مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1029|ئىنكاس: 21

كىچە سائەت نۆل نىڭ پويىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85232
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 864
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئويغىنىپ، سائىتىگە قارىدى، دەل يېرىم كېچە سائەت 12 بولغان ئىدى، ئۇ ئىرىنچەكلىك بىلەن تولغىنىپ قويۇپ ئاستا يېنىغا ئۆرۈلدى، ئېغىزىنى تامشىپ، مۇشتۇملىرى بىلەن كۆزلىرىنى ئۇگىلىدى، بۇ چاغدا سائەت 12 يىرىم بولغان ئىدى، ئۇيەنە ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئويغىنىپ، شوخلۇق بىلەن سائەتنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئويناشقا باشلىدى، بۇ چاغدا سائەت بىر بولغان ئىدى، ئۇ سائەتنى قۇچىقىغا ئېلىۋالدى، سىكۇنت ئىستىرىلكىسىنىڭ سەكرەپ-سەكرەم مېڭىشى ئۇنىڭغا بەك ياقاتتى، تۇرۇپلا خۇيلىنىپ قالسا، تۇرۇپلا ئېچىلىپ قالاتتى، ئۇيقۇسى تېخى قانمىغان بولسا كېرەك، تۇرۇپلا مۈگدەپ قالاتتى، تۇرۇپلا سائەتنى ئۇنتۇپ ئۇخلاپ قىلىپ يەنە ئويغىناتتى، سائەت بولسا سەكرەپ-سەكرەپ ماڭغىنىچە سائەت ئىككىنى كۆرسەتتى، ئەمدى ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى، كۆينىكى بىلەن ئىشتىنىنى ئىزدەپ تاپتى، لېكىن بۇلارنى كېيىش ئۇنىڭغا ئاسان توختىمىدى، كۆينەكنىڭ بىر يېڭىنى ساپسا يەنە بىر يېڭىنى تاپالمىدى، خېلىغىچە ھەپىلىشىپ ئىشتان-كۆڭلىكىنى كېيەلمىگەن ئۇ ئاخىرى ئۈمچىيىپ يىغلىۋەتتى، كۆز ياشلىرى چاناقلىرىدا پارقىراپ خىتىلداۋاتقاندا سائەت ئىككىدىن ئون مىنۇت ئۆتتى، ئۇ ئاخىرى يىغىدىن توختاپ ئىشتان ۋە كۆڭلىكىنى كېيىشنى قايتىدىن ئۆگەندى، ئۇ ئىشتان كۆڭلەكنى كېيىشنى ئۆگىنىپ بولغاندا سائەت ئۈچكە يىگىرمە مىنۇت قالغان ئىدى. ئايىغىنىڭ شوينىسىنى ئېتىش ئۈچۈن ئولتۇردى، بىر ئاياغنىڭ شوينىسى ئۈچۈن يەنە 20 مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ كېيىمىنى تولۇق كېيىپ بولغاندا سائەت ئۈچ بولغان ئىدى.
ئۇ يالغۇز سىرتقا چىقماقچى بولدى، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن بىرئاز ساقلاشقا توغرا كېلەتتى، چۈنكى ئىشىك تۇتقۇچىغا ئۇنىڭ قولى يەتمەيتتى، ئۇ ئىشىك يېنىدا ئولتۇرۇپ لايدىن ئۆي ۋە باشقا نەرسىلەرنى ياساپ ئوينىدى، سائەت ئۈچ يېرىم بولغاندا ئۇنىڭ قولى تۇتقۇچقا تەگدى، ئەمما تېخى ئاچقۇدەك ئەمەس ئىدى، ئۇ بېرىپ قولىنى يۇيىۋىتىپ، كېيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ كەلدى، بىراق قولىدىكى لاي يۇقى تولۇق چىقمىغان ئىدى، سائەت ئۈچتىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ قولى تۇتقۇچقا تامامەن يەتكۈدەك بولدى، ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە قاراپ تۇردى، سائەت تۆت بولغاندا ئۇمۇ چوڭ يولنىڭ چېتىگە بېرىپ قايتىپ كېلىپ باقتى، كىشىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى سېتىۋىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭمۇ بىرنەرسە سېتىۋالغۇسى كەلدى، لېكىن ئۇ ھازىر تېخى بىرنەرسە سېتىۋالالمايتتى.
سائەت تۆتتىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئالدىراپ مەكتەپكە ماڭدى، كىچىككىنە سومكىسىدا بىرنەچچە پارچە كىتاپ ۋە دەپتەر قەلەم بار ئىدى، ئۇ تاكى سائەت تۆت يېرىمگىچە مەكتەپكە كۆنەلمىدى، سائەت تۆتتىن40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ خەت ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىنىۋالدى، ئۇ كىتاب ئوقۇشنى، خەت يېزىشنى ياقتۇرۇپ قالدى، كۆرگەنلا ئادەمگە ئۆزىنىڭ خەت يازالايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى، شۇ تەرىقىدە 40 مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدى.
ئۇ قايتا سائەتكە قارىدى، بۇ چاغدا سائەت بەشتىن 20 مىنۇت ئۆتكەن ئىدى، بۇ چاغدا ئۇ سائەتنىڭ سەكرەپ مېڭىشىنى ياقتۇرماي قالدى، سائەتكە ئاستىراق مېڭىشنى تاپىلاپ قويۇپ، ئالدىراش ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى، ئۇ ئاۋال مۈكۈشمەك ئوينىدى، سائەت بەشتىن 40 ئۆتكەندە بولسا قوغلاشماق ئوينىدى، سائەت ئالتە بولغاندا ئۇ توپ ئويناشنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئەمما توپنى دائىم دېرىزىگە تەككۈزۈپ قوشنىلارنى قاقشىتاتتى. سائەت ئالتىدىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ توپنى دېرىزىگە تەككۈزمەي دەل تېپەلەيدىغان بولدى.
سائەت ئالتەيېرىمدە ئۇ يەنە مەكتەپكە باردى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ سومكىسىغا قېلىن ۋە يوغان كىتابلار سېلىنغان ئىدى، سائەت ئالتىدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ شوخلۇق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىسىدىن بولدى دېگۈچە گەپ ئاڭلىدى، سائەت ئالتىدىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە بولسا مەكتەپتىن قېچىپ توپ مۇسابىقىسى كۆرگىلى باردى، سائەت يەتتە بولغاندا ئۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى. ئۇ بىرنەچچە مىنۇت ئارام ئېلىۋالدى، ئاندىن تېخىمۇ قېلىن ۋە تېخىمۇ يوغان كىتابلارنى ئىزدەپ تاپتى، سائەت يەتتىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپ ئۇ ئاۋازىنىڭ بوم چىقىرىپ سۆزلىدى، سائەت يەتتە يېرىمدا بولسا قىزىقىش تۈپەيلى تۇنجى قېتىم بۇرۇتىنى ئېلىپ باقتى. سائەت يەتتىدىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ سىنىپىدىكى ھېلىقى چىرايلىق قىزغا بىر پارچە خەت يېزىپ بەردى، شۇ سەۋەبلىك ئۇ قىز تاكى سائەت سەككىزگىچە ئۇنىڭغا قاراپ سالمىدى. سائەت سەككىزدە بولسا سۈرلۈك ۋە تىپتىنىچ بولغان بىر جايدا نەچچە سىكۇنت ئولتۇردى، ئاشۇ نەچچە سىكۇنتلۇق تاللاش ئارقىلىق ئۇ كىتابلار ۋە دەپتەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنى ئىشلىتىدىغان بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدى.
سائەت سەككىزدىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ مەكتەپكە خېلى كۆنۈپ قالدى، سەككىزدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە بولسا ئۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالدى، ئۇ پات-پات ئاشۇنداق مۇكاپاتلارنى ئېلىپ يۈرۈپ سائەت ئوندا بىر قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى، سائەت 10 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە بولسا ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتقان پېتى مەكتەپتىن ئايرىلدى.
سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتتى، ئۇ خىزمەت ئىزدەۋاتقىلى يېرىم سائەت بولدى، 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئاخىرى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى، سائەت 12 دە ئۇ مەكتەپتە قولىنى تۇتۇۋالغان قىز بىلەن توي قىلدى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېسىگە كېچە سائەت نۆل نىڭ پويىزىغا ئۈلگۈرمىسە بولمايدىغانلىقى كەلدى، ۋاقىت تېخى خېلى بولغاچقا ئۇ ئانچە جىددىلەشمىدى. ئۇ ھېلىقى قىز بىلەن كۈلۈشۈپ، چاقچاقلىشىپ يۈرۈپ يېرىم سائەتنى شۇنداقلا ئۆتكۈزىۋەتتى، سائەت 12 دىن 50 ئۆتكەندە بولسا ئۇنىڭ ئوغلى ئاغرىپ قالدى، سائەت 13 دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە بولسا ئۇنىڭ قىزى توختىماستىن يىغلاپ ئۇنى ئۇخلاتمىدى، سائەت 13 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى قىلدى، سائەت 14دە قىزى مەكتەپكە كىردى، سائەت 14 تتىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئىككى مەكتەپتىكى ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا قاتناشتى، سائەت 14 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئوغلى ھارماي قوشنىلارنىڭ دېرىزىسىگە توپ تېپىدىغان بولدى. سائەت 15تە ئۇنىڭ قىزى ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كېيەتتىم دەپ غەلۋە قىلدى، سائەت 15 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئوغلى يوغان-يوغان كىتابلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەلدى، سائەت 15 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ قىزىنىڭ كىتابى ئارىسىدىن بىر ئوغۇل بالىنىڭ خېتىنى تېپىۋالدى، سائەت 16 دە ئوغلى ساۋاقداشلىرى بىلەن سوقۇشۇپ كىردى، سائەت 16تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ چاچلىرىغا بىرمۇنچە ئاق پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، كېچە سائەت نۆل نىڭ پويىزىدا ماڭىدىغانلىقى ئېسىگە كەلگەندە تېخى ھىچقانداق تەييارلىق قىلمىغانلىقىنى ئويلاپ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىدى...
تاكى سائەت 19 گىچە ئۇنىڭ ۋاقتى بالىلىرى بىلەن ئۆتۈپ كەتتى، سائەت 19 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئەينەككە قاراۋىتىپ چاچلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاقىرىپ بولاي دەپ قالغانلىقىنى كۆردى، سائەت 19 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ كۆزەينەكسىز خەت ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالدى، سائەت 20 دە ئۇ نەۋرىسىنى يېتىلەپ ئاندا-ساندا كوچا ئايلىنىدىغان بولدى، سائەت 20:20 مىنۇت ئۆتكەندە پەلەمپەيگە چىقىشتا بەكلا قىينىلىدىغان بولۇپ قالدى، سائەت دەل 20 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنتۇغاق بولۇپ قالدى، سائەت 20 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ يالغان چېشى بىلەن قاملىشالماي بىرئاز قىينالدى. سائەت دەل 21 دە ئۇنىڭ ئېسىگە تۇيۇقسىز كېچە سائەت 0نىڭ پويىزىدا ماڭىدىغانلىقى كەلدى.
ئۇ نەچچە سائەتلا قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئالدىراپ قالدى، بۇرۇنمۇ ئېسىدە بار ئىدى، ئەمما ھازىر ۋاقىت بەكلا قىستاپ قالدى، ئۇ قانداق تەييارلىق قىلىشنى بىلمەيتتى، سائەت 20 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئايالى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، تاكى 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە ئۇ ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئايالى ئۇنى يالغۇز قويۇپ كېتىپ قالدى، 21 گىچە ئۇ ھىچنىمە قىلماي ئايالى ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈردى، سائەت 21 دە بولسا 12 دە ماڭىدىغانلىقى ئېسىگە قايتا كەلدى، سەپەرگە نېمىلەرنى ئېلىشنى ئويلىشىپ يەنە يىگىرمە مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ بارغانچە ئاجىزلىشىپ كەتتى، 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكىسى كەلدى، ئەمما دوستلىرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك پويىزدا كېتىپ بولغان ئىدى، ئۇ ئوغلىنى ھەمراھ بولۇشقا چاقىردى، ئوغلى ئۇنىڭ يېنىدا نەچچە سىكۇنت تۇرۇپلا ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى، سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى چىقالماس بولۇپ قالدى، سائەت 21 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئىشىك تۇتقۇچىنى بۇراشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى،سائەت 22 دە ئوغلى ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى، ئۇ ئوغلىغا ئۆزىنىڭ سائەت 12 نىڭ پويىزىدا ماڭدىغانلىقىن ئەسكەرتتى، ئەمما ئوغلى ئالدىراشلىقىدا بۇنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى. سائەت 22 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئايىقىنىڭ شوينىسىنى ئېتەلمەي جىلە بولۇپ كەتتى، سائەت 22 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئىشتىنى ۋە كۆينىكىنى كېيەلمەي مىچىلداپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ ئاشۇنداق يىغلاپ يەنە 20 مىنۇتنى ئۆتكۈزىۋەتتى.
سائەت 23 تە ئۇ ئوغلى ۋە قىزىغا سائەت 12 نىڭ پويىزغا ئۈلگۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە قىزى تېخى ۋاقىتنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا سەپەر تەييارلىقىغا ئالدىرىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، سائەت 23 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ سەپەر سومكىسىنى قولىغا ئالدى، سائەت 23 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە تېخى ۋاقىت بارلىقىنى ھىس قىلىپ سومكىنى قويدى، 23 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ۋوگزالغا قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە قىزى بۇنى بايقىمىدى، سائەت 23 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ۋوگزال سۇپىسىغا كەلدى، دەل شۇ چاغدا ئوغلى ئۆز تەتقىقاتىدا قازانغان ئەڭ چوڭ نەتىجىسىدىن ئۇنى ۋاقىپلاندۇردى، ئۇ بەش مىنۇت كۈلۈمسىرىدى، بەش مىنۇت ۋوگزالدىكىلەرگە ئوغلىنى ماختاپ بەردى، 23 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئوغلى ۋە قىزىغا تويماي قارىدى، 23 تىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ تۇيۇقسىز كىچىك بالىدەك يەيدىغان نەرسىنىڭ غەلۋىسىنى قىلىپ كەتتى، 23 تىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى، ئوغلى ۋە كۈيئوغلى ئۇنى كۆتۈرۈپ ئايلاندۇردى، 23 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئوغلى ۋە قىزىغا قايتا قارىدى، 30 سىكۇنتتىن كېيىن نەۋرىلىرىنىڭ بېشىنى سىلىدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى سائەت ئىككىدىن 10 مىنۇت ئۆتكەن چاغدىكىدەك پارقىراپ كەتكەن ئىدى، سائەت 23 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ سائەت يەتتىدىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يازغان خەتنى يازغۇسى كەلدى، 23 تىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە توپ ئوينىغۇسى كەلدى، 23 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە لاي ئوينىغۇسى كەلدى، 23 تىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ تېخى سەپەرگە ھىچنىمە تەييارلىمىغانلىقىنى ئويلاپ تىپىرلاپ كەتتى، ئەمدىكى بىر مىنۇتنىڭ 10 سىكۇنتىدا ئۇ قىزى ۋە ئوغلىغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتتى، بىراق ئۇلار بەش سىكۇنت دادىسىنىڭ گېپىنى رەت قىلىپ، ۋاقىت توشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى، 15 سىكۇنتتىن 20 سىكۇنتقىچە ئۇ بالىلىرىنىڭ كېچىك ۋاقتىنى ئويلىدى، 25 سىكۇنت ئۆتكىچە ئۇ ھىچنىمە دېمەي تۇردى، 30 سىكۇنت ئۆتكەندە ئۇ بالىلىرىغا تەربىيە قىلىپ كايىپ كەتتى، 35 سىكۇنت ئۆتكەندە ئۇ گەپ قىلالمىدى، 40 سىكۇنت ئۆتكەندە گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلىنىپ، 45 سىكۇنتتا ئۇنى ئېلىپ كېتىدىغان پويىز ۋوگزالغا كىردى، ئۇ ۋوگزال سۇپىسىغا كەلگۈچە بەش سىكۇنت ئۆتتى، ئۇ ئاخىرقى يەتتە سىكۇنتتا باللىرىغا تويماي قارىدى، 58 سىكۇنتتا قۇرۇق قول ماڭغانلىقىنى ئويلاپ ئازابلاندى، 59-سىكۇنتتا پويىزغا قەدەم ئالدى.
سائەت دەل نۆل دە پويىز قوزغالدى، ئوغۇل ۋە قىز دادىسىنىڭ كەينىدىن ئۇزاققىچە قارىدى، ئۇلارنىڭ پارقىراۋاتقان كۆز چاناقلىرىنىڭ ئەمدى ھىچنىمىگە لازىمى يوق، ئۇلار دادىسىغا سەپەر تەييارلىقى قىلىپ بەرمىگىنى ۋە ئۇنىڭغا يول قويمىغىنىغا ئۆكۈندى، ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇ خىيالىمۇ دادىسىغا لازىم ئەمەس، پويىز يىراقلاپ ۋوگزالدىن چىقىپ كەتتى، ۋوگزالدا كېيىنكى نۆۋەتلىك پويىزنى ساقلاۋاتقانلارنىڭ قەدەملىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.
مەنبە: كەمىنە قەلىمى
تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي ئەسەرلەر ۋە يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق فانتازىيە ھىكايىلىرى مەرۋايىت بلوگىدا!


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
marziyya + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 400   باھا خاتىرىسى

مەڭگۈلۈك ئاخسا ش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16342
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1503 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن !   ياخشى ئەسەردىن بىرنى پۈتكۈزۈپسەن ! ئويلۇنۇپ قالدىم ، بۇ پويىز ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋاقتىدا ئوخشاش نۆلدە ماڭغان بولسىدى ھە ! غېرىپلىق ، يېتىملىق بولمىغان بولاتتى !  بىراق بۇ پويىزنىڭ ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس ، چۈنكى ئۇ پويىزنى ئۆزىمىز باشقۇرمايمىز !  ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسەن ئاداش !

ئەبەدىيلىك مىسرادىن پەقەت ۋە پەقەت بىرلا مىسرا پۈتۈپ قوي ، مەن ئاشۇ مىسرالىرىڭدا روھلىرىمنى پاكلاي .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5610
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزپسىز   مىنۇتنىڭ ئىچىدىن مىنۇت  چقىرپ  تازا چۈشىنىشلىك بوپتۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   axek13999649893 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-7 09:13 PM  


شۇنچلىك تاتلق سۆيۈش سۆيۈلۈشنىڭ ئارقىسىدا جان تەن چىدىغۇسىز قىسمەتلەر بولدىكەن

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8764
تۆھپە نۇمۇرى: 1200
توردا: 3894 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىڭىزماڭا ئۇلۇمنى ئەسلەتتى  مەن ئۇزۇمنى پۇيىزغا چىققان كىشىدەك ئاقىبەتكە قالماسلىققا داۋاملىق داۋاملىق ئۇندەپ تۇرىمەن

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9682
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپئاددى ۋە ئەمىلىي مىسسالار بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىسپاتلاپتۇ ئەڭ مۇھىمى ئۆلۈمنى.................

ئىللەت  تۇزەلمىسە  مىللەت  تۇزەلمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6570
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچە چىقىپتۇ، ئوقۇپ بولغۇچە ئادەمنى سەل جىددىيلەشتۈرۈپمۇ قويىدىكەن تېخى...

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3470
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2353 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-7 09:29 PM
ھەجەپئاددى ۋە ئەمىلىي مىسسالار بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرن ...

شۇنداق

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 831
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13084
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1274 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختى ئەزمىنىڭ ھارۋۇسىدەك ماڭىدىغان پويىزكىنغۇ بۇ،

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5695
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 44723
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2355 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزگە ۋە قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قايىلمەن،ئۆزگىچە يېزىش ئۇسلۇبىڭىز چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەسلەتتى....

بىر ئادەمنىڭ  ھاياتلىق مۇساپىسىنى شۇنداق جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپسىز.........

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئانارازى ،ئاللاھ رازى .

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64120
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3598
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزدە ئاشۇ پويىزنىڭ  بىلىتى بار.

ئانارازى ،ئاللاھ رازى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش