مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4496|ئىنكاس: 68

يىغلاڭغۇ يىللار (رومان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 700 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 05:23:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                            يىغلاڭغۇ يىللار (رومان)


                                          ئاپتۇرى: ئارىش ئەپەندى

                                           مەنبە: ئۆز قەلىمىم


                                                 مۇقەددىمە


خالاستان دەرياسىنى باغاشلىغان بۇ يۇلغۇنزارلىق يازنىڭ كېلىشى بىلەن باشقىچە جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ. بۇ يۇلغۇن زارلىق ئىچىدە تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىڭىزدا بەلكىم دۇنيا يۇلغۇن، دەريا بىلەنلا يارالغان بولغىمىدى دېگەن ئويغا كېلىشىڭىز تەبئىي.

كېچىككىنە بىر دەريا، دەريا بويىغا يانداشقان يۇلغۇنزارلىق، يۇلغۇن چېچەكلىرى پۇرەكلەپ ئىچىلغان، چېچەكنىڭ ئۆزگىچە ھېدى ئەتراپنى بىر ئالغان. يىراقتىن دەريا سۈيىنىڭ شاۋقۇنلاپ ئېىقىۋاتقان ئاۋازى قۇلىقىڭىزغا يىنىك ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ مەنزىرە سىزنى باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ ۋە سىزگە دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

يۇلغۇنلۇقنىڭ كۈن چىقىش تەرىپى دەريا بىلەن تۇتاشقان، كۈن پېتىش تەرىپىدە ئاندا ساندا جىگدە، سۇۋادان تېرەكلەر، ئاق تېرەكلەر، سۆگەت، ياۋا جىغان قاتارلىق ئۆسۈملۈك، دەرەخلەر بولۇپ، بۇ يەرگە تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى ناھايىتى شور بولۇپ، يەر يۈزىدىن شور ئۆرلەپ تۇرىدۇ. ئاھالىلەر تۇپرىقى بىر قەدەر ياخشى يەرلەرنى تاللاپ ئۆزلىرى خالىغانچە ئولتۇراقلاشقان باشقا جايلىرى بولسا  كۆز يەتكۈسىز دۆڭلۈك بولۇپ ئاساسەن قۇمۇشلۇق، تېكەن، قامغاق بىلەن ئورالغان. بۇ يەردىن بىر ئۆستەڭ كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۆستەڭنى سۈيى بولسا باشقا كەنتىكىلەر باشقۇرۇپ بولالمىغان سۇلىرىنى قويۇپ بەرگەن ۋە تەبىئىي شەكىللەنگەن بۇلاق سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەر يۈزىنى سىپاپ ئىقىپ تۇرىدۇ. كىشلەر مانا مۇشۇ ئۆستەڭنىڭ سۇ ئېچىدۇ.

قالغان ئىككى تەرىپى بولسا دەريا بىلەن باشلانغان ۋە دەريا بىلەن سوزۇلغان كۆز يەتكۈسىز يۇلغۇنزارلىق.

بۇ يۇلغۇنزارلىقنىڭ ئېچى بىر دۇنيا، بۇ يەردە توشقان، چاشقان، قۇرۇقلۇق يېلىنى، ئت، تۈلكە، بۆرە... ئۇچار قانات قاتارلىقلارنىڭ ماكانى.

يۇلغۇن زارلىقنىڭ ئاھالىلەر تەرەپكە تۇتاشقان يان باغىرىنىڭ يەر يۈزى يىشىل مەخمەل چېملىق بىلەن قىلىن ئورالغان بولۇپ، بۇ يەر چارۋىچى دېھقانلارنىڭ پادا باقىدىغان ئەڭ ياخشى جايى. يۇلغۇنزارلىقنىڭ ئوتتۇرسى قۇمۇش، جىغان،  ۋە باشقا ياۋا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن گىرەلىشىپ، ئۆمچۈكلەر تور تارتىپ ناھايتى قورقۇنىچلىق، بەلكىم بۇ يەرگە ئادەم زاتى ئاياغ بېسىپ باقمىغان بولسا كېرەك.

يۇلغۇنلۇق توغرىسىدا ھەرخىل قىزىقارلىق ئەپسانە، رىۋايەتلەر ناھايتى نۇرغۇن.

ئانىلار بالىلىرىنىڭ يۇلغۇنزارلىقنىڭ ئىچىدە ۋە يۇلغۇنزارلىققا كېرمەسلىككە ئەسكەرتىپ:

-ئوبدان قوزام خەپ يۇلغۇنزارلىقنىڭ ئىچىگە كېرىپ ئوينىما، ئۇ يەر ناھايتى خەتەرلىك.

-نېمىشقا؟

ئانا بالىسىدىن مۇنداقلا قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، بېردەم ئويلىنۋىلىپ.

-بالام بۇرۇن مەھەللىمىزدە داۋۇت ئىسىملىك بىر بوۋاي بولىدىغان، ئۇ بوۋاي داۋاملىق يۇلغۇنزارلىقتىن ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىپ جىنىنى جان ئېتەتتى. لىكىن ئۇ بىر قېتىم يۇلغۇنزارلىققا بىر كېرىپ كېتىپ قايتا يىنىپ چىقمىدى. مەھەللىمىزدىكى كىشىلەر بوۋانى ئىزدەپ يۇلغۇنزارلىقنىڭ ئىچىگە كېرىپ، بوۋاينىڭ ئەسكى شاپاق دوپپىسىنىلا تېىپىپ چىقىپتۇ، بوۋاينى تاپالماپتۇ. بوۋاينىڭ ھارۋىسى بىلەن ئىشىكىنىڭمۇ ئىز دېرىكى بولماپتۇ.

-ئۇنداقتا داۋۇت بوۋاي نەگە كېتىپتۇ؟ بالا ئانىسىغا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى.

-بوۋاي ئوتۇن ئەكىلىش ئۈچۈن يۇلغۇنلۇققا كېرىپتۇ، ئۇ يۇلغۇنلۇققا كىرىپ ئوتۇن ئىزدەپ مىڭىۋىرىپتۇ، بىر ۋاقىتتا كەينىڭگە قارا دېگەندەك بولۇپ، كەينىگە قارىسا بىر ئاپئاق ئۆچكە بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مىڭۋاتقۇدەك، بوۋاي ھارۋىسىنى ھەيدىسە ئۆچكىمۇ تەڭ مېڭىپتۇ، توختىسا ئۆچكىمۇ تەڭ توختاپتۇ، بوۋاي ھارۋىسىدىن چۈشۈپ ئۆچكىنى تۇتماقچى بولغان ئىكەن، لىكىن ئۆچكە بوۋايغا پەقەتلا تۇتقىلىق بەرمەپتۇ. ئۆچكە قىچىپ ھارۋىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ. داۋۇت بوۋايمۇ ئۆچكىنىڭ ئارقىسىدىن ئۆچكىنى تۇتماقچى بولۇپ ئىشكىنى قامچىلاپ تېز مېڭىپتۇ. ئۆچكە ماڭا-ماڭا ئاخىرى يۇلغۇنلۇقنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا كىلىپ توختاپتۇ. بوۋاي ئۆچكە ھېرىپ توختاپ قالغان چېغى، ئەمدىغۇ تۇتتۇم دەپ ئويلاپ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ قارىسا ئۆچكە يوق، كۆز ئالدىدا ئادەمنىڭ بىلىدەك يوغان يۇلغۇن، ئادەمنىڭ يوتىسىدەك قۇمۇش، كالىدەك چوڭلۇقتا بۆرە، موزايچىلىك چوڭلۇقتا تۈلكە، قويچىلىك چوڭلۇقتا توشقان، توشقانچىلىك چوڭلۇقتا چاشقان. ئاپئاق كېيىنۋالغان بىر قانچە كىشىلەر (لېكىن ئۇ كىشىلەرنىڭ چىرايىنى پەقەتلا كۆرگىلى بولماسمىش) تۇرغۇدەك، ئۇلار بوۋايغا قاراپ قاتتىق كۈلۈپتۇ، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىدىن يەرجاھان قاتتىق تېترەپتۇ.

شۇئان بوۋاينىڭ تېنى شۈركىنىپ قورقۇپ، تېترەپ بېسىپتۇ. بوۋاي دەرھال ھارۋىسىغا چېقىپ قېچىش ئۈچۈن تەمشەلگەن ئېكەن قاتتىق بىر بوران چىقىپ، بوران پەسەيگەندىن كېيىن بوۋاينىڭ نە ئۆزى، نە ھارۋا، ئىشىكى كۆرۈنمەپتۇ. كېيىن ئىزدىگەنلەر بوۋاينىڭ ئەسكى شاپاق بۆكىسىنى  تاپالىدى قوزام. يۇلغۇنزارلىقتىكى ھەربىر يۇلغۇنغا جىن، ئالۋاستىلار چاپلاشقان، ئۇ يەرگە كىچىك بالىلار كىرسە جىن، ئالۋاستىلار ئاسان چاپلىشۋالىدۇ، ئادەم ئالغاي، توكۇر بوپ قالىدۇ، سەن يۇلغۇنزارلىققا ھەرگىزمۇ ئوينىغىلى كىرمە بولامدۇ ئومان قوزام.

-ئاپا سەن ھەممىنى كۆرگەنما؟

-ياق.

-ئەمسە سەن ھەممىنى كۆرگەندەك سۆزلەيسەنغۇ؟

-بۇ ئىشلارنى مەنمۇ باشقلاردىن ئاڭلىدىم، ئاڭلىغانلىرىمنى ساڭا سۆزلەپ بەردىم. ئاڭلىشىمچە بۇ ئىشلار مەھەللىمىزدىكى قادىر ھاجى داداڭنىڭ چۈشىگە ئايان بولغانمىش، ھاجى داداڭ بىر قېتىم چارشەنبە ئاخشىمى تالادا يېتىپ قاپتىكەن، شۇ ۋاقىتتا قۇيۇندا قىلىپ جىن چاپلىشىپ، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدىغان بولۇپ، خىلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ئوڭشالغان. كېيىن ئۇ مەھەللىمىزدىكىلەرگە كۆز دۇئاسى ئوقۇپ قويۇپ، بېشى ئاغرىپ قالغان كىشىلەرگە كۆز دۇئاسى ئوقۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالدى. باشقىلارنىڭ چۈشىنى ناھايتى توغرا تاپالايدىغان خاسىيەتكە ئىگە بولدى. داۋۇت بوۋاينىڭ يوقاپ كېتىشىمۇ شۇ ھاجى داداڭنىڭ چۈشىگە كېرىپتىكەن قوزام.

بالا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈگىرگەن پېتى سېرتقا چىقىپ كەتتى. بىردەمدىلا ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بالىلارغا ئاپىسىنىڭ دېگىنىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.

تېخى بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە ئاخشىمى يۇلغۇنلۇقنىڭ ئوتتۇرسى يوپيۇرۇق يورۇپ كېتەرمىش، نەغمە ناۋا، ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرارمىش.

بۇ يۇلغۇنلۇق توغرىسىدا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەت، ئەپسانىلەر بەكمۇ كۆپ.

بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئىككى مەھەللىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، تېكەنلىك مەھەلىسى بىلەن روزاخۇن مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئىككى مەھەللىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، ھويلا تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان، تۈز سىزىق ھالەتتە قورپۇرۇلغان تۆت ئىشخانا مانا بۇ ماكاننى باشقۇرۇدىغان بىردىنبىر ئورۇن. كەنتنىڭ كەينى تەرىپىگە جايلاشقان 30 مو كۆلەمدە باغ بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تۇپرۇقىغا ماسلىشىدىغان نەشپۈت، ئامۇت قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەر بار، ياز ئايرىلىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى بۇ يەرنىڭ مېۋىسىگە ئىغىز تېگىپ قالدىغان بولسىڭىز تەمى تېلىڭىزدىلا قالىدۇ.

مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايتى زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. شەھەردىن يېزىغا چۈشكەن زىيالىلار دەپ كەلگەن خەنزۇ، ئۇيغۇر  ياشلىرى، ياشلىق باھارى ۋە ياشلىق كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالدا بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ يەردىكى چارۋىچى دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ بوز يەر ئېچىشقا كېرىشىپ كەتتى. ئەزەلدىن بىر خىل رېتىمدا ئۆتۈۋاتقان كەنت، ياشلارنىڭ كېلىشى بىلەن باشقىچە جانلىنىپ كەتتى.

ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، يۇلغۇن چېچەكلىرىنىڭ پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغان، ئادەم بويى ئۆسكەن يۇلغۇننىڭ سايىسى ئىچىدە بىر جۈپ قىز-يىگىت قاتتىق پاراڭغا چۈشكەن ئىدى.

-زەينەپ بىز بۇ يەردە قانچىلىك تۇرارمىز؟ ساڭا دېسەم مىنىڭ بۇ يەردە بىر كۈنمۇ تۇرغۇم يوق، تېزراق شەھەرگە كەتسەم دەيمەن.

-بىزدە نېمە ئامال دەيسەن ئەخمەت، بىزدە ئامال يوق، بۇ دېگەن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، لىكىن بۇ يەردە سەنلا بولساڭ مەن جايدا يەردە بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ تۇرۇشقا رازى، بېلەمسەن مەن ھازىر ئۆزۈمنى ناھايتى بەخىتلىك ھېس قىلۋاتىمەن. بۇ يەرگە كەلگەن كۈنلەردە راستىلا تۇرغۇم كەلمىگەن، كېچىلىرى يىغلاپ چىققان، بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشنىمۇ ئويلىغان، كېيىن سەن بىلەن تونۇشۇپ ئۇنداق ئويلىمايدىغان بولدۇم، شۇ تاپتا ئۆزۈمنى ناھايتى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن.

-شۇ مەنمۇ سەن بولغاچقا چىداپ تۇرۋاتىمەن، بولمىسا ئاللا بۇرۇن بۇ يەردىن تېكىۋەتكەن بولاتتىم دېگىنە زەينەپ.

زەينەپ ئەخمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، قولىدا پۇلاڭلىشتىپ تۇرغان يۇلغۇن شىخىنى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ، ئەخمەتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، ئەخمەتكە يۆلەندى. ئۇنىڭ بۇ قېلىقىدىن ئەخمەتنىڭ بايامقى گېپىدىن بەكمۇ خوش بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

-قارا ئەخمەت بۇ يەر نېمە دېگەن گۈزەل، بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىنى تەسىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلۋاتىدۇ. مەن سەن بىلەن مۇشۇ گۈزەل ماكاندا قالسام مەيلى ئىدى، پەقەت مىنى سەن بىر ئۆمۈر سۆيسەڭلا، سەن يېنىمدا بولساڭلا.

قىز گېپىنى تۈگۈتۈپلا ماڭا جاۋاپ بەر دېگەندەك قىلىپ ئەخمەتنىڭ كۆزىگە بىرنى تېكىلىپ قىلىپ قويۇپ دەرھال يەرگە قارىۋالدى. بوينىغا ئارتىۋالغان قىزىل چېچەك گۈلى چۈشۈرۈلگەن ياغلىقىنىڭ بىر ئۇچىنى چىمچىلاق بارمىقىغا يۆگەپ تىنىمسىز بىر ھەرىكەتنى تەكرارلاۋاتاتتى.

قىزنى بۇغداي ئۆڭ، سەل سىمىز كەلگەن تېرىسى ئاپتاپتا ئانچە كۆيمىگەندەك قىلاتتى. چىرايىغا قوندۇرۇپ قويغاندەك قاراپ قارا قىشى، قىشى ئاستىدىكى نەشتەردەك كۆزلىرى ئۇنىڭ ئەخمەتكە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقىي ساپلىقىنى سۆزلەپ تۇراتتى. گۆشلۈك قىپقىزىل لېۋى بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ تېترەپ بولۇپ توختاپ قالدى. قىزنىڭ يالاڭئاياغ پۇتىنىڭ ئاستىدا بىر نەچچە چۈمۈلە ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىۋاتاتتى. قىز پۇتىنى ئازراقلا ھەرىكەتلەندۈرسە چۈمۈلىلەرنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قوياتتى، قىز چۈمۈلىلەرنى كۆرۈپ پۇتىنى يىغىۋالدى.

ئەخمەت قىزنىڭ خىيالىنى بۇزدى.

قاراپ تۇر زەينەپ بۇ گۈزەل ماكانمۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدا يوقىلىدۇ، كەنتنىڭ كەينىدىكى باغنى قانداق قىلدى، ھەممىسى شۇ داجەيدىن ئۆگىنىمىز، بىنام، بوز يەر ئاچىمىز دەپ كەلسە-كەلمەس بوز يەر ئاچمىدىمۇ ئاخىرىدا قانداق بولدى، بۇلتۇر مېۋىلىك بولامدۇ ياكى باشقا دەرەخلەر بولامدۇ، ئىشقىلىپ ھەممە دەرەخلەرنى چىقارغان ئىدۇق بۇ يىل يەنە كۆكلىدى. ئەسلى بۇ باغ بۇ ئەترەتنىڭ زىننىتى ئەمەسمىدى. داجەيدىن ئۆگىنىش توغرا، لېكىن شارائىتقا قاراپ ئىش تۇتسا بولمامدۇ، ئەمدىلىكتە نۆۋەن بۇ يۇلغۇنزارلىققا كېلىدۇ. تۈگىمەس ئەمگەك، زىرىكىشلىك كۈنلەر.

- بولدى سۆزلىمە، مەن يېنىڭدا بار.

زەينەپ ئەخمەتنىڭ قولىنى ئازراق تارتىپ، سىلكىپ قويدى.

بىز قېچىپ يېراقلارغا كېتەيلى بۇ جاھان كەڭرى جاھان، بىزگە باش تېققىدەك ئورۇن چىقىدۇ زەينەپ.

ئەخمەت زەينەپنىڭ كۆزىگە سۇئال نەزىرى بىلەن تېكىلدى.

ياق ئەخمەت بىز كېتىپ نەگە بارىمىز، ھازىر جاھاننىڭ قۇلىقى تۆت، ھامان چىدىدۇق، يەنە بىر نەچچە يىل چىدىۋىتەيلى.

ئەخمەت ئىغىر بىر تېىنىپ قويدى-دە ئورنىدىن تۇرۇپ زەينەپكە قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى، زەينەپ ئەخمەتنىڭ كەينىدىن تېز-تېز قەدەملىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

زىمىستان قىش ئايرىلىنىڭ شېۋىرغانلىق بىر ئاخشىمى، سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى، نەچچە كۈندىن بىرى توختىماي يېغىۋاتقان قار زىمىننى ئاق لىباس بىلەن پۈركىسە، قار ئاستىدا قالغان دەرەخلەر قاردىن ئاپئاق لىباس كېيىپ بۇ زىمىنغا باشقىچە گۈزەللىك ئاتا قىلغان ئىدى.

بۇ چەت جاڭگالدىكى كەنتە جىمى مەۋجۇدادلىق كېچىنىڭ قاراڭغۇسى بىلەن تەڭ شېرىن ئۇيغۇغا كەتكەن بولسىمۇ لېكىن، تۆت ئېغىزلىق قورونىڭ ئۈچ تېىمى بار بىر تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، باشقا تاملىرىغىمۇ دەز كەتكەن، ھويلا دەرۋازىسى ئادەتتىكى ياغاچ تاختايدىن ياسالغان، تاختايلارغا داجەيدىن ئۆگىنەيلى، ياشىسۇن جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى، ياشىسۇن ماۋجۇشى دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان، قورو ئىچىگە بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە سېلىنغان تۆت ئىغىز ئۆي بۇ كەنت ئىشخانىسى ئىدى. ئىشخانىنىڭ ئۆگزىسىنى ياپقاندا ئىشلەتكەن قۇمۇش، سامان ۋە پاخاللار قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇق شاماللىرىدا قورۇنىڭ ئىچىدە ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئۇچۇپ يۈرەتتى.

دەرۋازىدىن كېرىشكە ئوڭ يان چەتتىكى ئىشخانىنىڭ دېرىزىسىدىن غۇۋا شامنىڭ يۇرىقى ئىشخانىنىڭ ئېچىنى يورۇتۇپ تۇراتتى.

قىنى ئېيتە بۇزۇق، بۇ بالا كېمىنىڭ، قاتتىق چىققان ئاۋازدىن ئاىنىڭ قۇچقىدىك بالا قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئانا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بالىنى پەپىلەشكە باشلىدى.  بۇ ئشتىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن ئورۇق، ۋىجىك كەلگەن، ئۇچىسىغا ھەربىيچە جۇۋا كېيىۋالغان قاپقارا يۈزلىرىنى ساقال باسقان كىشى ئانىنىڭ بۇ قىلىقىغا قاراپ ئاچچىقى تېخىمۇ كەلدى بولغاي، قىزنىڭ قۇچقىدىن بالىنى ئالماقچى بولۇپ بالىغا ئىسىلغان ئىدى ئانا قويۇپ بەرمىدى. ئانىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراشنى ئويلاپ باقمىغان ۋىجىك كىشى ئانىنى شاپىلاق بىلەن يۈزىگە بىر نەچچىنى سىلىۋەتتى. ئانا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بالىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ،  چۇۋۇلغان چاچلىرىنى بىر قولى بىلەن ئوڭشىغاچ بالىنىڭ يۈزىگە بىر نەچچىنى سۆيۈپ قويدى.

ئانىنىڭ جىمجىت تۇرغانلىقى كۆرگەن قاۋۇل، ئىگىز، بەسىتلىك كەلگەن بىر كىشى، ئاچچىقى بىلەن بۇ بۇزۇقنىڭ ئېغىز ئاچماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن، ھۇ ئاللاھنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغان بۇزۇق دېگىنىچە ئوڭ ياندىن كىلىپ ئانىنىڭ دولىسىغا بىرنى تەپتى، ئانا جوزىدىن يەرگە كۆمدۈرۈلۈپ ئوڭدىسىغا يېقىلىپ چۈشتى، بالىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ئەنسىرگەن ئانا ئىككى جەينكى بىلەن بالىنى ساقلاپ قالدىيۇ ئۆزى يەرگە خېلى قاتتىق يېقىلدى، ئانا ئەمدى ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان ئىدى بەسىتلىك كەلگەن ئىشى سول ياندىن كىلىپ يەنە ئانىنىڭ گەجگىسىگە يەنە بىر تەپتى، بۇ قېتىم ئانا يەرگە يانچە بولۇپ يىقىلدى، بىشى يەرگە قاتتىق تەگىدى. ئىشخانا ئىچىنى ئانىسىنىڭ يات كىشىلەر ئالدىدا خورلۇققا ئۇچرىغانلىقىغا چىدىمىغان ھەم بىردىن بىر گۇۋاھچى بولۇپ تۇرغان بالا ئىڭراپ يىغلىشى بىر ئالدى. ئانا تۇنجى قېتىم يىغلىما قوزاق، ئوماق قوزام يىغلىما دېگىنىچە بالىنى باغرىغا چىڭ بىسىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بوۋاق بىلەن بىللە يىغلاشقا باشلىدى.

گەۋدىلىك كەلگەن كىشى، بۇ بۇزۇق ئاسانلىقچە ئىغىز ئاچمايدىغاندەك قىلىدۇ، مەسىلىسىنى تاپشۇرسا، يۇقىرىغا يوللاپ بەرسەك بىزمۇ ئارام تېپىپ قالاتتۇق، كەنتىمىزمۇ بۇ قېتىمقى باھالاشتىن ئامان ئېسەن ئۆتىۋالاتتى دېسەم، بۇ بۇزۇق ئەجەپ ئىغىز ئاچمايدا.

ۋىجىك كەلگەن كېشى، ئاڭلىسام باشقا كەنتىكىلەر تېخى پېپەن قىلىدىغان كېشى تاپالماي يۈرگىدە...

بولمىسا تەشكىلگە بۇ قانجۇقنىڭ ئۆزىنىلا تاپشۇرۇپ بەرمەمدۇق، مەسىلىسىنى  بۇ قانجۇق تەشكىلگە ئۆزى تاپشۇرمامدۇ.

ھە مەيلى شۇنداق قىلايلى، مەن بەك چارچاپ كەتتىم، ئارام ئالايلى دېدىدى گەۋدىلىك كەلگەن كېشى.

بۇ بۇزۇقنىچۇ؟

ئۇ نەگە قېچىپ كېتەلەيتتى مۇشۇ ئەپتى بىلەن ئۆيىگە كەتسۇن، تەشكىلگە خەۋەر قىلساق بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كېلىدۇ.

ئانا كەنت قوروسىدىن چىقىپ ئۆيىگە تەرەپكە 20-30 مېتىر ماڭدىيۇ بېشى قايغاندەك بولۇپ تۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئانىنىڭ قۇچقىدىكى بوۋاق ئاللىقاچان شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، ئاىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تارتقان بارلىق خورلۇقلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

قاراڭغۇلۇق ئېچىدە بىر ئاياغ تېۋىشى ئانىنىڭ قۇلىقىغا كېردى. ئانا ئېغىر بىشىنى ئاياغ تېۋىشى كېلىۋاتقان تەرەپكە بۇرىدى. ئاياغ تېۋىشى يىقىنلاپ قاراڭغۇلۇق ئېچىدە بىر قارا گەۋدە ئانا تەرەپكە يىقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئانىنى يەنە قورقۇنچ بېسىشقا باشلىدى. قارا گەۋدە ئانىغا يېقىنلاپ كېلىپ، ھوي سەن زەيناپما؟

ئانا بۇ ئاۋازنى تونۇپ، ھە ئە دېگەن سۆزنى تېترەپ تۇرۇپ ئېيىتقاندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يېغلاپ تاشلىدى.

ھەي، بولدى يىغلىما قېزىم، ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، بۈگۈن بېشىڭغا قارا كۈنلەر كەلگەن بولسا كېيىن ئاللاھ بەختىڭنى بېرىدۇ، ئاللاھ ئادەملەرنى ھەرخىل سىناقتا سىنايدۇ، بىرسىنى ھوقوقتا سېنىسا، بىرىنى كېسەل، يەنە بېرى... ئادەم ئاللاھقا ئېشەنسىلا بۇ سىناقلاردىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. يۈر بىزنىڭ ئۆيگە كېتەيلى دېگىنىچە زەينەپنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى.

ئاللاھ بۇ توڭگۇزلارنىڭ جاجىسىنى بىرەر ئېلاھىم. ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى باردۇ. ھامىنى تەڭشەيدىغۇ ئاللاھ.

بالاڭ قانداقراق؟

زەينەپ يغىدىن ئۆزىنى توختتىپ جاۋاپ بەردى، ياخشى، بايام تېخى ئۇخلاپ قالدى.

زەينەپ تۆۋەنگە چۈشكەن زىيالى بولۇپ بۇ كەنتكە تۇنجى قېتىم كەلگەندە بۇ مويسىپىت موماينى بىر تويدا كۆرگەن ئىدى، بۇ موماينى كەنتكى ھەممە كىشى ھۆرمەتلەيتتى. كەنتىكى ئاياللارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم، مىيىتلارنى يۇيۇپ تاراش دېگەندەك ئىشلار بۇ ئايالنىڭ قولىدىن چىقاتتى. تويلارنىڭ ھەممىسىدە ئاياللارنىڭ ئارىسىدا تۆرىدىن ئورۇن ئالاتتى. زەينەپ ۋاقتى بولسا پات-پات بۇ موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ يېڭنە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگەچ بىردەم-يېرىمدەم شەھەرنىڭ ۋە كەنتتىكى ھەرخىل قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى. موماي بولسا قىزنىڭ كۆپتۈرۈلۈپ سۆزلىگەن گەپلىرىنىڭ زەنسىلىپ ئاڭلىسا، بەزىدە كۈلۈپ كېتەتتى. مومايمۇ زەينەپنى ئۆز قېزىدەك كۆرەتتى، زەينەپمۇ مومايغا خىلى ئېچەكىشىپ قالغان بولۇپ، كەنتتىكى يەرلىكلەر ئېچىدە موماينى ئەڭ يېقىنى دەپ ھېسابلايتتى.

پاشاخان ئاچا بۇ كەچتە نەگە ماڭغان ئىدىڭىز؟

كەچتە سۇغا چىققاندا قارىسام سىزنى سايىم ۋىجىك بىلەن ئەخەت قارىغۇ كەنت ئىشخانىسىغا ئەكىتىپ بارىدىكەن، سىزگە بېرەر شۇملۇق بوپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ ئارقىڭىزدىن كېلىپ، كەنتنىڭ يىنىدىكى ئېرىق بويىدا سىزنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.

رەھمەت جۇمۇ ئاچا سىزگە ئانام بولسىمۇ بۇنچىلىك قىلماس ئىدى.

ئۇنداق دېمەڭ قىزىم،بالىنى ماڭا بېرىڭ، بالىنى مەن كۆتۈرۈۋالاي.

رەھمەت پاشا ئاچا سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارسام ياخشى بولمايدۇ، ھازىر بۇ كىشىلەر سىنىپىي كۆرەش، پىپەن دەپ ئارانلا تۇرىدۇ، سىلىگە مالاللىق يەتكۈزۈپ قويۇشنى خالىمايمەن، ھەممە ئىشلارنىڭ ئۆزۈم بىلەن كەتكىنى ياخشى.

ۋاي قىزىم قورقۇپ يۈرسە جان توشامدۇ، قېىنى باشقا كەلگىنىنى بىللە كۆرمەمدۇق، ھېلىمۇ قورقۇپ يۈرۈپ... ھەي، توي-تۈكۈن ھازىر نېمىگە ئوخشاپ قالدى، توي تۈكۈنلەرنىمۇ خاتىرجەم ئۇزاتقىلى بولمىغان. كەنتىكىلەرنىڭ يىقىنى بولسىغۇ ئىش باشقىچە بولمىسا ئاخشاملىرى ئەزالار ئەمگەكتىن يانغان ۋاقىتتا ھاپىلا-شاپىلا ئۆتكۈزۋالمىسا...

بۇرۇن توي-تۈكۈنلەردە مەشرەپ بولمىسا توي بولمايتتى. ھەي! يىشىم بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، مەشرەپ بولغان سورۇنغا چىقىپ ئۇسۇلنى ئوينايدىغان بولسام، ئۆزۈمنى 18 ياشلىق ھالىتىمگە قايىتقاندەك، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ماڭا ھەۋەسلىنىپ قاراشلىنى كۆرىدىغان بولسام، ئۆزۈمنى خىلى ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. ئەمدى ئۇ كۈنلەر بىزگە قاچانمۇ نېسىپ بولار...

ئۇنداق دېمەڭ ئاچا، قوياش ھامان چىقىدۇ، ئاينىڭ 15 يورۇق، 15 قاراڭغۇ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمۇ، بىز كومپارتىيەگە ئىشىنىشىمىز كېرەك، ھازىرچە پارتىيىمىز سىناق ئۈستىدە تۇرۋاتىدۇ، بىز تەۋرەنمەي باشتىن ئاخىرى پارتىيەگە ئىشەنسەكلا چوقۇم ياخشى كۈنلەرگە ئېىشىمىز، تېخى ھەمىمىزنىڭ قورسىقى توق، كېيىمىمىز پۈتۈن، باي-باياشات كۈنلەرمۇ كېلىدۇ.

ھەي قېزىم ھازىر ئويلايدىغىنىم، ياشايدىغاننىمۇ ياشاپ بوپتىمەن، مۇشۇ كەنتتىمۇ مەندىن قىرىسى يوق، ئارتۇقچە ئارزۇيۇممۇ يوق، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆز يۇمسام يالغۇز ئۆيدە ئۆلۈكۈم بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قىلشىدىن ئەنسىرەيمەن شۇ.

ۋاي ئاچا نېمىلەرنى دەيسىز، بولدى ئۇنداق كۆڭۈلسىز گەپلەرنى قىلىشمايلى.

ئۇلار گەپ بىلەن بولۇپ، تاملىرى لايدىن قوپۇرۇلغان پاكار، تاملىرى يېرىق، ئىككى ئىغىز ئۆيلۈك بىر قورۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى، پاشاخان بۈۋى شوينا بىلەن تاقالغان دەرۋازىنى ئاسانلا ئاچىتى. ئىككى ئىغىز ئۆينىڭ بىرى ئەسكى تۈسكى نەرسىلەرنى قويىدىغان ئامبار، يەنە بىرى ياتاق ئۆيى ئىدى، پاشاخان بۇۋى بۇ ئۆيدە قېشمۇ-ياز تۇراتتى، پاشاخان بۈۋى بىلەن زەينەپ پاشاخان بۈۋىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى، ئۆينىڭ يىرىمىدىن كۆپرەك يرىنى پاكار سۇپا ئىگىلىگەن بولۇپ، سۇپىغا يانداش قىلىپ خوچاڭ سىلىنغان ،خوچانىڭ يىنىغا قازان قۇمۇش، چېنە، چېلەك، چەينەك دېگەندەك تۆشۈكلۈك نەرسىلىرىنى قوياتتى، ئوچاقتىكى ئوتنىڭ ئوتى يېڭىلا ئۆچكەن بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچى ئىسسىق ئىدى. پاشاخان بۈۋى زەينەپنى سۇپىغا چىقىشقا بۇيرۇپ قويۇپ ئۆزى تۆشۈكلۈك ئارىسىدىن بىر ياغلىققا ئورالغان بىرچچە زاغرا ۋە بىر چىنە قايناق سۇنى ئەكىلىپ، داستىخان راسلىدى.

قېنى قىزىم قورسىقۇڭمۇ ئاچقاندۇ؟ ئاۋۋال قورسۇقىڭنى تويغۇزۋال ئاندىن ياخشى بىر پاراڭلىشايلى.

زەينەپ ھېچ تارتىنماي قايناق سۇغا زاغرىنى چىلاپ بىر زاغرىنى يەپ، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىغا قاراپ خاتىرجەم بوپ قالدى.

ئۇنىڭغىچە پاشاخان بۈۋى بىر چەينەك ئىسسىق سۇ تەييلارپ زەينەپنى بېشىنى يۇيۋىلىشقا بۇيرىدى.

زەينەپ چېچىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، پاشاخان بۈۋى بىر قولىدا تەۋىر سىرىغاچ.

قىزىم ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن، ئەخمەت دېگەن نامەرتنى خۇدا ئۇرىدۇ.

زەينەپ ئەخمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا، نېمە سىز؟؟؟ دېگەندەك پاشاخان بۈۋىگە قارىدى.

شۇنداق، سىلەر بۇ كەنتكە  كەلگەندىن كېيىن ئىككىڭلارنىڭ ئارلىشىپ يۈرگەنلىكىڭلارنى، ئەخمەتنىڭ گېپى بولسىلا سىزنىڭ يۈزىڭىزنىڭ قىزىرىپ كېتىشىدىن سەزگەن ئىدىم، ئەخمەتنىڭ بالىسى بۇ چوقۇم.

زەينەپ پاشاخان بۈۋىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن يۈزى قىزىرىپ بىشىنى تۆۋەن قىلۋالدى.

ھازىرچە ھېچقانداق ئىشنى ئويلىمىدىم، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مىنى پىپەن قلارمىكىن، ئىشقىلىپ ئۆلۈپ قالمايمەنغۇ، مۇشۇ بالا بولسىلا ھەرقانداق جاپا كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدىكەن ئاچا، يېتىمنىڭ غىمىنى خۇدايىم قىلىدۇ دېگەن گەپ بارغۇ. مىنىڭ بېشىمنىمۇ خۇدايىم سىلايدۇ ئاچا.

دېگەنلىرىڭ توغرا، خلى پىشقان ئاياللاردەك گەپ قىلۋاتىسەن قىزىم.

شۇنداق ئويلاپ باقسام بىشىمدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتۈپتۇ، تۇرمۇشقا سوغۇق قانلىق بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم.

ئەگەر مۇشۇ بالا بولمىمىغان بولسا ئۆلۈپلا تۈگەشكەن بولاتتىم.

ئۇنداق دېمە قىزىم.

راست ئاچا، ئاق كېسەل بولۇپ قىلىش مەن ئۈچۈن گۇناھمۇ؟ مۇشۇ كېسەل باشلانغدىن باشلاپ مەن ئۆزۈمنى ئاتا قىلغان، ئۆزۈمنىڭ يۆلەنچۈكۈم دەپ قارىغان مىنىڭ ھايات يولۇمدىكى مەڭگۈلۈك سەپەردىشىم دەپ ئەقىدە قىلىپ تاغدەك ئىشەنگەن ئادىمىم ئەخمەتتىن ئايرىلدىم. كەينىدىن ھەممە كىشىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدىم. ئاڭلىسام كەنتتىكى ئىمام ئاخۇنۇممۇ، زەينەپ دېگەن پېسىنى ئۆزەڭلارغا يىقىن يوللاتماڭلار، گۇناھنى كۆپ قىلغان كېشى ئەنە شۇنداق بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قارىغىشىغا ئۇچرىدى. سىلەرمۇ خوتۇن-قىزلىرىڭلارغا ياخشى كۆز قۇلاق بولۇڭلار دەپ سۆزلەپ يۈرگىدەك، شۇنىڭدىن بۇيان كىم كۆرسە مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرىيدۇ. بۇمۇ ياشاش بولدىمۇ؟ لىكىن ھازىر مەن يالغۇز ئەمەس شۇڭا ئوغلۇمنى ياخشى قاتارغا قوشمىسام بولمايدۇ، ئوغلۇم ئۈچۈن نېمە خوۋلۇق كۆرسەم چىدايمەن.

بۇ گەپلەرنڭ ئاڭلىغان زەينەپ ئاچا ئاچچىقىدا تۇرالماي قالدى.

ناكەس ئىمام، ئاللاھ سالغان كېسەلدىن قاچسا قانداق بولىدۇ، ئاللاھ دېگەن بەندىلىرىگە ھەرخىل كېسەللەرنى بېرىدۇ. كېسەلگە توغرا مۇئامىلە قىلمىسا قانداق بولىدۇ، بۇنداق قىلىش دېگەن ئاللاھقا شەك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇ بىز ئۇيغۇرلاردا قارىسىغىلا چوقۇنۇم ئىدىيەسى نېمانداق بەك كۈچلۈكتۇ، ھەممە ئىشقا قارىسىغىلا ئىتقات قىلىپ ھەي!!!.

قىزىم مىنىڭ خىيالىمغا مۇنداق بىر ئوي كىلۋاتىدۇ، دېسەم توغرا چۈشەنگىن.

قېنى دېسە ئاچا، ھەرگىز خاپا بولمايمەن.

مېىنىڭ قوشنا كەنتتە بىر ئاچام بولىدىغان، يولدىشى ئۆلۈپ كېتىپ كەينىدىن ئۇ ئاچاممۇ ئۆلۈپ كەتكىلى ئۈچ تۆت يىل بولاي دەپ قالدىغۇ دەيمەن، ئۇنىڭ ئەختەم دەيدىغان بىر ئوغلى بار، ئۇ بۇرۇن توي قىلغان، لېكىن ئايالى تۇغماس چىقىپ قىلىپ ئاچام كېلىشتۈرمەي قويغۇزۋەتكەن، ئاچام ماڭا سېڭلىم سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، ئەگەر ماڭا بالايى قازا كېلىپ قالسا، مۇشۇ ئوغلۇمنىڭ بېشىنى سىلاپ قوي دېگەن ئىدى.

دەپ زەينەپكە قارىدى.

زەينەپ پاشاخان بۈۋىنىڭ گېپىنى چۈشەگەندىن كېيىن خېجىل بولۇپ يۈرگە قارىۋالدى.

بولدى خىجىل بولما، ھازىر خىجىل بولىدىغان ۋاقىت ئەمەس، قانداق گەپ بولسا دەۋەر، ئەختەممۇ ئوبدان يىگىت، ئاچامنىڭ يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار كەنتنىڭ چىدىكى ئاياغ دۆڭ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەتكەن، ھازىر ئەختەم ئۇ يەردە يالغۇز تۇرىدۇ. ئۆزى ياۋاش، ئەدەبلىك ياخشى بولدى. ئەگەر سەن ھە دېسەڭلا مەن ئەلچىلىككە بېرىپ بۇ ئىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋىتەيلى.

ئاچا سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن ئەختەم بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ھەم مېنىڭ كىسىلىم بار، تېخى ئوغلۇممۇ بار، مېنىڭ ئەھۋالىمنى سىز ئوبدان بىلىسىز، مىنى بىرەر ئەرنىڭ قوبول قىلالىشى مومكىن ئەمەس.

يولغا چىققان يول تاپار دەپتىكەن كونىلار قىزىم، ئاۋال مېڭىپ باقمامدىم. ئۇ بالىغا مەن چىرايلىق گەپلەرنى قىلساملا گىپىمنى ئاڭلايدۇ. ساڭىمۇ بىر تۈۋرۈك بولمىسا كېيىن قانداق قىلىسەن، بىلىمەن ھازىر سەن بىلەن قىرىشۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى سەن بۇرۇن يېڭىدىن كەلگەن ۋاقىتىڭدا ساڭا ساقال سۆرەپ يۈرگەنلەر، سەن بولساڭ ئۇلارغا قاراپمۇ قويمىغان. ئۇ نا ئەھلىلەر بۇ يەرگە كەلگەن قانچىلىغان قىزلارنى بۇزۇپ يولغا سىلىپ بىلىدۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھ بىلىدۇ.

زەينەپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ.

ئۇنداقتا سىز نېمە دېسىڭىز شۇنداق بولسۇن.

ئەمسە مەن ھازىرلا ماڭا.

نېمە ھازىرلا ماڭامسىز؟

شۇنداق، ئەتىگە قالغان ئىشقا قار ياغار دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا ھەرقانداق ئىشنى ۋاقتىدا قىلغانغا يەتمەيدۇ. ھازىر بارسام سەھەرگىچە قايتىپ كەپ بولىمەن.

دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆتىكىنى كەيدى، ئۇنىڭغىچە زەينەپ پاختىلىق چاپىنىنى ئەكىلىپ بەردى. پاشاخان ئاچا بولدى سەن ياخشى ئارام ئال، ھېچنىمىنى ئويلىما، ئاللاھ ئىشىمىزنى ئوڭۇشلۇق قلغاي. دەپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

زەينەپ شۇ تاپتا كاللىسى ئېلىشىپ كەتتى، قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ نەتىجىسى قانداق چىقار، بۇ ئىشتىن خوش بولۇش كېرەكمۇ ياكى؟ ئەگەر ئەختەم مىنىڭ ئاق كېسىلىم بارلىقىنى ئۇقسىچۇ؟ ئېنىقلا رەت قىلىۋىتىدۇ، بۇنىڭىلىق بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئاياللىق غورۇرۇم. ھەي. ئەگەر مۇشۇ ئوغلۇم بولمىغان بولسا ئىدى. ئايالىق غورۇرۇم كۆتۈرمەيدىغان بۇنداق ئىشقا ھەرگىز رازىلىق بەرمىگەن بولاتتىم.  ياق، مەن ئوغلۇم ئۈچۈن ھەممىدىن كچىشىم، ئوغلۇمنى ئوبدان چوڭ قىلىشىم، چوڭ قىلغاندىمۇ ياراملىق، بىلىملىك ئادەم قىلىشىم كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا تۈۋرۈك ۋە يۆلەنچۈك بولمىسا بولمايدۇ. زەينەپ بۇ كەنتكە كەلگەندىكى چاغلاردىن، تاكى بايام ئىشخانىدا بولغان ئىشلارغىچە بىر قۇر ئويلاپ چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە 30 يىللىق ھايات كەچمىشىنى كۆرۈپ بولغاندەك ھېس قىلدى.

بىر ۋاقىتلاردا ئۇ ئەركىن، شادىمان بىر قۇش ئىدى، ئۇ ئاسماندا قاناتلىرىنى كەڭ يېيىپ ئۇچۋاتقاندا، يەنە بىر قۇش ئۇنى قوغلاپ كەلدى. ئىككى قۇش ھاياتنىڭ گۈزەللىك باغلىرىدا ھايات پەيزىنى سۈردى، خۇددۇ بۇ دۇنيا بۇ ئىككى قۇش ئۈچۈنلا يارالغاندەك باغدىن باققا، بۇلاقلاردىن بىرگە سۇ ئىچىشىپ، گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھېدلىرىدىن بىرگە ھېدلىشىپ ھايات پەيزىنى سۈرۈشەتتى. ئۇ قۇش باشقا كۈشەندىلىرى ئۈچۈن ئۆز جۈپتىنى قوغداشقا ھەرۋاقىت تەييار ئىدى.  كېيىن ئەركىن قۇش تۇيۇقسىز ئاغرىپ، ھاياتلىق يولىدا جان تالىشىپ قالدى، بۇ ئەركىن قۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن يەنە بىر قۇش ئۇچۇپ كېتىپ قالدى.

بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى زەينەپنىڭ دېھققىتىنى چېچىۋەتتى.

زەينەپ بالىنى زاكىدىن ئالدى، زاكىدىن بوشانغان بولا ئانىنىڭ قۇچقىدا بىرنى ئەسنەپ كېرىلۋەتكەندىن كېيىن ئانىنىڭ مەمىقىنى ئىزدەشكە باشلىدى. زەينەپ بالىنى ئىمىتۋەتكەندىن كېيىن بالىنى يوتقاننىڭ ئۈستىدە قويۇپ قويۇپ، ئوچاققا ئوت قالاش ئۈچۈن ھويلىغا چىقتى. يولدا كېتىپ بارغانلارنىڭ گېپى زەينەپنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى. ھەي ئاڭلىدىڭلارمۇ زەينەپ دېگەن بۇزۇقنى تەشكىلگە تاپشۇرۇپ بەرگىدەك. ئاشۇ بۇزۇق يوقالسا بولاتتى، بولمىسا بىر گۇناھكارنىڭ سەۋەبى بىلەن بىزلەرنىمۇ بالا باسمىسۇن يەنە، خۇدايىم قىزلىرىمىزنىڭ دىلىنى پاك قىلغاي ئىلاھىم. ھەي ئۇنىڭ يۈزىنىڭ ئالا چىپالىقىنى كۆرۈڭلار، ئويلىساملا...

زەينەپ بىشىدىكى ياغلىقىنى تېخىمۇ چىڭ چىگىۋەتكەندىن كېيىن بىر قۇچاق شادىنى ئىلىپ ئۆيگە يىنىپ كىردى.

ئۆي ئىچىنى تازلاپ بېسىقتۇرۇپ تۇرۇشىغا پاشاخان ئاچا كىردى.

پاشا ئاچىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر ئوغۇلمۇ بىرگە كىردى.

قىنى ئوغلۇم كۆرپىگە كەل.

زەينەپ چاي تەييارلاشقا تۇتۇندىيۇ، يەنە توختاپ قالدى.

زەينەپنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن پاشاخان ئاچا دەرھال چاينى ئۆزى تەييارلىدى.

زەينەپ سۇپىغا چىقىپ بالىنى قۇچقىغا ئىلىپ بالىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى.

پاشاخان ئاچا چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇيان ساڭا گېپىنى قىلىپ بەرگەن زەينەپ قىزىم بولىدۇ، ئۆزى ياخشى، مىجەزى ئوبدان قىز، لېكىن ئاق كېسەل بولغاندىن كېيىن باشقىلار ئۇنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بولۋىلىشتى. قارا ئوغلۇم خۇدا سالغان كېسەلدىن قاچقانلارنى خۇدامۇ راۋا كۆرمەيدۇ.

دېگىنىڭىز توغرا ئاچا دەپ ئەختەم پاشاخان ئاچىنىڭ گېپىنى تەستىقلاپ قويدى.

ئۇنىڭغىچە بىرسى پاشاخان ئاچىنى توۋلاشقا باشلىدى.

ھوي پاشاخان ئاچا، تېز چىقسىلا، تېز بولسىلا،

پاشاخان ئاچا بىشىغا رومالنى ئارتىپ ئۆزىنى تۈزىگەچ سىرىتقا چىقتى.

ۋوي سەمەت ئۇكام ئاللاھ بەختىنى بەرسۇن، ئۆيۈمگە باسقان قەدىمىڭ ئۆيۈمگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن ئەتىگەندە بىرەر خۇشاللىق ئىلىپ كەلمىگەنسەن ھە؟

ياق ئۇنداق ئەمەس پاشاخان ئاچا، يولدا زەينەپنى ئىزەپ، كەنتىمىزنىڭ ئاكتىپلىرى يۈرىشىدۇ، ئەتىگەن زەينەپنى سىزنىڭ ھويلىڭىزدە كۆرگەن، شۇڭا، سىلەرگە خەۋەر قىلىپ قوياي دەپ كېلىشىم، مەن زەينەپنى كۆرمىدىم ئەمسە، مەن يۇقىرىقى مەھەللىگە ماڭغان. سالامەت بولۇڭ پاشاخان ئاچا خوش.

پاشاخان ئاچا ھۇدۇققىنىچە، زەينەپ تېز بول، سەن توختى ساقالنڭ بىغىدىكى قوناق شېخىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۇر، كەنتىمىزنىڭ ئاكتىپلىرى سىنى ئىزدەپ يۈرگىدەك.

زەينەپ بالىنى زاكىداپلا يۈگىرگەن پېتى، پاشاخان بۈۋىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقىسدىكى توختى ساقالنىڭ بغىغا كېرىپ كەتتى.

ھوي پاشاخان ئاچا، پاشاخان ئاچا،

بىر نەچچە كىشىنىڭ تەڭ توۋلىغان ئاۋازى ھويلا ئىچىنى بىر ئالدى، ئەختەم بىلەن پاشاخان ئاچا تەڭ چىقىشتى.

ئاكتىپلار ئەختەمنى كۆرۈپ سەل بېسىقىپ، زەينەپ دېگەن بۇزۇقنى كۆردىڭىزمۇ؟

ۋاي نا ئەھلى خۇمسىلار سىلەرنىڭمۇ خوتۇن قىزىڭلار يوقمۇ؟ ئەتىگەندە نېمە توخۇ پوق يېمەستە، خەخنىڭ ئۆيىدە نېمە بار.

شۇ زەينەپنى ئىزدەۋاتقان.

كۆرمىدىم.

ئۆيىڭىزگە قاراپ باقايلى.

ئىشىك ئوچۇق.

ئاكتىپلار زەينەپنى تاپالمىغاندىن كېيىن كېتىپ قىلىشتى.

پاشاخان ئاچا زەينەپنى ياندۇرۇپ كىردى.

ئەختەم ئەھۋالنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن.

پاشاخان ئاچا، سىز نېمە دېسىڭىز شۇ؟ بولدى مەن زەينەپ بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلدىم. بۈگۈنلا بۇ يەردىن كېتەيلى، مەن يۇرتتىكى بىر نەچچە تۇققانلارنى چاقىرىپ توينى قىلىۋىتەيلى.

بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋاپتىن پاشاخان ئاچا بىلەن زەينەپ ھەيران قالدى.

راست سىزدىن يوشۇرغان بىر ئىش پاشاخان ئاچا، مېنىڭ ئاناممۇ ئاق كېسەل ئىدى، ئۇمۇ زەينەپكە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسگە ئۇچىرىغان شۇڭا بىز كەنتنىڭ چىتىگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ يەردە ئانامنى ھېچكىم تۆۋەن كۆرمەيتتى. ئانام بىلەن ئىككىمىزنىڭلا دۇنيارىمىز ئىدى. سىلى تېز كىرىپ نەرسە-كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ چىقسىلا بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۈچىمىز، ياق تۆتىمىز بىرگە تۇرايلى، سىللىگىمۇ بار بۇ جايدا، ئادەم دېگەن كۆڭلى نەدە خوش بولسا شۇ يەردە تۇرغۇلۇق، كېيىن جاھان ياخشى بولغاندا، يۇرت ئەھلىنى سېغىنغاندا كېىلىپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كېتەرسىز.

زەينەپمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ توغرا شۇنداق قىلىڭ دېگەندەك، پاشاخان ئاچىغا بىشىنى چايقىدى.

پاشاخان ئاچا بۇ كۈتۈلمىگەن ئىشتىن نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ھە بولىدۇ. دەپلا ئۆيگە كېرىپ كەتتى.


(ئەسكەرتىش: داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-8 10:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7798
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1705 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 06:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى بولۇپ كۆرۈپتمەندە.مەن تېخى يېڭى بىر روماننىڭ ئىكىتابى ئوخشايدۇ دەپتىمەن،مىسرانىمدا رومان كۆرگىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن،!ئاخىرىغا تەشنامىز!

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6477
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 06:20:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ،
ساقلىۋېلىپ ئالدىرماي ئوقاي

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85445
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 06:40:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمىز! تېزراق يوللاسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7798
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1705 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 06:41:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تارىخى رومان ئوخشايدۇ ،شۇنداق تەسىرلىك ھەم ياخشى باشلىنىپتۇ.سۆز-جۈمللىرى راۋان باش-ئاخىرى شۇنداق ماسلاشقان قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن !

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 06:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق داۋامى بار دېگەن تېمىلار ئادەمنى بەك تەقەززا قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەمنىڭ قىزىقىشىغا سۇ سېپىپ قويىدىكەن،يە بىز داۋامىنىڭ قاچان چىقىشىنى بىلمىسەك ،يە تېما ئېگىسى تېمىنى ئوقۇغان ھەممە مۇنبەرداشلارنى خەۋەرلەندۈرەلمىسە،قانداق بولغىنى بۇ.
تېما ئېگىسىنىڭمۇ ئويلۇنۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر توغرا كۆرسىڭىز كومپىيوتىرىڭىزغا ئاۋۋال ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ ئاندىن بىراقلا يوللىسىڭىز بوپتىكەن؟!

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85528
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2013-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 07:01:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26123
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5245
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 07:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ روماننىڭ ئارىسىغا ئۈندىدارنىڭ ئېلانى قىستۇرۇلۇپ قالدىمۇ نىمە؟ مۇشۇ مۇنبەر قالغان ئەمدى ئېلان قىستۇرۇلمىغان........

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 08:27:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2012-10-8 06:56 PM
مۇشۇنداق داۋامى بار دېگەن تېمىلار ئادەمنى بەك تەقەززا  ...

مەنمۇ مۇشۇ پىكىردە ، بولسا تېما ئىگىسى مۇشۇ پىكىرنى ئويلىشىپ باقسا بوپتىكەن...

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 11:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رومان.............................................. ھېكايە پوۋسىت بولسا ئىككى ئۈچ كۈن ساقلاىساق چېقاتتى،رومانغا ساقلايىمىزكەندە بىرەر يىرىم ئاي.ھە بوپتۇ ئەمسە...
پاشاخان ئاچاشنىڭ ھەم باشقا ۋەقەلىكلەرنىڭ داۋامىنى ساقلاپلا قالدۇق ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش