مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 6

نەزىرىمدىكى ئېرىشىش، يوقىتىش ۋە قىممەت قارشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85232
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 864
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېرىشىش، يوقىتىش ۋە قىممەت قارشى

«مۇشكى-ئەنبەرخۇش پۇراق چاچقانلىقى ئۈچۈن مۇشكى-ئەنبەر، ھەرگىزمۇ ساتقۇچىنىڭ ماختىغانلىقى ئۈچۈنئەمەس. »

                                   شەيخ سەئىدىنىڭگۈلىستانىدىن.

گەرچە بۇھاياتتا تېخى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك، كىشىلەر ئېغىزغا ئېلىپ سۆزلىگۈدەكھىچقانداق بىر ئىش قىلمىغان ، باشقىلار مەڭگۈ ئەسلىگۈدەك، پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ھىكايەقىلغۇدەك ھىچ بىر قەدەملەرنى باسمىغان بولساممۇ ئەمما يەنىلا ئۆز قىممىتىم ھەققىدەئويلىنىشقا مەجبۇرمەن. تەپەككۇرغا ۋە ئىدراكقا ئىگە بىر ئىنسان بولغانكەنمەن،كىشىلىك ھاياتتا ئىرىشكەنلىرىمنى يەكۈنلەش، يوقاتقانلىرىمنى بىلىش ئاساسىدا ئۆزقىممىتىمنى بىلىش ھوقۇقۇم بار دەپ ئويلايمەن.

ئىنسان ئۇمۇئەييەن بويۇم ئەمەس، ئىنسان قىممىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىمۇ مەۋھۇم ھالەتتەمەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ دەپ ئويلايمەن، بىر ئىنسانغا باھا بېرىش ھەرگىزمۇ ئۇنىڭماددى دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولالمايدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئىرىشكىنى ۋە يوقاتقىنى،غايىسى ۋە مەقسەت-مۇددىئا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇئەييەن ھەرىكەت، ئەخلاق ۋەئەقىدە، غايە ۋە ئىتىقاد قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر قىممەتنى بەلگىلەشتە ئىنتايىنمۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ چۈشىنىمەن.

راستىمنى دېسەم«ئىنسانىي قىممەت»تىن ئىبارەت بۇ سۆزگە تەبىر بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، «يوقىتىشۋە ئېرىشىش» توغرىسىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى يېشىپ بېرىشكىمۇ كۈچۈميەتمەيدۇ، ئەمما بىلىشىمنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ بۇ جەھەتتە پىكىر قىلىشقائۆزۈمنى تامامەن ھوقۇقلۇق سانايمەن. بەلكىم، قىممەت ۋە ئېرىشىش ئىنتايىن مۇرەككەپۋە چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر جەرياندۇر، ئەمما ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرىنىئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىرىمدا ئاۋال ئۆزۈمنىڭ قىممىتى ۋە ئىرىشكەنلىرىتوغرىسىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلغىنىم خاتا ئەمەس دەپئويلايمەن. بەلكىم ئۆزۈمدىن باشلانغان بۇ چۈشىنىش ۋە ھىس قىلىش ماڭا تېخىمۇ كۆپ بىلدۈرگىلەرنىئاتا قىلىشى مۇمكىن، «مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرمۇ تۇنجى قەدەمدىن باشلىنىدۇ»، بەلكىمبۇ ئاددىي بولغان چۈشىنىشلىرىم ۋە ئازغىنە تىرىشچانلىقلىرىم بۇ مۇرەككەپ جەرياننىچۈشىنىشلىرىمنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

نۇرغۇندوستلىرىم، تونۇش-بىلىشلىرىم مېنىڭ داۋاملىق ئوقۇمىغانلىقىمغا ئەپسۇسلىنىدىغان،ئەپسۇسلانمايدىغانلىقىمنى سورايدۇ (مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن ۋازكەچكەن) ئەمما بېرىدىغان جاۋابىم ئوخشاش، چۈنكى مەن بەزى قارارلارنى چىقىرىشتىنبۇرۇن ياخشى ئويلانغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ ئوقۇماسلىقىم ئەپسۇسلانغۇدەك ئىش ئەمەس،پۇرسەتنى تۇتالىسام بۇنىڭمۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ھەر بىرئادەمنىڭ شارائىتى، بىلىشى، چۈشىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ، دۇنيادا ئوخشاش ئىككىيوپۇرماق يوق، ھەتتا بىر ئۆيدە چوڭ بولغان قوشكىزەكلەردىمۇ پەرق ئىنتايىن كۆپبولىدۇ، دېمەك، ھەر قانداق ئادەمنىڭ چوقۇم ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغان، پەقەت ئۆزىگىلاخاس بولغان ياشاش نىشانى ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە پىلانى بولۇشى كېرەك، باشقىلاردىنئۆلگە ئېلىشقا، پايدىلىنىشقا بولىدۇ، ئەمما دوراشقا، ھەممىنى قارا-قويۇقسىڭدۈرۈشكە بولمايدۇ. ھايات يولىنى يالغۇز باسىدىغان ئادەمنىڭ چوقۇم ئۆزىگە خاسياشاش قانۇنيتى ۋە ياشاش ئەندىزىسى بولۇشى كېرەك.

غايە ۋەئىتىقاد-قىممەتنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەپ چۈشىنىمەن. بىزگە ئاتاقىلىنغان غايىلەر ئىچىدە بىز قوبۇل قىلالايدىغان بىر ئىقتىدار بار، ئۇ دەلمۇكەممەل بولغان ئۆزىنى تونۇش ئىڭى①، بىر ئادەم ھەر قانداق نەرسىنى چۈشىنىشتىن،بىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋال ئۆزىنى چۈشىنىشى ۋە ئۆزىنى بىلىشى كېرەك، مەيلى ئۆگىنىشبولسۇن، مەيلى خىزمەت بولسۇن، ئاۋال ئۆزىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ئادەم مۇۋاپىقىيەتقازىنالمايدۇ، ھايات مۇساپىسىنى چوقۇم ئۆزى قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدەئورۇنلاشتۇرالىشى كېرەك، غايە، نىشان ۋە ئارزۇلار چوقۇم ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشىكېرەك، بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئىشنى پۈتتۈرۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت، زىھنى كۈچ ھوقۇمئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارى يېتىدىغان دائىرىدە ۋە بىز تولۇق قوبۇل قىلالايدىغاندائىرىدە بولۇش كېرەك دېگەن پىكىرلاردا چىڭ تۇرىمەن.

دۇنيادائىنساننىڭ يوقىتىشى ھامان ئېرىشكىنىدىن كۆپ بولىدۇ، شۇنداقلا قىممەتنى بەلگىلەشتەمۇھىم رول ئوينايدۇ، مەيلى يوقىتىش بولسۇن ياكى ئىرىشىش بولسۇن، ئۇ پەقەتئۆزىمىزدە يۈز بېرىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئىلىپ ئېيىتقاندا ھەممىمىزئىنتايىن زىچ ئالاقە تورىدىكى پەقەت ئۆزىمىز بىلەنلا ئىنتايىن مۇكەممەل ئالاقىنىساقلاپ قالغان بولىمىز، ئۆز قىممىتىمىزنى يارىتىشتا پەقەت ئۆزىمىزگە تايىنالايمىز،باشقا ھەر قانداق ئامىللار ئۆزىمىز بىلەن بولغان تونۇشىمىز، ئالاقىمىز ۋەچۈشىنىشىمىزدەك قىممەت كۆرىشىمىزگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، قىممەت يارىتىش ئۈچۈنيوقىتىش بىر جەريان، ئېرىشىش بولسا چوقۇم يۈز بېرىشكە تېگىشلىك شەرت دەپئويلايمەن.

قىممەتنىقانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ بۇ ئاسانلىقچە يەتكىلى بولىدىغان ۋە مۇئەييەن چېكىبولىدىغان بىر دائىرە ئەمەس، ئىنسانىي قىممەتنىڭ دەرىجىسى چەكسىز تۆۋەنلىكتىن ئەڭيۇقىرى نوقتىغىچە ئېنىق بىر دائىرە يوق، ھىچكىم ئۇنىڭ ئاخىرقى چېكىنى تاپقان ئەمەس،ئىنسان بولغانكەن، مەيلى تۆۋەن بولسۇن، يۇقىرى بولسۇن ئۇنىڭ قىممىتى بولىدۇ، ئۇنىڭقىممىتىنى ئۇ ئۆزىنىڭ ھەركىتى، غايىسى، مەقسەت-مۇددىئاسى ۋە ھاياتى پائالىيتىئارقىلىق ئۆزى يارىتىدۇ، بىر ئادەمنىڭ قىممىتىگە ھەرگىزمۇ يەنە بىر ئادەم تەسىركۆرسەتمەيدۇ، سەۋەنلىك ئىزدەش نەزىرى بىلەن قارىساق نۇرغۇن ئىشلاردا بىزنىڭ ئالغابېسىشىمىزدا توسالغۇ ئىنتايىن كۆپ، ئەمما بۇ پەقەت بىزنىڭ پائالىيتىمىز ۋەئىش-ھەركىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ قىممەتكە بىۋاستە تەسىركۆرسىتەلمەيدۇ، ئۆز قىممىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر ئامىل دەلئۆزىمىزدىن ئىبارت، ئۆزىمىزنىڭ بىلىش دائىرىسى، بىلىم قۇرۇلمىمىز جەھەتتە ئېلىپئېيىتساق، بىز دائىم ئۆزىمىزنى ھازىرقىدىنمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇشقا تېگىشلىكتەكھىس قىلىمىز، تولا ھاللاردا بىزدىكى ئەڭ چوڭ كەمچىللىك سەۋەنلىك ئىزدەشتىن ئىبارەتبولۇپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىز باشقىلارنىڭ باھانە كۆرسىتىشىنى ياقتۇرمايمىز،لېكىن ئۆزىمىز باھانە كۆرسىتىپ قالىمىز، باھانە-ئۆزىمىزنىڭ يۈكسەكلىككە ۋە يۇقىرىپەللىگە يېقىنلىشىشمىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇمىز ۋە دۈشمىنىمىز بولۇپ قالىدۇ، بۇنىھىس قىلىش بىر ئاز تەسكە توختايدۇ، چۈنكى بىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەسەللىگەمۇھتاج بولىمىز، ھىچكىمدىن تەسەللىگە ئېرىشەلمىگەندە، ئەلۋەتتە ئۆزىمىزگە تەسەللىبېرىشىمىز كېرەك، لېكىن بۇ خىل تەسەللىي ھەردائىم بىزنى بىر قەدەم كەينىگەچىكىندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇنىسى ئايانكى بىزگە كەلگەن ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىق ۋەكېلىشمەسلىك پەقەت ئۆزىمىز تەرىپىدىن بولىدۇ، سىزنىڭ مەيلى قەيەرگە بېرىشىڭىزدىنۋە نەدە تۇرۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر تەقدىر يولىدا ئۇچرىتىدىغىنىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزدىنئىبارەت بولىدۇ، باشقا بىر ئادەمنىڭ قىممىتى، غايىسى، ھەركىتى، ئىتىقادى،باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىسى قاتارلىق سىز يۇلۇقتۇرغان شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاسبىر قاتار جەريانلىرى پەقەت سىزنىڭ غايىڭىز، ئىددىيىڭىز، بىلىشىڭىز قاتارلىقلارغاتەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ سىزنىڭ قىممىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

ئېرىش ۋەيوقىتىش-دۇنيا ئەزەلدىن مۇكەممەل بولمىغانغا ئوخشاش ئېرىشىشنىڭ مۇكەممەل بولۇشىمۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان يوقىتىش بولسا بەلكىم بىز ئانچە خالاپكەتمەيدىغان بىر جەريان بولۇشى مۇمكىن. بىز ھەر دائىم يوقىتىشنىڭ ئاز بولۇشىنىئۈمىد قىلىمىز، ھەمدە شۇنىڭغا تىرىشىمىز، ئەمما دائىم قانچە تىرىشقانسىرىيوقىتىشنىڭ شۇنچە چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمىز، ئەمما شۇ يوقىتىشبەدىلىگە ئىرىشكەنلىرىمىزنىڭ يوقىتىش جەريانىدىكى ئۈمىد قىلغانلىرىمىزغا يېتىشەلمەيدىغانلىقىنىھىس قىلغانلىرىمىزدا چوقۇم مۇئەييەن سەۋەپ تېپىپ چېقىشقا تىرىشىمىز، ئاندىن يەنەئېرىشىش يولىغا ئاتلىنىمىز. مېنىڭچە بۇ جەرياننىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى ۋە تەكرارلىنىشىبىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سېڭىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىش نىسبەتەنقىيىن بولسا كېرەك. بىر نەچچە قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقتىن بىز شۇنى ھىس قىلالايمىزكى،ئېرىشىش ۋە يوقىتىش جەريانىدا قايسىغا سەرپ قىلىنغان زىھنىمىز قانچە كۆپ بولسايەنە شۇنىڭدىن ئېرىشكەن ھاسىلاتىمىز كۆپرەك بولىدىكەن، دېمەك، بىز زىھنىمىزنىيوقىتىشقىلا بەردۇق، گەرچە مەقسەت يوقىتىشنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش بولسىمۇ،دىققىتىمىز ئەڭ مۇھىم بولغان ئېرىشىشتىن چەتنەپ كېتىدۇ، بۇ جەرياندا گەرچەيوقىتىشنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتەلىسەكمۇ ئەمما ئېرىشىشكە سەرپ قىلغان كۈچىمىزنىڭئاز بولۇشى سەۋەبلىك ئېرىشكىنىمىز تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ قىلىشتەك بىر ھادىسە يۈزبېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ دىققىتىمىز نىشان ۋەنەتىجىگە قارىتىلماستىن جەريانغا كۆپلەپ سەرپ قىلىۋىتىلگەن، مانا بۇ بىزدىكى خاتاچۈشەنچە ۋە سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئېرىشىش-بىز ئىنتىلگەن بىر نەتىجەبولۇش سۈپىتى بىلەن بىزدىن ئەڭ كۆپ زىھنى كۈچ ۋە مەركەزلەشتۈرۈلگەن دىققەتنى تەلەپقىلىشى مۇمكىن، يوقىتىش- بۇ پەقەت ئىھتىيات بىلەن قارىلىدىغان، ئېرىشىش سەپىرىدىكىمۇئەييەن يۈز بېرىدىغان بىر جەريان، دەپ ئۆتكەندەك بىز ئېرىشىش جەريانىدا دىققەتنىيوقىتىشقىلا سەرپ قىلساق، يوقىتىشنىڭ دەرىجىسىنى راستىنلا تۆۋەنلىتەلىشىمىزمۇمكىن، ئەمما بۇ جەرياندا بىز ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان «ئېرىشىش»تىن ئىبارەت بۇنىشانىمىزنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، چوقۇم سەۋەبلەرنى تېپىپچىقىشقا تىرىشىمىز، ئەمما يەنە تولا ھاللاردا سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىئايدىڭلاشتۇرالماي، ئوخشاش بىر خاتالىقنى يەنە تەكرارلاپ قالىمىز.

بىر ئىنساننىڭئۆزىگە بولغان قىممەت قارشى باشقىلارنىڭ شۇ ئادەمگە بەرگەن باھاسىدىن پەرقلىنىشىمۇمكىن. مەلۇم بىر ھەرىكەت پەقەت شۇغۇللىنىۋاتقان شۇ ئادەمنىڭ نەزىرىدە توغرا، شۇھەرىكەت جەريانىدىكى يوقىتىش ۋە ئېرىشىش جەريانلىرىدا ياراتقان قىممەت ئۆزىنىڭنەزىرىدىكى قىممەتنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولسا ئۆزىگە ھەمدە ھەركىتىگە يولقويۇشى، ئاشۇ مۇئەييەن ھەركەتنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما بىر ئادەمنىڭنەزىرىدە توغرا بولغان ھەرىكەتنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدا توغرا بولۇشى ناتايىن، مۇئەييەنبىر مۇددىئا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئېرىشىش جەريانىمىز ياراتقان قىممەت پەقەتئۆزىمىزگە نىسبەتەن بىزنى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈزسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ باشقىلارچۈشىنىدىغان «قىممەت»تىن ئىبارەت بۇ دۇنيارىمىزغا بىز كۆزلىگەن تەسىرنىبىرەلمەسلىكى مۇمكىن. ھەر بىر ئىنساننىڭ قىممەت قارشى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭئۈچۈن ئۇنىڭ قىممەت ئۈچۈن قىلغان كۆرەشلىرى ۋە نىشانلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەربىر ئادەمنىڭ قىممەت قارشى ئەخلاقتىن ئايرىلغان ھەمدە گەۋدىلىك شەخسىيەتچىلىكئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، بەلكىم بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى قىممىتى بىلەنجەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى تۈپتىن ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. باشقىلارنىڭبىر ئادەمگە بولغان ھۆرمىتىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا شۇ ئادەمنىڭ قىممىتى تەسىرىدىنبولىدۇ، ئەمما قورقۇش بىلەن ھۆرمەت ئوخشىمايدۇ، ھۆرمەت ئۇ تەبئىي شەكىللىنىدىغانبىر خىل يۈكسەكلىككە ئىنتىلگەن تونۇش شەكلى، قورقۇش بولسا زوراۋانلىق ئارقىلىقمەقسەتكە يېتىدىغان، كىشى قەلبىنى توغرا ئۇسۇل بىلەن ئىگەللەشتىن يېراق بولغان بىرخىل پىسخىكىلىق ھالەتتۇر.

ئەخلاق ۋەئەقىدە قىممەتكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەخلاق چەكلىمىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغانتوغرا ھەرىكەتكە قىلىنغان ئەقىدە قىممەتنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇئۆزىنى چۈشىنىش ۋە ئۆزىنى تونۇشنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن بىر جەريانى بولۇپ، بۇئۆزىڭىزنىڭ قايسى ئىشنى قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنىڭىز ۋە قايسى خىل ئارزۇ،قايسى غايىنىڭ سىز ئۈچۈن ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن ئاساستا ھەرىكەتئېلىپ بارالىسىڭىز، سىزنىڭ نىشانغا يېتىشىڭىز بەلكىم ئاسانغا توختىشى مۇمكىن، مانابۇ قىممەت يارىتىش جەريانىدىكى ئۆزىنى تونۇش بولسا كېرەك، چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭنېمىگە، قايسى خىزمەتكە، قايسى ھەرىكەتكە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىڭىزنى توغرامۆلچەرلىيەلىسىڭىز ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىنى شۇنچە ئېنىق بىكىتەلەيسىز.

مەن دائىمقىلىدىغان ئىشلىرىمنى پىلانلىۋالىمەن، ئەمما ھەرگىزمۇ ئۆمۈر بويى قىلىدىغانئىشىمنى پىلانلاپ باقمىدىم، بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن پىلانلاشنى ياقتۇرىمەن،بىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە بىرىگە ئۆتۈشنى ياقتۇرىمەن. بىراقلا نۇرغۇن ئىشنىپىلانلىۋىلىشنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى بىز ئەتىنى بىلەلمەيمىز، يەنە نەچچە مىنۇتتىنكېيىن يەنە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىشلىرىمنىپۈتۈنلەي بىر-بىرىگە باغلىۋىلىشنى ياقتۇرمايمەن، بىرەر ئىشنى پىلانلاشتىن ئاۋالئويلىنىدىغىنىم ۋاقىت، ئاندىن شارائىت، ھەرگىزمۇ نۇرغۇن ئىشنى بىر-بىرىگە باغلاپقويمايمەن، ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلىرىمنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنىياقتۇرىمەن، چۈنكى تاسادىبىي سەۋەپلەر ياكى ئۆزۈم تۈپەيلى ئارىدىكى بىر ئىشتىنچاتاق چىقسا، ھەممىنى سۆرەپ مېڭىشنى خالىمەيمەن، بۇنداق بولغاندا ھەم ۋاقىت ئىسراپبولىدۇ، ھەم بىھۇدە زىھنى كۈچ خورايدۇ.

پىلانسىز،نىشانسىز ياشاشقا بولمايدۇ، چۈنكى مۇكەممەل پىلان ۋە تەپەككۇر بولىغاندا نىشانبولمايدۇ، نىشانسىز ياشىدى دېمەك، غايىسىز ياشىغان بىلەن باراۋەر، مېنىڭچە ئەڭتوغرا بولغان پىلانلاش پەقەت بىر مەزگىل ئىچىدىكى پىلاننى كۆرسىتىدۇ، ئەممائاخىرقى نىشان چوقۇم ئېنىق بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئۆزىمىزياراتقان قىممەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى، ئىزدىنىش ۋە شۇ جەريانلاردىكى يوقىتىشلارقىممىتىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريان، ئاخىرىدىكى ئېرىشىش بولسا قىممەتنىڭئالدىنقى شەرتى، يوقىتىش بولمىسا ئېرىشىش بولمايدۇ، ئېرىشكىنىمىزسىز قىممەتبولمايدۇ.

بىز بەزىدەشۇنداق قېيىن تاللاشلارغا دۇچ كېلىمىز، مەسىلەن نىكاھ ۋە ئائىلە، خىزمەت ۋەئارزۇ....دېگەنلەرگە ئوخشاش، بۇ جەھەتتە مېنىڭ ئويلايدىغىنىم ئەڭ مۇھىم ئورۇنداتۇرىدىغاننى ئىككىلەنمەي تاللاش كېرەك، بۇ يەردە ياخشى-ياماننى سىلىشتۇرۇش يوق، قايسىنىڭقىممىتى يۇقىرى؟ قايسى بىزنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلەيدۇ؟ قايسى يول بىزنىكۆزلىگەن قىممەتكە يەتكۈزىدۇ؟ دېگەندەكلەرنى ئويلىساقلا تاللىماق تەس ئەمەس دەپئويلايمەن.

مەن ھازىرقىكەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كەلگەن، يەنى: يۇقىرىمائاش بىلەن جىسمانىي ئەمگەك تۈرىدىكى خىزمەتكە قاتنىشىش ياكى تۆۋەن ھەق بىلەنھازىرقى كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇندا ئىشلەش، تاللاشتا ئويلىنىپ ئولتۇرمىدىم، چۈنكىمەن پۇل تېپىشنى ئەمەس، قىممەت يارىتىشنى مەقسەت قىلىشىم كېرەك، ئەگەر شۇ ۋاقىتتىلايۇقىرى ھەقنى كۆزلىسەم ياخشى بولغان ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىمەن، ھەمدەھازىرقى ھالەتكە يېتىش قەدىمىم ئاستىلىغان ياكى توختاپ قالغان بولاتتى، دېمەك پۇلتېپىش بىلەن قىممەت يارىتىش بۇ ئىككىسى ئوخشىمىغان ئىككى مەسىلە دەپ ئويلايمەن.

بىز نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟ دىن جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئەڭ مۇكەممەل جاۋاب بىزگە بېرىلىپ بولغان بولسىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ ھىس قىلىشى ۋە جەمىيئەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇسۇئالنىڭ ھەرگىزمۇ ئېنىق جاۋابى يوق، ئەمما شۇ نۇقتا ئېنىقكى ئىنسان پەقەت ئۆزى ئۈچۈن ياشايدىغان مەخلۇق، باشقىلار ھامان كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۇنيادا شەخسىيەتچىلىكى گەۋدىلىك بولغان ئادەملەر ئاز ساندا، ئەمما ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭماھىيتى شەخسىيەتچىلىك، ئىنسانىيەت دۇنياسى شەخسىيەتچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان،  ئەمەلىيەتتە ھەممىلا ئادەمدە شەخسىيەتچىلىك بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ، يەنىي قايسى مۇددىئادا شەخسىيەتچىلىك قىلىش، بۇ مۇھىم بىر نوقتا، شەخسىيەتچىلىكى ئىنتايىن گەۋدىلىكئادەملەرنىلا «شەخسىيەتچى» دەپ ئاتاش بىزگە ئوچۇق بىر ئىش، شەخسىيەتچىلىك بولسامەنپەئەت ۋە ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولمىغان پايدا ئۈستىدە ئېلىپ بىرىلغان ناتوغرا قىلمىش دەپ چۈشىنىمەن، شەخسىيەتچىلىكنى زىيادە ئىپادىلىنىپ چېقىشى چۈشكۈنلۈك،ئاچكۆزلۈك ۋە ئەخمىقانىلىقنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى ئۇ ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن، شۇ«ئېرىشكۈچى» ئېرىشىش جەريانىدا يوقاتقانلىرىنى «ئەرزىيدۇ» دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەممابۇ يەنە قىممەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى بۇ جەرياندىكى يوقىتىش بەلكىم ئۆزىنىڭقىممىتى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

يىغىپئېيتقاندا، ئىنسان ئۇ مۇئەييەن دائىرە ئېچىدە چەكلىك پائالىيەتلەر بىلەن ياشىغۇچى،ھەر بىر ئىنسان بولغۇچى بىلىدۇكى، قىممەت يارىتىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، قىممەتچۈشەنچىسى ھەر قەلىبتە ئوخشىمىغاندەكلا، قىممەت يارىتىش جەريانىمۇ ئوخشىمايدۇ،ئەمما مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى ئەخلاق ۋە ئەقىدە، ئىتىقادتىن ئايرىلمىغان قىممەتكۆرىشى ئەڭ توغرا بولغان قىممەت كۆرىشى، مەن شەخسىيەتچىلىكنى ياقلىغۇچى ئەمەس،ئەمما مۇئەييەن دەرىجىدىكى شەخسىيەتچىلىك تۇيغۇسى كىشىنى تېخىمۇمۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ يۈكسەكلىككە تېخىمۇيېقىنلىشىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ، ھەمدە شۇ جەرياندا كۆرەش قىلىدۇ، ئەمما كۆرەشلەرنىڭئەڭ توغرىسى يەنىلا مۇكەممەل غايە ۋە ئۆزىگە بولغان چۈشىنىش ئاساسىدا توغرا بولغانئەخلاق قارشىنىڭ يېتەكلىشى ۋە توغرا بولغان تاللاش ئىچىدە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى پەقەت مېنىڭ ھىس قىلغانلىرىم ۋە چۈشەنچىلىرىم، كەمتۈكلۈك ۋە بىرتەرەپلىمىلىكتىن خالىي ئەمەس، تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

①- پاراسەت ۋەتەقدىر دېگەن كىتابتىن.


مەنبە: كەمىنە قەلىمى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-8 10:10 PM  


ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85232
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 864
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي ئەسەرلەر ۋە يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق فانتازىيە ھىكايىلىرى مەرۋايىت بلوگىدا!
http://merwayit.net/

بەرداشلىق بېرىمەن ~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5705
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىشانسىز ياشاشقا بولمايدۇ بۇ سۆزلەر يارىدى

ئەي نەپسىم ! بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ تەقدىرىدىن ئۆزۈڭگە ئىبرەت ئال !  ANSWER

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىز مىنى قاتتىق ئويغا سەپ قويدى ...  ئادەم ئەڭ ئاۋال بىشىنى قۇچىقىغا قويۇپ قويۇپ نىمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقى ، قانداق ياشىسا ئادىمىي قىممەت يارىتالايدىغىنىنى ئويلاش كىرەككە ...  

‹ئالەمنى يۇرتىدىغان قۇياش بولالمىساڭمۇ، تەبىئەتكە ھۆسۈن قوشىدىغان كىچىككىنە بىر تال چىم بولغىن!›

ياشىماق بەك ئاسان .. ئەنە قاراڭ .. سىزدە ئۆتكەن بىر كۈن ھەممە يەردە ئۆتىدۇ ...  گەپ قانداق ئۆتكۈزۈشتە !!

ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ ‹ئامەت ۋە ئەپەت › دىگەن رومانىنى مىنىڭچە ھەممىڭلار ئوقۇپ ياكى ئاڭلاپ چىققان ... شۇ مانا روماندىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ .

ئىرىشكىنىمىز قانچە كۆپ بولسا يوقاتقىنىمىز ئۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىكەن ... ئادەم بۇدۇنيادا ‹زىيا› ئاتتىم دەپ ‹چۇ›غا چۈشىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85528
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بۇ ؟  بۇ نىمە ؟؟؟؟
بۇدىگەن ھەقىقەت ، بۇدىگەن ئىجادىيەت ..............
ياخشى يېزىپسىز .  خۇدا دۆلىتىڭىزنى زىيادە،دۈشمەنلىرىڭىزنى پىيادە قىلسۇن ‹ئامىن›

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
merwayit + 10 ئىنشائاللاھ، رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ھەر قانداق ئادەمنىڭ چوقۇم ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغان، پەقەت ئۆزىگىلاخاس بولغان ياشاش نىشانى ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە پىلانى بولۇشى كېرەك، باشقىلاردىن ئۆلگە ئېلىشقا، پايدىلىنىشقا بولىدۇ، ئەمما دوراشقا، ھەممىنى قارا-قويۇق سىڭدۈرۈشكە بولمايدۇ. ھايات يولىنى يالغۇز باسىدىغان ئادەمنىڭ چوقۇم ئۆزىگە خاس ياشاش قانۇنيتى ۋە ياشاش ئەندىزىسى بولۇشى كېرەك. » بۇ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن. مەن شۇ ئۆز ئەندىزەم بىلەن ياشاپ كەلدىم، لېكىن ئاخىردا ئېرىشكىنىم ھەقىقەتەن ئاز ياق يوق دېسەممۇ بولىدۇ. ئاخىردا باشقىلارغا نىسبەتەن دۆت،ئەخمەق كىشىگە ئايلاندىم. لېكىن ھازىرمۇ، كېيىنمۇ شۇ ئېتىقادىم،ئەقىدەم ۋە شۇ قىممەت قارىشىمنى ئۆزگەرتمەيمەن، چۈنكى مەن ھىچكىمگە ئوخشىمايمەن. مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنى رەتلەپ يېزىپ بەرگەندەكلا ھېس قىلدىم. رەخمەت سىزگە،تېخىمۇ ئۈمۈتلۈك بولۇپ قالدىم. داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4611
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتلىقتا قانداق ياشىشىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدىغانلارمۇ تالاي .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش