|
|
|
|
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ QQ غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دىتالى توغرىسىدا
بۇگۈن دوستلاردىن كەلگەن ئېلخەت بارمىدۇ دەپ ئېلخەت ئادىرىسىمغا كىردىم. قاراپلا ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ بىر پارچە خېتىگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ نىمە ئىش. ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى مېنى تەكلىپ قىلماقچىمىدۇ؟ (چاقچاق) دىگەندەك خىياللار كاللامغا كېلىپ تىز سۈرئەتتە خەتنى ئاچتىم. خەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
Eziz qirindashlar,uyghur soft shirkiti ishlep chiqqan QQ ,skpye ,twitter ,facebook,foxmail qatarliq ijtimayi alaqe torbetlirining uyghur abuntliri uchun mexsus uyghurche kirguzush qisturma ditalini ishlep chiqardi ,bu qisturma ditalning chushurush adrisini hozurunglargha sunduq ,ppt qoshumqe hojjitide chushendurilishibar ,qachilash asan ,ishlitish qulayliq ,qirindashlirimizning uyghur tilidiki yumshaq ditallarni qollap quwwetlishini umut qilimiz.
<<ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى ئىشلەپ چىققان QQ ,skpye ,twitter ,facebook,foxmail قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە توربەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئابونىتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قىستۇرما دىتالى ئىشلەپ چىقىرىلدى. بۇ دىتاللارنىڭ چۈشەندۈرلىش ئادىرىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ppt قۇشۇمچە ھۆججىتىدە چۈشەندۈرىلىشى بار. قاچىلاش ئاسان ئىشلىتىش قولايلىق. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمتاللارنى قوللاپ قۇۋەتلەپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز>>.
دىگەن مەزمۇنلار بار ئىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۈيۈنۈپ دەرھال چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىن پايدىلىنىپ QQ غا مۇناسىۋەتلىك يۇمتالنى تاللاپ توردىن چۈشۈرۋالدىمدە قاچىلاشقا باشلىدىم. يېزىق تىلىنى تاللىغاندا شۇنداق خوشال بولدۇم ۋە خىزمەتدىشىمغا <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ >> دىگەن ئاللاھنىڭ سالىمىنى يوللاپ خەت كەلدىمۇ دىسەم ياق دەيدۇ. شۇنىڭ قارشى تەرەپمۇ قاچىلىسا ئاندىن يوللىغىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭغىمۇ تەۋىسسىيە قىلىپ يۈرۈپ كومپىيوتىرىغا ئاران قاچىلىغۇزدۇم. ( ئۇنىڭ ئىتتىك قاچىلىماسلىقىدىكى سەۋەپ كونا يېزىققا كۈنۈپ قاپتۇدەك، يېڭى يېزىقىمىزدىكى خەتلەرنى باسالماسمىش، بۇنىسىغۇ راست ئەمدى. كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز كونا يېزىقنى كۆپ ئىشلىتىپ يېڭى يېزىقتىكى خەت بېسىش سۈرئىتى ۋە توغرىلىق نىسبىتىمۇ ناھايىتى تۆۋەن. ئىملا خاتالىقى ئېغىر ) شۇنداق قىلىپ ئۇ قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق. ئۇيغۇرچە خەتلەر قەتئىي ماڭمايدىكەن...
مەن ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى يوللىغان خەتتىكى قىستۇرما يۇمتالنى قاچىلاش ئۇسۇلى چۈشۈندۈرۈلگەن Word ۋە PowerPoint نى قەتئىي ئاچالمىدىم داۋاملىق خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىۋالدى. شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇشۇ توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرى بولسا ئورتاقلاشساق دىگەن مەخسەتتە مۇنۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھەم ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىگىمۇ ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويدۇم. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن. جاۋابى كەلسە ئورتاقلىشارمىز.
ئاخىرىدا پاراڭلىشىش قوراللىرىدا ئۆز ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەشلەر چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تۆۋەندىكىچە:
|
|
|
|
|
|