|
|
|
|
تۇغۇت سىستىمىسىدىكى تۆھپىكار ئايال
خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدا بارلىغىنى تۇغۇت خىزمىتىگە ئۈن-تۇنسىز بېغىشلاۋاتقان، ئانىلارنى ئۆز تۇققۇنىدەك، بالىلارنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرۈپ ، مىھرى-شەپقەت يەتكۈزىۋاتقان، جاپا-مۇشاقەت، چىدام غەيرىتى بىلەن كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلاۋاتقان، ئەمەلى خىزمەت نەتىيجىسى ،تۆھپىسى بەدىلىگە كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ھەقىيقى ماختىشىغا ،ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلىۋاتقان بىر تۆھپىكار ‹‹تۇغۇت دۇختۇرى ›› بار .ئۇ بولسىمۇ ،خوتەن ناھىيە تەۋەككۈل يېزىلىق خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلىمىنىڭ ئىقتىدارلىق ھەم بىلىملىك دۇختىرى رۇشەنگۈل ئەخمەتتوختى. رۇشەنگۈل ئەخمەتتوختى 1998-يىلى تەۋەككۇل يېزىلىق خەلىق دۇختۇرخانىسىدىكى رەھبەرلەرئۇنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تەكلىپ بىلەن بۇ بۆلۈمگە ئەكەلگەندىن بۇيان ھازىرغىچە ھېيت-بايرام ،دەپ ئېلىش كۈنلىرىمۇ،يازكۈنلىرىدىكى سىم-سىم يامغۇرلۇق كۈنلىرىمۇ،قىش كۈلىرىدىكى لەپ-لەپ قار يېغىۋاتقان شىۋىرغانلىق كىچىلىرىمۇ ئۆزخىزمەت ئورنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي بارلىغىنى تۇغۇت ئىشلىرىغا بېغىشلىدى . 2001-يىلى 2002-يىلى تەۋەككۇل يېزىسىنىڭ قاتناش ۋاستىلىرى قىيىن بولغان شارائىتتا ،تولغىقى تۇتقان ئاياللارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى تېلفۇن قىلغاندا ياكى ئۆيىگە كەلگەندە ئۇلار ئالدىرغاندا ،ئالدىراپ ئىرىنمەي ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى . تۇغۇتتا قىينىلىۋاتقانلارنى بولسا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆزى بىرگە ئىشەك ھارۋۇسىغا سېلىپ تەۋەككۇل يېزىلىق دۇختۇر خانىغا ئېلىپ بېرىپ ،بۇ بۆلۈمدىكى ئۈسكىنە سايمانلاردىن، دورا ئوكۇللاردىن ھەم يۇقىرى تەجىربىسىدىن ۋاقتىدا پايدىلنىپ ئايالللارنىڭ تىنىچ-ئامان بوشىنىشىغا ئەستايىدىللىق بىلەن كۈچ چىقاردى . 2010-يىلى ۋە 2011-يىللىرى 200دىن ئارتۇق ئاياللارنى يولدىشىنىڭ ياردىمىدە ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسى ماششىنىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك دۇختۇرخانىلارنىڭ تۇغۇت بۇلىمىگە ھەقسىز يۆتكەپ ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ۋەھىمىسىدىن ،خەتىرىدىن قۇتۇلىشىغا ، تىنىچ-ئامان تۇغۇشىغا ياردەم قىلدى .ئۇ يۇكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن 14يىلدىن بىرى 6500نەپەربۇۋاقنى ساغلام تۇغدۇرۇپ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ،رەھبەرلەرنىڭ ، تەۋەككۇل يېزىسىدىكى كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ،كەسىپداشلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ نىڭ كەسىپتىكى تىرىشچانلىقى،توختىماي ئىزدىنىش بەدىلىگە ئۇ دۇختۇرخانا رەھبەرلىكى ،ناھىيەلىك پارتىكوم خەلىق ھۆكىمىتى ،يېزىلىق ھۆكىمەت تەرىپىدىن 2003-يىلدىن 2011-يىلغىچە ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››‹‹ئانا-بالىلارساقلىىنى ساقلاش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس ››دىگەن ناملاردا 16قېتىم مۇكاپاتلاندى ۋە تەقدىرلەندى . مەنبە: ئەزىز ئىمىنتوختى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 10:03 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-10-10 11:48 AM):
مەنبە: خوتەن ناھىيە تەۋەككۇل يېزا تەشۋىقات مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئېزىز
|
|
|
|
|
|