پەرزەنىت تەربىيسى ھەممىگە مۇھىم
ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان دەۋرىمىزدە ،پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيلەش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇ-ئارمانى بولسا كىرەك.مىنىڭمۇ پەرزەنتىمنى ،ھايا-نۇمۇسچان ئىمان-ئىتقاتلىق قەھرىمۇ بار زەھرىمۇ بار.ۋىجدانىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىپ،باشقىلارغا ياردىمىنى ئايمايدىغان .چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىزلەتدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئارزۇيۇم بار .
شەھەرنىڭ مۇھىيتىدا چوڭ بولغان،ھەم كۆزىگە قاراپ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بىرىپ چوڭ قىلغان بالىلار.سەل شەخسىيەتچى كىلدىكەن.مۇشۇ كۆرنىشلەردىن بەزى ئويلىنىپ قالىمەن.بەزى بالام بىلەن تۇرمۇشتىكى ئىشلاردا ھەم سۆھبەت بولسام،بالام مىنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىپ مەن ئويلىغاندەك چوڭ بۇلىمەن دەيدۇ.بالامنىڭ شۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىساممۇ يەنە ،سىرىتقى مۇھىيتنىڭ ئامىللىرى يۇقۇپ قېلىپ ،بالامنىڭ خاراكتىرىدە ئۆزگىرىش بۇلۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.
ئاۋۇ كۈنى شەنبىلىك ئارامدا بالام بىلەن خەنزۇچە قانالدا بىر فىلىمنى تەڭ كۆردۇق.بۇ فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا بالام بىلەن ئىككىلىمىز يىغلاپ كەتتۇق.بۇلۇپمۇ بالام فىلىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يىغلىغان پېتى قۇچۇقۇمغا ئۆزىنى ئاتتى.
بۇ فىلىم شەھەر مۇھىيتىدىكى ئەركە بالىلار بىلەن،يېزا مۇھىيتىدىكى جاپاكەش بالىلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى بۇلۇپ،كۆرگەن ئادەمگە ھەقىقەتەن بەك تەسىر قىلاتتى.
بۇ فىلىمنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە!
شەھەردە چوڭ بولغان،ئەركە بالا ياڭ-ياڭ تۇلۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئۇقۇغۇچىسى بۇلۇپ،ئاتا-ئانىسنىڭ خىزمىتى ئالدىراشلىقىدىن پايدىلىنىپ،دائىم مەكتەپكە بارىمەن دەپ قۇيۇپ، سىرىتلاردا يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ئويناپ يۈرگەن.ياڭ-ياڭ مەكتەپكە بارماي كۈندە دىگۈدەك دەرىس تاشلىغاچ،سىنىپ مەسئۇلى ياڭ-ياڭنىڭ دادىسقا تېلفۇن قىلىپ بالىسنىڭ ،مەكتەپكە كەلمەيدىغانلىقىنى دېگەن.ياڭ-ياڭنىڭ دادىسى مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،ئۆزى قاتتىق ئىشەنىچ قىلغان بالىسنىڭ يالغانچىلىقىدىن خەۋەر تېپىپ،ياڭ-ياڭ ئويناۋاتقان جايغىلا بېرىپ گەپ قىلماي تۇرۇپلا يۈزىگە ئىككى شاپىلاق سالغان.
دوسلىرنىڭ ئالدىدىلا دادىستىن تاياق يىگەن ياڭ-ياڭ،بۇ تاياقنىڭ زەربىستىن دادىسقا مۇش ئاتقىلى تاس قىلىپ،ئۆزىنى زورىغا بېسىۋالغان ھالدا يۈگۈرگەن پېتى دادىسنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولغان.
دادىسى بىلەن ئاپىسى ياڭ-ياڭنى ئىزلەپ بار يىرىنى بىلگەندىن كىيىن،كاللىسقا بىر ئەقىل كىلىپ بالىسقا بىلىندۈرمەي،يىراق تۇققانلىرنىڭ ياردىمىدە ياڭ-ياڭنى يىراق بىرشەھەردىكى ھەم تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى جاپالىق بولغان،يېزىغا ئاپىرىپ ئۇ يېزىدىكى بىرئائىيلىگە ياڭ-ياڭنى قۇيۇپ قۇيۇپ،ئۇ ئائىيلىنىڭ ياڭ-ياڭ بىلەن تەڭ بولغان بىر بالىسنى،شەھەرگە ئېلىپ كەتكەن.
بۇلارنىڭ بىرئايلىق تۇرمۇشى ئاسمان زىمىن پەرىقلىق بولغان.كىچىكىدىن تاماقنىمۇ يالۋۇرغۇزۇپ يەيدىغان ياڭ -ياڭ ،تاڭ سەھەر توخۇ چىللىماستا ئورنىدىن تۇرۇپ،يىراقتىن سۇ ئەكەلگەن.ئوتۇن يېرىپ ئوت قالاپ قوللىرى قاپىرىپ كەتكەن. يېزىدىكى بۇ دادىسنىڭ پۇتى يارلىنىپ ماڭالماي قالغاندا ياڭ-ياڭ يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئاپارغان.ياڭ-ياڭ تاتقان جاپالىردىن ، دائىم ئادەم يوق جايغا چىقىپ توختىماي يىغلاپ ،بىر ئاي جەريانىدا ئاتا-ئانىسنىڭ قەدرىگە تۇلىمۇ يەتكەن.
شەھەرگە كەتكەن يېزىلىق بالنىڭ تۇرمۇشى تۇلىمۇ خۇشاللىقتا ئۆتكەن.ياڭ-ياڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ،بۇ بالىغا تەڭھەركەت ئايىغى،كىيىم-كىچەك، ۋەلىسىپىت قاتارلىقلارنى ئەپ بىرىپ،بالىنى ھەركۈنى باغچىلارغا ئاپىرىپ ئويناتقان.بىرئايلىق ئالمىشىش ئاخىرلىشىپ ھەرئىككىلىسنىڭ ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقتى كەلگەندە،يېزىلىق بالىنىڭ ئۆيىگە قايىتقۇسى كەلمەي قالغان.ياڭ-ياڭمۇ بۇ بىر ئاي جەريانىدا خېلىلا چوڭ بۇلۇپ،چوڭلارغا كۆيۈنۈش ھەم ئادەم بۇلۇشنى ئۆگۈنۈپ بۇ ئائىيلىگە مېھرى چۈشۈپ قالغان.
بۇ ئىككى بالا ئائىيلىسىگە قايىتقاندىمۇ پەرىقلىق قايىتقان.يېزىلىق بالىغا ياڭ-ياڭنىڭ ئاتا-ئانىسى نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئېلىپ بىرىپ، ئايرۇپىلاندا يولغا سېلىپ قويغان.
ياڭ-ياڭغا بولسا،يېزىنىڭ مەسلۇلاتلىردىن تۇخۇم دېگەندەك سوۋغاتلارنى بىرىپ پويىزدا يولغا سالغان.
ياڭ-ياڭ ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا ئاپىسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىغان.ياڭ-ياڭنىڭ دادىسى بولسا كاماندورۇپكىغا چىكەتكەن بۇلۇپ،ياڭ-ياڭغا بولغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى سىنغا ئېلىپ قويغان.ياڭ-ياڭنىڭ دادىسنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ ،يەنە تىزلىنىپ تۇرۇپ <<دادا مېنى كەچۈر،مەن كۆڭلىڭنى چۈشەنمەپتىمەن.>>دەپ يىغلاپ كەتكەن.
بالام بىلەن ئىككىمىز بۇ بىر سائەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ ئەڭ ئاخىرقى كۆرنۈشلەردىن بەك تەسىرلەندۇق.مەن ئولتۇرۇپ بالامغا <<سىزمۇ گەپ ئاڭلىماي كەپسىزلىك قىلسىڭىز،سىزنىمۇ يېزىنىڭ ئەڭ جاپالىق يەرلىرىگە ئاپىرىپ قۇياي،سىزمۇ ياڭ-ياڭدەك چىنىقىپ تۇرمۇش ئۈگۈنۈپ كىلىسىز >>دېسەم بالام،كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ،<<مەن سىزنىڭ بالىڭىز ھەرگىز ئۇلارغا ئوخشىمايمەن.سىزنىڭ گىپىزنى ئاڭلاپ ياخشى ئۇقۇيمەن>>-دېدى.
ئوي خىياللىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،ھەم بالامغا تۇرمۇش ئۈگۈتۈش ئۈچۈن،مەن بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىنىڭ 8-كۈنلۈك دەم ئېلشىدا بالامنى يۇرتۇمغا يولغا سالدىم.بۇ ۋاقىتتا يولغا سېلشىمدىكى مەخسىدىم،ئالتۇن كۈزنىڭ ۋاقتىدا يېزىلاردا تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن ھەممە ئالدىراش بۇلاتتى.مىنىڭ كۆزلىگىنىممۇ شۇ ئىدى.بالامغا يىمەك-ئىچمەكنىڭ قانداق كىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش،ھەم قەدىرلەشنى ئۈگۈتۈش ئىدى.بالام يۇرتۇمغا بېرىپ دېھقانلارنىڭ ھەم ئۆزى بىلەن تەڭ بالىلارنىڭ ئىشلىشىگە قاراپ شۇنداق تەسىرلىنىپتۇ.
ھەم ئۆزىمۇ قىززىقىپ كەتمەن تۇتۇپ ئىشلەپ بېقىپتۇ.ئەپسۇس پارنىكتىكى گۈل شامالغا بەرداشلىق بىرەلمىگىندەك ،يەنىلا چىدىماپتۇ.بىراق بالامغا نۇرغۇن ئىشلار تەسىر قىلىپ،بۇ نەچچە كۈنلۈك سەپەر ھەرجەھەتتىن چوڭ ئادەمدەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىپتۇ.
بالام بۇ نەچچە كۈندە كۆڭۈل بۈلۈشنى ھەم قەدىرلەشنى ئۈگۈنۈپتۇ.مانا بۇ مىنىڭ غەلبەم بولدى.
شەھەرنىڭ ئالدىراش تۇرمۇش مۇھىيتى ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپ قۇيۋاتىدۇ.كەچلىرى بالىلارنىڭ تاپشۇرقىنىڭ جىقلىقىدا ،شۇ تاماق جەريانىدا مەكتەپ ۋە بەزى تەربىيەلەر توغۇرلۇق سۆزلىمىسە ۋاقىت چىقمايدۇ.
پەرزەنىت ھەممىمىزنىڭ يۈرەك پارىسى...بىز پەرزەنتىمىز ئۈچۈن بارلىقىمىزنى ئايمايمىز.شۇنداق بولغان ئىكەن،ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ پەرزەنتىمىزگە كۆڭۈل بۈلەيلى.
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-8 05:14 PM