كىشىلىك ھاياتقا زەررىچە مەنە قوشقان تېرىك جانلارنىڭ بەختىگە مىڭلاپ دۇئالار ھەمراھ .
توققۇزىمىز تەل بۈگۈنكى كۈندە چۆلدەرىگەن روھىيىتىمىزگە كىچىككىنە زەمچە دۇرۇس مەنىۋىيەت قوشقان ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ئالى ھۆرمەتلەر بولسۇن . ئاتا ھۆرمەتلىك ئۇنىڭ ھۆرمىتى پەرزەنىتكە كەلگۈسىنى كۆرسىتپ ، كەلگۈسىگە قانداق مىڭىشنى ئۈگەتكەنلىكىدە . پەرزەنىت بەختىنى كۆزلىگەن بۇنداق ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتماسلىق ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ئادەمدە بۇلۇشقا تىگىشلىك ئىنسانى خىسلەتتتۇر . بىز ئۈچۈن تەر تۆككەنلەرنى ھۆرمەتلىمەسلىك ، ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دىرەك بېرىدۇ ...
شۇڭا بۇ-دۇنيادا خارلانماي-زارلانماي ياشايلى دىسەك ، ئاتا-ئانىمىزنى خارلىماي-زارلىماي ياشايلى !
ئاتا-ئانىمىزدىن يانمىسىمۇ خۇدادىن يىنىپ قالسا ئاز يانمايدۇ .
بىر قىزنىڭ بايانى :
بالام دەپ كىچىگىمدە ئەركىلىتىپ باققان ئاتام ،
ئەركە قىزىم دەپ كۆپ جاپالارنى تاتقان ئاتام .
كىچىگىمدە مىنى مۆرىسىدە كۆتۈرۈپ باققان ئاتام ،
كۈلسەم ئارقا-ئارقىدىن ئاسمانغا ئاتقان ئاتام .
ئانام مېنى بۆشۈككە تۇنجى سالغاندا ، قارا بېسىپ قالمىسۇن ، نۇزۇگۇمدەك باتۇر ، قورقۇمسىز بولسۇن ، دەپ بۆشۈكۈمنىڭ باش تەرىپىگە پىچاق قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇمىغان پاسىبانىم ئاتام . ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرىتىپ ، مېنى ئۇيقۇغا بەزلىگەن چاغلاردا ، بىباھا سەنئىتىمىزنى چۈشىنىپ چوڭ بولسۇن ، دەپ ئۈنئالغۇدا مۇقاملىرىمىزنى قويۇپ بېرىشنى ئادەت قىلغان قۇۋانچىم ئاتام . ساغلام ، بېجىرىم يېتىلسۇن ، ھاياتنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىرىنى باسقىچە ئويمان – دۆڭلەردە مۈدۈرۈپ كەتمەيدىغان بولسۇن ، دەپ تىزلىرىمغا كەپتەر باچكىسىدا ‹‹قان قىلىش››نى ئۇدۇم قىلغان نىجاتچىم ئاتام . تەمتىلىگەن چاغلىرىمدا يىقىلىپ چۈشسەم ، يىقىلغان يېرىدىن دەست تۇرۇشنى ؛ باشقىلارغا تايانماي ، مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگەنسۇن ، دەپ ئىچ ئاغرىتىشلىرىنى تېشىغا چىقارماي ، ‹‹باغرىتاش››لىق بىلەن ‹‹ئۆزىڭىز تۇرۇڭ قىزىم ، چوقۇم تۇرۇپ كېتەلەيسىز›› دەپ ئۆگەتكەن تەلەپچان ئاتام . ئىلىم – بىلىمنى قەدىرلەشنى ، كىتابنى ئۇلۇغلاشنى بىلسۇن ، دەپ ئاخشاملىرى قېشىمدا ئولتۇرۇپ ، ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى›› نى زېرىكمەي ئوقۇپ بەرگەن ئۇستازىم ئاتام .
ھايات يوللىرىدا ئازماس بولسۇن ، ئۆزى يول تاپالايدىغان بولسۇن ، دەپ مەكتەپكە كىرگىنىمدىن باشلاپ يولنى قانداق مېڭىشنى ، ئۆينى قانداق تېپىپ كېلىشنى ئۆگەتكەن يولباشچىم ئاتام . قەلىمى خۇش خەت بولسۇن ، ‹‹ئاتا››نى توغرا يازسۇن ، دەپ قېرىنداش تۇتقان قولۇمنى تۇتۇپ مەشىقلەندۈرگەن ئۇستازىم ئاتام . ساۋاقداشلىرى بىلەن ئەپ – ئىناق ئۆتسۇن ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى بىلسۇن دەپ ، قەلەم قاپچۇقۇمنى بۇزۇپ قويغان ساۋاقدىشىم بىلەن دېيىشىپ قالسام ، ئۇنىڭدىن ئاتايىن ئەپۇ سوراتقۇزغان ئەپۇچان ئاتام . بىر نان تاپسا تەڭ يەيدىغان بولسۇن ، باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى ئۆگەنسۇن ، دەپ قولۇمدىكى شاكىلاتلارنى دوستلىرىم بىلەن تەڭ يېيىشكە دەۋەت قىلغان كەڭ قورساق ئاتام .
بالىلىرىم كۈدە بىلەن بۇغداينى، قارامۇق بىلەن ئارپىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاشنىڭ، ناننىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلسۇن، تۇرمۇشنى چۈشىنىپ چوڭ بولسۇن، دەپ تەتىللەردە ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان سەھرا – دالالاردا سەيلە قىلدۇرغان رەھبەر چىراغىم ئاتام. بالىلىرىمنىڭ مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق بولسۇن، كىملەرنى ئۇلۇغلاپ، كىملەردىن ئۇدۇم ئېلىشنى بىلسۇن، دەپ كەتمەن چاپقان دېھقاننى، ھوسۇل ئالغان باغۋەننى، شەرەپ قۇچقان ئاگرونومنى مەدھىيەلەپ قەسىدە، داستان توقۇغان غورۇرۇم ئاتام. بالىلىرىم كىشى ھەققىگە قارا ساناشنى ئۆگىنىپ قالمىسۇن، ناننى ھالاللاپ تېپىپ يەيدىغان مېھنەتكەش بولسۇن، دەپ بىزگە ئۈلگە كۆرسىتىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، تۇمشۇق تىرەپ ئىشلىگەن جاپاكەش ئاتام.
بالىلىرىم يامغۇردا قېلىپ قالسا دەپ كۈنلۈك بولۇشقا، جۇدۇندا قېلىپ قالسا دەپ يېپىنچا بولۇشقا تەييار تۇرىدىغان؛ بالام دەپ ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئېقىشقا رازى بولىدىغان؛ پۇتىمىزغا تىكەن كىرىپ كەتسە، يۈرىكى ئاغرىيدىغان كۆيۈمچان ئاتام. ياتنىڭ كۆزىدىن، ياماننىڭ سۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ دۇرۇس ئادەم قىلىپ تەربىيەلەيمەن، دەپ قانداق كىيىنىشىمىزدىن تارتىپ، چېچىمىزنى قانداق باشقۇرۇشقىچە ئىگە بولۇپ، شەرت قويۇپ كەلگەن تەلەپچان ئاتام. بالىلىرىم ئۆملۈككە، ئىناقلىققا كۆنسۇن، دەپ تاپقىنىنى كوچىدا يەپ، كوچىدا سىڭدۈرۈۋەتمەي، ھەممىنى ئۆيگە ئەكىلىپ، بالىلىرى بىلەن داستىخانغا جەم بولۇپ گۇڭۇر – مۇڭۇر ئولتۇرۇپ غىزالىنىشنى ئادەت قىلغان تەرتىپلىك ئاتام.
‹‹ئائىلە ۋەتەننىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى›› دېگەن ھېكمەتنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي، ‹‹ۋەتەننى سۆيۈش››شوئارىنى ‹‹ئائىلىنى سۆيۈش››تەك ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرغان، تۈمەن – تۈمەنلەپ پۇل خەجلەپ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشنى ‹‹ئاتىلىق پەرز››نى ئادا قىلىشنىڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى قىلغان دانىشمەن ئاتام. قىماردىن نېرى تۇرۇپ، زەھەردىن ھەزەر ئەيلەشنى ئىمانى كامىللىقنىڭ ئۆلچىمى قىلغان، دۇرۇس ياشاشنى تۆتنىڭ بىرى بولۇشنىڭ نىشانى قىلغان، خىزمەتنى ئىلغار بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، كۈنىگە ئون نەچچە سائەتلەپ ئىشلىسىمۇ ۋايسىمايدىغان، شان – شەرەپلەر ئالدىدا غادايمايدىغان، ھەممە ئىشتا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ بالا تەربىيەلەيدىغان ئۈلگىلىك ئاتام.
باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەشنى ئەمەس، ھالال مېھنەت – ئەجرى بىلەن كۆكلەشنى، تەمەخورلۇق ۋەسۋەسىسىدە بىراۋلارغا سايىدەك ئەگىشىپ ئەمەس، چىناردەك تىك تۇرۇپ ياشاشنى ئۆگەتكەن پەخرىم، ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇم ئاتام .
ئەسەر ئاپتورى : ئۆركەش جاپپار
مەنبە : تۇرمۇش ژۇرنىلىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ رەسىملەرنى كىرىشتۈرگىچى ______ زۇلئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-8 11:59 AM