|
|
|
|
تەكلىماكان باغرىدىكى ‹‹تەۋەككۇل ئاۋازى ›› پىروگىراممىسى
جىمجىت، خىلۋەت ماكاننىڭ قوينى دەريا ئۆركىشىدەك تاشقىللىدى.تەكىلماكان باغرىدىكى خوتەنناھىيە تەۋەككۇل يېزىسىدىكى كىشىلەر رادىئۇ دولقۇنلىرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئۆزيۇرتىنىڭ باغرىدا يۈزبەرگەن يىڭىلىقلارنى، تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىنغان ئۇچۇر،خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى. خوتەن ناھىيە تەۋەككۇل يېزىسىدىكى دېھقان چارۋىچىلارنى ھەيرانۇ- ھەس قالدۇرغان بۇ رادىئو پىروگىراممىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق ئىتتىپاق كومتېتېدىن تەۋەككۇل يېزىسىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن مۇئاۋېن يېزا باشلىقى، يېزىلىق ئىتتىپاق كومتېتېنىڭ شۇجىسى شۆھرەت شاۋكەتنىڭ تەشەببۇسى، پىلاللىشى بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىدى.بۇ رادىئو پىروگىراممىنىڭ مۇھەررىرى تۇرسۇن غۇجىئابدۇللا، 1971-يىلى 7-ئايدا خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدا توغۇلغان ، بۇلۇپ ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىسىگە ئىگە ئۇ ھازىر تەۋەككۇل يېزاتەشۋىقات-مەدەنىيەت مەركىزىدە مۇئاۋېن مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ‹‹كەپسىز ئېقىن››ناملىق ھىكايىلەر تولىمى‹‹رەڭدار ھايات››ناملىق رومانى نەشىرقېلىنغان.بۇ رادىئو پىروگىراممىسىنىڭ دىكتورى،رىياسەتچىسى،كىرىشتۇرگۈچىسى،ياش ئەدەبى ھەۋەسكار ئېزىز ئىمىنتوختى 1984-يىلى 11-ئاۋغۇستتاتەۋەككۇل يېزا قاسساپ ئېرىق كەنتىدە تۇغۇلغان. تۇلۇقسىز مەدەنىيەت سەۋىسىگەئىگە،ئۇتەۋەككۇلنىڭ مەنىۋى-مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنى يۇكسەلدۈرۈش ۋە جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تەۋەككۇل يېزىلىق تەشۋىقات- مەدەنىيەت مەركىزىدە بىر پۇڭ ھەق ئاماي ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ‹‹ياپراققا يازغان خەت››،‹‹شىرىن مۇھەببەت ››، ‹‹ئوغلۇم سەن نەدە؟››،‹‹ئۈششۇك تەككەن بەخىت›› قاتارلىق شىئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان .ئۇ يەنە 2012-يىلى 5-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى بۇيىچە تۇنجى ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ياش›› دىگەن نام بىلەن مۇكاپاتلانغان، شاراپەت قادىر تەۋەككۇل ئاۋازى پىروگىراممىسىنىڭ دېكتورى.يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى ئۇ يەتتە يىل تەۋەككۇل يېزىسىدا تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. يۇقارقى خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق،بۇرادىئو پىروگىراممىسىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئىشلىنىسى ، پىشقەدەم دېھقان قەلەم ساھىبلىرى سەيپىدىن تۇرسۇن ،مەمتىمىن مامۇت، ئىمىن مەتتوختى،قاتارلىق ئىجادىيەتچىلەرنىڭ شىئىر-قوشاق،خەۋەر- ماقالىلىرى ئارقىلىق، مەزمۇنلىرى تېخىمۇ تولوقلاندى، سەھىپىلىرى رەڭدارلاشتى، جەلىپكارلىقى ئاشتى.‹‹تەۋەككۇل ئاۋازى››رادىئو پىروگىراممىسى تەۋەككۇل يېزىسىنىڭ ئۆتمۇشى ، بۈگۈنى ۋە ئەتىسىنى،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى، ئۆرۇپ-ئادەت، ئىجتىمائى تەرەققىيات ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ھالدا سىياسەت ۋەئۇچۇر، قانۇندىن ۋە نىكاھتىن مەسلىھەت،يېزاپەن-تېخنىكىسى، ئەدەبىيات گۈلزارى ، قاتارلىق قاراتمىققا ئىگە ئۆزگىچە سەھىپىلىك 12سان ئىشلىنىپ تەۋەككۇل خەلقىنىڭ دىققىتىگەسۇنىلدى.بۇ رادىئو پىروگىراممىسى ئارقىلىق،ئاتاقلىق ناخشىچى كومپىزىتور، گىنىرال شامىل شاكىرنىڭ ئاھاڭ ئىشلىشى، شائىر مۇھەممەت سالىھ مەتتۇرزىنىڭ ياردىمىدە ‹‹تەۋەككۇل ناخشىسى ››ھەر سانىدا ئاڭلىتىلىپ تەۋەككۇل يېزىسىدىكى دېھقانلارئۆز يېزىسىنىڭ ناخشىسىنى ئېتىزلاردا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرئارام ئېلېش ۋاقىتلىرىدا ‹‹تەۋەككۇل ناخشىسى››دىن ھۇزۇرلىنىدىغان بولدى.‹‹تەۋەككۇل ئاۋازى›› رادىئو پىروگىراممىسى دېھقان-چارۋىچىلارئۆزى باشقۇرغان كەڭ خەلىقىنىڭ مەنپەئەتىنى تەشۋىق قىلېشىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرىچى ھىسابلاپ كىلىۋاتقان، بىۋاستىلىققا، ئاممىۋىلىققا، ئونۋىساللىققا، كۈچلۇك قاراتمىلىققا ئىگە بولغان ئالاھىدە تەشۋىقات قۇرالى ھىسابلىنىدۇ. ‹‹تەۋەككۇل ئاۋازى››رادىئو پىروگىراممىسى12سان ئىشلىنىش ئارقىلىق تەۋەككۇل يېزىسىدىكى ھەرساھە، ھەركەسىپلەردە تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان ئىگىلىك تىكلەپ ئىلغارلىققا ئىگە بولغان ياش دېھقان چارۋىچىلار ئىشچى-خىزمەتچى ھۇنەرۋەنلەرنىڭ ئىلغارلىق ئىش ئىزلىرى تۇنۇشتۇرۇلدى . يېزا ۋەكەنىتلەردە ئېلىپ بېرىلغان تۇرلۇك مەزمۇندىكى ئەدەبى-سەنئەت پائالىيەتلىرى، ھۆكىمەت ھەركىتى جەھەتتىكى مۇھىم يېغىن ،مۇراسىم پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى يارقىن خەۋەرلەر دەل ۋاقتىدا ئاڭلىتىلدى بۇ12سان پىروگىرامما كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىنى چۈشۈنۈش ،پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش، ئۆزيۇرتىنى سۈيۈش، قەدىرلەش،بارلىقىنى يۇرتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئەبەدى ئەمىنلىكى ئۈچۈن بېغىشلاش،تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلىنىش ،يىڭىلىقلارنى قوبول قىلىش ، مائارىپ ئىشلىرىنى كەڭ كۈلەمدە قوللاش، ئۆز پەرزەتلىرىنى يۇقۇرى مەكتەپلەردە ئۆرلەپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئەھۋاللىرى يوقلىقتىن بارلىققا كەلدى.‹‹تەۋەككۇل ئاۋازى›› رادىئو پىروگىراممىسى يېزىلىق پارتكوم خەلق ھوكىمىتى بىلەن ،كەڭ دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ،ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا بىرخىل مۇستەككەم كۆرۈكلۈك رۇلىنى جارى قىلدۇردى.دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قەلىپ رىشتىلىرىنى كۈچەيتتى .بۇ پىروگىراممىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى كىچىك بالىلاردىن تارتىپ بۇۋاي-مۇمايلارغىچە كۆپىيىپ 2012-يىل ئىچىدە بۇ رادىئونى ئاڭلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى .
مەنبە: ئەزىز ئىمىنتوختى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 05:15 PM
|
|
|
|
|
|