|
|
|
|
2012- يىلى 10- ئاينىڭ 6- ۋە 7 - كۈنى كەچ سائەت 7 دە ئۈرۈمچى سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئابلەت مىجىت تەلبانىڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىككە قېيۇم مۇئەللىم ۋە ماھىرە ئابدۇغېنى رىياسەتچىلىك قىلدى،ئارتىسلارنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن يېڭى تەييارلىغان ئوتلۇق ناخشىلىرى،ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىمىزنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار ناخشىلىرى،زاھىر بورھاننىڭ يېڭى ئۇسلۇبتا ئوقۇغان تۇرپان خەلق ناخشىلىرى ،ئابدۇقادىر يارئېلىنىڭ يېڭى كۈيلىرى ،رەنا روزى شۇنداقلا ئەل سۆيگەن يازغۇچى ھەم ئىجادكار راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال قاتارلىقلارنىڭ يېڭى - يېڭى كۈيلىرى ئورۇندىلىپ تاماششىبىنلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتى!
كېچىلىكتە ئابدۇرېھىم ھېيت ۋە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،زاھىر بورھان،ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىق كىشىلىرىمىزگە تون كېيگۈزۈلدى!
ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان كېچىلىك ئىنتايىن جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئاياقلاشتى!
تۆۋەندە كېچىلىك نەق مەيدان رەسىملىرى ھوزۇرىڭلاردا!
|
|
|
|
|
|