ئالۋاستى چاڭگىلىدىكى بالىلار
ئىبراھىم ئەمەت
2012- يىل 1- ئاينىڭ 29- كۈنى شىنخۇا تورى مۇنداق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى:
"2011- يىلى 4- ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئىچكىرىدىن 1300 دىن ئارتۇق سەرگەردان ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى".
2011- يىلىنىڭ بېشىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم يىغىن ئېچىپ 5- ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش - قوغداش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ بۇ ئاقىلانە ئورۇنلاشتۇرۇشى تېزلا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، ھەرىكەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا شەرت - شارائىت ھازىرلاندى.
ئۇزاق ئۆتمەي مەملىكەت بويىچە غەلىبە خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى:
2011- يىل 4- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىدا بىر جنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، جىلىنغا ئالداپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان سەككىز ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
5- ئاينىڭ 4- كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 11 گۇماندارنى تۇتۇپ ئۈچ ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
5- ئاينىڭ 7- كۈنى خۇبېي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن تۆت گۇماندارنى تۇتۇپ تۆت ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
5- ئاينىڭ 12- كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن 20 گۇماندارنى تۇتۇپ توققۇز ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. تۆت جىنايەت شايكىسىنى تارمار چىقتى...
يۇقىرىقى سان - سىپىرلارنى ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا، جان - پىدالىق بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بالا دەردىدە ۋەيران بولغان ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزغان، ئائىلە ئەزالىرىنى جەم قىلغان ئەزىمەتلەرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز.
شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يۇرتىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەنلەر بولۇپ ئىچكىرىدە ئۇيغۇر خوجايىنلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلىشى بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، زەھەر سېتىش دېگەندەك جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۆزى تۇرغان شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ قالماي، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى بۇلغاپ، نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان. شۇڭا ئىچكىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش - قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىدى.
ئالداپ كېتىلگەن بالىلار قانداق بالىلار؟ ئۇلار قانداق تۇرۇۋاتىدۇ؟ تۆۋەندىكى كىچىك ئارخىپلار بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن.
ئەنۋەرنىڭ ئارخىپى
ئەنۋەر، قەشقەردىن. ئىككى ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئالداپ كېتىلگەن چاغدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى.
2005- يىلى 4- ئايدا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئەنۋەرنىڭ يېنىدا بىر تاكسى توختىدى. تاكسىدىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى چۈشۈپ ئەنۋەرگە شاكىلات بەردى ۋە ئەنۋەرنىڭ دادىسى بىلەن تونۇشىدىغانلىقىنى، بازارغا بېرىپ ئويناپ كېلىشنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئەنۋەر بالىلارچە سەبىيلىك بىلەن ئالدىراپ ماشىنىغا چىقتى. شاكىلاتنىڭ كۈچى بىلەن تاتلىق ئۇيغۇغا كەتكەن ئەنۋەر ئويغانغاندا ئۆزىنى گۇاڭجۇدا كۆردى. كەچتە ئەنۋەر ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىككى بالا بىلەن بىللە قاراڭغۇ بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلدى. ئەتىسى سودا سارايغا ئېلىپ بېرىلىپ ئوغرىلىققا سېلىندى. ئۇلارنى ئېلىپ بارغان يېشى چوڭراق بىرى ئوغرىلانغان بىر يانفوننى ئەنۋەرگە بېرىپ ئۇنى تېز قېچىشقا دەۋەت قىلىۋېدى، ئۆمرىدە ئوغرىلىق قىلىپ باقمغان ئەنۋەرنىڭ پۇت - قوللىرى بوشاپ جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭغىچە يانفون ئىگىسى قوغلاپ كېلىپ قالدى. ئەنۋەرنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىش - بەرمەسلىك ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقاندا، باشقا شېرىكلىرى ئۇنى توپتىن ئېلىپ قېچىپ كەتتى. ئۇلار تۇرالغۇسىغا بارغاندا ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان خوجايىن ئەنۋەرنى تەستەك بىلەن بىرنى سېلىۋىدى، ئەنۋەرنىڭ ئاغزى - بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى. ئەنۋەر كېچىچە قىزىپ زادىلا ياتالمىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ ئەنۋەرگە ئوغرىلىق قىلىشنىڭ تېنىكىلىرىنى ئۆگىتىشتى. 20 كۈنلەردىن كېيىن ئەنۋەر دۇكان ئايرىپ چىقىپ تۇنجى كۈنىلا بەش ئايالنىڭ پورتمالىدىن 6000 يۈەن پۇلنى ئوغرىلاپ خوجايىنىغا تاپشۇرغاندا، خوجايىن نەق مەيداندىلا 500 يۈەننى ئەنۋەرگە بېرىۋەتتى. مانا ھازىر ئۇ ئوغرىلىق قىلىشنىڭ پۈتۈن ئەلمى - تەلمىنى بىلىپ كەتتى. لېكىن ئەنۋەرنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كېلىدىغان كۈنلىرىمۇ بولاتتى. بۇنداق چاغلاردا، سىم بىلەن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ ئۇرۇلاتتى. تاماق بېرىلمەيتتى. ئەنۋەر دەسلەپ گۇاڭجۇغا كەلگەندە ئوغرىلىق قىلىشقا كۆنمىگەنلىكى ئۈچۈن بىلىكىگە تاماكا يېقىلغان، شۇ چاغدا ئەنۋەر ئاغرىق ئازابىدىن ھوشىدىن كەتكەن ئىدى. ئاشۇ قېتىمقى تاماكا ياققان جايدىكى تارتۇق ھازىرمۇ بار.
ئىچكىرىدىكى ئوغرىلىق شايكىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قاتتىق ئىنتىزام بار بولۇپ، ئادەتتە ئالداپ كېتىلگەن بالىلار بىر نەچچە كۈن سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن قايناپ تۇرغان سۇدىن تەڭگە ئېلىش، تىغ بىلەن سومكا كېسىش دېگەندەك "تېخنىكىلار" بىلەن تەربىيىلىگەندىن كېيىن، "كەسىپ"كە پىششىقراق بالىلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بازارغا، چوڭ سودا سارايلارغا، ۋوگزالغا، ئادەم توپلاشقان جايلارغا بېرىپ باشقىلارنىڭ پورتمالىنى ئوغرىلايدۇ. ھەر بىر بالىنىڭ كۈنلۈك ۋەزىپىسى بولۇپ، ئادەتتە ھۈنىرىگە قاراپ 500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولاتتى. ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىسا، تاياق، ئاچلىق، ئىنسان قېلىپىدىن چىقان قىيناشلار ئۇلارنى كۈتۈپ تۇراتتى. خوجايىن بالىلارنى تېخىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشقا زورلايدۇ. بۇ يەر بەئەينى دوزاخنىڭ ئۆزى بولۇپ، قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان ياكى قېچىپ كەتكەن بالىلار تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن تاياق زەربىسىدىن كۆپىنچىسى مېيىپ بولۇپ قالىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئوغرىلىق شايكىلىرىنىڭ خوجايىنلىرىنى ئۆز ئارا تونۇشىدىغان بولغاچقا، بالىلار بىرسىدىن قۇتۇلغان بىلەن يەنە بىرسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ يەنە باشتىكى خوجايىنغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ. خوجايىن بۇنىڭ بەدىلىگە قايتۇرۇپ بەرگۈچىگە 5000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تۆلەيدۇ.
مەن ئەنۋەرنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنى قۇتقۇزۇش - تەربىيىلەش ئورنىدا كۆرگەن چېغىمدا ئۇ بەدىنىنىڭ 200 يېرىدە تاياق يېگەن، تاماكا يېقىلغان، سىم بىلەن ئۇرۇلغاندىن كېيىن قېلىپ قالغان جاراھەت ئىزى بارلىقىنى، كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىمنى سورىغاندا كۆرۈپ بېقىشقا پېتىنالمىدىم.
ھۆرىگۈلنىڭ ئارخىپى
ھۆرىگۈل، 12 ياش، بىر يىل بۇرۇن ئاقسۇدىن ئالداپ كېتىلگەن. خېنەندە تۇرغان بىر يىلدا ئۇ باشقا بالىلار كۆرگەن كۈننى كۆرگەندىن باشقا، قىز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن خوجايىننىڭ كۆپ قېتىم باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان. بەزىدە ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغان چاغلاردا خوجايىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىپادىسى ياخشى بولغان بالىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىۋېلىشىغا تاشلاپ بېرىلگەن.
2011- يىلى ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ئىكەنلىكى بايقالغان. دېمەك بۇ ناتىۋان قىز ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ ئىپلاش ئايىقىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋالغان.
ئالىمنىڭ ئارخىپى
ئالىم، 11 ياش، كورلىدىن. توققۇز يېشىدا كوچىدا ئويناۋاتقان يېرىدە، ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن "ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىش" باھانىسىدە، خېنەن نەنياڭغا ئاپىرىپ 8000 يۈەنگە ئوغرىلىق شايكىسىنىڭ خوجايىنىغا سېتىۋىتىلگەن.
ئوغرىلىق قىلىشقا ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن تاياق زەربىسىدە بىر كۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەن. خوجايىننىڭ ئىبلىس قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، خېنەننىڭ بىر يېزىسىغا قېچىپ بېرىپ، ئەسكى-تۈسكى يىغىپ، تىلەمچىلىك قىلىپ جان باققان. كېيىن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىپ، شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىنگەن.
ئۆيىنى تاپالمىغان بالىلار
2011- يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە گۇاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 30 نەچچە شىنجاڭلىق بالىنى قۇتقۇزۇپ چىققان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ئۈچ ياش، ئەڭ چوڭى توققۇز ياش. بۇ بالىلار يۇرتىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەندە يېشى بەك كىچىك بولغاچقا يۇرتىنى، ئاتا - ئانىسىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن. بۇ بىچارە بالىلارنى ئاتا - ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىش مۇمكىن بولمىغان. شۇڭا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ خەلق ئىشلار تارماقلىرىنىڭ ۋاكالىتەن تەربىيىلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
ئوغرىلىق قىلىشنى خالىمىغان قىزنىڭ ئارخىپى
ماھىرە، 12 ياش، خوتەن لوپ ناھىيەسىدىن. 2009- يىلى يۇرتىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن شىئەن شەھىرىدە باشقىلارغا 5000 يۈەنگە سېتىۋىتىلگەن. سېتىۋالغۇچى ئۆمەر ماھىرەنى شاڭخەيدە ئوغرىلىق قىلىشقا زورلىغاندا ماھىرە ئۇنىمىغان. ئۆمەر قاتارلىقلار ماھىرەنى دەرياغا تاشلىۋەتكەن. ماھىرە سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.
يەنە نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئارخىپى بار، لېكىن داۋاملىق يېزىشقا يۈرىكىم چىدىمىدى. ئاشۇ نارەسىدە بالىلارنىڭ قان - ياشقا تولغان جىنايەتلىك ۋە قاباھەتلىك قىسمەتلىرىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئۇلارنى سېتىۋاتقان، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زورلاۋاتقان رەزىل يۈرەكلەر زادى كىم؟
1. تۇرسۇنخان، ئۇيغۇر، كۇچادىن، 36 ياش. 1986- يىلى مەكتەپتىن ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئوغرىلىق شايكىسىغا سېتىۋېتىلگەن. كېيىن ئۆز ئالدىغا "دۇكان" ئايرىپ چىقىپ 20 نەچچە بالىنى ئوغرىلىققا سالغان. 2011- يىلى ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن. ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى تەكشۈرگەندە بېنىز ماركىلىق ئىككى پىكاپ، نەچچە ئون مىليون يۈەن نەق پۇل، بەش شەھەردە ھەشەمەتلىك قورو - جايى بارلىقى ئېنىقلانغان. تۇرسۇنخاننىڭ دېيىشىچە، كىچىك بالىلارنى ئىچكىرىگە ئالداپ ئېلىپ بېرىپ ئوغرىلىققا سېلىش دەسمايىسىز سودا بولۇپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن نەچچە ئونمىڭ يۈەن پۇل تاپقىلى بولىدىكەن. بالىلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان ھالەتتىمۇ يېشى كېچىك بولغانلىقى، تىل بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تېزلا قويۇپ بېرىلىدىكەن. "قانۇندىكى يوچۇق بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى قاپتەك قىلىۋەتتى"، دېدى ئۇ ماڭا.
مېنىڭچە بۇ قانداقتۇر قانۇندىكى يوچۇق مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ۋىجدان، ئەخلاق مەسىلىسى. بۇنداق ئادەملەرگە بىز پەقەت ۋىجدان نۇقتىسىدىن باھا بەرسەكلا كۇپايە.
2. ئابدۇرېھىم، 44 ياش، غۇلجىدىن. بۇرۇن شىنجىندا ئاشخانا ئاچقان، كېيىن تىجارىتى روناق تاپماي ئوغرىلىق شايكىسى تەشكىللەپ ھارامدىن بېيىغان. نۇرغۇن مال-دۇنيانىڭ ئىگىسى. بۇ ئادەمنىڭ ئانچە ئۆزگىچىلىكى يوق. لېكىن ئۇنىڭ كەمىنە مۇئەللىپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىكى سۆزلىرىنى كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ:
- سەن ئۆزۈڭنى تىجارەتچى دەپ قارامسەن؟
- شۇنداق. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىزمۇ تىجارەتنىڭ بىر تۈرى. بىر بالا ھەر كۈنى تۆت تاكسىغا باراۋەر پۇل تاپالايدۇ.
- سېنىڭ بالىلىرىڭ بارمۇ؟
- بار.
- ئۇلارنى باشقىلار ئالداپ كەتسە سەن ئازابلىنامسەن؟
- شۇنداق، چۈنكى ئۇ مېنىڭ يۈرەك پارەم.
- سېنىڭچە ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئازابلانماسمۇ؟
- بۇنى ئويلاپ باقمىدىم.
- سەنمۇ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغان بالىلارنى ئۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟
- ئۇرغان.
- ئۇلار قانچە ياشتىكى بالىلار؟
- چوڭى توققۇز - ئون ياش، كىچىكى بەش - ئالتە ياش.
- ئۇلار ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان بالىلارغۇ؟
- ئۇرمىسا پۇل تاپمايدۇ.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى داۋاملىق غەش قىلىشقا رايىم بارمىغاچقا، سوئال - سوراقنىڭ جەريانىنى مۇشۇنچىلىك يېزىش بىلەن كۇپايىلىنەي.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، يۇقىرىقى ئىنساننى ئىنسان سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. ئۇلار ئەقەللىي ئادىمىيلىكنىمۇ يوقاتقان ئالۋاستىلاردۇر. نارەسىدەلەرگە سوزۇلغان قارا قولنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ھېچكىم كەچۈرۈلمەيدۇ.
2001- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچى، كورلا، يەكەن، مەكىت قاتارلىق جايلاردا، ئۆسمۈرلەرنى ئىچكىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ ساتقان، ئوغرىلىق شايكىلىرىغا ئۇيۇشتۇرغان، بەش جىنايەت شايكىسىنىڭ كاتتىبېشىغا ئوچۇق سوت ئېچىلدى.
جىنايەتچى ئۆمەرگە قاتىللىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. مەمەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىندى. ئابدۇللاغا مۇددەتلىك 11 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى... تېخىمۇ كۆپ ئادەم سىياقىدىكى ئالۋاستىلارنى قانۇننىڭ ئادىل جازاسى كۈتۈپ تۇرماقتا.
2012- يىلى ھۆكۈمەت داۋاملىق تۈردە ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
(ئاپتور: ئاپتونۇم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈرمە ئىچىدە تەھقىقلەش باشقارمىسىدا).
مەنبەسى: شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2012- يىل 9- سان