تەرجىمە ناخشىچىلىقىمىزدىكى ئىنكارچىلىق
ياشلىرىمىز ئارىسىدا مودا بولىۋاتقان ناخشىلارغا كۆز يۈگۈرتسەك قېرىنداش مىللەتلەردىن ۋە ياكى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئېسىل ناخشىلاردىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئېيتىلغان كۈيلەرمۇ خېلى كۆپ. مودا بولغان دېگەن سۆزىمىزدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇنداق ناخشىلانى ياختۇرىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ. لېكىن، مەيلى ياختۇرغانلار بولسۇن ۋە ياكى ياختۇرمىغانلار بولسۇن بۇنداق ناخشىلارغا قارىتا كۆپىنچە كىشىلەردە ئومۇمەن بىر خىل ئىچكى بۇرۇقتۇرمىچىلىق بار. بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز، دېگەندە. ياختۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە شۇ ناخشىنىڭ ئۆزلەشتۈرمە ناخشا بولماي، ئىجادى بىر ناخشا بوپ قېلىشىنى ئۆمۈد قىلىش تۇيغۇسى بولىشى مومكىن. چۈنكى ئۆزلەشتۈرمە ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن شۇ مىللەت ئاڭلىغۇچىللىرى ئارىسىدا ۋە ياكى مەلۇم رايۇندا مودا بولغان، قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن، قىسقىسى سۈپەتلىك ئىشلەنگەن، موزىكىلىق ھېس تۇيغۇ بىلەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان، ھاياجانغا سالىدىغان ۋە ياكى جۇشقۇنلۇققا باشلايدىغان ئېسىل ناخشىلار بولغاچقا شۇنداق ئېسىل كۈيلەرنىڭ باشقىلارنىڭكىنى «كۆچۈرۈش» يولى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىجاد قىلىش يولى بىلەن بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنۇلىش ئارزۇسىدا بولۇش بۇ تەبى ئەھۋال. ياختۇرمايدىغانلارغا كەلسەك ئۇلار ئاساسەن تەرجىمە ناخشا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسا، بىلسە ئاساسەن بىر يولىلا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيسىدە مۇئامىلىدە بولىدۇ. شۇڭلاچقا ئۇلارنىڭ ئىچكى بىئارامچىلىقىنى تەكىتلەپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار.
ھەممىمىز بىلىمىز سەنئەتنى، جۈملىدىن ناخشا، مۇزىكا ساھەسىنى چەك-چىگىرىسىز ساھە دەپ قارايمىز. (ئەلۋەتتە، بۇ گېپىم بىلەن قانداقلا سەنئەت ھادىسىسى بولسا قالايمىقان قوبۇل قىلساق بولىدۇ دېگەننى تەكىتلىمەكچى ئەمەسمەن) بولۇپمۇ ھەرقايسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى ناخشىلاردىكى يېقىنچىلىق بارغانچە يېقىنلاپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنداق ئىكەن ئۇنىڭدىكى ئۆتۈشۈشمۇ ناھايىتى تەبى.
سەنئەتنىڭ يەنە بىر تەركىبى بولغان ئەدەبىياتنى مىسال ئېلىپ سۆزلەيلى. ئەدەبىياتى تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى ھەرگىزمۇ شۇ مىللەت قەلەمكەشلىرى يالغۇز تەرەققى قىلدۇرغان، باشقا مىللەت، دۆلەت ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان دىيەلمەيمىز. ئېنىقكى ھەربىر مىللەت ئەدەبىياتى قەدىمدىن تا ھازىرغىچە باشقا مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ مۇئەييەن تەسىرىگە ئۇچىراپ شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ يىلتىز ئەدەبىياتى ئالاھىدىلىكىگە دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ نادىر ئىپەدىلەش شەكىللىرى، ئۇسۇللىرىنى قوشۇپ ئۆز ئەدەبىياتىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن تەرەققىياتىنى شەكىللەندۈرگەن . نىمە ئۈچۈن تەسىر قىلىدۇ، تەسىرنى قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى، شەكلى، ئۇمۇمىي قائىدىللىرى ئۇ دۇنياۋىلىققا ئىگە. (دېمەكچى ناخشىنىڭمۇ شۇنداق)مىسال ئالساق، كۈنىمىز ئەدەبىياتىدىكى مەۋجۇت ئەھۋالدىن سۆزلىسەك كىتابخانىغا بارساق تىزىقلىق دەستە-دەستە ئېسىل كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر قەلەمكەشكەر ئۆزلىرىلا يازغان ئەمەس، ئۇ يەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى ئاجايىپ بۈيۈك يازغۇچى، شائىر، ئەدىبلەرنىڭ شاھ ئەسەرلىرىگىمۇ مۇھىم بىر ئورۇننى ھازىرلىغان. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى سۆزلەش ھاجەتسىز. ھېچكىمىمۇ شۇ ئېسىل دۇنياۋى ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى خاتا دىيەلمەيدۇ. بىز شۇ ئېسىل ئەسەرلەنىڭ مۇھىملىقى ھېس قىلغاچقا تىرىشچان تەرىمانلىرىمىزنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلاپ بېشىمىزغا كۆتەردۇق. چۈنكى ئۇلار ئىزدىنىپ، بىزگە ئۈلگە بولغۇدەك ئېسىل ئەسەرلەرنى چېكىپ، تاللاپ تۇرۇپ بىزگە تونۇشتۇردى.......گەپ مۇشۇنچىلىك بولسا يېتەر، مەن دىمەكچى تەرجىمە ناخشىنى ئېيىتقۇچى ھەرگىز ناخشا ئوغرىسى ئەمەس، بەلكى تىرىشچان «تەرجىمان»، بىزگە دۇنياۋى قىممەت ياراتقان ئېسىل كۈيلەرنى تونۇشتۇرغۇچى ئەزىزلىرىمىز.
مەسلەن، بىزدە مودا ناخشىچىلىق ئېقىمى تېخى رەسمى شەكىللەنمىگەن 90-يىللارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى، ھازىرقى ئەل سۆيگەن ئوغلانىمىز ئابدۇللا ئاكىنىنىڭ ياشلارنىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرىتىپ ئۆتكەن «ئايرىلىش»، «ئۇنتالمىدىم»، «كەتسەڭمۇ كەت كەچمە» قاتارلىق بىر قاتار نادىر ناخشىللىرى ئەنە شۇ دەۋىردە قېرىنداش مىللەت ناخشىللىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىلغان ناخشىلار قاتارىغا كىرىش مومكىن. مېنىڭچە بۇ ئابدۇللا ئاكىمىز ئۈچۈن، تېخى مۇدا ناخشىلىق رەسمىي شەكىللەنمىگەن بىر دەۋىردە تۇنجى قەدەمنى ئېلىۋاتقان ناخشىچىمىز ئۈچۈن ناھايىتى توغرا تاللاش بولغان. قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نادىر نومۇرلىرى بىلەن بىزنىڭ مودا ناخشىچىلىقىمىزنىڭ بىخىنى ئۇلغايتىش بۇ ئېنىقكى توغرا بولغان. شۇنداق دىيەلەيمىزكى، ھازىرقى مودا ناخشىچىلىقىمزدىكى ئىجادىيەتچىللىرىمىزنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ شۇ دەۋىردىكى ئېسىل كۈيلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ھوزۇرلىنىپ ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىجادىيتىگە ئۈلگە ئالغان.
بىز ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، تۈركلەر، ئۆزبەكلەرنىڭ بىزدىن مودا ناخشىچىلىقتىكى قەدىمىنىڭ بالدۇرلىقى ئېنىق، شۇنداقكەن بىز يەنە ئۇلارغا قېيداپ، پېشىمىزنى قېقىپ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاڭلاپ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاڭلىتىپلا يۈرسەكمۇ بولماس. ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش بۇ ئەقەللى ئىش. بىكىنمىچىلىك دۆلەت سىياسىتىدىلا مەۋجۇت ئەمەس، مىللەت ئەدەبىياتىدا، سەنئىتىدە، جۈملىدىن ناخشىچىلىقىدا ھەممە تەرەپلەردە بولىشى مومكىن. بىكىنمىچىلىكنىڭ نەتىجىسىنى سۆزلەش مەنچە يانا ھاجەتسىز.
لېكىن، بىر تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك گەپ شۇكى، ئۆزلەشتۈمە ناخشىدىكى ئەسكەرتىش مەسىلىسى. ناخشىنى باشقا بىر مىللەتتىن ئۆزلەشتۈرگەنكەنمىز ئۇنى چوقۇم يېزىق بىلەن ئەسكەرتىشىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك. ھەم بۇنىڭغا قەتتى سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەسىلەن ناخشىنىڭ ئىسىمىنىلا يېزىپ قويۇپ، ئورۇنلىغۇچى ئۆزىنىڭ ئىسمىنىلا ئەسكەرتىپ قويۇش بۇنىڭ ھەممىسى ناتوغرا شەكىل. بۇنداق ئەھۋاك ھەقىقىي ئوغرىلىققا، ئەخلاقسىزلىققا ياتىدۇ. بىر چاغلاردىكى قازاق، ئۆزبېكلەرنىڭ (ناھايىتى قىسمەن، بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش قىلىدىغانلار) بىزلەرنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ناخشا ئوغرىسى قاتارغا چىقىرىشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن بولغان.
سۆزۈمنى مۇشۇ يەردە توختۇتۇپ ئاخىرىدا ئۆزۈم ئېيتىپ باققان تاركاننىڭ بىر ئۆزلەشتۈرمە ناخشىسىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇنماقچىمەن. (مەركىزى مىللەتلەر ئونىۋېرىستېتى 2009-يىللىقتىن ئالىمجان توختى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alimcan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 10:17 PM