«راجى كاپۇر ۋە«سەرگەردان»فىلىمى توغرىسىدا
ھىندىستاندىكى نامدار سوتچى-راگۇنات «ياخشى ئادەمنىڭ بالىسى ياخشى ئادەم بولىدۇ، ئەسكى ئادەمنىڭ بالىسى ئەسكى ئادەم بولىدۇ.»دەيدىغان خاتا قاراشنىڭ تۈرۈتكىسىدە بۇلاڭچىنىڭ ئوغلى-زاكىرغا سوت كېسىۋىتىدۇ. زاكىر تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن چوڭ قاراقچىغا ئايلىنىپ، راگۇناتتىن ئۆچ ئېلىپ، ئۇنىڭ ئوغلى-راجىنىڭ يامغۇرلۇق كوچىدىكى يۈندە ئازگىلىدا تۇغۇلىشىغا ۋە چوڭ بولغاندا يانچۇقچىغا ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. رىتانىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى راجىنى توغرا يولغا يىتەكلىسىمۇ، لىكىن زاكىرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. راگۇنات ئۆز ئوغلى-راجىنى سوتلاش مەيدانىدا ۋىجدان سوتىغا تارتىلىپ، ھەسرەت چېكىدۇ. مەزكۇر فىلىم پاك مۇھەببەتكە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە ئوقۇلغان مەدىھيە ناخشىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بىر مەھەپ زىل-زىلە قوزغاپ، بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ ئېدىيىسىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. فىلىمدە رول ئالغان راجى كاپۇر ۋە رىتالار فىلىمدىكى ئاساسلىق رولنى ئۆزگىچە ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ چوڭقۇر ھىسداشلىقىغا ئېرىشىدۇ. فىلىمدىكى 10دىن ئارتۇق ناخشا ۋە مۇزىكىللىرى تاماشىبىنلارغا مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسىغا ئايلانماقتا. «سەرگەردان»فىلىمىنىڭ باش قەھرىمانى راجىنىڭ رولىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئېلىپ چىققان ئارتىست- ھىندىستان كىنو مۇنبىرى شۇنداقلا دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن رىژىسۇر، كىنو سەنئەتكارى، كۆزگە كۆرۈنگەن فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەرچىسى، كىنوشۇناست راجى كاپۇر ئەپەندى 1924-يىلى 14-دىكابىردا ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھرىدە بىر كىنوچى ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ دادىسى بابا بورتىۋى راجى- ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو چولپىنى ھەمدە درامما ئارتىسى بولۇپ، «سەرگەردان» فىلىمىدە راجىنىڭ دادىسى سوتچى راگۇناتنىڭ رولىنى ئالغان. راجى كاپۇر 1943-يىلدىن باشلاپ، رەسمى كىنودا رول ئېلىشقا باشلىغان. 1947-يىلى بومبايدا ئۆزىنىڭ نامىدىكى راجى كاپۇر كىنو فىلىم ئىشلەش شىركىتى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ئۆمرىدە 14 فىلىمگە رىژىسۇرلۇق قىلىپ، 57 فىلىمدە باش رول ئالغان. ئۇ 1988-يىلى 2-ئىيۇن كۈنى زىققا كىسىلى قوزغۇلۇپ كېتىپ، 64 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھيەسىدىكى ئۇلۇغ تۆھپىسى دۇنيادىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى. 2012-يىلى 7-ئۆكتەبىر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 10:14 PM
|