ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، مەن بۇ تېمىنى بۇلتۇر پۇتبول ئەلچىسى دىلشاتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ
تۆمۈر پۇت بىلەن غۇلجىدىن – ئۈرۈمچىگە سەپەر قىلغان ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشىۋاتقان ئەخەت يۈسۈپنىڭ يېڭى بىر نىشانىنىڭ ئەمەلىگە ئېشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن يولاۋاتىمەن .
تورداشلارنىڭ يادىدا بولىشى مۈمكىن بۇلتۇر مۇشۇ ۋاقىتلاردا بارى ، مىرەخمەت، قاتارلىق ئۇيغۇر پۇتبۇل ئەزىمەتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ، «ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى » دەپ پىلاكات چاپلانغان ماشىنىنىڭ ھەمراھلىقىدا غۇلجىدىن – ئۈرۈمىگىچە بولغان 750 كىلومىتىر يولنى تۆمۈر پۇتتا پىيادە مېڭىپ تاماملىغان ، بۇ يىل 5– ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى جەريانىدا شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى ۋە چىمبۇلاق سىتۇدىيىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كوماندىنىڭ مۇسابقە ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىغا كۈچ چىقارغان .
بۆرتالادا ئۆتكۈزۈلگەن < ئىتپاق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە > يولنى يىراق كۆرمەي بۆرتالاغا كېلىپ چىمبۇلاق تورىدىكىلەر بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ ئىتپاق لوڭقىسىنىڭ غەلبىلىك ئاياغلىشىشىغا كۈچ قوشقان .
بۇلتۇر قارامايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى پۇتبول چولپانلىرىنىڭ قاراماي سەپىرىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى تور يۈزىدە ئېلان قىلغان .
شۇنداق قىلىپ بۇ يىل يازدىكى تۆمۈر پۇتتا شىنجاڭنى ئايلىنىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئەخەت يۈسۈپ ئەمدى قىش كىرگۈچە بۇ پىلانىنى ئورۇنلاپ شىنجاڭ كوماندىسى ۋە ئۇيغۇر پۇتبۇلچى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە پۈتۈن شىنجاڭ دىيارىدا يەنە بىر قېتىملىق پۇتبۇل قىزغىنلىقىنى قوزغاش مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى .
بۇ سەپەر جەريانىدىكى مەبلەغ قاتارلىقلار ئۈچۈن بىر نەچچىلىگەن كارخانا ۋە بايلار بىلەن مەسلھەتلەشكەن بولسىمۇ لېكىن ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمىغانلىقتىن يەنى ئۇنى قوللىغۇدەك بىرەر كارخانا ۋە شەخس چىقمىغانلىقتىن ئاخىرى ئەخەت يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى باشقىلار تالاشسىمۇ ساتماي كېلىۋاتقان ۋە ئۆزى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئېسىل يانفۇن نۇمۇرى : 13399999007 ۋە يىللاردىن بۇيان تەشۋىقات قىلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان uqurla.com ناملىق تور نامىنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىپ شۇنىڭدىن قىلغان كىرىمنى مۇشۇ سەپەر ئۈچۈن خىراجەت قىلماقچى بولدى . قېنى قوللىغۇچىلارنىڭ ياكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشىشىنى ، ئۈمىد قىلىمىز !
ئەخەت يۇسۈپ كىم ؟ نىشانى نىمە ؟
ئەخەت يۈسۈپ غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ خىزمەت ئورنى يوق ،ئۇنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى تور بەت ئېچىش بولسىمۇ < www.xadlan.com >
لىكىن ئۆزىنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا كۈچ قۇشۇۋاتقان ئوت يۈرەك ئوغلان .
ئۇنىڭ نىشانى بولسا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىپ مىۋىگە كىرىشىنى كۆرۈشتىن ئىبارەت خالاس ،
مانا مۇشۇنداق ياشاۋاتقان بۇ ئوغلان يەنە بىر قېتىملىق سەپەر تەييارلىقىغا ئاتلاندى ،بۇ سەپەرگە ياردەملىشىدىغان ئىدارە ئورگان ، كارخانىلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمىز !
ئەخەت يۈسۈپنىڭ يەنە بىر نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇشبۇ تېمنى يولىدۇق ،
باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان ياكى ئەھمىيەتسىز ئېنكاس يېزىپ تېمىنى قالايمىقان قىلىىدىغانلارنىڭ ئۆزىنى سورىشىنى سورايمەن !
قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ ئالاقە نۇمۇر بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
ئەخەت يۈسۈپ < تۆمۈر پۇت > 13399999007
ئەخەت يۈسۈپنىڭ ، سەپەر جەريانىدىكى ، پائالىيەت جەريانىدىكى بىر قىسىم سۈرئەتلىرى .