدىكەن. بۇ ئەسەر ئۇستاز ئۆزى ئېيتقىنىدەك چەتئەللەردە ئوقۇش، ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇش ۋە ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، يەنى بۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى ئەنگلىيەنىڭ مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى، جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، ئۆگىنىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە قىممەت قاراش قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردە ئەڭ يېڭى ھەم تەپسىلىي ئۇچۇلار بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە يەنە «ئۆزلۈك» ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا يېتەكلەيدىكەن.
ھازىر جەمئىيەتتە چەتئەل چۈشى ۋە چەتئەل قىزغىنلىقى بىر خىل ئىقىم دېيىشكە بولىدۇ. ئېنىقكى، چەتئەلگە چىققۇچىلارنىڭ مەقسەتلىرى ئوخشىمايدۇ. ئوقۇش، ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇش، ساياھەت قىلىش، تۇغقان يۇقلاش، خىزمەت ۋە سودا-تىجارەت قىلىش ھەم پۇرسەت بولسا ئولتۇراقلىشىپ قىلىش ئۈچۈن چىقىدىغانلارمۇ بار. ھېسابلىساق قانچىلىك كىشى چەتئەللەرگە چىقىۋاتىدۇ؟ بىز قانچىلىكىنى بىلىمىز؟ ئېنىقكى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز ياخشى تۇرمۇش شارائىتلىرىنى دەپ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ئەمەس، بەلكى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە كەلگۈسى ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلەر، شۇنداقلا ماقالە-ئەسەرلىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە مەلۇم نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرالىغان ۋە ئويلاندۇرالىغان ئاز ساندىكىلەردۇر. ئۇلار نېمە ئۈچۈن يازالىدى؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاۋۋال ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان نەرسىلەرنى ۋە يېڭىلىقلارنى كۆرەلىدى، شۇڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئالدى بىلەن ھېس قىلالىدى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، باشقىلار ئاڭلىغۇدەك، ئېتىبار قىلغۇدەك گەپ قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم باشقىلار ئاڭلاپ باقمىغان، يېڭى ۋە ئەھمىيەتلىك گەپ-سۆزلەرنى قىلىش كېرەك. شۇنىڭدەك باشقىلار ئوقۇغۇدەك، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك بىرەر ئەسەر يېزىش ئۈچۈن كۆپ ئوقۇش، كۆپ كۆزىتىش، مول جەمئىيەت بىلىملىرىگە، چوڭقۇر تەپەككۈر، باي تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇش ھەمدە بۇلارنى پىشقان يېزىقچىلىق ماھارەتلىرى بىلەن مۇۋاپىق بىرلەشتۈرەلەيدىغان ئىقتىدار بولۇش كېرەك. نېمە ئۈچۈن يازىمىز؟ مېنىڭچە، يېزىقچىلىق بولسا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. تەبئىي پەنلەر ماددى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرسە، ئىجىتىمائىي پەنلەر مەنىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنى تەرەققىياتنى نەزەرىيىۋى ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭا ئىككى تەرەپ بىرلەشكەندىلا ئاندىن جەمئىيەت تەڭپۇڭ ھالدا ئىلگىرلەيدۇ. ئۇستاز: «ئىجتىمائىي پىنى بولمىغان مىللەتنىڭ ئىجىتمائىي جىنى بولمايدۇ» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئىجتىمائىي پەنلەر دەل يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئويلىيالايدۇ، لېكىن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىملىرىلا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ھەم شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى يېزىپ چىقالايدۇ.
ئەسەردىن شۇنى ئېنىق كۆرۋالغىلى بولىدۇ، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن كاپىتالىزىمغا ئەڭ بالدۇر قەدەم قويۇپ، ئەڭ بۇرۇن سانائەت ئىنقىلابى بولغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىنى ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە چەتئەلدە ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇش جەريانىدا ئانا زېمنىدا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن شۇ يەرلەردىكى كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ئويلانغان، چوڭقۇر ئىزدەنگەن شۇنداقلا بۇ پەرقلەرنى كۆرسىتىش، ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە يېزىشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي قەرزى ھېسابلاپ، قەغەز-قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
بىزدە يەنە شۇنداق «زىيالىلار» باركى، ئۇلارنىڭ شۇئارى بولسا «جاننى قىيناپ نېمە كەپتۇ؟ جاھاننىڭ رەپتايى بويىچە ياشىساقلا بولدى!» مېنىڭچە، بىر زىيالىنىڭ ۋەتەن-خەلققە ۋە مىللەتكە تۆھپە قۇشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان روھى ھەم شىجائىتى بولمىسا، پەقەت شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ ياشايلى، مۇھىمۇ باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياشاشنى بىلەيلى. مېنىڭچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ماقالە-ئەسەرلەرگە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرگە مەلۇم نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرالىغان ھەمدە يول كۆرسىتىپ بېرەلىگەن تىرىشچان ۋە ئىجتىھاتچان زىيالىلارنى خېلى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇستاز نېمە ئۈچۈن يازدى ھەم يازالىدى؟  قېنى، ئوقۇپ باقايلى! ئويلىنىپ باقايلى! ئۇ كىمنى ۋە نېمىنى يازدى؟ نېمە ئۈچۈن يازدى؟ جاۋاب شۇكى، ئەڭ مۇھىمى ئۇستازدىكى پۈتۈن مىللەتكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يەنى ئۇنىڭ يۈرىكى يازدۇرغان دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇستازنىڭ يازغانلىرى بىز ئۈچۈن، شۇنداقلا كېينكى ئەۋلادلار ئۈچۈن دېسەك بولىدۇ. بىزگە ئوخشاش ئىلىمگە ئىنتىلگۈچىلەر مۇشۇنداق جانلىق، ھەقىقىي، ئەمەلىي ۋە ئاممىباب بولغان ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشەلەيمىز.
بىر كىشى ئىللىق ئائىلىسى ۋە تېنىچ-خاتىرجەم تۇرمۇشنى تاشلاپ نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چېكىپ، ئاز بولمىغان قۇربانلارنى بېرىپ ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، چەتئەللەردە ئوقۇسا ياكى بىرەر نەرسە يازسا، ئەكىسچە بەزىلەرنىڭ «چەتئەلدە ئوقۇسا نېمە بوپتۇ، چوڭ ئىش ئەمەسقۇ! ئۇلار شۇ بىرەر تال ماقالە ياكى كىتاب يېزىپتۇ، يەنە بىرەر قېتىملىق داغدۇغلىق لىكسىيە سۆزلەيدۇ-شۇ، يازغانلىرى ۋە سۆزلەيدىغانلىرى چەتئەلدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى، يىگەن-ئىچكەنلىرى، بىر قاتار زارلىنىش ۋە قاخشاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، چوڭ ئىش ئەمەسقۇ! »دېيىشلىرى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە ھەرقانداق جەمئىيەت غەيۋەت-شىكايەتتىن خالى بولغان ئەمەس ھەم بولالمايدۇ. لېكىن، قانداق ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قانداق ئادەمنىڭ قىلىۋاتقانلىقى، يەنى «ئىلمىي غەيۋەتخورلار»نىڭ كۆپىيىشى بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك ناچار بىر ئەھۋال. تېمىغا بەك مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، بۇ يەردە مۇنداق بىر مەزمۇننى قوشۇپ قويغۇم كەلدى. يەھۇدى دېسە ھەممە ئادەم ئالاھىدە نەزىرى بىلەن دىققەت قىلىدۇ. مەن «بىلىم-كۈچ»ژۇرنىلىدىن مۇنداق بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇپ قالدىم. ماقالىدە: يەھۇدى جەمئىيىتىدە، ئالىملار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇلار مۇنداق بىر گەپكە: «ھەتتا بارلىق مۈلۈكۈڭنى سەرپ قىلىپ بولسىمۇ، قىزىڭنى ئالىمغا ياتلىق قىل، ياكى ئالىمنىڭ قىزىنى ئالغىن» دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزگە ئەمەل قىلىدۇ. بىر يەھۇدى ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇ ئائىلىدىن بىر ياكى بىر قانچە دوكتۇرنىڭ چىقىش-چىقماسلىقى شۇ ئائىلىنىڭ شان-شەرىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.» دەپ يېزىلغان ئىكەن. بۇ گەپلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى. بىزمۇ دەل شۇنداق قاراش ۋە ئىدىيەلەرنى يېتلدۈرۈشىمىز، ئادەمنىڭ قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ياشىغانلىقىدا ياكى قانچىلىك پۇل ۋە بايلىقىنىڭ بولغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتكە قانچىلىك قىممەت يارىتىپ بەرگەنلىكىدە، خەلققە نېمىلەرنى بېرەلگەنلىكىدە ئىكەنلىكىدەك تەرەپلەردىنمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقانلار چەتئەلدە بولۇپمۇ ئۆزىنى دۇنيانىڭ غۇجىسى ھېسابلايدىغان ئەنگلىيەدەك تەرەققىي تاپقان دۆلەتتە ئوقۇش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا بىز بۇنداق زىيالىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز ۋە ئىرادىسىدىن، شىجائىتىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. گۈل-چەمبىرەكلەرنى سەنئەتكارلارنىڭلا، چولپانلارنىڭلا بوينىلىرىغا ئاسماي، مىللەتنىڭ پاراۋۇزى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق زىيالىلارنىڭ بوينىغىمۇ ئىسىشىمىز كېرەك.
نېمىلا دېمەيلى، ئۇستاز توختىماستىن تىرىشىدىغان، جاپا مۇشاقەتتىن ۋە قېيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان قەيسىرانە ئىرادىسى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئاپتور 40 ياشتىن ئاشقاندا ئىللىق ئائىلىسى، مۇقىم خىزمىتى بار ھالەتتىمۇ ۋاقىتلىق ھەممىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئۆز ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن قىسقا ئەمما ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. تېخى ئوقۇشقا مېڭشتىن بۇرۇن ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ شىنجىندا ئىككى ئايدەك ئېنگىلىزتىلى ئېغىز تىلى مەشىق قىلغانلىقى، ئەنگىلىيەگە بارغاندىن كېيىنمۇ ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمىگەنلىكى،  بولۇپمۇ سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن ئالدىنئالا سۇئال تەييارلاپ، تەييارلىق قىلىپ كىلىشىلىرى ئۇستازدىكى بىر خىل كەمتەرلىك ۋە كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئارزۇ-ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن ساپ نىيەت، پۈتكۈل ۋۇجۇد بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، دۇنيادىكى ھەممە كىشىنىڭ ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئەلۋەتتە، ئادەم نۇقسانسىز بولمىغاندەك، ئادەمنىڭ قەلىمىدىن چىققان ئەسەرلەردىمۇ بەزى نۇقسانلار بولۇشى تەبئىي. كىتابتا بەزى ئۇششاق مەزمۇنلار كۆپكەن دېگەن سادالارنى توردىن كۆرۈپ قالدىم. ياخشى تەپەككۈر قىلىدىغان بولساق، ئاشۇ ئۇششاق مەزمۇنلار كەينىدىكى چوڭ مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئېنچىكە، تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئىپادىلەشتە چوڭ رول ئوينىغانلىقى ئېنىق. بولمىسا كىتابنى ئوقۇۋېتىپ ھېلى، لوندوندا، ھېلى قەشقەردە، ھېلى كىچىككىنە ياتاق ئۆيدە، ھېلى قېنىق دەملەنگەن قەھۋە... مانا بۇلار ئۇستازنىڭ تۇرمۇشنى  بىر تەرەپتىن ئاددى بايانلار ئارقىلىق ئاممىباب ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈشى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭمۇ ئاددى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى، ھەرخىل مۇھىتلارغا ماسلىشالايدىغانلىقى كاللىسىدا مۇلاھىزە ۋە سېلىشتۇرشنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەپەككۈر قىلالايدىغان ھەر بىر ئوقۇرمەن ھېس قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇستاز مەيلى شىنجىنغا ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگىلى بارغاندا بولسۇن، مەيلى ئەنگىليەنىڭ لوندونغا يېتىپ بارغاندا بولسۇن، ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلارنىڭ ھەر ۋاقىت مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ تۇرغانلىقىدىن ئۇستازنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا يۇقىرى ھۆرمەت-ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا ماقالىنىڭ بىشىدا ئېيتقاندەك، ئۇستازنىڭ چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ مۇنبىرىدە دەرس ئۆتۈش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇستاز لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ ۋېل، ئانتونېي روس قاتارلىق ئىككى ئوقۇغۇچىغا يەنە كېلىپ دوكتۇر ئاسپىرانتلىرىغا قىسقا مەزگىللىك دەرس ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنغان قۇرلارنى ئوقۇغاندا بەك سۆيۈندۈم ھەم ئۇستازنىڭ ئەينى ۋاقىتتا لىكىسىيەدە «ئامېرىكىدىكى خارۋارد، ئەنگىليەدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرەرسىنىڭ مۇنبىرىدە بىرەر سائەت دەرس ئۆتسەم دەپ ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭرىغاندەك بولدى.
قىسقىسى، «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئالغان تەسىراتىم شۇ بولدىكى، يازالىغانلار چوقۇم يېزىشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق بىزدەك مەنىۋى قۇۋۋەتكە موھتاج مىللەتكە روھىي ئوزۇق بېرىشى كېرەك. مۇشۇنداق كىتابلارنىڭ كۆپرەك نەشردىن چىقىشى بىزنىڭ ئىدىيە جەھەتتە يۈكسىلىش، ئازاد بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىمىز ئۈچۈن مول نەزەرىيىىۋى ئاساس سېلىپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا، مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يازالايدىغانلارغا مەسخىرىلىك كۈلكە ئەمەس، بەلكى ئىلھام مەدەت بېرىشمىز كېرەك.


بەرداشلىق بېرىمەن ~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5705
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مەۋجۇد پەقەت ۋە پەقەت ئىمانىمىز بىلەن !

ئەي نەپسىم ! بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ تەقدىرىدىن ئۆزۈڭگە ئىبرەت ئال !  ANSWER

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4326
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1470 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەماخورلۇق  قانچە كۈچەيسە  ئۈمۈتسىزلىك شۇنچە كۈچىيىدۇ !~~~~
ھۆكۈمەتتىن خىزمەتنى تاما قىلساق  ،  ئاتا- ئانىمىزدىن  ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇشنى . خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ، ئۆيلۈك ئوچاقىلىق قىلىپ قويۇشىنى ، ھەتتا ئۆي ئېلىپ بىرىشىنى تەما قىلساق ،
يەنە قانداقتۇر  بىر كىچىدە باي بۇلۇشنى تەما قىلساق  ئاخىردا چۈشكۈنلۈك ، ئۈمۈتسىزلىك  پەيدا بولىدۇ !~~~~ ئەجىرسىز  نەتىجە ئۇزۇنغا بارمايدۇ !!!!

ھازىر ماڭمىساڭ كىيىن يۈگرەيسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85766
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-10-6
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كىتابكەن جىما!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79568
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-5-1
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنى ھەقىىقەتەن بىر ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ،بولۇمپمۇ چەت ئەلگە قىزىدىغانلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مەۋجۇد پەقەت ۋە پەقەت ئىمانىمىز بىلەن !
مېنىڭچە يەنە تەرەققىيات كەم بولسا بولمايدۇ. تەرەققىيات بىر نەچچە يىللىق جەريان ئەمەس بەلكى نەچچە ئون يىل ۋاقىت كېتىشى مۇقەرەر. ئادەم ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئويلايدىكەن ئالدى بىلەن ياشىشى ھايات بولۇشى ۋە ھاياتلىقنى قەدىرلىشى كېرەك.
ھاياتنىڭ قىممىتى ۋەھىممىتىنى شۇنداقلا مەقسىتى ۋە نىشانىنى بىلمىگەن ئادەم ئىنسان مەۋجۇدلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.
مەن كىتاب توغرىسىدا ئازراق، ئەمما ئالغان ئىلھامىمنى كۆپرەك يازدىم. مەن بىر ھەۋەسكار، ئىزدەنگۈچى ھەم مۇنازىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ بىرى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش