|
|
|
|
لوپنۇردا ئىككى قېتىم يەر تەۋرىدى
بايانات:كەچۈرىسىلەر ،بۇ تېمىدىن سىلەرنى ۋاقتىد خەۋەر قىلالمىدىم
جۇڭگو خەۋەر تورى 7 - ئۆكتەبىر تېلېگىراممىسى
شىنجاڭ يەرتەۋرەش تورىنىڭ بېكىتىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە لوپنۇر ناھىيەسىدە 3.2 بال يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرەش ئورنى شىمالىي كەڭلىك 41 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 88.3 گىرادۇس بولۇپ تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 8 كىلومېتىر بولغان.
ھالبۇكى، شىنجاڭ يەرتەۋرەش تورىنىڭ بېكىتىشىچە، 6 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە لوپنۇر ناھىيەسىدە 4.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 8 كىلومېتىر بولغان. يەرتەۋرىگەندىن كېيىن لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جىددىي تەشكىللەنگەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۆي بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگەن. لوپنۇر ناھىيىسى گۈلباغ يېزىسىدىكى 23 ئائىلىنىڭ ئۆي ۋە قوتانلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېرىق پەيدا بولغان. ئادەملەر يارىلانمىغان ۋە قازا قىلمىغان، ئىقتىسادىي زىيان 460مىڭ يۈەن بولغان.
لوپنۇر ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى شىمال گىرۋىكىگە جايلاشقان، قەدىمقى غەربى يۇرتتىكى 36 خانلىقنىڭ بىرى بولغان لوپنۇر خانلىقىنىڭ ئورنىدۇر. بۇ ناھىيەنىڭ يەر شەكلى غەربى شىمالدىن شەرقى جەنۇپقا قاراپ يانتۇ بولۇپ شىمالىدا كۇرۇ تېغىنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىك بار، ئوتتۇرا قىسمىدا تارىم دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسى لاتقىلىرىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك، جەنۇبىدا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئۈچ بۆلىكى بار. \
مەنبە : http://www.nur.cn/news/2012/10/84499.shtml
|
|
|
|
|
|