ئۆزۈڭ چالا ئوقۇلغان كىتاپ،
يوقاپ كەتكەن تاشلانغان مەزمۇن.
ئەستىن چىققان رومانتىك ھايات،
قىلىپ غەمسىز يۈرەكنى مەمنۇن.
*******************************
ئۆزۈڭ چالا ئوقۇلغان كىتاپ،
قاتلاپ قويغان ياقتۇرغان بەتنى.
ئوقۇپ چىققان يېنىشلاپ قايتا،
سۆيگۈ دېگەن مۇقەددەس خەتنى.
*******************************
ئۆزۈڭ چالا ئوقۇلغان كىتاپ،
بەلگە سېلىپ قويمىغان قۇرغا.
ھىجران پەسلى ئۇزىغان خوشال،
كۆمۈپ ھايات يولىنى نۇرغا.
*******************************
ئۆزۈڭ چالا ئوقۇلغان كىتاپ،
قىزىق-قىزىق ۋەقەگە تولغان.
ئايسىز ئاخشام سېغىنىپ تۇرۇپ،
قەلبى ئوتلۇق ئوقۇرمەن بولغان.
*******************************
ئۆزۈڭ چالا ئوقۇلغان كىتاپ،
مەنە ئىزلەپ باقمىغان زىنھار.
شەيتان كۆڭۈل ئالدىنىپ تەكرار،
قىلىپ كەلگەن ئۆزىنى ئىزھار.
*******************************
ئۆزۈڭ چالا ئوقۇلغان كىتاپ،
كىمدۇ بىرى قىستۇرما سىزغان.
پەيدا قىلىپ ئورۇنسىز غەشلىك،
مۇڭلۇق كۆزگە مەرۋايىت تىزغان.
مەنبە: مەن شۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-8 11:55 AM