ئاتا - ئانالار ئۇنتۇپ قالماڭ قىزلارنى
قىزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئاتىلار،
قىز كۆڭلىنى سوراپ تۇرۇڭ ئانىلار.
"ئۇقۇشقا" دەپ، يولغا سېلىپ قىزلارنى،
پەخىرلىنىپ داۋراڭ سالماڭ ئاچىلار.
يات ئەللەرگە يولغا سېلىپ قىزلارنى،
سۈرۈشتۈرمەي ئۇلار يۈرگەن ئىزلارنى.
سەرسانلىقتا ساغارتۇرۇپ قىزلارنى،
مەغرۇرلۇنۇپ مەنلىك قىلماڭ ئاكىلار.
بۇ سۆزۈمگە قارشى چىقماڭ ئاتىلار،
سەۋرى قىلىپ سۆزنى تىڭشاڭ ئانىلار.
ياقا يۇرتتا سەرسان قىزلار ئاز ئەمەس،
قىزلار بەختى "سېتىلمىسۇن" سىڭىللار !!!.
قىزلار كەتسە رۇسىيەگە، مىسىرغا،
ياكى كەتسە تۈركىيەگە، غەرىپكە.
يوللاپ تۇرۇڭ ھەر ئېيىغا مىڭ دوللار،
قىزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئاتىلار !!!.
* * * *
كۆرگىنىمنى يازاي دىسەم يۈزۈم ئوت،
ئاڭلىغاننى يازاي دىسەم يوقتۇر سوت.
تەۋسىيەم شۇ ئۇنتۇپ قالماڭ قىزلارنى،
قىز بۇزۇلسا، سىزھەم ۋەيران - ئەل ۋە يۇرت.
ياقا يۇرتتا ئۇقۇيدىكەن ئۇيغۇر پەرى،
ئاشىق بوپتۇ ئۇيغۇر، ئەجەم، كۆرگەن بەرى.
ھەر تەرەپتىن ئەلچى بۇلۇپ قىز يېنىغا،
كىرىشىپتۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ يىگىتلىرى !!!.
پور كېتىپتۇ گۈزەل قىزنىڭ نام-شۆھرىتى،
كۈندىن-كۈنگە ھەم ئېشىپتۇ "مېھىر" قىممىتى،
بىر-بىرىدىن قىزغىنىشقان ئاشىقلارنىڭ،
ئۈزۈلمەپتۇ سوغا-سالام "دوللار" خېتى !!!.
بۇ ھىممەتتىن كۆرەڭلىگەن ئۇيغۇر قىزى،
غادىيىپتۇ مەنسىتمەستىن سوغاتسىزنى.
كۆرۈنۈپتۇ باي ئەجەملەر بەك كېلىشكەن،
ياراتماسمىش، ئۇيغۇر يىگىت دوللارسىزنى.
قىزلار ئۈچۈن، ساياھەتكە بىلەت تەييار،
ئانا يۇرتقا يىلدا بىرەر ئۇچۇپ قۇيار.
ئاتا-ئانا، قىزدىن خۇرسەن كۆز-ياش قىلار،
«ئۇنداق قىزلار ئۆز يۇلىنى پىنھان تۇتار».
ئاتا-ئانىلار ئۇنتۇپ قالماڭ قىزلارنى !!!.
مۆلجەرلى
مەنبە - ئۈزەم
(كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمدىن تەسىرات)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 05:52 AM